Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 2678|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىكىتىمىزنىڭ يېڭى فىلىم شەكلى QMV ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلار!
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،بىكىتىمىزنىڭ يېقىندا چىققان ئىككى فىلىمى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەن جەڭچى3 ، بۆرە(بىرىنچى بۆلۈم3-قىسىم) نىڭ پىرىسلانغان ھالىتى QMV شەكىلىدە پىرىسلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ ئەمدى قانداق فورمات(شەكىل)؟ نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بۇنى سۇراپتۇ،شەخسەن مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم.شۇڭا توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.



Qmv فورماتى(شەكلى) تېز قويغۇچ(快播)نى ئىجاد قىلغانلارنىڭ مۇستەقىل ئىجاد قىلىپ چىققان ئۆزىگە خاس ئىجادىيتى بۇلۇپ،Qmv فورماتىنىڭ ھەجىمى كىچىك، يوللاش سۈرئىتى تېز،  سۈزۈك كود يىشىش(高清解码)قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بار.بۇ فورمات چۈشۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ(减少下行延时)،كەڭ بەلۋاغلىق تورنى تىجەيدۇ(节省下行宽带).تېز بولغان يۈكلىنىش سۈرئىتى(渲染速度) دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك  بولغان 1080Pئېنىقلىقتىكى سۈزۈك فىلىمنى توردىلا كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.يەنە كىلىپ قېتىۋالماي راۋان چىقىدۇ.يەنە كىلىپ بۇ Qmv  فورماتى(شەكلى) تېز قويغۇچ(快播)ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن فورمات بۇلۇپ،بۇ خىل شەكىلدىكى فىلىمنى پەقەت مۇشۇ تېز قويغۇچتىلا قۇيۇپ كۆرگىلى بۇلىدۇ(چاقماق قويغۇچ(迅雷看看)نىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەخسۇس ياسالغان XV فورماتى بار،XV شەكىلدىكى فىلمنىمۇ پەقەت مۇشۇ迅雷看看 قويغۇچ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بۇلىدۇ).Qmv فورماتى ئوخشاش كودلاشتۇرۇش نىسبىتىدە(码率) پىرىسلانغان كۆرۈنمە چاستۇتا(视频) ئىچىدە Qmv شەكلىدە پىرىسلانغان كۆرۈنمە چاستۇتىنىڭ ھەجىمىنىڭ ئەڭ كىچىك بۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
يەنە تېخى ئوخشاش ھەجىمدىكى كۆرۈنمە چاستۇتا ئىچىدەQmv شەكلىدە پىرىسلانغان فىلىملەرنىڭ كودلاشتۇرۇش نىبىتى يۇقىرى، تېخىمۇ سۈزۈك.بۇ تېخى qvod5.0 نەشىرىنىڭ 5 سىكۇنت سۈرئەت تىزلىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرىتكە بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىىتا توردىكى فىلملەرنى ماس قەدەمدە كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى.


快播5.0 نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://dl.kuaibo.com/QvodSetup5.exe


ماتىرىيال مەنبەسى: http://www.sznews.com/rollnews/2011-09/07/content_4006138747.htm
(بۇ تېما مۇشۇ ماتىرىيال مەنبەسىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇلۇپ،نۇرغۇن سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلارنى لوغەتتىن تاپالمىغانلىقم ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بۇيىچە تەرجىمە قىلىندى ۋە كەينىگە ئەسلى خەنزۇچىسى بىرىلدى.شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىش بىرىشڭلارنى،ئۆزى خالىغانچە يېڭى ئاتالغۇ ياساپتۇ دەپ ئاغرىنماسلىقڭلانى ئۈمىد قىلىمەن)

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2011-11-30 14:10:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭدىن بىر ئىشنى بىلگەندەك قىلدىم، يامانكەنسىلەر جۇمۇ . بۇنىڭدا بىرى سۈرئەتنى تېزلەتكىلى بولىدىكەن، يەنە بىرى...

باھا سۆز

شۇنى دىمەمسىز. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىپ خالىغانچە dvd دىسكىسىغا قاچىلاپ قالايمىقان تارقىتىشىدىن ي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-11-30 14:19
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-30 14:19:12 | ئايرىم كۆرۈش
aqqir يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 14:10
بۇنىڭدىن بىر ئىشنى بىلگەندەك قىلدىم، يامانكەنسىلەر جۇ ...

شۇنى دىمەمسىز. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىپ خالىغانچە dvd دىسكىسىغا قاچىلاپ قالايمىقان تارقىتىشىدىن ياكى ئۇدۇل يوۋكۇ قاتارلىق  بىكەتلەرگە يوللىۋىتىشىدن ساقلانغىلى بۇلىدىكەن.يەنە تېخى سۈرئەتمۇ تېزلىشىدىكەن. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپتۇق دەڭە!!!
گېلەم
ۋاقتى: 2011-11-30 15:21:04 | ئايرىم كۆرۈش
http://zhidao.baidu.com/question/317178905.html
مانى كۆرۈپ بېشىمدىن كېسلاتا قۇيغاندەك بولۇپ قالدىم
كىگىز
ۋاقتى: 2011-11-30 15:47:45 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 15:21
http://zhidao.baidu.com/question/317178905.html
مانى كۆرۈپ بېشىمدىن كېسلاتا  ...

نىمە گەپلىكىنى قىسقىلا بىر چۈشەندۈرۋەتمەمسىز ؟
سىزنىڭ تۇيغۇڭىزغا قاراپ مەنمۇ ئەندىكىپ كەتتىم

باھا سۆز

بۇ چىۋىن ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-11-30 15:53
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2011-11-30 15:53:47 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 15:47
نىمە گەپلىكىنى قىسقىلا بىر چۈشەندۈرۋەتمەمسىز ؟
سىزنى ...

بۇ چىۋىن ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن

باھا سۆز

شۇنى دىمەمسىز، باشقىسىنى بۇ qmv غا ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىكەن، لېكىن بۇنى باشقىسىغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن ئەمەس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-11-30 16:37
داق يەر
ۋاقتى: 2011-11-30 16:34:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسلى مۇنداقكەندە ،مەن خېلى قويغۇچلاردا قويالمىغانتىم .
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-30 16:37:48 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 15:53
بۇ چىۋىن ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن

شۇنى دىمەمسىز، باشقىسىنى بۇ qmv غا ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىكەن، لېكىن بۇنى باشقىسىغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ....
9#
ۋاقتى: 2011-11-30 16:49:35 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 15:53
بۇ چىۋىن ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن

ئىشەنمەڭلا . . .  ئازراق ۋاقىت ئۆتسۇنا ئۆزگەرتىدىغان دىتاللار ساماندەك بۇپ كىتىدۇ

باھا سۆز

بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كېتەرمىكىن. rmھۆججىتىنىڭ كودى خېلى يىلدىن كېيىن يېشىلگەن، بۇنىڭغىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-11-30 16:58
10#
ۋاقتى: 2011-11-30 16:58:23 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 16:49
ئىشەنمەڭلا . . .  ئازراق ۋاقىت ئۆتسۇنا ئۆزگەرتىدىغان دى ...

بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كېتەرمىكىن. rmھۆججىتىنىڭ كودى خېلى يىلدىن كېيىن يېشىلگەن، بۇنىڭغىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ
11#
ۋاقتى: 2011-11-30 20:54:07 | ئايرىم كۆرۈش
VIP لار چۈشۈرەلىسەك بولىتى ئەسلى نۇسخىسىنى
12#
ۋاقتى: 2011-12-1 09:29:35 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ چىدىماسلىق بوپتۇ بىزدەك فىلىم چۇشۇرۇپ تىلۋۇزۇردا كوردىغانلارغا ئەمدى چۇشۇرۇپ كورمەڭلار دىگەن گەپ بوپتىدە،مۇشۇ كىنونى نىمانداق كۆرەلمەيمنكىن دەپتىمەن تىخى بۇ ئىشىڭلار بولمامپتۇ ئەسلدىكى ھالەتتە قىلىڭلار
13#
ۋاقتى: 2011-12-1 09:38:21 | ئايرىم كۆرۈش
كىنۇ دىگەننى تىلۋۇزۇردا كۇرگەنگە يەتمەيدۇ،مەن ئادەتتە چۇشۇرۇپ كۇرەتتىم ،ئەمدى كۇرەلمەيدىكەنمەن دە،
بۇتازا قاملاشماپتۇ، ئەسلىدىكىنى ئشلەتسەڭلار
14#
ۋاقتى: 2011-12-1 10:40:25 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي، زادى بەزى كىشىلەرنىڭ دەستىدىن مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ دېمىسىمۇ.
مەن مۇنداق چۈشەندىم، ئەسلىدە بۇرۇنقىدەك بولىۋەرسە ياخشى بولار ئىدى، ئەمما بەزى «چىرايلىق ۋە ساپالىق» كىشىلىرىمىز فىلىمنى چۈشۈرۈپ، كۆرۈپ بولۇپ، فورماتىنى ئۆزگەرتىپلا 56، يوكۇ قاتارلىق تور بىكەتلەرگە يوللاپ (نەچچە كۆردۈم، ھىلى مىسرانىمدا، ھىلى باشقا بىر يەردە) شۇنداق چىرايلىق «كۆچۈرمەڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ» دەپ ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى سورىمىغاندىكىن، بۇلاردىمۇ ئامال قالماي مۇشۇنداق قىپتۇ دە.........................
15#
ۋاقتى: 2011-12-2 20:52:48 | ئايرىم كۆرۈش
زادى نېمە ئىشلار بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ  مەن تازا ئۇقالىمىدىم   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-25 10:15 , Processed in 1.306513 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش