ئىسمى: جوۋ شىيڭچې ئىنگىلىزچە ئىسمى: Stephen Chow تۇغۇلغان جايى: جۇڭگو شىياڭگاڭ مىللىتى: خەنزۇ تۇغۇلغان ۋاقتى: 1962-يىلى6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەسپى: ئارتىس، رىژىسور
جوۋ شىيڭچې 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شىياڭگاڭدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.داڭلىق ئارتىس سىمسىز تېلۋىزىيە ئارتىس تەربىيلەش سىنىپى 11 -قارارىنى پۈتتۈرگەن.دەسلەپتە ۋاقىتلىق ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەن.1983-يىلىدىن باشلاپ 5 يىل بالىلار پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
![]()
1987-يىلى «ئۇ جاھانكەزدى ئەزىمەت »كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى، «تەڭداشسىز پالۋان»فىلىمىدە رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ كومىدىيىدىكى خاسلىقىنى نامايەن قىلغان.1988 -يىلى تەكلىپ بىلەن «ئاۋانگارت چېقىن»فىلىمىدا رول ئېلىپ، 25-نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن ئات « ئەڭ ياخشى يانداش ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1990-يىلى ئۇ باش رول ئالغان«قىمار ئىلاھى» فىلىمى شۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرىقى بېلەت رېكورتىنى ياراتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىشلىگەن بىر قاتار فىلىملىرى ئەڭ يۇقىرى بېلەت رېكورتىنى ساقلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.1994-يىلى «غەرىپكە ساياھەت»تۈرىدىكى ئىككى فىلىمىدە «ئەڭ ياخشى ئەر باش ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ![]()
2001-يىلى ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان «شىياۋلىن پۇتبولى»فىلىمىدا سىنارىيە يېزىش، رول ئېلىشتا ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، 22-قېتىملىق شىياڭگاڭ كىنو مۇسابىقىسىدە ‹ئەڭ ياخشى فىلىم›،‹ئەڭ ياخشى رىژىسور›، ‹ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس› قاتارلىق 6 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ![]()
2004-يىلى «گۇمپا»فىلىمىغا رېژىسورلۇق قىلىپ، 42-نۆۋەتلىك ئالتۇن ئات‹ ئەڭ ياخشى ۋەقەلىك فىلىم ›مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا شىياڭگاڭ 24-نۆۋەتلىك ئالتۇن ھەيكەل ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.جوۋشىيڭچې شىياڭگاڭ ئەڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى ۋە رېژىسورنىڭ بىرى.ئۇ 2007-يىلى «چىياڭجىياڭ 7-نومۇر»فىلىمىنى ئىشلىدى. نۆۋەتتە «گۇمپا 2» فىلىمىگە تەييارلىق قىلماقتا.ئۇ نازارەت قىلغان فىلىملەردىن ياپونىيەنىڭ «شىياۋلىن قىزلىرى»، ھوللىۋودنىڭ «ئەجدىرىھا مەرۋايىتى»قاتارلىقلار بار.
رول ئالغان فىلىملىرى:
1991----دەرستىن ھەيۋەت قېچىش |