ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شىياۋلىن پۇتبۇلى ، سىز كۆرمىگەن نۇسقىسى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاكاش1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-30 00:38  



مۇنداق گەپ باللا ، بۈگۈن ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇراپ كۆرگۈدەك كىنو يوق كومىدىيلىك كىنو كۆرەي دەپ جۇۋشىڭچىنىڭ شاۋلىن پۇتبۇلى دىگەن

فىلىمىنى چۈشۈردۈم ( خەنزۇچە نۇسقىسىنى )  بەيدۇغا شۇنداق فىلىم ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ھەيران قالدىم ، چۈنكى بۇ فىلىم 2001 يىلى قويۇلغان

ھەم بەك ئىسىل چىققان فىلىم بولغاچقا كۆرمىگەنلەر ئاساسىي جەھەتتىن يوققۇ دەيمەن ... ئەمدى گەپنىڭ مىغىزلىق يىرىگە كەلدۇق

مەن بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى كۆرگەن بەلكىم كۆپىنچىڭلار ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى كۆرگەنغۇ دەيمەن ، لىكىن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بار

ئەسلى بۇ فىلىمگە تىلۋىزىيە ئاۋاز بەرگەن دەپ ئويلاپ كەلگەنتىم ئەمىليەتتە ھىس قىلدىمكى بۇ فىلىممۇ ھىلىقى سىتودىيە دىگەنلەر ئاۋاز

بەرگەن نۇسقىسىكەن يەنى بىز كۆرۈپ كەلگەن نۇسقىسىكەن ، نىمىشقا دىسەڭلار بىز كۆرگەن ئاۋازلىق نۇسقىسى ئەسلى نۇسقىسىدىن

خىلىلا كىسىۋىتىلگەن نۇسقىسىكەن ، يەنى ئەسلى نۇسقىسى 113 مىنۇت ھەر قايسى جايلاردا قويۇلغاندىكى ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى كىسىۋىتىلگەن


بۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئاۋاز بىرىلگەن نۇسقىسى خىلىلا كەمكەن 36 مىنۇت كەم دىگەن گەپ


يەنى بۇ جايلىرىغا قاراڭلار



بۇ قىز دەل باشتا موما پىشۇرىدىغان كىيىن ئەڭ ئاخىردا ۋارتادا تۇرۇپ بىرىقان جاۋۋىي شۇ ، يەنى جاۋۋىي فىلىمدىكى ئىسىمى ئامىي

چىرايلىق بولىمەن دەپ ھۆسۈن تۈزۈتۈپ جۇۋشىڭچىغا تەلەپ قويىدىكەن ....


بۇ يىرى ئامىينىڭ موما ساتىدىغان يىرىنىڭ ئالدىدا گۇمپىنى ئۇسۇلغا بىرلەشتۈرىمىز دەپ ئۇسۇل ئوينايدىغان يىرى

ئەمدى بۇ يەرلەرگە قاراڭ ، ئۈستىدىكى كەسمە رەسىملەر توردا بولغاچقا سۈزۈكراقىنى ئىشلىتەي دەپ شۇنى ئىشلەتكەن

ئەمدىكىسى فىلىمنىڭ ئۆزىدىن كىسىۋىلىنغان سۈرەتلەر ،،،



جۇۋشىڭچى پۇتبۇل مەشىق قىلغاندا دەسلىۋىدە تۇخۇمدا مەشىق قىلىدىكەن




ھىلىقى بۇدەك تۇخۇمنى تالىشىپ قىلغان قىلىقلىرى.......

دەسلىۋىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار بىز سەمىمىيلىك بىلەن مۇسابىقىلىشىمىز دەپ قوياپ كۈسىرىگە تىقىۋالغان كۇلۇچ

بولقىلار چۈشۈپ قالسا مەن دىگەن ئەسلىدە رىمۇنىتچى ، شۇڭا بۇنى ساقلايمەن دەپ تۈگەتكەن .


تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يىڭىلىپ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچراپ خەقنىڭ كۈسىرىنى بىشىغا كەيگەن ۋاقتى



ئامىيغا سوۋغا ئەپ بىرىمەن دىگەن يىرى بىلەن ئاستىدىكى ھۈسۈن تۈزىتىپ كەلگەن ئامىي شۇ ......................

ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك بۇ فىلىمنىڭ بىز كۆرمىگەن يەرلىرى ناھايتى كۆپكەن ( ئاتالمىش سىتودىيە پىتودىيە دىگەنلەرنىڭ ئىسىللىقىدىن )

شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ تولۇق بولغان  نۇسقىسى  تەرجىمە قىلىنسا قانداق بولا دىگەن ئۈمىددە ئۇشبۇ تىما يىزىلدى، ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا تىخى

قارشى ئالىمىز ، تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن بۇ فىلىمنىڭ ھەقىقىي سۈزۈك كۆكنۇر نۇسقىسىمۇ توردا باركەن ، شۇ نۇسقىسىغا كىرىشتۈرلىدۇ

قالغىنى مۇنبىرىمىزنىڭ دائىملىق قوللىغۇچىلىرى بولغان ئەزالار ھەم تەرجىمانلار كۆز قارىشىنى دەپ باقسا ، ئەگەر ئورۇنلۇق دەپ قارالسا

تەرجىمە دەرھال باشلىنىپ تىز سۈرەتتە ئىلان قىلىنىدۇ ، ئەگەر مەبلەغ سىلىنىپ ئۆز نامىدا ئىلان قىلىمىز دەيدىغانلار بولسىمۇ ياق دىيىلمەيدۇ

شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .........

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار14

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شۇنداق قىلىپ سىتودىيە بىزنى ھېساپتا مېنى ساپمۇساق 10 يىل مولتوشەي قىلدى دېگەن گەپما ‹ماۋۇ يەردە قاتتىق ئازاپلانغان چىراي ئىپادىسى بار دەپ تۇرايلى›  مەن نېمە دەپ تىللىشىمنى بىلەلمىدىم ماۋۇ گۇيلارنى ، ۋۇئۇئۇ ھەقلى پوققا چىلىشىپ كەتكەن گۇيلا. بۇنىڭدىن بەك تىللىۋەتسەم تەستىقلىماي قالمىسۇن ئىنكاسنى بولسا بىر تەرجىمە قىلىڭلا باللا ئونژىللىق ئەلەمنى قايتۇرۋاللى
يىكەنداز
بوران120 ۋاقتى: 2017-6-30 04:21:42 | ئايرىم كۆرۈش
    سىز ئىيىتقاندەك بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە كىسىۋىتىلگەن يەرلىرى بەك كۆپ .ئۇيغۇرچىسىدىلا ئەمەس خەنزۇچە يەنى ئۆز تىلىدا قويۇلغانلىرىدىمۇ كىسىۋىتىلگەن يەرلىرى بار . مىسالەن : ئامىينىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ھەممىسى بىللە ئۇسۇل ئوينىغاندىن باشقا(جاكسۇننىڭ ئۇسۇلىنى دوراپ ئوينايدۇ) يەنە يولدىكى ھەر خىل كەسىپتىكى ئادەملەرنىڭ يالغۇز ئۇسسۇل ئوينايدىغان يەرلىرىمۇ كىسىۋىتىلگەن . دەپ كەلسەم ،ئۆتكەندە جۋشىڭچىنىڭ ‹‹غەرىپكە ساياھەت›› فىلىمىنىڭ كىسىۋىتىلگەن يەرلىرىنى قوشۇپ قايتىدىن قويۇپتۇ دەپ ئاڭلاپ كۆرسەم يەنە بىر يەرلىرى چالا ، تولۇق ئەمەس .بولسا سىز دىگەندەك مۇشۇ ‹‹ شاۋلىن پۇتبولى ›› دىگەن فىلىمنى تولۇقى بىلەن بىر كۆرسەك. چۈنكى بۇ فىلىمنىڭ بىر كۆرگىچىلىكى بار .
گېلەم
مۇز52 ۋاقتى: 2017-6-30 10:15:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇرۇن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى كۈرۈپتىكەنمەن .  ياخشى فىلىم بىر كۈرۈشكە بولىدىغان .
كىگىز
خانتاجى ۋاقتى: 2017-6-30 10:32:07 | ئايرىم كۆرۈش
قوللايمىز ، قوللايمىز ! ئۇ چاغلاردىكى سىتۇدىيەلەرنىڭ خېلىلا سەۋىيىسى بار ئىدى. 2011 - 2012- يىللىرى تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن. بەرگەن ئاۋازلىرىمۇ شۇنداق چۈشەتتى. ئەمما نېمىسى نېمە بولدىكىن تاڭ كېيىن بۇ سىتۇدىيەلەرلەردىن سادامۇ يوق.
ئورۇندۇق
خانتاجى ۋاقتى: 2017-6-30 10:33:53 | ئايرىم كۆرۈش
قاراپ باقسام جوۋشىڭچىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان فىلىملىرىمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ فىلىملەرنى  بىر رەتلەپ چىققان بولساق.
داق يەر
يېكەن ۋاقتى: 2017-6-30 12:22:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئوغۇلبالىدەك گەپ بوپتۇ   ،بۇ كىنوغا مىنىڭچە ھەممە ئادەم بەك ئامراق  بۇلۇپمۇ مەن جۇشىڭچىنىڭ كىنوسىنى ئىزدەپ سوراپ كۆرىمەن   . بولسا بىر خەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ كەتكەن بولسا  بەك ياخشى بۇلاتتى    رەخمەت
مىخ
melody312 ۋاقتى: 2017-6-30 17:42:33 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ بۇلدىغان تەكلىپكەن،بۇ كىنو كونا كىنو بولسىمۇ ئەمما ئېسىل چىققان فىلىم،تۇلۇق نۇسىخىسنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمىز، تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشالمىساممۇ سىلەرگە مەدەت بېرىمەن
9#
abdusala ۋاقتى: 2017-6-30 20:52:45 | ئايرىم كۆرۈش
جۇۋشىڭچىنىڭ كىنولىرى بەكلا قىززىق بولسا كومىدىيەشاھى( 喜剧之王  )دىگەن كىنوسىنى تەرجىمە قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
10#
wx_Z4yyOy4b ۋاقتى: 2017-7-1 05:16:35 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئۆز تىلنى كۆرۈپلا قويغان تۈزۈك تەرجىمە قىلىمەن دىسەك فىلىم دىگەن نۇرغۇن. مەن بىر كىنونىڭ ئىسمىنى قالدۇراي ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار  يارىسا تەرجىمە قىلساڭلار بولدۇ.

