ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

توردىكى ئىسىملىرىمىز توغرىسىدا سۆزلەشمەيلىمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
2012 ۋاقتى: 2012-10-11 13:04:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-11 13:07  
نۇسرۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 07:45
ھە ؟!~~~
ئۇھ ~~~~~~~ مۇشۇ ئىسىم قويماقنىڭ تەسلىكىنى بىر دېم ...


مەنمۇ سىزنى دەسلەپ تۇرانىمدا ئۇچراتقاندا قىزبالا باشقۇرغۇچى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن ،كىيىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدىم.
32#
erdawel ۋاقتى: 2012-10-11 13:36:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بۈگۈن كىرىپ قاپىمەن . ئەلدىن قالماي.
ئەردەۋىل دېگەن ئاقسۇنىڭ كونا نامى . مەن ئاقسۇدىن بولغاچقا ھەم مۇشۇ ئىسىمنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا قويغان. بۇندىن 4-5 يىل بۇرۇن سەرگەردان نامى بىلەن خېلى تور ئارىلاپ ، ئەينى چاغدىكى بەزى بەتلەرگە باشقۇرغۇچى بولۇپ دىگەندەك يۈردۈم ، كېيىن سەرگەردان دېگەن ئىسىمنى ھەممىلا ئادەم قويۇپ ئەتۋارىنى قويمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىپ كەلدىم . نەچچە ئاي بۇرۇن قۇتياردىكى ئەردەۋىل ئاكىمىز بۇنداق قويساڭ بولمايتتى دەپ تىما يوللىغانتى ، يېڭى يېزىقتىكى ئسىملىرىمىزدا خېلى پەرقى بولغانلىقى ھەم مەنمۇ ئاقسۇلۇق بولۇپ ئاشۇ ئىسىمنى قويۇشقا ھەققىم بار دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆزگەرمەي ئىشلىتىۋاتىمەن. erdawel بولسا مەن، erdewil بولسا قۇتياردىكى ئەردەۋىل شۇ . ئەردەۋىل دەپ كونا يېزىقچە ئاساسەن ئىشلەتمەيمەن. يەنە بەزى تورلاردا tulka دىگەن ئىسىملار ئۇچرىسا ئاساسەن مەن شۇ ، بۇ ئىسىم ياخشىمەستەك دەپ قالماڭلار بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. يەنە ئايماق aymaq دەپمۇ قويىمەن بەزىدە بۇ بىزنىڭ كەلپىندىكى تۇغۇلغان كەنىتنىڭ نامى.
33#
zulphar ۋاقتى: 2012-10-11 14:43:17 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ زۇلپىقار دىگەن ئىسمنى قوللانغىلى ئون يىلغا يېقىن بوپتۇ. QQ ، ئېلكتىرونلۇق خەت ئادىرىسىم ۋە توردىكى ئىسىممنى بىردەك مۇشۇ ئىسىمنى قوللۇنۇپ كەلدىم، بۇ ئەرلەر قوللىندىغان ئىسىم بۇلۇپ، مەنىسى ناھايىتى ئۆتكۈرئىككى بىسلىق قېلىچ دىگەن مەنىدە، رىۋايەتلەردىكى ھەزىرىتى ئەلىنىڭ ئىشلەتكەن قېلىچى، شۇڭا مەن بۇ ئىسىمى بەك ياقتۇرىمەن.
34#
free ۋاقتى: 2012-10-11 15:26:29 | ئايرىم كۆرۈش
قارسام تۇنۇش تۇرۇش نۆۋىتى ماڭا  كەپقاپتۇ  free بولسا  ئىنگىلىزچە  ئەركىن ئەركىنلىك دىگەن مەنىدە بولۇپ  بۇئىسىمنى ماڭا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان  تام خەنكىس باش رول ئالغان فىلىم (بەخىت مەنزىلى )ناملىق كىنودىن  تەسىرات ئېلىپ قۇيۋالغان  ئىدىم .شۇنداقلا مىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنولارغا بولغان قىززىقىشىم  (بەخىت مەنزىلى )ناملىق كىنونى كۈرۈشتىن باشلانغان ئىدى  كىيىن ئارلاپ ئارلاپ ئاق بۈركۈتكە ئەزا بولدۇم كىيىن تەرجىمە ئىشلىرى قولومدىن كەلمىگەچكە  مۇقاۋا لاھھيلەشنى توغرا تاپتىم شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەم دىلمۇرات ئەپەندىمنىڭ قوللىشى بىلەن مۇقاۋىچىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدىم
35#
ئاققىر ۋاقتى: 2012-10-11 16:14:49 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 08:09
ما گەپتىن قارىغاندا مازاردىن تىلەيدىغان ئوخشىمامدۇ  ...

شۇنداق، جاھاندا نادان كىشىلەر يەنىلا نۇرغۇن...
36#
بۇگۇن ۋاقتى: 2012-10-11 16:52:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن؛ھەر كۇن- بۈگۈن-ئىشلار شۇكۇندىن باشلىندۇ،
37#
uygurum ۋاقتى: 2012-10-11 17:44:11 | ئايرىم كۆرۈش
free يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 15:26
قارسام تۇنۇش تۇرۇش نۆۋىتى ماڭا  كەپقاپتۇ  free بولسا  ئىن ...

مەن بىر ۋاقىتلاردا توردا بىر نامايىش رەسىمىنى كۆرگەن ئۇ راسىمگىمۇ free uyghur s  دەپ يېزىلغانىكەن.
38#
uygurum ۋاقتى: 2012-10-11 17:47:57 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 10:35
ئۇستا ئەمەس، قىزىقىمەن شۇ، ئۇ ئاداشنى جوردانغا ئوخشا ...

مەنمۇ قىزىقىمەن بۇ يۇمۇلاق توپقا . نەرىگە قىزىقىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن . لېكىن يەنىلا ئوتى بار مەندۇ بۇ ۋاسكېتبولنىڭ .مەكتەپتىن چىققىلىمۇ 2 يىل بولاي دىدى يەنىلا ھەپتىدە بىرەر ئىككى كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئاتايىن باللارنى يېغىپ ئويناپ كىلىمەن .
39#
SARAY ۋاقتى: 2012-10-11 18:30:07 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قاتاردىن قالماي ئەمدى. مىنىڭ ئىسمىم كەسپىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇرۇن ئۆي لايىھىلەش ئىشلىرىنى قىلاتتىم،2008- يىلىنىڭ ئاخىرى مەن غۇلجا شەھىرىدە بىر لايىھىلەش ئىشخانسى قىلماقچى بولۇپ، شۇنىڭغا ئىسىم قويۇش توغرا كىلىپ قىلىپ، نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرۇپ بىرەر مۇۋاپىق ئىسىم تاپالماي يۇرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ھۆسنخەتچى ئاكام ئاغىنەم تېلفۇن قىپتۇ، مەن بىر كىتاپتىن ساڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسىمدىن بىر نەچچىنى كۆرۇپ قويدۇم، كەل دەپ ئىشىمنى تاشلاپ، دەرھال باردىم، ئۇ ‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى› دىگەن كىتاپنى ئىچىپ،‹ ئوردا›، ‹ قەسىر›، ‹ساراي› دىگەن ئىسملارنىڭ مەنسىنى ئوقۇپ، مۇشۇ ئۈچىدىن بىرنى تاللا دىدى. ئۇ كىتاپنى قولۇمغا ئىلىپ، نەچچە كۆردۇم، قارىسام ‹ ساراي› نىڭ مەنىسى مىنىڭ ئىزدەۋاتقان ئىسىمىمغا ماس كىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسىمنى تاللىدىم، ئۇ قاتتۇرۇپ ھۆسنخەت قىلىپ بەردى. شۇندىن بىرى مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتمەن. ئەمما ئىشخاننى كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن غۇلجا شەھىرىدە ئاچالمىدىم، بىراق ناھىيگە قايىتىپ كىلىپ ناھىيەدە ئاچتىم.
40#
Nejmi ۋاقتى: 2012-10-12 11:17:21 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى ماڭا كەلسەك ...مەن بىر كىنو كۆرگەن ھەم شۇنىڭدىكى باش پېرسوناچ بىلەن مىجەزىم ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.. مىجەزى سەل قوپالراق ھەم قىززىقچى ئۇنىڭ شۇ كىنودىكى ئىسمى گوپال ...شۇنىڭ بىلەن ئېنگىلىسچىسىنى تەرجىمە قىلسام ‹‹ئەڭ سۈيۈملۈك ›› دېگەن مەنىدە چىقىدىكەن.....
شۇڭا مۇشۇ ئىسىم بويىچە نۇرغۇن لاھىيەلىگەن نەرسىلەرگە ھەم جىق توربەتلەرگە تىزىملاتتىم بەزى توربەتلەردە goopal
مۇشۇنداق....
41#
باپكار ۋاقتى: 2012-10-12 14:22:57 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرلەردە ئويناپ يۈرگىلى يەتتە يىل بوپتۇ، دەسلەپتە كىروران مۇنبىرىگە «ھورۇن» نامىدا تىزىملاتقان، كىيىنچە سەلكىن، شەبنەم، ئىزدىنىش قاتارلىق مۇنبەرلەردە كېزىپ يۈردۈم، ئۇ چاغلارغا ئاغزىمغا كەلگەن ئىسىملارنى يېزىپ يۈرۈپتىمەن، ئاخىرىدا باپكار دىگەن مۇشۇ ئىسىمغا موقۇملاشتىم.
باپكار دىگەن ماتا توقۇيدىغان ھۆنەرۋەننىڭ نامى، مېنىڭ چوڭ دادام نامى چىققان باپكار ئىكەنتۇق، ھازىرغىچە «ئوسمان باپكارنىڭ نەۋرىلىرى» دەپ يۈرۈيمىز، شۇڭا مۇشۇ ئىسىمنى موقۇملاشتۇرۇپ يۈرۈۋاتىمەن.
ئەمما ئاۋۇ باش سۆرىتىمنى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئۆزۈم شەخسى ئىشلىتىۋاتقىلى 7 يىل بولدى، خوتۇن ئېلىپمۇ ئۆزگەرتىشكە قىيمايۋاتىمەن.
ئاق بۈركۈت سەپىرىم:
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم سەپىرىمنى ئەڭ دەسلەپ «كەپسىز ئىنەك» ناملىق فىلىمدىن باشلىغان، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرۈشكە ئامراق بولۇپ قالدىم، ئاق بۈركۈت تورى دەسلەپتە قۇرۇلغان ۋاقىتتا فىلىم ئىسىمىنى كۆرۈپ كىرەتتىم، بىراق ھەقلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىپ كېتەتتىم، كىيىن تاساددىپى بىر پۇرسەتتە 56 تورىدىن دىلمۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى يوللىغان بېتىنى تاپتىم، شۇ ۋاقىتتا دىلمۇراتنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ئويلاپ ھەيران قالغان ئىدىم.
شۇ ۋاقىتتا سۈرخاننىڭ تەرجىمان قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ ئاق بۈركۈتكە تىزىملاتقان نامىمنى ئېچىپ تەرجىمە ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم، شۇنىڭدىن بۇيان ئاق بۈركۈت تورىغا بىر كۈن كىرمىسەم ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. مانا ھازىر ھەر قايسى تورداشلار بىلەن كىنوخانىدا قىزغىن سۆھبەتلىشىپ، كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ فىلىم كۆرۈۋاتىمەن.
شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: ئاق بۈركۈتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى پەقەتلا تورداشلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ كۈندە بىر قېتىم كىرىپ ئۇيغۇر يېزىقىدا بىرەر تال ئىنكاسمۇ بولسا يېزىپ چىقىپ كېتىڭ. ئۆز يېزىقىمىز خارلىنىپ قالمىسۇن.
42#
2012 ۋاقتى: 2012-10-13 03:21:21 | ئايرىم كۆرۈش
باپكار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-12 14:22
مۇنبەرلەردە ئويناپ يۈرگىلى يەتتە يىل بوپتۇ، دەسلەپتە  ...

تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىزدا تارىخ كىتابىمىزدا «ئىشخانىغا تىزىلغان ئوتتۇز دەستىگاھ،  دەستىگاھدا ئىشلەيدۇ ئوتتۇزبابكاھ .» دەپ بىر شېئر بولدىغان ،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى كۆرسەملا شۇ شېئر ئىسىمگە كىلدۇ مىنىڭ.
43#
el.ensar ۋاقتى: 2012-10-13 12:18:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھھۈ... ئۈھھۈ...
ئەمدى ۋارى-ۋارىنى ئاز قىلىپ، چىرايلىق قول باغلاپ تۇرۇپ پېقىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاشمايلىما؟؟؟
ھەي باپكارجانوي، بىر مىنۇت جىم تۇرۇڭلا، قىزباللا سىلىنى گاچىكەن دەپ قالمايدۇ، سۈرخان ئاداش، سىلىمۇ بۇرنۇڭلىنى كوچىلىماي تۇرۇڭلا، ھىلى ئاشۇ قولاڭلىدا چىشىڭلىنى كوچىلايسىلە، چاتاق چىقىدۇ. زۇلپىقوركوووووو، ئۆزلىرىمۇ ئا ياندىكى قىزبالىنى كېيىن ماراپ، گېپىمگە قۇلاق سېپقويسا.
پېقىرنىڭ بۇ ئىسىمنى.... ھەي، ھەي دىلمۇراتكو، ئۆزلىرى بىكەت باشلىقى تۇرۇپ مۈگدىۋالماي، تىك ئوتتاسىلا ھە، بەللىرىگە قاسى خوراز پەشۋا ئۇرۇۋەتكەن؟

مېنىڭ ئىسمىم ئەل.ئەنسار، بۇ ئىسىمنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخى مۇنداق، بۇندىن مۇقەددەم سەلكىن مۇنبرىگە تىزىملاتقاندا ئەنسار دەپ يازسام تىزىملىنىپ بولدى دېگەچ، ئالدىغا ئەل، خەلق، جامائەت دېگەن مەنىدىكى ئەلنى قوشۇۋالغان، ئەنسار پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر مۇسۇلمان قەبىلىنىڭ نامى، يەنى ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان قوشۇنغا ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلغان مەككىلىكلەر. شۇڭا بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
ھازىر باشقا مۇنبەرلەردە ئامراق ئەرمىكىمنىڭ نامى بويىچە مەرۋايىت دەپ يۈرۈۋاتىمەن، بولسا بۇنىمۇ مەرۋايىتقا ئۆزگەرتىۋالغۇم بار، ئۆزەم خېلى خۇشچاقچاق، ئاشۇندا پەلە-پەتىش گەپنى سەل تولا قىلىپ قويىدىغانراق بالا، شۇڭا ئۈستىدىكى ئەيبىنى ئېچىۋەتكەنلەر رەنجىشمىگەيلا
44#
sazguri ۋاقتى: 2012-10-13 21:37:54 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 08:12
ئوھھھھ  چاتاقكەنسىزغۇ سىز . مۇھابىتى يوق قىزلارنىڭ بى ...

ناھايىتى ئەپسۇس  مەن  2يىلدىن بىرى  بىرلا قىز بالىنىڭ  قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ كەلدىم ....تېخى ئاخشام مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىپ بوپ ئۇخلاۋاتسام   يېرىم كىچىدە بىر قىز تىلفۇن قىلۋىدى ماڭا  گەپ قىلىپ بىرىڭ مەن زىركىپ كەتتىم دەپ ....يا مەن سىزنى تونىمىسان نىمىشقا گەپ قىلىپ بىرمەن دەپ بىرمۇنچە  سېسىق گەپ بىلەن تىللاپ يىغلىتىۋەتتىم مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىكىنە  ئۇ شاپاقلار ...دىگەن گەپلىرىنى ماۋەدە دىگىلى بولمايدۇ ....  

باھا سۆز

تەلىيى باركەن، ھېلىمۇ ماڭا ئۇچراپ قالماپتۇ، بولمىسا 5مىنۇت ئوڭ تەتۈر پاراڭ سېلىپ بېرىپ، 4-دوختۇرخانىغا لايىق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-13 22:32
45#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-13 22:32:18 | ئايرىم كۆرۈش
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 21:37
ناھايىتى ئەپسۇس  مەن  2يىلدىن بىرى  بىرلا قىز بالىنىڭ   ...

تەلىيى باركەن، ھېلىمۇ ماڭا ئۇچراپ قالماپتۇ، بولمىسا 5مىنۇت ئوڭ تەتۈر پاراڭ سېلىپ بېرىپ، 4-دوختۇرخانىغا لايىق قىلىپ قوياتتىم.
ئۆتكەندە كىيۇ كىيۇسىغا سەت ئىسىمدىن بىرنى قويىۋالغان بىرى ‹ھاجىتىڭدىن چىقىمەن› دەپ خەت يېزىپتۇ، سەن نەدە دېسەم، قەشقەردە دەيدۇ، مېنىڭ كىيۇكىيۇرىمنى ئۇكام بەرگەن، ئارخىپى شۇ ئۇكام تولدۇرغان ئارخىپ ئىدى، تەۋەلىكىمۇ قەشقەردە دەپ چىقاتتى، بىراق ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى 20مىنۇت گەپكە سېلىپ، قەشقەردىكى پالانى چوڭ مېھمانخانىغا يەنە بىر دوستۇڭنى ئېلىپ كەل، دەپلا كىيۇ كىيۇرىمنى ئېتىۋالدىم، ئەتىسى قارىسام، بىز ھازىر تاكسىغا چىقتۇق دەپ بىر خەت كەپتۇ، ئاندىن بىز مېھمانخانىدا، چىقمامسەن دەپ بىر خەت كەپتۇ، 3-سىدە ھۇ ساختىپەز ئالدامچى دەپ تىللاپ قويۇپتۇ. ئىچىمدە تازا كۈلۈپتىمەن، ئاندىن ئۇ ساراڭنى كىيۇ كىيۇرىمدىن چىقىرۋەتتىم.
ھازىر ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئىپادىسىدىن قارىسام ئەخلاقى ناچار، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئادەم سىياقىغا ئوخشىمايدىغانلارنى بەك پەس كۆرىدىكەن، ئۇلارنى ئادەم قاتارىدىمۇ سانىمايدىكەن. كوچىدا كېتىۋاتسام بەزى باللانىڭ بەدىنىنى سەكسەن چارەك ئېچىۋالغان قىزلارنىڭ ئالدىغىلا تۈكۈرۈپ قويۇۋاتقىنىنى، تىللاۋاتقانلىقىنى كۆپ ئۇچرىۋىتىۋاتىمەن، بۇنداق ئەھۋال كىشىنى راستلا خۇشال قىلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1