ئاق بۈركۈت تورى ئالما ۋە ئاندروئد ئەپ دىتالى ياساپ چىقىلدى
بۈگۈن ئازراق بىكار ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئاق بۈركۈت تورى ئەپ دىتالىنى ياساپ چىقتۇق. بۇ ئەپ دىتالىنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.تىما كۆرۈش، ئىنكاس يېزىش، باھالاش ئىقتىدارلىرى
2.يانفۇندا تۇرۇپ تىما يوللاش، ئاۋازلىق، خەتلىك، رەسىملىك يوللىغىلى بولىدۇ
3.ئەزا نامىدا كىرىش، باشقىلارغا ئۇچۇر يوللاش، ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ئىقتىدارلىرى(ۋېيشىندەك)
4.بايقاش ئىقتىدارى، بىكەت ئەزالىرى ئۆز ئارا ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەش، دوست تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارى
5. تىما سېتىۋېلىش ئىقتىدارى، ئادرىسنى چەككەن ھامان ئاپتۇماتىك شۇ ئادرسنى ئېچىش ئىقتىدارى
6.ھاۋا رايى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى (سىز تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ) ،
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئەپ دىتالىمىزغا كۆرۈنمە يۈز لاھىيىسى ئۈچۈن رەسىم لازىم بولدى، بۇنى مۇقاۋا ئىشلەۋاتقان دوستلار ئىشلەپ بەرسەڭلار.
1. ئەپ ئايكونى: ئىكراندا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رەسىمى
بۇنىڭ رازمىرى:512*512بولسۇن، jpg,pngھالەتتە بولسا بولىدۇ
2.ئەپ دىتالى ئېچىلغان ۋاقىتتا چىقىدىغان رەسىم:
مەسىلەن نۇر تورى ئەپ دىتالى ئېچىلغاندا چىقىدىغان ئەڭ تېز، ئەڭ نوپۇزلۇق دىگەندەك كۆرۈنمە رەسىم
ئىككى خىل نۇسخىدا ياسالسا بولىدۇ
ئەپ دىتالى مۇشۇ رەسىملەر پۈتكەن ۋاقتىدا تارقىتىلىدۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ چىققان بولساڭلار
|