ئىسمى: مەكبەت
خەنزۇچە ئىسمى: 麦克白
چەتئەلچە ئىسمى: Macbeth
قويۇلغان ۋاقتى: 2015
رايۇنى: ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك، مۇھەببەت، تارىخ
IMDb باھاسى: 7.3/10 from 14,160 users
IMDb ئۇلانمىسى: http://www.imdb.com/title/tt2884018/
ئۇزۇنلۇقى: 123 مىنۇت
رازمىرى: 1980*808
سىغىمى: 1.43 گىبايىت
فورامتى: مكۋ
تىلى: ئېنگىلىزچە
خېتى: ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە
تەرجىمان: ئاققىر
مۇقاۋىدا: گېلتاغ
رېژوسسور: Justin Kurzel
ئاساۋلىق روللاردا:
迈克尔·法斯宾德 Michael Fassbender 伊丽莎白·德比茨基 Elizabeth Debicki 詹姆斯·迈克尔·兰金 James Michael Rankin 丹尼尔·韦斯特伍德 Daniel Westwood
قىسقىچە مەزمۇنى: "مەكبەت" بولسا دۇنياۋى شائىر شېكىسپىرنىڭ دۇنياغا داڭلىق 4 تراگىدىيىسىنىڭ بىرى. مەزكۇر كىنو شۇ ناملىق تراگېدىيەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن.
بۇ نامدىكى كىنونىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا، 50-يىللىرىدا، 90-يىللىرىدا، 2013-يىلى ئىشلەنگەن نۇسخلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە كۆرمەكچى بولغىنىمىز 2015-يىلى ئىشلەنگىنى. (كىنودا شائىرانە ھېسسىيات كۆپ بولغاچقا، تەرجىمە تازا دېگەندەك بولالمىغان بولۇشى مۈمكىن، ئىمكان قەدەر تور كۆرۈپ ۋە 2013-يىلى ئىشلەنگەن نۇسخىسىنىڭ خېتى ۋە مەزكۇر كىنونىڭ خېتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمە كەمچىلىكلەردىن خالى بولماسلىقى مۈمكىن، شۇڭا دوستلارنىڭ توغرىلاپ كۆرۈپ كېتىشىنى سورايمىز. كىنو بىر كۆرگىدەك كىنو.)
مەكبەت بولسا 11-ئەسىردىكى شوتلاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ گېنېرالى. ئۇ شوتلاندىيە پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلىپ، ئېنگلاندقا سېتىلغان ئاسىي قوشۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ۋەتەن تۇپرىقىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەڭ مەيدانىدا ئۈچ پېرىخونغا ئۇچرايدۇ.. پېرىخونلار ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرىپ، پات ئارىدا پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياردەمچىسى بەنكۇ گەرچە ھازىر پادىشاھ بولالمىسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەكبەت پېرىخون ئېيتقان بىشارەتنىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە ئايالىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن پادىشاھ دۇنكاننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۆزى پادىشاھ بولىدۇ. ئەمما يەنە ئاشۇ بىشارەتنىڭ ۋەسۋەسىلىرى بىلەن باشقىلارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپۈيىدۇ. ئەسلىدىكى قەھرىمان ئەمدىلىكتە ئالۋاستىغا، ئۇنىڭ دوستلىرى دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئاخىرى ئېنگىلاندنىڭ ياردىمىدە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن شاھزادىنىڭ گېنرالىنىڭ قولىدا پاجىئەلىك ئۆلىدۇ..
كىنودا ئادەم تەبىئىتىنىڭ بەزى ماھىيتى ئېچىپ بېرىلگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىددىيىتى ۋە ھوقۇق مەنپەئەت كۆرىشى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. قېنى ئۇنداق بولسا كىنوغا مەرھەممەت..
كىنو كەسمە سۈرەتلىرى:
چېڭ توڭدىن چۈشۈرۈش
|