Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1331|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتئەللىك 100 كىنو چولپىنى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-12 16:16  

چەتئەللىك 100 كىنو چولپىنى (2)

11. جامېس سىتىۋارت        詹姆斯•斯图尔特       James Stewart
ئېسىل دەۋىرنىڭ نامايەندىسى

1908-يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1997-يىلى 7 -ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاپات بولغان، ئامېرىكىلىق، ئېكران ساھەسىدە ئۆزىگا خاس ئوبراز  ياراتقان داڭلىق ئارتىست. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئېيتىدىغان كەچۈرۈم سۆزى «ئوۋ»، بۇ سۆز ئاجايىپ سىپايە.
ۋەكىللىك كىنولىرى: «ئارقا پەنجىرە»، «ئەرۋاھ خاتىرىسى»، «پاھىشىخانىدىكى قانلىق ئەنزە»، «سۇمرۇغ ئاپىتى»، «تاماششا دۇنياسى»، «قەھرىماننىڭ ئەسلى قىياپىتى»
《后窗》、《迷魂记》、《桃色血案》、《凤凰劫》、《娱乐世界》、《英雄本色》

12. كاتىرىنا ھېپبۇن              凯瑟琳•赫本  Catherine Hepburn
ئوسكار ئايال پادىشاھى
  


1907-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئامېرىكىلىق ئايال كىنو چولپىنى، 100 يىلدىن بۇيانقى ئايال ئارستلار قاتارىدا 1-ئورۇنغا تىزىلغان.
1918-يىلى 11 يېشىدا ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن تۇنجى ئائىلە كىنوخانىسى قۇرۇپ كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان. 15 يېشىدا «مارىينىڭ ئەرۋاھى» قاتارلىق داڭلىق بالىلار ھېكايىلىرىنى سىنارىيىلەشتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ساھىپجامال بىلەن ياۋايى ھايۋان» ناملىق كىنودا ياۋايى ھايۋاننىڭ رولىنى ئېلىپ، تۇنجى قېتىم 60 دوللار ئىش ھەققىگە ئېرىشكەن ۋە بۇ پۇلنى بىر ئىندىئان ئۈچۈن پاتىفون سېتىۋىلىشقا ئىشلەتكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىزىمغا قارشى كۆرەش تەسۋېرلەنگەن 10 نەچچە نادىر فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان. 1992-يىلى85  يېشىدا «بىنا ئۈستىدىكى ئادەم» نى ئىشلەشكە قاتناشقان، 1993-يىلى 86 يېشىدا «كاتىرىنا: مېنىڭ بارلىقىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن، 87 يېشىدا «مۇھەببەت ۋەقەسى»، «بۇنى مۇھەببەت دېگىلى بولمايدۇ»، «روژدېستىېا» قاتالىق كىنولارنى ئىشلەشكە قاتناشقان.

13. گەينې كېلېي                   吉恩•凯利             Gene Kelly
ھوللېۋود ناخشا-ئۇسۇل فىلىملىرى پادىشاھى
   

1912-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1996-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى. ئۇ باش رول ئالغان «يامغۇر سىمپونىيسى» ناملىق ناخشى-ئۇسۇللۇق كىنو ئەڭ زور شەرەپكە ئىگە بولغان. 1952-يىلى ئوسكار ئۆمۈرلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيتى تەرپىدىن باھالاپ چىقىلغان 100 يىل مابەينىدىكى ئۇلۇغ ئەر ئارتىستلار قاتارىدا 15-ئورۇنغا ئىگە بولغان.

14. ۋىۋېن لېگ                        费雯•丽          Vivien Leigh
مەڭگۈلۈك نازىنىن
   

1913-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەنگىلىيىلىك داڭلىق ئايال ئارتىست. ئۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىكى ۋە كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق. 1938-يىلى ھوللېۋودقا بېرىپ، «ئەنسىز دۇنيادىكى ساھىپجامال» فىلىمىدە ئايال باش قەھرىمان Scarlett  نىڭ رولىنى ئېلىپ، شۇ يىللىق ئوسكار ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىن يەنە ئەنگىلىيەگە قايتىپ، تېلېۋىزىيە فىلىم تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. 12 يىلدىن كېيىن يەنە ھوللېۋودقا قايتىپ كېلىپ، «ئۈمىد ناملىق كوچا ماشىنىسى» دېگەن فىلىمىدە ئوسكار ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا يەنە بىر قېتىم ئېرىشكەن. ئۇ بىر ئۆمۈر سەھنىدە ئويۇن قويۇپ ۋە رول ئېلىپ، دىرامما ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقۇرى مۇكاپات تۈرى بولغان «تونېي مۇكاپاتى» دا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ۋە «درامما ئايال پادىشاھى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن. 1967-يىلى ئۆپكە كېسلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

15. ئەنگىرىد بېردمان              英格丽•褒曼  Ingrid Bergman
ئالىجاناپلىقنىڭ نامايەندىسى
   

1915-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ شىۋىتسىيە تەۋەلىكىدىكى داڭلىق كىنو چولپىنى، ھوللېۋودنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتسىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «ھوللېۋودنىڭ 1-خانىمى» دېگەن نامى بار. ئۇ شىۋىتسىيىنىڭ سىتوكلىھوم شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، لوندوندا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ ئۈچ قېتىم ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىم ئەممىي مۇكاپاتىغا (Emmy Awards) ، بىر قېتىم تونېي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلىدىكى ئامېرىكا كىنو جەمئىيتى تەرپىدىن باھالاپ چىقىلىغان 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىستلار تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا ئىگە بولغان.
ئۇنىڭ بىزگە تونۇش بولغان ئاق بۈركۈتمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلغان فىلىمى «كاسابلانكا».

