Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1644|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۇلۇت ئاتلىسى فىلىمىدىن خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruslan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 16:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار.
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بۇلۇت ئاتلىسى فىلىمنى بەزى دوستلاش كۆردى بەزى دوستلار كۆرمىدى. مەن ئۇ فىلىمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم. ئاخىردا فىلىمنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارارغا كەلدىم.
بۇ فىلىمنى يازغۇچى ۋە فىلىم رىژسورى فىلىمگە ئاز كۈچ چىقارماپتۇ. فىلىم ۋەقەلىكنى ئامال بار كۆرۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرۇشكە تېرشىپتۇ. فىلىم ۋەقەلىكى باشقا-باشقا بىرقانچە مۇناسىۋەتكە باغلاپ ئىشلەنگەن بولغاچقا فىلىمدە ئازراقلا بىخەستەلىك قىلسا فىلىم مەزمۇنى تىخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا بەكلا ئەستايىدىل قۇراشتۇرۇپتۇ.

ئەمدى بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسەتكە كەلسەك. ئاساسى ئىنسانىيەتنىڭ 4 خىل خۇسۇسىيىتىنى كۈچلۈك تەكىتلەپتۇ.
مۇھەببەت. ئەركىنلىك. غەزەپ-نەپرەت ۋە نەپسانىيەتچىلىك.  مانا بۇ 4 تۈرلۈك خۇسۇسىيەتنى ئىنسانىيەتنىڭ خۇرۇچلىردا بار بۇلار بىر-بىرگە زىددىيەت. ئەمما زىچ باغلىنىشلىق. ئىنسانلارنىڭ قايتا-قايتا دۇنياغا كېلىپ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دىدەك بۇ 4 خىل ئىدىيە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا بىر-بىردىن غالىپ كېلەلەيدىكەن. دىدەك بۇ بىر قانۇنىيەتكەن. بىرسى  دىسە يەنە بىرسى بىلىپ بىلمەي بۇزىدىكەن. بۇ قانۇنىيەت ئاشۇ 4 خىل ئىدىيىدە داۋاملاشتۇرلىنىدىكەن بۇ ئىدىيىنى ئىنسانلار بىر-بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋاللار داۋاملىق ئۈزۈلمەيدۇ. ھازىرمۇ كەلگۈسىدىمۇ ھەم بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئەشۇنداق. شۇ سەۋەپلىك ھاياتلىق ئايلانما ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. دىدەك ھەربىر تراگېدىيە ياخشى ياماننى ئەسلى ئىنسانلار ئازى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلۇتقا تىگىشلىك ئىشلار  بىرەرسى ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسىمۇ ئىنسانلار ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ئەشۇ ئىشلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بۇلۇپ مېڭىۋاتىدۇ. ئادەم ھەقىقى ئۆلمەيدۇ روھ ھەرخىل ۋاقىتتا ھەرخىل يەردە قايتا ئىنسان تېنىدە تۇغۇلۇپ ھاياتلىق تىراگىدىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
بۇ كۆز قارشى بۇددا دىندىكى ئادەم ئۆلىدۇ ئەمما كىيىن قايتا تۇغۇلۇپ يەنە دۇنياغا باشقا ئادەم ياكى جانلىق شەكىلدە قايتا كېلىدۇ دېگەن رىۋايەتلىرگە ئوخشاپ قالىدىكەن.

دېمەك بۇ فىلىمنى بىرقانچە ئۇقۇم بىلەن چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن. ئاخىردا فىلىمىدىن ئالغان تەسىراتىم ئانچە ياخشى بولمىدى.
قارىغاندا مەن فىلىمنى چۈشىنەلمىگەن ئوخشايمەن. ياق ئۇنداق مىكى دېسەم بۇ فىلىمنى چۈشەندىم يەنە باشقا چۈشىنەي دەپمۇ باشقىچە چۈشىنەلمىدىم. ئەمدىكى خۇلاسەم. بۇ فىلىمنى تەھلىل قىلىشقا ئەرزىمەيدىكەن. ھەم بۇ ئېنىقلا ئىدىيە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھېلىقى ھازىرقى زامان مېڭە يۇيۇش ئۇسۇلىغا دەل چۈشىدىغان فىلىم ئىكەن.  فىلىمنى دەسلىۋىدە ئانچە چۈشەنمەيسىز. ئەگەر فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنىشكە تىرىشسىڭىز ئاخىردا سىزنى نۇرغۇن ئېنىق جاۋابى بولمايدىغان سوئاللارغا ئەكىرىپ قۇيىدىكەن. ئاخىردا نىم بولىدۇ سىزنىڭ ئىددىيڭىزدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ فىلىمگە دىققەت قىلسىڭىز دۇنيادا ياراتقۇچى بارلىقىنى ناھايىتى چەتكە قاققان چەتكە قاققاندىمۇ تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن چەتكە قاتقان. سىز فىلىم ۋەقەلىكىگە پىكىر يۇرگۈزىۋاتقاندا ئىختىيارسىز ئادەم  ئۇلۇپ يەنە قايتا مۇشۇدۇنياغا كەلمەمدىغاندۇ؟ ئەجىبا مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىمۇ بىرەر ئوخشاشلىق بۇلۇپ قالغان بولغىيمىدى. ئەجىبا ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋە بۇندىن كىيىنكى بولىدىغان ھەرقانداق چوڭ كىچىك ئىشلارنى ئىنسانلار ئۇزى بىلىپ بىلمەي كەلتۇرۋاتامدىغاندۇ؟ مۇشۇنداق خىياللارغا ئەكەپ قۇيىدۇ. دېمەك بۇيەردە سىز ئىتىقادىڭىزدىن خىلىلا چەتنەپ تۇرۇپ فىلىمنى تەھلىل قىلالايسىز. فىلىم خۇلاسسىدىمۇ ھېچقانداق غەيرى بىرەر يوچۇق قالدۇرۇلمىغان. ھەممىنى ئىنسانلار ئۆزى كەلتۈرۈپ چىققان. ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش قانۇنىيتىنىمۇ ئۆزى بىرباشتىن مېڭىپ بىرباشتىن ياساپ داۋاملاشتۇرىدۇ ئۇلار ھەرخىل مەقسەت مۇددىئادا ياشايدۇ شۇ سەۋەپلىك ھەرخىل تراگېدىيە ۋە ھەرخىل ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلار مەڭگۈ بىر-بىرگە تەسىر كۆرسىتىپ ماڭىدۇ دەپ خۇلاسىلەيدۇ.

ھىلىقى كېلون ئادەمنىڭمۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ قايسى خىل ئۇسۇلدا ھاياتلىق داۋاملاشتۇردى. ئوخشاش رەزىللىك ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسانىيەت ھەم ئەركىنلىك مۇھەببەتنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن تىراگىدىيەلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم ئەۋلادقا قالدۇرۇشقا تېرىشتى گەرچە ئۇ ھەقىقى ئادەم بولمىسىمۇ ھەقىقى ئادەملەر تېتىيدىغان ھايات تەمىنى تېتىدى. ئۇنىڭدىمۇ ھىلىقى 4 خىل ئۇقۇمغا ئىختىيارسىز مەجبۇرى كىرىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە فىلىمدە ئاچكۆزلۈك نەپسانىيەتچىلىك باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىشنى رەزىل قىلمىش دىگەندەك ئەيىبلەپ كۆرسەتكەندەك بىلىندۇرۇپتۇ ئەمما ئىنچىكە قارىسا بۇنى بىر قانۇنىيەت. ئىنسانلارنىڭ كىيىنكى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش يولى ئۇ قانۇنىيەتنى بۇزىۋەتكىلى بولمايدۇ بۇزۇلسا پۈتۈن قانۇنىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغاندەك چۈشەندۇرۋەتكەن.

