شۇنداق قىلىپ... بۇ كارتوننىمۇ تۈگەتتۇق. 2013- يىلى قويۇلغان كارتونلار ئىچىدە مۇشۇ ھەممىدىن بەك داغدۇغا قوزغىۋەتتى، ھازىر تېخى 2013- يىللىق كارتونلارغا بېلەت تاشلاش ئاخىرىلاشمىغان بولسىمۇ «گىگانتلار زەربىدە» نىڭ ئالدىنقى ئورۇندىن چۈشۈپ قالمايدىغانلىقى جەزىملىشىپ بولدى. بۇ كارتوننى تەرجىمە قىلىشنى سەككىزىنچى ئايدا باشلاپتىكەنمەن، 10- ئاينىڭ 12- كۈنىتۈگىتىپتىمەن، تەھرىرلەش كىرىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ 12- ئاينىڭ 13-كۈنى ئاق بۈركۈتتە قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى، مانا 1- ئاينىڭ 17- كۈنى قويۇلۇپبولدى... ئىشقىلىپ تورداشلار تېپىشىپبەرگەن بىر دۆۋە خاتالىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ كارتوننىڭ تەرجىمىسىنى ھەرھالدا ئۆزۈم رازى بولغىدەك ئاياقلاشتۇردۇم. بىرىنچى بۆلۈم تۈگىگەنمۇ بولدى، ئەممائاخىرىدا يەنە نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلارنى تاشلاپ قويۇپ تۈگىدى، بۇ سىرلارنىڭكېيىن ئىشلەنگەن بۆلۈملەردە يېشىشكە قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق، ئەمما كېيىنكىبۆلۈمنىڭ ئىشلىنىشى ھەققىدە ئورگان تەرەپ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى، شۇڭا يەنىلاكۈتەيلى، ئەمەلىيەتتە كارتون فىلىم كۆرۈشمۇ سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش...شۇنداقتىمۇ بۇ كارتونغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن كىچىككىنە تەسەللى بولغىدەك بىر ئىشبار. ئۇ بولسىمۇ مەزكۇر كارتوننىڭ OAD نۇسقىسى. ھازىر OADدىن بىر قىسىم تارقىتىلىپ بولدى، يەنە بىر قىسىم 4- ئايدا تارقىتىلىدۇ. بۇتېلىۋىزىيەدە قويۇلمىغاچقا دۆلىتىمىزگە سەل كېچىكىپرەك كەلدى، سۈزۈك خەتسىزنۇسقىسى تېخى يېقىندا قولۇمغا چۈشتى، ئەمما... ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى سەلكېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۇندىن باشقا ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا مەزكۇر كارتون كىنو قىلىپ ئىشلىنىشى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەن، يىل ئاخىرىدا ئورگان بېتىدە فىلىم بۇ يىل باھاردا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىنىپ 2015- يىلى قويۇلىدىغانلىقى، باش نازارەتچىنىڭ خىگۈچى شىنجى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەمما روللارغا تاللانغان ئارتىسلار توغرىسىدا تېخى ئۇچۇر يوق (ناۋاكەندە ئېرېننىڭ رولىغا فۇجىۋارا تاتسۈيا تاللىنىپ قالسا قانداق بولار

)
بۇ رەسمىي مۇقاۋا ئەمەس، پەقەت بىر تورداشنىڭ ئېلان قىلغان ئەسىرى خالاس
تۆۋەندىكىسى ئورگان بېتىنىڭ كىنو نۇسقىسى خەۋەرلەر بېتىدە ئېلان قىلىنغان رەسىم.
ئەمدى مەزكۇر كارتون توغرىسىدا ئازراقتوختىلايلى...