16. گېرگورېي پېك             格里高利•派克        Gregory Peck
رىۋايەتتىكى ئادەم
   
   

1916-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ھوللېۋودنىڭ گىگانت چولپىنى. 1963-يىلى «قىزىل بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» (杀死一只知更鸟)  دېگەن فىلىمى بىلەن باشقا چولپانلاردىن ئوسكار پادىشاھىلىق (ئىمپېرتور) ئورنىنى تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ 60 تىن كۆپرەك كىنولاردا رول ئالغان. ۋەكىللىك كىنولىرى «رىمنىڭ دەمئېلىش كۈنى»، «ئېدخار دوختۇر» (罗马假日)، (爱德华大夫/意乱情迷/ Spellbound) قاتارلىقلار بار.

17. كىرىستوپېر لى             克里斯托弗•李     Christopher Lee
قورقۇنچلۇق فىلىملەر پادىشاھى
  
1922-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە لوندونلۇق. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كەسپى ھەربىي بولۇپ، ئانىسى دادىسىدىن ئاجىرشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر بانكېر بىلەن توي قىلغان. 14-17 يېشىدا ۋېللىنگىتون ئۇنېۋېرستىتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سۇ تىرانسپورت شىركىتىدە ئىشلىگەن.
ئۇنىڭ بىز بىلىدىغان يەنى ئاق بۈركۈت گۇرۇپپىلىرى تەرجىمە قىلغان بىرنەچچە كىنولىرىنى دەپ ئۆتەي. «خوبېتلار كۈتۈلمىگەن سەپەر» (ساروماننىڭ رولىنى ئالغان)، «ھىيۇگۇ»، «زۇلمەتتىكى كۆلەڭگە»، «پىرىخون»، «ئەيلىسنىڭ ساياھىتى»، «چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى»، «پىلانېتلار ئارا جەڭ3» بۇنىڭ بىز بىلىدىغان-بىلمەيدىغان كىنولىرى بەك كۆپ ئىكەن.

18. جۇدىي گېلەند                  朱迪•嘉兰        Judy Garland
جاز ئوركىستېرى دەۋرىدىكى گىگانت چولپان
   

1922-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1969-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئامېرىكىلىق ئايال ئارتىست ۋە ناخشىچى. ئۇ 45 يىللىق ناخشچىلىق ھاياتىدا ھەرخىل مۇزىكىلىق تىياتېرلاردا رول ئېلىپ پۈتكۈل دۇنياغا تونۇلغان. ئۇ ھەر تەرەپلىمە قابىليتى سەۋەبلىك، ئوسكار ئەڭ نوچى ياش ئارتسىت مۇكاپاتى، ئالتۇن شار مۇكاپاتى، Cecil B. DeMille مۇكاپاتى، گىراممىي مۇكاپاتى(Grammy Awards)، تونېي مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى، 1999-يىلىدىكى ئامېرىكا كىنو جەمئىيتى تاللىغان يېقىنقى 100 يىللىق ئايال ئارتستلار ئارىسىدا 8-ئورۇننى ئىگىللىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1936-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان كىنولار ئىكەن.

19. مارلون بىراندو                马龙•白兰度    Marlon Brando
مەڭگۈ يوقىمايدىغان مەبۇد
   
   
1924-2004-يىللىرى. ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئارتستلارنىڭ بىرى. ئۆزىگە خاس رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئىستىلى ئۇنى كىنو ساھەسىدىكى تەسىرى زور شەخسكە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ كىنوچىلىق كەسپىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كىنوچىلىق تارىخىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ھوللېۋوددىكى رىۋايەتلىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك كىنولىرى: «پارىژنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تانگوسى» ، «كومادا ئۆزگىرىشى»، «ئەركەكنىڭ جاسارىتى»، «زاپادا رىۋايىتى»، «ئۇچقۇر موتېسكلىت ئۇيۇشمىسى»، «ئاتامان»، «ناپائىلوننىڭ سۆيگۈ تارىخى»، «خاسىيەتلىك ئادەم»، «كېچىدىكى سەيلىچى» (سەيلوت قىز» دىگەن كىنو شۇ بولۇشى مۈمكىن)
巴黎最后的探戈 ( 1972)،  奎马达政变 ( 1968)،  男儿本色 ( 1950)، ▪ 萨巴达传 ( 1951)،  飞车党 ( 1953)،  教父 ( 1972)، ▪ 拿破仑情史 ( 1954)،  超人 ( 1978)،  畸恋山庄 ( 1972)

20. دورسىي دەي                    多丽丝•戴            Doris Day
ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ناخشىچى
   
1924-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ئوھايو شىتاتىدىن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى شۇنداقلا كىنو ئارتىسى. «سەپكۈللۈك خانىش» دېگەن نامى بار. «قوشنامنىڭ قىزى» دېگەن ناخشىسىدىكى چاقناپ تۇرغان تەبەسسۇمى، 50-60-يىللىرىدىكى مەستانىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىپ، 10 چوڭ جەلىپكار چولپاننىڭ بىرىگە ئاسانلا ئايلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى ئۇسۇلچى بولۇش ئىدى. ئەمما بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسسى ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رادىئو ئىستانسسىنىڭ مۇزىكا بۆلۈمىدە ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلدى. ئۇ 40-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھەممە بىلىدىغان ناخشا پىلاستىنكا (پاتىفوننىڭ) چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى. 48-يىلى تۇنجى قېتىم《海上罗曼史》دېگەن كىنودا رول ئېلىپ، ناھايتتى تېزلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، 59-يىلى«枕边细语» دېگەن كىنودا رول ئېلىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش قەھرىمان ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 68-يىلى روھى كېسەل سەۋەبلىك كىنو ساھەسىدىن چېكىندى. خېلى يىللاردىن كېيىن كېسىلىدىن ساقىيىپ، تېلېۋىزىيە دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئونىۋېرسال پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى.

凯瑟琳•赫本1.jpg (16.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

凯瑟琳•赫本1.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2013-11-12 04:04:13 | ئايرىم كۆرۈش
14. ۋىۋېن لېگ                        费雯•丽          Vivien Leigh
بۇ قىزنىڭ چۈشەندۈرلىشى خاتا بولۇپ قاپتۇ . يەنى ...
1933-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەنگىلىيىلىك داڭلىق ئايال ئارتىست. ئۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىكى ۋە كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق. 1938-يىلى ھوللېۋودقا بېرىپ، «ئەنسىز دۇنيادىكى ساھىپجامال» فىلىمىدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان.......

بۇ فىلىمدىكى باش رولدىكى قىز ھەرگىزمۇ 5 ياشلىق قىز ئەمەس......1933-يىلى تۇغۇلۇپ 1938-يىلى باش رول ئېلىشى توغرا بولماپتۇ.........................
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-12 04:40:25 | ئايرىم كۆرۈش
كوكنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-11-12 04:04
14. ۋىۋېن لېگ                        费雯•丽          Vivien Leigh
بۇ قىزنىڭ چۈش ...

1913-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدى، 1933-يىلى يېزىلىپ قاپتۇ.
گېلەم
ۋاقتى: 2013-11-12 09:39:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا ‹‹ ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن›› دەپ تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىكى ئەر باش قەھرىماننى ئۆتكەنكى ساندا كۆرگەن ئىدۇق. بۇ ساندا ئايال باش قەھرىمان بىلەن تونۇشۇپتىمىز. ئۇنىڭ ئىسمى سېكارلىت. دەل شۇ يەردە ئازراق خاتالىق كۆرۈلدىمۇ قانداق؟ يەنى كىمنىڭ نەچچە يىللىق ھاكىمىيەت ئورنىنى تارتىۋالدى؟
بۇ ساندا خېلى تونۇش ئارتىسلار باركەن. ئاققىركامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-12 09:43:15 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-11-12 09:39
ئاۋۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا ‹‹ ئەنسىز يىلل ...

تېخى ئۇ كىنونىڭ ئايال باش قەھرىمانىغا كەلمىدۇق، ۋىۋېن لېگ ئۇ پىلىمنىڭ ئايال باش رولچىسى سىكارلېت نەچچچە يىلدىن بېرى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئوسكار مۇكاپاتىنى شۇ يىلى تارتىۋالغان دىمەكچى ئوخشايدۇ...
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-11-12 10:38:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2013-11-12 09:43
تېخى ئۇ كىنونىڭ ئايال باش قەھرىمانىغا كەلمىدۇق، ۋىۋې ...

1939-يىلى قويۇلغان ‹‹ ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن›› فىلىمىدە ئايال باش قەھرىمان سىكارلېت.ئوخارا نىڭ رولىنى ۋىۋېن لېي ئالغان ئىكەن ھەم 1940- يىلىدىكى ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا ئەڭ نادىر ئايال باش رولچى بولۇپ باھالانغان ئىكەن.
http://movie.mtime.com/11234/#menu
داق يەر
ۋاقتى: 2013-11-12 23:49:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىقلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-12 23:51  

ھەي بۇرادەرلەر توربىتىمىزگە نەدىكى سەت ئىلانلار قىسىلىپ قاپتۇ، دىققەت قىلدىڭلارمىكىن

مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئىلانلىرىنى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:51 , Processed in 1.329400 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش