ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 17-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2031 12
شەمسى ۋاقتى: 2012-11-10 16:10:55 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
MKV
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
1280×720
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...








ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار12

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
مۇز ۋاقتى: 2012-11-10 17:16:09 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋان~
يىكەنداز
مۇز ۋاقتى: 2012-11-10 17:18:37 | ئايرىم كۆرۈش
سىزمۇ  خەنچىسگە يىتىشۋاپسىز ھە~
ئەمدى ھەر ھەپتىدە بىر قىسىم چىقامدا؟
گېلەم
رىشتە01 ۋاقتى: 2012-11-10 17:19:02 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋان مىنىڭ............
كىگىز
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-12 11:54:57 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ قىسىمنى mkvدا پىرىسلاپتۇققۇ؟؟

باھا سۆز

ھەئە، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق بولىدىغان چىراي ۋەزىيەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-12 13:01
ئورۇندۇق
dilmurat ۋاقتى: 2012-11-12 13:01:51 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-11-12 11:54
ماۋۇ قىسىمنى mkvدا پىرىسلاپتۇققۇ؟؟

ھەئە، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق بولىدىغان چىراي ۋەزىيەت.
داق يەر
ئەلشاھ ۋاقتى: 2012-11-12 17:45:10 | ئايرىم كۆرۈش
قانداق پىرىسلىساڭلار پىرىسلاپ، كومپىيۇتېرغا چۈشمىسىمۇ مەيلى، قېتىۋالماي كۆرگىلى بولىدىغان قىلساڭلار كۆپ خۇرسەن بۇلاتتىم... مەن  بار يەردە ھازىرچە 4مىگابايتتىن چوڭراق تور مۇلازىمىتى بولمىغاچقا  تور سۈرىتىمنى تىزلىتىشكە ئامالسىز قالدىم. ماۋۇ 17-قىسمىنى كۆرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىمنى ئويلىسام ...
مىخ
قاتىل ۋاقتى: 2012-11-12 18:37:04 | ئايرىم كۆرۈش
ھەر ھەپتىدە بىر قىسىم چىقامدا؟
9#
سايە ۋاقتى: 2012-11-13 13:11:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسالامۇ -ئەلەيكۇم؟ئاق بۈركۈت توردىككى بارلىق جاپاكەش تەرجىمان ۋە تەھرىر ، باشقۇرغۇچلار بىز ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دىمەي .ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقرىپ بىزلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرگىنڭلارغا كۆپ تەشەككۈر.
ئەمما ما شەمشەر تورى دىگەن كارتون فىلىم بەك قالتىسكەن جۇما .
10#
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-11-13 23:04:31 | ئايرىم كۆرۈش
مەن 3كۈن بولدى مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ 17-قىسمىنى كۆرىمەن دەۋاتقىلى ، ئەمما چۈشىشى بەك ئاستا %26لىك يىرىدىن كىيىنلا چۈشۈشى بەك ئاستىلاپ كىتىدىكەن .
11#
قاتىل ۋاقتى: 2012-11-15 19:11:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمما ما شەمشەر تورى دىگەن كارتون فىلىم بەك قالتىسكەن جۇما .
12#
كىنوچى1 ۋاقتى: 2013-6-1 22:18:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ %23 لىك يىرىگە كەلگەندە ماڭغىلى ئۇنىمىدى يا ما كىنو  قالاپ باققان بولساڭلار ۋەياكى بەيدۇغا ساقلىۋالغان دوسلار بولسا ئادىرسىنى ئۈۋەتىپ بىرىڭلار
13#
kokqin ۋاقتى: 2013-6-7 16:56:37 | ئايرىم كۆرۈش
ما    17  قىسمى پەقەت ۋە پەقەت چۈشكىلى ئۇنۇمىدى بىي قالاپ بىقىڭلار يولداشلار خوش بۇپ قالاي بەك يامان يىرگە كەلگەنتى   ساقلىۋالغانلار   بىرە بولشلۇققا يوللاپ بەرسەڭلار   دوللار بىلەن مۇكاپاتلايمەن 17 قىسمىنى جۇمۇ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1