فىلىم مۇندەرىجىسى:
1- قىسىم ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى سىزگە شىگانشىنا قولدىن كەتكەن كۈن 1
2- قىسىم شۇ كۈنى شىگانشىنا قولدىن كەتكەن كۈن 2
3- قىسىم زۇلمەت ئىچىدىكى غۇۋا نۇر ئىنسانلار قايتا باش كۆتۈرگەندە 1
4- قىسىم خوشلىشىش زىياپىتى ئىنسانلار قايتا باش كۆتۈرگەندە 2
5- قىسىم تۇنجى جەڭ توروستوك جەڭ مەيدانى 1
6- قىسىم بىر قىزنىڭ كۆزىدىكى دۇنيا توروستوك جەڭ مەيدانى 2
7- قىسىم سۇنۇق تىغ توروستوك جەڭ مەيدانى 3
8- قىسىم يۈرەك تىۋىشى توروستوك جەڭ مەيدانى 4
9- قىسىم سول بىلەكنىڭ دېرىكى توروستوكجەڭ مەيدانى 5
10- قىسىم سادا توروستوك جەڭ مەيدانى 6
11- قىسىم ئۈمىد يۇلتۇزى توروستوك جەڭ مەيدانى 7
12- قىسىم جاراھەت توروستوك جەڭ مەيدانى 8
13- قىسىم دەسلەپكى ئارمان توروستوك جەڭ مەيدانى 9
13.5- قىسىم شۇ كۈندىنكېيىن
14- قىسىم قاراڭغۇ قىسمەت قايتۇرما زەربە ھارپىسىدا 1
15- قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى قايتۇرما زەربە ھارپىسىدا 2
16- قىسىم ئەمدى يولۇم قاياندۇر قايتۇرما زەربە ھارپىسىدا 3
17- قىسىم ئايال گىگانت 57- نۆۋەتلىكسېپىل سىرتى سەپىرى3
18- قىسىم گىگانت دەرەخزارلىق 57- نۆۋەتلىكسېپىل سىرتى سەپىرى4
19- قىسىم قايتۇرما زەربە 57- نۆۋەتلىكسېپىل سىرتى سەپىرى5
20- قىسىم تۆمۈر بازغان 57- نۆۋەتلىكسېپىل سىرتى سەپىرى6
21
-
قىسىم مەغلۇبىيەتچىلەر 57
-
نۆۋەتلىك سېپىل سىرتى سەپىرى7
22
-
قىسىم تەبەسسۇم ستوكخېستىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم 1
23
-
قىسىم شەپقەت ستوكخېستىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم 2
24
-
قىسىم سېپىل ستوكخېستىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم 3
OAD1 (3.5- قىسىم) ئايرېسنىڭخاتېرىسى (ما ئىسىم تېخى ئېنىق ئەمەس)
فىلىم مەزمۇنى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم:
سىز ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى مۇتلەقتىنچ ھەم بىخەتەر دەپ قارىماڭ، سىز بەختلىك تىنچ تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقانۋاقىتتا بەلكىم خەتەر سىزنى پايلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سۇ ئۇخلىسائۇخلايدۇ دۈشمەن ئۇخلىماس ...
فىلىمدىكى ئىنسانلار گىگانتلاردىن ئۆزىنىقاچۇرۇپ ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىگە ئۆزىنى بەنت قىلغان. ئەسلى ئۆزىگەتەئەللۇق بولغان كەڭرى زىمىنغا ئىنتىلىشنى قورقۇنچ بىلىپ سېپىل ئىچىدىكى بىغەم،ئاسائىش تۇرمۇشىدىن مەست بولۇشۇپ ھەتتا سېپىل سىرتىدىكى گىگانتلارنىڭ ئۆزلىرىنىقوتاندىكى مالغا ئوخشىتىپ قويغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمىغان. پۇخرالارنى باشقۇرۇش،تەرتىپ يۈرگۈزۈشنى زىممىسىگە ئالغان يورتۇغ قوشۇن چىرىكلىشىپ، سېپىل ساقلىغۇچىتۇرغۇن قوشۇن جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىپ بىخۇتلىشىپ كەتكەن، پەقەت ئاز بىر قسىىمكىشىلەر توپلانغان يەزەك قوشۇنلا سېپىل سىرتىدىكى ئەسلى ئۆزىگە تەۋە بولغان، ئەمماھازىر ئاشۇ يەجۈجى-مەجۈجىلەر ئىگىلىۋالغان زىمىننى قايتۇرۇۋېلىش ئىستىكىدە يۈرگەن،ئەمما سېپىل ئىچىدىكى بىغەم خەلق ئۇلارنى ئەخمەق دەپ ئويلايدىغان... بۇ يەردە مەنئاپتورغا بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمايمەن، خۇددى چارلىز چاپلىن كومىدىيە ئارقىلىقرېئاللىقتىكى تىراگىدىيىنى بايان قىلغانغا ئوخشاش، ئاشۇ قاننى ئۇرغۇتىدىغانۋەقەلىكلەر سىموۋول ئارقىلىق رېئال دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن.
باش قەھرىمان باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ساختاتىنچلىققا گول بولۇپ ياشاشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقى ھۆرلۈككە ئىنتىلىدىغانيۈرەك، ئېنىق بولغان مەقسەت نىشان ۋە شۇ نىشانغا يېتىشكە بەل باغلىغان تىز پۈكمەسئىرادە بار. ۋەقەلىكنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ باش قەھرىماننى گىگانتلار يەۋېتىدۇ،ئارقىدىنلا ئۆزى گىگانتقا ئۆزگىرىپ ئىنسانلارنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رولئوينايدۇ، ئاپتور مۇشۇنداق بىر باش قەھرىماننى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مۇشۇرېئاللىقتىكى مۇشۇنداق بىر ھالەتنى ئۆزگەرىشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغانبىرسىنىڭ ياكى بىر تەشكىلاتنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان. ۋەقەلىكنى گىگانتلارسېپىلنى بۆسۈپ كىرىپ ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلغاندەك بىر تۈگۈندىن راۋاجلاندۇرۇپ،ئىنساننىڭ بېشىغا ئاپەت كەلگەندە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىنىتەسۋىرلەپ ئىنساندىكى ئالىيجانابلىق، پەسلىك، قورقۇنچاقلىق ھەم باتۇرلۇقتەكئىنسانىي تەبىئەتنى نامايەن قىلغان...«شەمشەرتورى» دىكى ۇرۇپ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان جىددىيلىك، ھاياجان، تىنچ مۇھىت، شېرىن ھېسسىياتلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، پۈتكۈل ئەسەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئېغىركەيپىيات، قان بىلەن تولغان كۆرۈنۈشلەر، رەھىمسىزلىك كەينىگە يوشۇرۇنغان ئاقىللىق ئىنساننىئەقىل كۆزى بىلەن دۇنياغا قاراشقا، كۆز ئالدىدىكى ساختا تىنچلىقنىڭ ئۆز غورۇرىنىيەرگە ئۇرۇش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى تونۇشقا، مۇھىمىبارچە كىشى خاتا دېگەن يولنىڭ توغرىلىقىنى تونۇغان ھەم ئاشۇ يولدا ئاخىرىغىچەمېڭىشقا جۈرئەت قىلالىغان قەيسەرلىككە ئۈندىگەن، خۇددى مۇقەددىمە ناخشىسى «قىزىلئوقيا» دا دېيىلگەندەك:
نامۇ نىشانسىز گۈلنىڭ تەقدىرى چەيلەنمەك ياۋقولىدا
قاناتلارى بوغۇشلانغان قۇش، شاماللارنى ئېتەرئىكەن ياد
كۆڭۈلدە قانچە ئويلىغان بىلەن، ئەمەلگەئاشماس قۇرۇق خىياللار
ئۆزگەرتىمەن دېسەڭ تەقدىرنى، تىك جېنىڭنىئالغىن ئالقانغا
دەسسەپ ئۆتۈپ تاغدەك جەسەتلەر
كۈلۈپ قويغىن يارىماس پىتنىخورنىڭمازاقلىرىغا
ئالدانما قوتاندىكى مالغا ئوخشاش ئاسائىشلىققا
بۆرە كەبى جانىڭ بىلەن ئەركىنلىك قوغلا
مەھبۇس كەبى كۈنۈڭنى ئويلا، ئايلانسۇن غەزەبلەرگوياكى ئوقيا
ئاتلاپ ئۆت بۇ ئېگىز تامدىن، ئوۋچى كەبى دۈشمىنىڭئوۋلا
ئېتىلىپ چىقسۇن جاسارەت، تەنلىرىڭ ئايلانسۇنئوتقا
ئوت بولۇپ بۆسكەي گۇگۇمنى، شۇ قىزىل ئوقيا
بولدى، پۈتۈن كارتوندىن ھېس قىلغانلىرىمنىمۇشۇنچىلىك سۆزلەي... بەلكىم باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى باشقىچىرەكتۇ، خۇددىئەپەندىمنىڭ «نان دېگەن قانداق نەرسە» دېگەن سوئالىغا ئون ۋەزىر ئون خىل جاۋاببەرگەندىن كېيىن ئەپەندىم «نان دېگەن يەيدىغان نەرسە» دەپ گەپنى تۈگەتكىنىدەك ھەركاللىدا ھەر خىيال، بەلكىم مەن بۇ كارتون توغرىسىدا كۆپ ئويلاپ كەتكەن بولۇشۇممۇمكىن، ئەقىل ئېگىلىرىنىڭ مېغىزنى شاكالدىن ئايرىپ ئالالىشىغا ئىشىنىمەن...
مۇشۇ يازما ئارقىلىق «گىگانتلار زەربىدە» نىڭئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسقىسىغا بىر چېكىتلىك پەش قويۇلدى، ئەمدى OADنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن، بايقالغان خاتالىقلار بىر-بىرلەپ تۈزىتىلىپ كارتون فىلىمبىر باشتىن قايتا تەھرىرلەپ كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەسلى چۈشۈرۈش ئادرىسى ئورنىغايوللىنىدۇ. كېيىنكى خىزمەتلەر ئىككىنچى بۆلۈم ئېلان قىلىنغاندا قايتاباشلانغۇسى...
بۇندىن كېيىنكى پىلان ۋە ئارمان:
ئۆتكەن يىلى «شەمشەر تورى-خۇلاسە» ناملىقيازمىدا «تېزلەتمە دۇنيا» ۋە «پولات كىمياگەر» ناملىق ئىككى كارتوننى تەرجىمەقىلىش پىلانىم بارلىقىنى ئېيتقان، ئەلۋەتتە پىلان پىلان پېتى تۇرۇپ قالغىنى يوق،پات ئارىدا «تېزلەتمە دۇنيا» نىڭ تەرجىمىسىگە قايتا تۇتۇش قىلىمەن. شۇنى ئالدىندەپ قويسام، بۇ كارتوننى ماڭا ياققانلىقى ئۈچۈن تەرجىمىگە تاللىغان بولساممۇ ماڭايارىغىنىنىڭ ھەممەيلەنگە يارىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كارتوندا بەزىقاملاشمىغان كۆرۈنۈشلەر بار، شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە بۇ كارتون دىتىغا ياقمىغانتورداشلارنىڭ ئىچىدە بىلىشىنى سورايمەن.
ئۇندىن باشقا «پولات كىمياگەر» نىڭ 2009-يىلى ئىشلەنگەن نۇسقىسى تەرجىمىگە تاللىنىپ (ئوخشاش بىر گەپنى ئۆتكەن يىلىمۇقىلغاندەك ئېسىمدە...) سىن ۋە خەت ھۆججەتلىرى چۈشۈرۈلۈپ بولۇندى، پېرسوناژئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، خاس ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىلىرى ھەم بېكىتىلىپ بولدى،ئاز-ئازدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ھازىر خىزمەت 15- قىسىمنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە توختاپقالدى، «تېزلەتمە دۇنيا» دىن كېيىن بەلكىم «شەمشەر تورى» نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىچىقىشى مۇمكىن، شۇڭا مەزكۇر كارتون يەنە كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما توختاپقالمايدۇ.
يۇقارقىسى ئۆزۈمنىڭ پىلانلىرى. دوستىمىزبۆرەخان زور غەيرەت بىلەن كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم 犬夜叉 (ئىنۈياشا) نىڭ تەرجىمىسىنى باشلىدى ھەمئىككى يۈز قىسىمدىن ئاشىدىغان بۇ كارتوننى تولۇق تەرجىمە قىلىش نىيىتىنى بىلدۈردى،مۇشۇ غەيرىتىگە ھۆرمىتىم سۈپىتىدە مەنمۇ بۇ كارتوننىڭ تەھرىرلىكىنى ئاخىرىغىچەئۈستۈمگە ئېلىشقا بەل باغلىدىم، ھازىر ئىككى قىسىمى تەھرىرلىنىپ بولدى.
ئەلۋەتتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش (تۇرمۇش دېگەنگەچىقارغان ۋاقىت يوقنىڭ ئورنىدىلا ھازىر...) ھەلەكچىلىكىدە تەرجىمە ئىشلىرىنىڭتەسىرگە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ، بەزى كۆزلىرىم تېلىپ ئېچىشىپ كەتكەندە ئۆزۈمگەئۆزۈم جاپا سېلىپ نېمە كەپتۇ دەپ قالىمەن، بەزىبىر ئىنكاسلارنى ئوقۇپ نەچچەۋاققىچە چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالىدىغان ئىشلارغىمۇ كۆپ يولۇقتۇق... ئەممامۇشۇنىڭغا بولغان ئىشتىياق كۇنۇپكا تاختىسىنى باسقان قوللارنى توختاتمايدىكەن،ۋاقتى كەلگەندە بىر ئېغىز تەشەككۈر ۋە رىغبەتتىن كۆڭۈل سۆيۈنۈپ دىللار يايراپ كېتىدۇ... قىسقىسى بىر فىلىمنىكۆپچىلىككە ياققىدەك تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنسام، قېلىپقا چۈشۈپ قالغاندەكھەر كۈنى بىر خىللا ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشۇم ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە ۋە رەڭدارلىققوشۇلغاندەك ھېس قىلىمەن.
ئاخىرىدا مەزكۇر كارتون فىلىمنى تولۇق كۆرۈپتۈگەتكەن ھەم خاتالىقلارنى بايقىشىپ بەرگەن تورداشلارغا قۇرۇق بولسىمۇ رەھمىتىمنىبىلدۈرىمەن، (ئەپسۇس ئاخىرىقى قىسىملاردىن خاتالىق بايقىغانلارغا بەرگىدەك نېمەقالمىدى...) ھەم كېيىن قالغان بولسىمۇ ئاق بۈركۈتنىڭ 2014- يىلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.