ئاخىردا يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى. بۇ فىلىمنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىشقا بولمايدۇ.  فىلىم ئىدىيە قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ياۋرۇپالىقلارنىڭ مېڭە يۇيۇش ئۇسۇلىغىمۇ تازا ياردەمدە بولىدىكەن. مەن ئادەتتە بۇنداق فىلىملەرنى خىلى چۈشىنىمەن. ھەرقانداق بىر سىرلىق فىلىمدە بىرەر يوچۇق قالدۇرۇپ قۇيىدۇ. مەۋۇللا ھەممىنى ئىنسانلارغا ئارتىپ قۇيۇپتۇ. ئەسلى قانۇنىيەتنى ئۈزىمىز بارلىققا كەلتۇردىكەنمىز.  
نېمىدېگەن ئۇستا. باغلاڭ دىسە ئاشتامۇ باغلامدۇ. چېنىپ قاپتۇ. بۇ فىلىمنى بەلكىم ياۋرۇ پادا ئالامەت ئالقىشلىغاندۇ. رىژىسورغا ئاپىرىن ئوقىغاندۇ ئاپتۇرنى بېشىغا ئىلىپ كۈتۈۇرگەندۇ. ئەمما بىزگە ھەرگىز ماس كەلمەيدىكەن. بۇنىڭدىن يەنىلا چۈش بوشلۇقى قورقۇنۇچلۇق ئايلانما دېگەنلەرنى سەل ئاساسى باردەك ھېس قىلدىم.  

راس گەپنى دېسەم ماۋۇ فىلىمنى كۆڭلۈمدە چۈشەنگەندەك ھەرقايسىڭلارغا چۈشەندۈرەلمىدىم. خاتا چۈشىنىپ قالغان بولسام چۈشەندۈرۈپ قۇيارسىلەر. لېكىن خاتاچۈشەنمىدىم دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۆزۈممۇ بىرقانچە خىل ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىپ باقتىم باشقىسىغا زادى چۈشمىدى. شۇڭا مەن بۇ فىلىمنى ھەرگىز تەشۋىق قىلمايمەن. ئەمما تەرجىمانلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم راۋۇرۇس تەرجىمە قىلىپتۇ. ھەربىر گەپنى ناھايىتى ئورۇنلۇق چۈشەندۇرۇپتۇ. بۇنداق فىلىملەرنى تەرجىمە قىلماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئاق بۈركۈت تەرجىمانللىرى راۋۇرۇس يېتىشىپتۇ جۇمۇ. ئاپىرىن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ياخشىياخشى1 ناچارناچار
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-19 01:00:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruslan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 16:23  

ئەسلى  تېمىنى كىيىنراق يازساممۇ بۇلاتتى. لېكىن چىداپ تۇرۇپ بولالمىدىم فىلىمنى چۈشتە كۆرۈپلا  كاللامغا كىرىۋالدى. شۇڭا دوستلارنىڭ فىلىمنى كۆرسە بەك ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىپ كەتمەسلىكىنى ئومۇت قىلىپ تېما بالدۇر يېزىلىپ قالدى. بۇنداق مەزمۇنلاردىكى فىلىملەر ئاساسى ئۆز ئېتىقادىنى ۋە دىننى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كېتىپ بولالمايۋاتقان ياشلارغا باشقىچە تەسىر قىلىشى مۇمكىن شۇڭا چوقوم توغرا ئىدىيە كۆز قاراشتا تەھلىل قىلىڭلار. ھەرگىز ئۇلار نىم دىسە ھە دەپ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتمەڭلار.
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-2-19 01:21:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخشام بىر كېچە ئۇخلاتمىدى بۇ كىنو .......

مەنىسى يوخمىكى دىسە غىل-پال بىرنەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ بارمىكى دىسە تېخى............

ئەبەي تاققا - تۇققىنىڭ گەپلىرىدەكلا..............
گېلەم
ۋاقتى: 2013-2-19 09:09:33 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق دەپ مىنى قايتا كۆرگىلى سالدىغان بولدىڭلار ھە باللا.
كىگىز
ۋاقتى: 2013-2-19 11:12:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركامنىڭ بىر قوللۇق تەرجىمىسى بۇ، ئاپىرىن ئېيتىشقا توغرا كەلسە شۇ بوۋايغا ئېيتىڭ، بۇ فىلىمنى كۆككە كۆتۈرۈۋەتكىنى بىزنىڭ يولداشلىرىمىز بولدى، ئەمەلىيەتتە ياۋرۇپادىكى بېلەت كىرىمىدا جان باقالمىغان بۇلار، تام خەنكىسنى دەپلا كۆرۈپ قويدۇم مەنمۇ شۇ، ئەمما ھەر بىر فىلىمنى، ئۇ فىلىم قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇنداق «ئېلىپبە» قىلساق، مەنچە تەرجىمانلارنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ، قېنى بولسا باشقا تورداشلارمۇ ھە-ھۇ دېيىشىڭلار.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-2-19 12:08:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇكىنونى كۆرۇپ تازا پۇخادىن چىقىتىم ،كىنونىڭ ۋەقەلىكى بەكمۇ ئۆزگىچە ئىكەن ،قارىسا باغلىنىشلىقى يوق بولغاندەك قىلغان بىلەن لىكىن يەنە شۇ مۇھەببەت،ئەركىنلىك،ئىتقاد باش تىما قىلىنىپتۇ  ،ئوخشىمىغان ماكان ۋە زاماندىكى ۋەقەلىق ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن قوراشتۇرۇلۇپ چىقىپتۇ ،ئەلۋەتتە خەتلىك تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئۇستازلارمۇ بوش كۈچىمەپتۇ،ئەجرىڭىزلەرگە رەھمەت
داق يەر
ۋاقتى: 2013-2-19 12:31:58 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئېنگلىزچىسىنى ساقلاپ تېخى كۆرمىدىم. ھېچ يوللىنىپمۇ بۇلالمىدى. بۇ تېمىڭىزنىمۇ ئوقىماي تۇرۇپ ئېنكاس يېزىۋاتىمەن.(بۇ خىل تېمىلارنى بەك قارشى ئالىمەن بولمىسا) ئاۋال كىنوسىنى بىر كۆرەي. ئاندىن ئېنكاسىمنى يەنە يوللايمەن.
مىخ
ۋاقتى: 2013-2-19 16:00:56 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىم يولداشلار ماختىغاندەك ئەمەسكەنغۇ ، لىكىن ۋەقەلىكىلىرى خېلى ئۆزگىچىكەن ، مىنىڭچە بىر خىل تەسەۋۋوپچىلارنىڭ سوزلىرىگە ئوخشايدىكەن .
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-19 20:01:51 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 11:12
ئاققىركامنىڭ بىر قوللۇق تەرجىمىسى بۇ، ئاپىرىن ئېيتىشق ...

راس مەن باشتىلا بۇ فىلىمنى ئاققىر بۇۋاينىڭ تەرجىمە قىلغىننى پەرەز قىلغان. بۇۋاينىڭ تىل قابىلىيتى ھەقىقەتەن ئىشىپتۇ. بۇندىن كىيىن يەنە قالتىس نادىر تەرجىمە فىلىملەرنىڭ چىقىشىدا گەپ يوق.

بۇۋاي جاپا چىكىۋاتىلا. قۇرۇق بولسىمۇ رەھمەت ئەمما كۆڭلۇمدىكىنى دىسەم مەن سىلىگە قايىل.
باشقىچە ھۆرمىتىم بار. داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تەرجىمىلەرنى سۈنۈپ تۇرغايلا. سىلىنى  بىز قوللايمىز.
10#
ۋاقتى: 2013-2-19 20:46:04 | ئايرىم كۆرۈش
ruslan0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 20:01
راس مەن باشتىلا بۇ فىلىمنى ئاققىر بۇۋاينىڭ تەرجىمە قى ...

سىلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت
11#
ۋاقتى: 2013-2-20 00:33:19 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس فىلىمكەن.........
12#
ۋاقتى: 2013-4-27 14:55:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي ئەمسە
13#
ۋاقتى: 2013-4-27 14:55:50 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرداشلارغا خىلى ياققاندەك قىلدۇ بۇ كىنو
14#
ۋاقتى: 2013-5-18 22:27:07 | ئايرىم كۆرۈش
يامان ئەمەسكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 14:30 , Processed in 1.343736 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش