- UID
- 3992
- تىزىملاتقان
- 2012-4-8
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 70
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
فىلىم
دەرىجىسى: |
- |
ئىسمى: |
مارس بالىسى |
خەنزۇچە ئىسمى: |
火星没事 \ 火星宝贝之火星没事 |
دۆلىتى: |
جۇڭگۇ |
تىلى: |
خەنچە |
تۈرى: |
كومىدىيە\ فانتازىيە |
فورماتى: |
باشقا |
ۋاقتى: |
2009-11-19 |
يېزىقى: |
خەنچە |
رازمېرى: |
نامەلۇم |
سىغىمى: |
نامەلۇم |
ئۇزۇنلىقى: |
92 مىنۇت |
رېژىسسور: |
- |
باش رولچىلار: |
رېژىسسورى : 刘仪伟 (لىيۇ يىۋېي)
سىنارىسىت : 束焕 (شۇ خۈەن)
ئوپېراتور : 王敏 (ۋاڭ مىن)
مونتاژ : 赵坤 (جاۋ كۈن)
گۈزەل سەنئەت لاھىيلىگۈچى : 张学坤 (جاڭ شۆ كۈن)
ئاۋاز ئالغۇچى : 李文 (لى ۋىن)
روللاردا :
黄磊 ،孙天宇 ،徐峥 ،郭德纲 ،佟大为 ،关悦 ،刘仪伟 ،王晶 ،谢娜 ،何炅 ،柯蓝 ،戴军 ،姜超 ،柳岩 ،杨大鹏 ،李彬، |
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: |
بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارى بىلەن مارس كېلىشىم تۈزىدۇ. بالىسى يوق يەر شارىلىق ئاپا بىر بالا بېقىۋالماقچى بۇلىدۇ. مارس ئۇنىڭغا مارسلىق بالىدىن بالىدىن بىرنى بېقىۋېلىشقا بەرمەكچى بۇلىدۇ.بىر كۈنى ۋاقتى كېلىپ، يەر شارىلىق ئاپىغا بېرىدۇ.
........................................................
فىلىمدا لو ئەپەندىنىڭ ئايالى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۇغۇت بۆلىمىدىكى بۇۋاقلارنى كۆرۈۋاتقىنىدا تۇيۇقسىزلا بىر بوۋاق كۆپىيىپ قالىدۇ، لۇ ئەپەندى بۇ بالىنى ېېقىۋالىدۇ. فىلىمدە بايان قىلىنغان فانتازىيەگە تولغان كومىدىيلىك ۋەقەمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملىشىدۇ. |
![]()
![]()
بۇ فىلىمنى قۇربان ھېيىتتا خەن خىزمەتدىشىم ئۆيۈمگە كېلىپ، مەن سىرىتتىن كىرگىچە كۆرۈۋېتىپتىكەن، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا كۆرگەنىدىم، كېيىن بىر نەچچە قېتىم كۆردۈم، بۇ فىلىمنى تولا كۆرۈپ خەنچە سەۋىيەممۇ خېلى ئېشىپ قالدى. گەرچە يۇقىرىدا يازغان قسىقىچە مەزمۇنى خۇددى ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى بۇيىنچە شۇنداقلا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
فىلىمنىڭ كومىدىيىلىك جايلىرىدىن ئازراق قىستۇرۇپ قۇياي .
لۇ ئەپەندى بىلەن بالىسى خەۋەر كۆرىۋاتقاندا ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئوبامانىڭ خەۋىرى بىرىلىۋاتاتتى، بۇ ۋاقىتتا لو ئەپەندى تىلىۋېزوردا سۆزلەۋاتقان ئوباماغا قاراپ غودۇرايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىسى پەرۋاسىزلا ‹‹ئۇ ئاڭلىيالمايدۇ›› دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا دادىسى يەنە ‹‹قۇرۇق گەپ›› دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ مارس بالىسى يەنە ‹‹ دادا، مەن ساڭا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ بىرەي›› دەيدۇ ۋە ياندىكى ئۆيگە كىرىپ تىلفۇن قىلىدۇ، ۋە ئۆلچەملىك ئېنگلىز تىلىدا ئوبامانى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، تىلفۇن ئالغۇچى ئوبامانىڭ يوقلىقىنى ئېيىتپ، نۇمىرىنى قالدۇرۇپ قۇيىشىنى ئېيتىدۇ. بالا دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن نۇمۇرىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن تىلفۇننى قۇيىۋېتىدۇ. بالا دادىسىغا ‹ ئۇ سەل تۇرۇپ تىلىفۇن قىلىدىغان بولدى› دىسە دادىسى پەرۋاسىزلا ‹ھە› دەپ قۇيىدۇ، ۋە ‹ماڭ ، ئۇخلا، مارس ئادىمىمۇ ئۇخلايدۇ› دەپ بالىنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ كىرىشىگىلا تىلفۇن كىلىدۇ، ئېلىشىغىلا ‹ ياخشىمۇ سىز، مەن ئوباما › دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا لو ئەپەندى ئاچچىقلاپ ‹بىرەر ئەھمىيتى بارمۇ ؟ كىچىك بالىغۇ ئىش ئۇقمىسۇن، سەنمۇ ئىش ئۇقمامسەن ؟ تۈزۈك ئىش قىلساڭ بولمامدۇ ؟ سەن ئوباما بولساڭ مەن كېلىنتون › دەپ تىلفۇننى قۇيىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوباما يېنىدىكى كاتىپىغا ‹سىنىڭ يولدىشىڭ بېيجىڭدىما ؟› دەپ سۇرىغاندا كاتىپى گەپ قىلالماي قالدۇ.
بۇنىڭدىن باشق يەنە دادىسى ماي قاچىلىماقچى بۇلۇپ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن كايىغاندىمۇ بۇ بالا ماي باھاسىنى بىراقلا نەچچە موچەنگە چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ، يەنە بىر كۈنى ‹دادا سەن نىمىنى ياخشى كۆرىسەن › دىسە دادىدى ‹پۇل› دەيدۇ، بۇ بالا يەنە ئازراق ھۈنەر ئىشلەتكەچكە بانكا خادىمىدىن بىرى نۇرغۇن پۇل ئەكىلىپ بىرىدۇ، بىراق بۇ پۇلمۇ لو ئەپەندىگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىشقىلىپ فىلىم ئىچىدە قىززىق ۋەقەلىك قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار كۆرۈپ بېقىڭلار، ياراپ قالسا تەرجىمە قىلىپ قۇيارسىلە .
(فىلىم ئىسمىنى بەلكىم خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغاندىمەن، پەقەت فىلىم مەزمۇنى ۋە ئېنگلىزچە ئىسمىغا قارىتا قۇيۇپ قويغان )
مەن ئەزەلدىن جۇڭگۇدا ئىشلىگەن كىنولارنى كۆرۈپ كەتمەيتىم، ئامالسىزلىق 30 مىنۇت كۆرۈپ كېيىن ياقتۇرۇپ قالدىم، بەزىدە زېرىكىپ قالساممۇ كۆرۈپ قۇيىمەن. سىزمۇ ئاۋال چىداپ 30 مىنۇت كۆرۈپ بېقىڭ.
فىلىم چىقمىسا تۈۋەندىكى ئاددېرستىن كۆرۈڭ.
http://v.youku.com/v_show/id_XMTQ0MDIzMzcy.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلىجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 14:21
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|