ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تەرجىمانلار چوقۇم كۆرۈڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2747 28
推荐 dilmurat ۋاقتى: 2012-12-13 19:01:45 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
    تۆۋەندە كوررېكتور دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئىملا توغرىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن، تەرجىمانلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ بۇندىن كېيىنكى فىلىملىرىدە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىملا تۈزۈتىۋەتكەندىن كېيىن تەھرىرلەرگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈرىمىز.
  1. http://kuai.xunlei.com/d/9GuLA2OGlKvJUAQA549
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. http://pan.baidu.com/share/link?shareid=142664&uk=1695141788
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
2. ئەگەر دېتال ئېچىلمىسا، تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈپ قاچىلايمىز.
  1. http://kuai.xunlei.com/d/9GuLA3KGoqzJUAQA993
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. http://pan.baidu.com/share/link?shareid=142665&uk=1695141788
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
3. كوررېكتورنى قوزغىتىپ ئېچىپ، بىز تەييار قىلىۋالغان خەتنى تۆۋندىكى بەلگىدە كۆرسىتىلگەن يەرنى چېكىپ ئاچىمىز.


ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن F6 كۇنۇپكىسىنى باسساق ئاپتوماتىك توغرىلاپ، گۇمانلىق سۆزلەرنى تېپىپ بېرىدۇ.


ئاندىن گۇمانلىق سۆزلەرنى كۆرۈش دېگەنى چېكىپ، ئۆزىمىز قول سېلىپ توغرىلايمىز. كوررېكتورنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدا يوق سۆزلەرنى گۇمانلىق سۆزلەر دەپ سىزگە ئەسكەرتىپ بېرىدۇ، ئەگەر بىز ئاشۇ گۇمانلىق سۆزىنىڭ %100 توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلالىساق، ئاشۇ گۇمانلىق سۆزنى قوش چېكىش ئارقىلىق سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇۋەتسەك بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى قېىم مۇشۇ سۆزگە ئۇچرىساق ئۇنى گۇمانلىق سۆزگە قوشمايدۇ، ئەگەر تەۋسىيە قىلىپ بەرگەن سۆزنى توغرا دەپ قارىساق، ئاشۇ تەۋسىيە سۆزنى قوش چېكىش ئارقىلىق گۇمانلىق سۆزگە بىۋاستە ئالماشتۇرۇۋەتسەك بولىدۇ، خاتا ئىملانى قولدا يېزىپ تۈزىتىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، گۇمانلىق سۆزلەر ئىچىدىن ئىككىلىنىپ قالغان ھەم ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەمەس بولغان يەنى كىشى ئىسىملىرى دېگەندەك سۆزلەرنى سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، قوشۇۋەتتىڭىزمۇ كېيىنكى قېتىملاردا شۇ خاتا سۆز خاتا پېتى قېلىۋېرىدۇ، ئاندىن قول بىلەن ئىملا تۈزەيدىغان ئەھۋالغا قالىسىز دېگەن گەپ. سۆزلۈك ئامبىرىڭىزدا توغرا سۆزلەر قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىزنىڭ ئەتىڭىز شۇنچە گۈزەل بولىدۇ.


4. ئامبار باشقۇرۇش، بۇ يەردە ئاساسلىقى بىزگە بەكرەك ئەسقاتىدىغان «بىرگە-بىر» ئامبىرىنى مىسال ئېلىپ سۆزلەيمىز.
    تۆۋەندىكى رەسمىدىكىدەك، كوررېكتورنى بېسىپ، ئامبار باشقۇرۇش دېگەن تۈرگە كىرىمىز.




باشقۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساق، تۆۋەندىكى كۆرۈنمە يۈزگە ئېرىشىمىز.




«بىرگە-بىر» ئامبىرىغا سۆزلۈك قوشۇش ئۇسۇلى مۇنداق:
                                                                  قەتئىي نەزەر#قەتئىينەزەر
ئالدىغا خاتاسىنى كەينىگە توغرىسىنى يازىمىز، ئوتتۇردىكى بولسا قۇدۇق بەلگىسى، يەنى Shift+3 كۇنۇپكىسى، بىر قۇرغا بىردىنلا يېزىلىدۇ. ئاندىن ساقلاپ، ئۈنۈملەش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش تامام، كېيىنكى قېتىم بۇ سۆز F6 نى بېسىشىمىز بىلەن تەڭلا ئاپتوماتىك توغرىلىنىدۇ.

    بۇ دېتال ھەممىگە قادىر ئەمەس، يەنىلا سىزنىڭ ئەستايدىللىقىڭىز بىلەن مۇكەممەل بولغۇسى.
   
    كوررېكتورلۇق، ئىملا تۈزىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن تىنىش بەلگىلىرىگىمۇ دىققەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا تەرجىمانلارغا دەپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى تىنىش بەلگىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش. تىنىش بەلگىلىرىنى چوقۇم سۆزنىڭ كەينىگىلا قويىشىمىز كېرەك. تنىش بەلگىلىرىدىن كېيىن بوشلۇق بار. مەسىلەن:
                 تاماق يەپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ كىرەيلى، بولامدۇ؟

    ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، چۈشەنمىگەن ۋە بايقىغان يېڭى مەسىلىلەر بولسا ئىنكاستا ئورتاقلىشايلى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار28

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
gitlr ۋاقتى: 2012-12-13 20:26:16 | ئايرىم كۆرۈش
يىقىندا بىر كىنۇنى تەرجىمە قىلغان. تەييار بۇلۇشقا ئاز قىلۋاتىدۇ شۇ ۋاقىتتا بىر سىناپ باقاي بۇ دىتالنى
يىكەنداز
svpvrga ۋاقتى: 2012-12-13 21:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئىزچىل مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ياخشى ئەسقېتىۋاتىدۇ.
گېلەم
سۈرخان ۋاقتى: 2012-12-13 23:20:25 | ئايرىم كۆرۈش
فەچەت ياساپ قويۇپسىز جۇمۇ،مۇنداقمۇ ھۈنەرلەر بار دەيلى

باھا سۆز

نېمىنى، تېمىنىما ؟ قولىڭىزدىكى فىلىمنى بىر سېلىۋېتىڭ ما كىرئالغۇغا ئەمىسە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-13 23:48
كىگىز
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2012-12-13 23:48:13 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-13 23:20
فەچەت ياساپ قويۇپسىز جۇمۇ،مۇنداقمۇ ھۈنەرلەر بار دەي ...

نېمىنى، تېمىنىما ؟ قولىڭىزدىكى فىلىمنى بىر سېلىۋېتىڭ ما كىرئالغۇغا ئەمىسە
ئورۇندۇق
mathteach ۋاقتى: 2012-12-14 05:25:26 | ئايرىم كۆرۈش
مەن uyghuredit نى ئىشلىتەتتىم. ماۋۇمۇ بولىدىكەن. ئەمدى «يالغان سۆزلىمەڭ» نىڭ 10- سىنى مۇشنىڭدا تەھرىرلەپ پات يېقىندا سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمەن.
داق يەر
ahsaxum ۋاقتى: 2012-12-14 05:26:23 | ئايرىم كۆرۈش
مەن راست گەپنى قىلسامما چۈشۈرەلمىدىم جۇما بۇ دىتالنى ! ۋاقتىڭلار يەتسە دىلمۇرات ۋاققىدە چ چ رىمغا تاشلاپ قويۇڭلار !
مىخ
mathteach ۋاقتى: 2012-12-14 05:28:34 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 05:26
مەن راست گەپنى قىلسامما چۈشۈرەلمىدىم جۇما بۇ دىتالنى !  ...

قارىغاندا مەندەك ئاۋۇ ئادىرېسنىڭ ئالدىدىكى 01 بىلەن بىللىلا ئېلىپ، شۈنلېيغا تاشلاپ بېرىپلا دە ھە!

باھا سۆز

ھاھاھاھاھا راست شۇنداق قىپتىمەن ، ماۋۇ كاللامنى قانداق قىلسام بولا ! رەھمەت جۇما !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-14 05:54
9#
ahsaxum ۋاقتى: 2012-12-14 05:54:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 05:55  
mathteach يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 05:28
قارىغاندا مەندەك ئاۋۇ ئادىرېسنىڭ ئالدىدىكى 01 بىلەن ب ...

