- UID
- 64
- تىزىملاتقان
- 2010-8-13
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
تېمىڭىزغا تۇلۇقلىما ئىنكاس.
مەنمۇ بۇ فىلىمنىڭ. 94% بولغىچە چىداپ ئولتۇردۇم. قارىسام ئاشۇ فىلىمنى قويغۇچقا ئېسىپ قويغىلى بىرقانچە كۈن بوپتۇ.
تۇنۇگۇن قارىسام، ئاشۇ 94% دە مەككەم تۇرۇپتۇ. ھېچ مىدىرايدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى تاقەت تاق بۇلۇپ ماڭغان يىرىگىچە كۆردۇم.
فىلىمدىن مېنىڭ چۇشەنگەنلىرىم.
دەرۋەقە فىلىم باشلىنىشىدىنلا، كۇب شەكىلدىكى ئۇيگە سولىنىپ قالغان،بىر-بىرنى تونىيمايدىغان ئىككى ئايال 3 ئەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، بېشى يارلىنىپ ھالسىز ياتقان بىرەيلەنمۇ بار. ئۇلا بىر ھازا ئىشلانىڭ قانداق بۇلۇپ بۇنداق بوپكەتكىننى بىلمەي ئالاقە زادە بۇلىشىدۇ. ئاردا بىر نىگىر ساقچىمۇ بار بۇلۇپ ئۇ سەل تەمكىنرەك ئىدى. باشقىلارغا ئۇزىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇردۇ. ئاندىن باشقىلارنىڭ بۇيەرگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنى سۈرايدۇ. بىر ئايال ئۇزىنىڭ بىر پىچىنىمۇ ئەيتاۋۇر، ئىشقىلىپ بىر يىمەكلىكنى يىگەنلىكىنى ئاندىن ئىچىملىك ئىچىپ ئادەتتىكىدەك ئارام ئالغانلىقىنى كىيىن ئويغانسا ئاشۇ يەردە تۇرغانلىقىنى، ئىشلانىڭ قانداق بۇلۇپ بۇنداق بۇلۇپ كەتكىننى بىلمەيدىغانلىقىنى دەيدۇ. باشقىلاردىن سورىسىمۇ ئوخشاشلا ئاخشىمى ئىلگىركىدەك نۇرمال ئۇخلاپ ئويغۇنۇپ قارىسا ئۇزىنى ئاشۇ يەردە كۆرگەنلىكىنى ئەيتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلا بۇيەردىن ئامال قىلىپ چىقىپ كىتىشنى مەسلەھەتلىشىدۇ.
ئۇلا بىرقانچە ئۆيگە كىرىپ چىقىش جەرياندا بۇ ئۆيلەنىڭ شۇقەدەر مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى.ئۆيلەنىڭ بىر ئۆتكەل قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆيلەنى چۇقۇم بىرە تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ياسىغان دىسە. بەزىللىرى ھۆكىمەت ئورگانلىرنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىزلە تەجىربە ماتىرياللىرى دىگەندەك ھەرخىل ئويلادا بۇلىشىدۇ.
ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆيلە ئۇنچە ئاددى ئەمەستەك قىلاتتى. ئارىدىن بىرسى ئۇلىدۇ. ھەممەيلەن قايتا ساراسىمگە چۈشىدۇ. ھىلقى نىگىر يۇقۇردە دىيلىپ ئۆتكەن بىشى يارلىنىپ ھالسىز ياتقان ئادەمدىن گۇمان قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئۇزىنى بىر قۇرلۇش ئېنجىنىرى ئىكەنلىكىنى. ئۇزىنىڭ بۇ دۇنيادىن زىرىككەن ھايات بىر مەنىسىز تۇيلىدىغان ئادەم. ئىش بولسا قىلىمەن بولمىسا بىكا ئۆتكۈنۈم ئۆتكەن دەپ تۇنۇشتۇرغان.
كىيىن نىگىر بىر ئۆيگە ئۇنى كىرىشكە بۇيرۇيدۇ. چۇنكى ئۇ ئۆينىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى سەن كىرىپ ئىسپاتلا دەپ بۇيريلغان. ئۇ ئاچچىقىدا بۇيەرنىڭ ئەزەلدىن چىقىش ئىغىزى يوق دەپ سالىدۇ. شۇنۇڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇنى سەن بۇنى قانداق بىلىسەن دەپ تىخىمۇ گۇمان قىلىدۇ. شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ئۇزى بىلگىننى دەيدۇ.
ئۇ ئۇزىنىڭ بىر قۇرلۇش ئىنجىنىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇڭغا بىر قاپ تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ بىر توردا كومپىيوتېردا ئىلىپ بىرىلغان مەشخۇلات ئىدى.
ئىنجىنىرلا بىرلا ئادەم ئەمەس بۇلۇپ بۇنى ياسىغۇچىلار بىرقانچە ئادەملە بۇلۇپ. ھەربىرسىگە ئايرىم ۋەزىپە ئۇرۇللاشتۇرغان مەسىلەن ماۋۇ بىرىنجى بۇلىمىدە چىقىدىغان، ئىنجىنىرغا كۇب نىېىڭ قىپىنى لاھىلەشكە تاپشۇرغان بولسا يەنە بىرسىگە يەنە بىر بۇلىكىنى بەرگەن. دىمەك بۇلا بىر بىربىلەن ئالاقە قىلغان، پەقەت تېلېفۇندىلا بىر-بىرنى ئەسلا كۇرۇپ باقمىغان كىمنىڭ قانداق ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاۋاتقانلىقىنى يەنە بىرسى بىلمىگەن. دىمەك بىر ئۆيدە بىر قاپقان بولسا قۇرالنى بىر ئادەم لاھىلىگەن. ئەمما قايسى ئويدە قايسى ئۇسۇلدا خەتەر يۇز بىردىغانلىقىنى يەنە بىر ئادەم لاھىلىگەن. دىمەك بۇ قۇرۇلمىدا قۇرالنى بىر ئادەم ئۆز تەسەۋۇرى بۇيۇنچە لاھېلەپ چىقسا. يەنە بىر ئادەم ئۆز تەسەۋۇرى بىلەن ئۇ قۇراللانى ئۇرۇللاشتۇرغان. يەنە بىر ئادەم قۇراللانىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىجىرا بۇلىدىغان قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىجىرا بولمايدىغانلىقىنى لاھىلىگەن. دىمەك بۇ قۇرۇلمىلانى ياسىغان ئادەملەمۇ. ئەمىلى ئىختىدارىنى بىلمەيدۇ. ئاڭلاشلاغا قارىغاندا. بىردىنبىر چىقىش ئېشىگىنىمۇ ئايرىم بىر ئىنجىنىر لاھىلەپتىكەن. دىمەك بۇ ئىنجىنىرلانىڭ ھەممىسى مۇشۇ كۇب نىڭ ئىچىدە بۇلىشى مۇمكىن. ئۇلا ھەممىسى بىر يەرگە كەلسە زادى ھەربىرسىنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقىنى دىيشىپ بىرلىككە كەلسە چىقىپ كىتەلىشى مۇمكىن. بولمىسا ھەممىسى ئۇيەردە ئۇلىدۇ.
مەن پەقەت مۇشۇنچىلىكلا چۈغەندىم. مىنىڭكىدە فىلىم توختىۋالغان يەردە تىخى بىر ئادەم ئۆلگەن قالغان يىرىنى كۈرەلمىدىم. ئۇستىدىكى تىمىدا دىيلىشىچە. يەنە بىرقانچە ئادەم ئۇلۇپ ھىلقى نىرۋىسى ئاجىز يالغۇز قىلىپ ئىشكنى تىپىپ تۇگەيدىكەن مەن ئۇيەرلىرنى كۈرەلمىگەن. مەنمۇ ئىشىكنى لاھىلىگۇچى ئاشۇ ئاجىز ساراڭ بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە دەپ گۇمان قىلغان.
فىلىمدىن ئالدىراپ خۇلاسە چىقىر ۋىتىشكە بولمايدۇ. مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە بۇ فىلىم ئۇنداق ئاددە ئىشلەنگەن فىلىم ئەمەس. شۇڭا فىلىمنى كۆرگەندە قاتتىق دىققەت بىلەن كۆرمىسىڭىز گەپ سۆزلىرگە دىققەت قىلمىسىڭىز چۈشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مىنىڭچە بۇ بىر قالتىس ئىشلەنگەن فىلىمكەن. ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردۇ.
مەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك چۈشەندىم فىلىم داۋامىغا تەشنامەن. بەلكىم بۇ فىلىمدىكى سىرلىق ئالامەتلە ئىنسانىڭ ئىشىدۇ، ياكى مەلۇم خاتالىق سەۋەپلىك. كىلىپ چىققان ئالامەتلەدۇ. خۇلاسسى فىلىمنى تۇلۇق كۇرۇپ بولغاندا چىقىدۇ.
مەن بۇ فىلىمنى قالتىس ئىشلەنگەن فىلىم دەپ قارايمەن. مەسىلەن. ئاق بۈركۈت تەرجىمە قىلىۋاتقان غايىپ ئۆي فىلىمىگە ئوخشاش....... |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|