Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شۈنلىي توردىسكىسى مۇلازىمىتىنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر

تېزيولIT ئۇچۇر لىنىيەسى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى خەۋىرى
مۇشۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى سىنا مىكرو تور دىسكىسى (تور دىسكىسى بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى تەمىنلەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش مۇلازىمىتى) ئادەتتىكى ئابونتلارغا قاراتقان ساقلاش مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بۈگۈن شۈنلېي تور دېسكىسى (شۈنلېي كۇەيپەن، ئەسلىدىكى جىنشەن كۇەيپەن) مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇ خەۋەر بىزگە نەچچە كۈن بۇرۇن توردا ئېلان قىلىنغان «تور دىسكىلىرى كەينى-كەينىدىن يىقىلىۋاتىدۇ، كىيىنكىسى قايسى بولىدۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئەسلىتىدۇ.
شۈنلېي تور دىسكىسى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ:
قەدىرلىك ئابونت، ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە سىزگە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس تۈر بويىچە تور دىسكىلىرىنى تۈزەش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، شۈنلېي «كۇەيپەن» تور دىسكىسى بۈگۈندىن باشلاپ مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، بارلىق ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتىن كىيىن داۋاملىق ساقلانمايدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن، «كۇەيپەن» تور دىسكىسى مۇلازىمەت خاراكتېرىنى شەخسىي ۋىدېئو مۇلازىمىتىگە ئۆزگەرتىدۇ.
بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
1. شۈنلېي تور دىسكىسىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلار 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە نورمال ساقلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتىن كىيىن داۋاملىق ساقلانمايدۇ.
2. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كىيىن، شۈنلېي «كۇەيپەن» تور سۇپىسى شەخسىي ۋىدېئو مۇلازىمىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەسلىدىكى «كۇەيپەن» ئاندىرويىد ۋە ئالما يانفون تېرمىنالىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئەپ نەشىرىنى يېڭىلاش ئارقىلىق يېڭى مۇلازىمەت سۇپىسىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ.
3. شىياۋمى ئاكونتى بىلەن باغلانغان «كۇەيپەن» تور دىسكىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتىن كىيىن، شىياۋمى يانفونىدىكى ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئىچىدە سانلىق مەلۇمات كۆچۈرۈش قورالى تەمىنلىنىپ، ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى شىياۋمى بۇلۇت سۇپىسىغا يۆتكىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

ئەسلى مەنبە : http://www.tizyol.cn/2952.html


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-28 13:27:54 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ چېڭتوڭ يۈز ئۆرىمىسىلا بولاتتىغۇ
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-4-28 19:22:20 | ئايرىم كۆرۈش
بەيدۇ تور دىكىسىنىڭ ئىشىلىتىش ئەزاسى ئاۋۇيدىكەندە ئەمدى...
گېلەم
ۋاقتى: 2016-4-28 22:22:13 | ئايرىم كۆرۈش
بىر چاغلاردا كەنبوش دەپ بىر تور دىسكىسى بولىدىغان قاراپ باقىلى
كىگىز
ۋاقتى: 2016-4-29 01:18:33 | ئايرىم كۆرۈش
115 نىمۇ ھەقلىق ئەزا قىلپ بولغاندا قۇيرۇقىنى ئۈزۈۋەتتى، ما چاقماقمۇ چېقىلدى... ما چېڭتوڭنىمۇ ھەقلىق ئەزا قىلغانتىم بۇمۇ چاتاق چىقارمىسىلا بولاتتى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 05:50 , Processed in 1.340540 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش