- UID
- 410
- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 150
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، مۇشۇ بېكەتتىن 20 ئادەم، يەنە بىر بىكەتتىن 20 ئادەم ھۇنگېر دىسۇن، قالغانلار يەنە نىمە دەر.. مەن مۇشۇنى دىمەكچى ماڭا نىمە دىسە بەرىبىر...ئەمما ئىسىم نەچچە خىل بولماسلىقى كېرەك يا ۋىنگىرگە ياكى ھۇنگىر ئىككىسىنىڭ بىرىگە تۇرۇش كېرەك ھۇنگىرنىڭ ئومۇملىشىشىغا نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىدۇ. مۇنداق بىر مىسال بار: ئەينى چاغدا مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى ئىزباسارلىرى نەچچە يىل سەرپ قىلىپ، قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاناتولىيە تىلىنى مەركىزى تىل سۈپتىدە تىلى ئاناتولىيە تىلى بولمىغان تۈركلەرنىمۇ شۇ تىلدا سۆزلىشىشكە مەجبۇر قىلغان...شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن جەڭگە جىدەل، ئىنقىلاپ، تالاش تارتىشلار بولۇپ خېلى ئۇزۇندا ھازىرقى تۈرك تىلى بىرلىككە كەلگەن...مۇشۇنداق مەجبۇرلاش كۈچى بۇ يەردە بولامۇ...ھازىرقى مەجبۇرلاش بولسا قوش تىللىق بولۇش...شۇڭا بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ قەيەردىكى چولىسى...بىز بىرنەچچەيلەن مۇنبەر يۈزىدە دىسەك گەپ مۇشۇ يەردىلا قالىدۇ... ھازىر سىز ھۇنگىر دىسىڭىز مەن ۋىنگىرنى دەۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىمەن، مەن ۋىنگىر دىسەم سىز ھۇنگىرنى دەۋاتىدۇ دەپ چۈشنىسىز...ئەمما كىيىن مۇنداق چۈشۈنىدىغان ئىش بولامۇ....شۇڭا يەنىلا ئادەت سۆز ۋىنگىر دەپ ئالغان تۈزۈك...
تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلارغا كەلسەك ئۇلارنىڭ تىلدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيتى بار...ئەمىلىلەشتۈرۈش باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئىشى، باشقۇرغۇچى تارماقلار ئۇنى ئەمىلىلەشتۈرسە بىزنىڭ ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار، مانا بۇ شارائىت ھازىر رايۇنىمىزدا بارمۇ؟ ئۇنداق بولغانكەن ۋىجدانىمىز بويىچە توغرىسىنى تەلەپپۇز قىلىمىز دىسەك، نەچچە ئونىمىز ماقۇل دەپ شۇنداق قىلساقمۇ، يەنە نەچچە ئونىمىز ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ..شۇنىڭ بىلەن بىر نەرسىنىڭ نەچچە ئىسمى پەيدا بولۇپ قالمامدۇ، بۇ ئاخىرىدا قەيەرگە ئېلىپ بارار....ھازىرچە بەزى سۆزلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق....
مەن بىر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتىماتىكىدىكى راتسىئونال سان، ئراتسىئونال سان دىگەننى چۈشەندۈرگەندە بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا بىر قۇر دەۋىتىمەن، ئەمما خاتا بولغانكەن ئۇنداق دىسەڭلار بولمايدۇ دەپ يەنە بىر يېڭى ئىسىم دەپ بەرمەيمەن، يەنىلا راتسىئونال سان، ئراتسىئونال سان دىگەن گەپلەرنى دەۋىرىمەن، ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق ئاتاۋۋېرىدۇ، ئەمما بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ....بىزدىمۇ بەزى سۆزلەرگە نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق... ۋىنگىر دىيىلسە ھە ئۇلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى، بىز بىلەن ئازراق ئۇرۇق تۇققانچىلىقى بار، ۋىنگىرنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ھۇنگىر دەپ چۈشەنسەك ۋە باشقىلارغا شۇنداق چۈشەندۈرۈپ قويساق بولىدۇ...يازغاندا يەنىلا ۋىنگىر دەپ يازساق بولىۋېرىدۇ، چۈنكى بۇ سۆز ئومۇملىشىپ بولغان يەنە تۈزەيمىز دىسەك بايا مەن دىگەندىكىدەك ئىش كېلىپ چىقىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۆز پىكىرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كونىسىنى دەۋەرگەن ياخشى چۈنكى ۋىنگىر دىگەن ئاتالغۇ سۆز تەركىپلىرىمىز، لۇغەتلىرىمىزگە كىرىپ بولغان...
مەرداننىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دىگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم، مېنىڭچە گەپلىرىم خېلى ئوچۇق، تۇتقان پوزتسىيەم خېلى ئېنىق بولدى...بولسا سىزمۇ قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭ، ئېھتىمال ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى ئىشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغىنىمنى دەۋاتقان بولسىڭىز كېرەك...بۇ گەپ تىمىغا ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى...مېنىڭ ئاچچىغىم كەلگىنى ئۆزىنى شۇ چەتئەللىكنىڭ ئۇرۇق تۇققىنى دەپ قارسىمۇ مەيلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما دىنىنى ئۆزگەرتىپ مەڭگۈلۈك لەنەتكە قالغانلىقىنى كۆرۈپ مۇشۇ يەردە دىگۈم كېپ قالدى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 08:15
|
|