ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 25-قىسىم(خاتىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
MKV
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
1280×720
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...







مەنبە تولۇقلىنىۋاتىدۇ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار10

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
captain ۋاقتى: 2013-1-19 21:37:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى تۈگەيدىغان بولدىما بۇ كارتونما؟
شۇنداق قىززىقىپ كۆرىۋاتاتتىم.
يىكەنداز
كەمپۇت ۋاقتى: 2013-1-20 16:42:00 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كۆرۈپ باقمىدىم مۇشۇ كارتوننى .. ياخشىمىكەن ئنكاس بەر سەڭلار ئولتۇرۇپ بىركۆرۈپ باقسام بولاتتى
گېلەم
ئەلشاھ ۋاقتى: 2013-1-22 15:45:16 | ئايرىم كۆرۈش
كەمپۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-1-20 16:42
مەن كۆرۈپ باقمىدىم مۇشۇ كارتوننى .. ياخشىمىكەن ئنكاس بە ...

ياخشىكەن، كۆرۈپ بېقىڭ. مەنغۇ ئەزەلدىن كارتونلارغا ئامراق ئىدىم، ئەمما بۇ فىلىمگە كارتونغا ئامراق ئەمەسلەرنىڭ بەرگەن باھاسىمۇ ياخشى.
كىگىز
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-1-24 11:50:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى كۆرۈپ تۈگەتتىم بۇ كارتوننى ، كارتون فىلىم بولا مۇشۇنداق بولا !!!
بۇ كارتون فىلىمنى ئەينى ۋاقىتتا ماڭا شەمسى ئەپەندى ئىسلامبەگ بىلوگىدا تەۋسىيە قىلغان چاغدا بىرىنجى قىسمىنى كۆرۈپ تازا چۈشىنەلمەي كۆڭەلشىمەپتىكەنمەن ، كىيىن مۇنبەردە ئۇيغۇرچە خەتلىكى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆرۈپ شۇنداق قىززىقىپ قالدىم ، بولۇپمۇ ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇردىغان يىرى 10مىڭ ئويۇنچىنىڭ بىر ئويۇنغا قاپسىلىپ قىلىپ چىقالماسلىقى ھەمدە ئويۇندىكى ھاياتلىقنىڭ رىئالدۇنيادىكى ھاياتلىقتىن دىرەك بىرىدىغانلىقى بولدى ، جاننى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ ئوينايدىغان ئوينايدىغان ئويۇن ......
كارتون فىلىمنى كۆرۈپ كىتىۋىتىپ 15 قىسىمغا كەلگەندە بۇ ئويۇننىڭ ئازاد بولۇپ كىتىدىغانلىقى مېنى تىخىمۇ ھەيران قالدۇردى ، چۈنكى ئويۇن ئازاد بولۇپ كەتسە بۇ كارتون فىلىم تۈگەپ كەتمەمدۇ ؟ ئەسلى كارتون فىلىم دىگەن 25قىسىملىق تۇرسا 15 قىسىمدا ئويۇن ئازاد بولۇپ كەتسە ئاخىرىدا نىمە ئىشلار بولۇپ كىتەر؟ دىگەن سۇئاللار كاللامدىن كەتمىدى ، بۇ كارتون فىلىمنى يازغان ئاپتورغىمۇ قول قويدۇم يەنە ھۆرزاتلار دۇنياسى دەپ يەنە بىر ئويۇننى چىقىرىپ يەنە بىرقىسىم ۋەقىلىكلەر بىلەن ئىككى ئويۇننى باغلاپ يەنە كارتون فىلىمنىڭ ئاخىرىنى چىقاردى . ئىشنى قىلىپ مەن ھاىرغىچە ياپونىيىنىڭ نۇرغۇن كارتونلىرىنى كۆرۈپتىمەن شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قول قويىدىغان كارتون فىلىم مۇشۇ بولۇپ قالدى  .

ئاخىرىدا مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ 25قىسىمنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بىزنى ئۇيغۇرچە خەتلىك ھەلەتتە كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان تەرجىمان  شەمسى ئەپەندىگە ھەمدە مۇشۇ كارتون فىلىمگگ كۈچ چىقارغان تەھرىر مۇھەرىرلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .
ئورۇندۇق
ئېكران ۋاقتى: 2013-4-12 01:56:21 | ئايرىم كۆرۈش
بىر سومنى نەدىن تاپارمەن ئەمدى  
داق يەر
مۇراد ۋاقتى: 2013-5-15 18:04:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۈرۈپ تۈگەتتىم .
ۋەقەلىكى ئادەمنى بەكلا جەلىپ قىلدىكەن.
مىخ
ساباھ1 ۋاقتى: 2013-5-22 16:39:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەنبە تولۇقلىنىۋاتىدۇ ...................؟  قاچان تولۇقلىنىپ بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
9#
uygurum ۋاقتى: 2013-6-1 22:42:23 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 11:50
ئاخىرى كۆرۈپ تۈگەتتىم بۇ كارتوننى ، كارتون فىلىم بولا  ...

سىزدە مۇشۇ 24-25- قىسمىنى تور دىسكىسىدەك  يەرلەرەە ساقلىۋالغان بولسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن .. مەنبە تۇلۇقلىنىۋاتىدۇ دەپ ..  ھېچ كۆرەلمىدىم ..  ئوبدان قىززىپ كەلەەنىدىم بۇ كارتونغا
10#
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-6-3 16:44:31 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2013-6-1 22:42
سىزدە مۇشۇ 24-25- قىسمىنى تور دىسكىسىدەك  يەرلەرەە ساقلى ...

مەنمۇ ساقلىۋىلىشنى ئويلىغان ئەمما تورغا يوللاشقا بەك كۆپ ۋاقىت كىتىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تولىسى تورخانىدا تورغا چىققاچقا بۇنى تور دىسكىسىغا يوللىغىچە ۋاقىت توشۇپ كىتىپ دىگەندەك ... ئەسلى مەندە بار بولغاندىنكىن تور دىسكامغا چىقىرىپ بەرسەممۇ بولاتتى ، ئەمما مەن بۇ كارتوننى تەتىل ۋاقتىدا ئۆيدىكى كومپىيۇتىرغا چۈشۈرۋالغان ، ھازىر ياقا يۇرتتا بولغاندىن بۇنى تور دىسكاممغا يوللاشقا ئامالسىزمەن ، ئۇنىڭدىن سىرىت تور دىسكامغا يوللىسام تەرجىمان تەھرىرلەرنى خاپا بولامدىكى دەپ قورقىمەن .
11#
يېڭسارى ۋاقتى: 2015-9-30 00:13:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يېڭسارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-30 00:15  

مەندە بار ئىدى تولۇقى 360 قا ساقلىۋالغان لىكىن 360 نۇرمالمۇ ھەمبەھىرلىسە تۇرامدۇ تۇرمامدۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەنhttp://yunpan.cn/cHkcjDXnI7FxD  提取码 a7c9
سىناپ بېقىڭلار تەرجىمانلار خاپا بولساڭلار ئۆچۈرۋەتسەم بولىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1