ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تەھرىرلىك خىزمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3197 24
推荐 dilmurat ۋاقتى: 2012-2-17 13:11:39 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
    ئاق بۈركۈت تورىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيشىگە ئەگىشىپ بېكەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان ئوت يۈرەكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، يېقىندا مۇنبەرنى تەرتىپكە سېلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان يېڭى باشلىقلارمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلىشنى خالايدىغانلارمۇ كۆپەيدى، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى باشلىنىش، شۇڭا مەن تۆۋەندە تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
   بۇرۇن تەھرىرلىكنى ئايرىم، كوررېكتورلۇقنى ئايرىم، كىرىشتۈرۈشنى ئايرىم قىلىدۇ دەپ بىر قانچە تۈرلەر بۇيىچە ئادەم ئالماقچى بولغان، ئەمما سىناش ئارقىلىق بۇ ئۈچ ئىشنى ئايرىۋەتسەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقدىن باشقا نەرسە بولمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتۇق، چۈنكى بىر فىلىم مەنبەسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنى ئۈچ ئادەم چۈشۈرۈپ بولغۇچە سىزگە تەرجىمىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن تەرجىماننىڭ كۆزى تۆت بولۇپ كېتىدۇ، كىنو كۆرۈش ئۈچۈن چىشلىرىنى بىلەپ تۇرغان فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ شۆلگەيلىرىمۇ ئېقىپ ئارانلا قالىدۇ. 、ئەلۋەتتە بۇ يەردە ۋاقىتنىلا قوغلىشىپ سۈپەتنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ، ئۈچ ئادەم قىلسا سۈپەت جەھەتتە خېلىلا كۆتۈرۈلۈش بولۇشى تۇرغانلا گەپ ئەمما بۇ يەردە ئىش ئۈنۈمى دەيدىغان نەرسە بار. شۇڭا بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلىپ باقساق بولىتى دېگەن تورداشلار ئاۋۋال ئۆزۈڭلاردا يۇقارقى ئۈچ خىل ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك شارائىت ھازىرلاڭلار، مەسىلەن تەرجىمان مۇنبەرگە پالانى فىلىمنىڭ تەرجىمىسى باشلاندى دېگەن پاراڭنى تاشلىغاندىكىنلا سىز مۇشۇ فىلىمنى ئۆزۈم تەھرىرلەيمەن دېگەن ئويغا كەلگەندىن، ئۇ ئويىڭىزنى ئاۋۋال مۇنبەرگە بىر تۆكۈۋېتىپ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك فىلىمنى چۈشۈرۈشنى باشلايسىز، چۈشۈرۈپ تەييار قىلىپ بولغاندىكىن تەرجىمىسىنى قولغا ئېلىپ تەھرىرلىكنى باشلىۋېتىسز، فىلىم تەرجىمىسىنى كىنوغا ماسلاشتۇرىسىز دېگەن گەپ، ئىملا، ئالاھىدە كۆز تۇتۇلغان تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ، 、ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىنىش بەلگىلىرى قاتارلىق ئاممىللارنىمۇ ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئىشقىلىپ فىلىمنى ئۇيغۇر تىلى گراماتېكىسى بۇيىچە ئۆزلەشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ ماڭا ئەۋەتىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىڭىز ئاياغلاشقان بولىدۇ.
    بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىكى سىز يۇقارقىنى ئوقۇپلا ھەجەپ ئىشى جىقكەن دەپ قالماڭ، ئەگەر قىلىمەن دەپ قول سالسىڭىزلا قىلىپ كېتەلەيسىز، چۈنكى سىز يالغۇز ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىمىز تىرىشىۋاتىمىز ! پىشقەدەم تەھرىرلەرمۇ سىزگە يېقىندىن ياردەم بولىدۇ ئەلۋەتتە، يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ. ئاخىرىدا ئاق بۈركۈت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان جۈملىدىن كۈندە ئاق بۈركۈتنى ياد ئېتىپ بېكەتكە كىرىپ تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، سىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭلار ئاق بۈركۈتنىڭ تەرەققىياتى ! رەھمەت سىلەرگە... !
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار24

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
647928665 ۋاقتى: 2012-2-17 14:28:40 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ مەن تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلاي دېگەنتىم  ئەمدى بۇ ئۇچ ئشنى بىرلەشتۇرۋەتسەڭلار خەنزۇچە بىلدىغان دوستلار ئۇچۇن ياخشى پۇرسەت لىكىن ماڭا ئوخشاش خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار ئۇچۇن ئېيىتقاندا تەس بوپتۇدە ئەمدى
ئەمدى تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلالمايدىغان بولدۇمدە ھەي ئېست
يىكەنداز
Mrdon ۋاقتى: 2012-2-17 15:23:25 | ئايرىم كۆرۈش
قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن  .....ھەممە دوستلارنىڭ ئاقبۈركۈت تورىنى كۆزقارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشىنى سورايمەن.......
گېلەم
muallim ۋاقتى: 2012-2-17 19:22:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىگىز
كۇلمەس ۋاقتى: 2012-2-18 10:12:22 | ئايرىم كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-17 19:22
ھەجەپ پىشقان -ھە!

ماۋۇ گەپنى چۇشەنمىدىميا
ئورۇندۇق
free ۋاقتى: 2012-2-18 22:56:28 | ئايرىم كۆرۈش
قوللايمىز
داق يەر
فارۇخ ۋاقتى: 2012-12-1 01:25:53 | ئايرىم كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-17 17:22
ھەجەپ پىشقان -ھە!

نمەئۇپشقان دىگەن  گەپدىگەننى تۇلۇق قممامدۇ
مىخ
Kamal37 ۋاقتى: 2012-12-1 15:21:05 | ئايرىم كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-17 19:22
ھەجەپ پىشقان -ھە!

بەلكىم باشقا توربەتكە يوللايمەن دەپ خاتا يوللاپ قالغان چېغى
9#
Kamal37 ۋاقتى: 2012-12-1 15:22:14 | ئايرىم كۆرۈش
فارۇخ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 01:25
نمەئۇپشقان دىگەن  گەپدىگەننى تۇلۇق قممامدۇ

ئادىشىپ قالغان ئېنكاس ئوخشايدۇ
10#
فارۇخ ۋاقتى: 2012-12-1 15:40:35 | ئايرىم كۆرۈش
بەلكىم شۇنداختۇ!!
11#
muallim ۋاقتى: 2012-12-1 22:09:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
12#
MusiC ۋاقتى: 2013-7-21 15:40:42 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ تەھرىرلەش شەرتمۇ؟
13#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-7-22 20:49:41 | ئايرىم كۆرۈش
MusiC يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 15:40
فىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ تەھرىرلەش شەرتمۇ؟

ھەئە، شەرەت، كىنونىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن
14#
قىران ۋاقتى: 2013-7-25 22:17:37 | ئايرىم كۆرۈش
دىمۇرات ، سىلىدىن مۇشۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن بىر ئىشنى سوراي دىگەنتىم .
srt نى تەھرىرلىگەندە ئۇيغۇرچە خەت بىلەن ئاستىدىكى ئىنگىلىسچە خەتنىڭ رەڭگىنى ئوخشىمىغان رەڭدە تەڭشەش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز ؟! بۇ باسقۇچنى srt diut تا تەڭشەشكە بولامدۇ ؟ مەسىلەن:   

          مانا بۇ دۇنيا ئۇرۇشى
          This'is World War    
         
15#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-7-26 06:01:55 | ئايرىم كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 22:17
دىمۇرات ، سىلىدىن مۇشۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن بىر ئىشنى  ...

ھەئە، srtedit بىلەن قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1