破碎的奥运梦 ھېندىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىم.  مىنىڭچە ئاق بۈركۈت مۇشۇنىڭدەك فىلىملارغا مۇھتاج

بىۋاستە كۆرۈش ئادىرىسى :http://www.bilibili.com/video/av ... 8220939286688581588
11#
razzak ۋاقتى: 2017-7-1 10:35:01 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كىرىشتۈرگىنىدە بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇلۇق چىقىدۇ
12#
azizim ۋاقتى: 2017-7-1 11:15:08 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بەك ياقتۇرمەن جۇشىڭچىنىڭ كىنولىرىنى تەرجىمە قىلساڭلا كۆرۈشكە مەن تەييار.
13#
 ئىگىسى| ئاكاش1 ۋاقتى: 2017-7-1 23:04:32 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2017-7-1 10:35
مەن كىرىشتۈرگىنىدە بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇلۇق چىقىدۇ

ھەممە يىرىدە ئۇيغۇرچە ئاۋازى تولۇق بىرىلگەنما ؟
14#
 ئىگىسى| ئاكاش1 ۋاقتى: 2017-7-1 23:06:10 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز52 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-30 10:15
مەن بۇرۇن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى كۈرۈپتىكەنمەن .  ياخشى  ...

ئاشۇ سىز كۆرگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى يىرىم سائەت كىسىۋىتىلگەن نۇسقىسىغا ئاۋاز بەرگىنى شۇ ،،،، تولۇق كىسىۋىتىلمىگەن نۇسقىسىغا ئاۋاز بەرمەپتۇ شۇ
15#
saarhil ۋاقتى: 2017-7-2 14:32:20 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخى ئويلاپسىز بولسا مۇشۇنداق نادر فىلىملەرنى قايتا تۇلۇق بىر تەجىمە قىلىپ چىقىشىڭلارنى سۇرايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

5پىنتوزىلىرى

13تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1