   


ئۇنداقمۇ بولماپتۇ ! ئەمما شۇ چۈشمىدى !

باھا سۆز

مېنىڭكىدە راستىنلا ئامال يوقكەن ! چ چ رىمغىلا تاشلاپ قويۇڭە ! ھېچقانداق قىلىپ چۈشۈرەلمىدىم !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-15 04:16
بەيدۇنىڭكىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم، سىناپ بېقىڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-14 06:23
10#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2012-12-14 06:23:45 | ئايرىم كۆرۈش
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 05:54
ئۇنداقمۇ بولماپتۇ ! ئەمما شۇ چۈشمىدى !

بەيدۇنىڭكىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم، سىناپ بېقىڭ.
11#
كوكتاش ۋاقتى: 2012-12-14 08:57:27 | ئايرىم كۆرۈش
دىلمۇرات ئەپەندىم،  بۇ دىتالنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز ، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .بىر كىنو نى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم، مۇشۇنىڭدا بىر قېتىم توغرىلاپ ،ئاندىن ئەۋەتىپ بىرەي .

باھا سۆز

ھە بولىدۇ. تىنىش بەلگىلىرىگە قاراشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-14 09:07
12#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2012-12-14 09:07:34 | ئايرىم كۆرۈش
كوكتاش يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 08:57
دىلمۇرات ئەپەندىم،  بۇ دىتالنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز ...

ھە بولىدۇ. تىنىش بەلگىلىرىگە قاراشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.
13#
aral52 ۋاقتى: 2012-12-14 12:49:46 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق بىر دىتال بولسا ،  س ر ت  ھۆجىتىنى ئاچساق  ئېچىلغان چاغدا ئوڭ تەرپتە ئەسلى سىنارىيە  ۋاقىت ئوقى بىلەن  رەت نومۇرى بىلەن چىقىپ تۇرسا ، سول تەرپىگە  پەقەت تەرجىمىسىنى يازساق ..ساقلىغان چاغدا  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان  سىنارىيە ئەسلىدىكى ۋاقىت ئوقىىنى ئاپتۇماتىك تارتىپ .ۋاقىت ئوقى ھاسىل بولۇپ س رت شەكلىدە ساقلانسا،ساقلاشتىن  بۇتەرجىمى ئىۋۇ كوررىكتۇر مەجبۇرى بىر تەكشۇرۇش ئېلىپ بارسا...ئاندىن س رت ھالەتتە ساقلانسا..دىتالنىڭ ئۈستى تەرپىدە ئاشۇ فىلىم چىقىپ تۇرسا...فىلىم كۆرگەچ ياساپ كەتسەك....ئاندىن  بىر بۇلڭىغا ئۇيغۇر سوفىىت لوغىتى  چىقىرىپ قۇيۇلسا....بىلمىگەن خەتنى ئاشۇ رامكىغا چاپلىساق شالاققىدە چىقرىپ بەرسە...شۇندامۇ بۇلارمۇ؟

باھا سۆز

دېتال ياسىيالىغان بولسام، چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم. ئەپسۇس، قورساقتىكى ئۇماچنىڭ تايىنى يوق.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-14 15:45
14#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2012-12-14 15:45:13 | ئايرىم كۆرۈش
aral52 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 12:49
شۇنداق بىر دىتال بولسا ،  س ر ت  ھۆجىتىنى ئاچساق  ئېچىلغ ...

دېتال ياسىيالىغان بولسام، چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم. ئەپسۇس، قورساقتىكى ئۇماچنىڭ تايىنى يوق.

باھا سۆز

مىھراي ئوماچ ئېتەلمەمدىكەن؟ مىفەن ئاسان ھە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-14 19:21
15#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-12-14 19:21:10 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 15:45
دېتال ياسىيالىغان بولسام، چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم. ئەپ ...

مىھراي ئوماچ ئېتەلمەمدىكەن؟ مىفەن ئاسان ھە

باھا سۆز

ما ئىنكاسنى چۈشىنەلمەي، ئۆزۈمنىڭ ئىنكاسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كۈلدىم...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-12-15 10:18
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1