فىلىم نامى:بالىلىققا قايتىش
ئىنگىلىزچە نامى:The Curious Case of Benjamin Button
خەنزۇچە نامى:本杰明·巴顿奇事
فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقىت:2008-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى:ئامېرىكا
تىلى:ئىنگىلىزچە،روسچە
فىلىم يېزىقى:ئۇيغۇرچە
فىلىم تۈرى:ۋەقەلىك،ئاجايىپ-غارايىپ،مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ
فىلىم ئۇزۇنلۇقى:166 مىنۇت
IMDB نومۇرى:tt0421715
روللاردا
تەرجىمان:نۇسرۇت(تۇرانىم)
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى:نۇسرۇت(تۇرانىم)
مەنبە تولۇقلىغۇچى:سەردار
كەسمە رەسىملىرى
ئەسكەرتىش!! ! مەزكۇر فىلىم شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تىل ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىپ(ھازىر تاقالغان) تۇرانىم تەرجىمە فىلىم توربېكىتدە تەرجىمە قىلىنغان،خالىغان شەخىس كوللىكتىپنىڭ سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ، ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ئاق بۈركۈت توربېكىتىگە يوللاندى.
فىلىم ھەققىدە :مەزكۇر فىلىمدە 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئاخشىمى كىچىسى توماسنىڭ ئايالى ئالاھىدە بىر بوۋاقنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويۇپ ئۆزى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ،توماس ئاخىرقى قېتىم ئايالىنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ۋە تۇغۇلغان (غەيرى) بوۋىقىنى كۆرىدۇ،بوۋاقنىڭ ئادەمگە ئوخشىمايدىغان يەنى <<قېرى بوۋاق>>نى ئېلىپ بوۋاقنى دەرياغا تاشلىۋەتمەكچى بولىدۇ،شۇ ۋاقىتتا پورتتىكى چارلىغۇچى توماسنى كۆرۈپ قالىدۇ،توماس بوۋاقنى دەرياغا تاشلىيالماي شۇ ئەتراپتىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ بوۋاقنى شۇ يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، ئۆيدىن كۇننى ئىسىملىك مېھرىبان ئايال چىقىپ بۇ<<غەيرى قېرى>> بوۋاقنى بېقىۋالىدۇ............فىلىم ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز ئاق بۈركۈت توربېكىتىدە بولسۇن!
فىلىم ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان فىلىم !! ئاق بۈركۈتتىكى ئەزىزلەرنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.