ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

‹‹تۈن پالۋىنى›› تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
dilmurat ۋاقتى: 2016-2-26 10:52:26 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 19:10
تىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتسەم نىمىشقا ئۆزگەرمەيدۇ يا ھۇ ...

سىستېما مەسىلىسى.
17#
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-26 17:42:28 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 23:07  

ئۇيغۇر چەۋاندازنىڭ ھىممىتى بىلەن «تۈن پالۋىنى»نىڭ 4-قىسمىنىمۇ كۆرۈپ تۈگەتتۇق كىنونىڭ ۋەقەلىكى مىڭ بىر كىچىدىكى شەھرىزاتنىڭ ھىكايە ئېيتىش ئۇسلۇبى بويىچە بايان قىلىنغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟ بىر قىسىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا يېڭى بىر ۋەقە چىقىپلا تۈگەپ كىتىدىكەن كىيىنكى قىسمى چىققىچە ھېلىقى ئىش قانداق بولا؟ مەتىۋ قانداق قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئەسكىلەرنىڭ ئەدىپىنى قانداق بىرەركىن؟..دىگەندەك ئويلاردا بولۇپ كىنونىڭ كىيىنكى قىسمىنى تەقەززالىقتا ساقلايدىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەسەۋۋۇر قىلىدىكەنمىز.
ساقلىغاچ كۆرۈپ بولغان قىسىملىرى ھەققىدە ئۆزىچە مۇلاھىزە قىلىدىكەنمىز، مەن ھىس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي، باشقىلارمۇ سۆزلەپ باقسۇن شۇنداق قىلىپ تەسىراتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرغاچ تۇرايلى.

مەتىۋ(مەت موردۇك)بولسا ئاددى كىشىلەر ئىچىدىن چىققان ئالاھىدە قەھرىمان،ئۇنىڭ ئاددىلىقى بولسا ئۇ بۇرۇن بىرەر ئالاھىدە قىسىم،بىرەر جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتىمىگەن،بىرەر ئارقا تىرىكىمۇ،ئالاھىدە جەڭ قوراللىرىمۇ يوق.مىليونلىغان ئاددى كىشىلەر ئىچىدىكى بىرسى.ئۇنىڭ ئالاھىدە قەھرىمانلىقى بولسا ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشىق ئارقىلىق يىتىلدۈرگەن جانبازلىق ماھارىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسى ئارقىلىق جەمىيەتتىكى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ئادالەتنى ياقىلىغانلىقىمەتىۋ 9ياش ۋاقتىدا كوچىدا بىر ئادەمنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزى ماشىنىغا سوقۇلۇپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.

دادىسى جەك موردۇك بولسا بىر ئەكىن بوكسىيورچى بولۇپ مۇشلىشىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كىلىۋاتقان ئادەم،ئۇنىڭ ماھارىتى يۇقىرى بولسىمۇ مۇشلىشىشتا يېڭىش-يېڭىلىشنى خوجايىنى بەلگىلەيدۇ،جەك بۇنداق قىلىشنى پەقەت خالىمىسىمۇ ئامالسىز ئىدى.كىرىل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خوجايىننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي كىرىلنى يېڭىدۇ خوجايىن ئېغىر زىيان تارتىدۇ.جەك خېلى پۇلنى پايدا ئالىدۇ چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىشىگە ھەممە پۇلنى دوتىككەن ئىدى،بۇنىڭ خەتىرىنىمۇ بىلەتتى مەخسىتى پۇل تېپىپ بالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ئۆزىنىڭ زىرىكىشلىك تۇرمۇشىدىن قۇتۇلۇش ئىدى.خوجايىن جەكنى ئۆلتۈرىتىدۇ.مەتىۋ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ يىتىم بولۇپ قالىدۇ.جەك مۇشلاش مەيدانىدا بىر رەھىمسىز ئادەم بولسىمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە كۆيۈمچان،بالىسىنىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان،تەلەپچان ،قەيسەر ئادەم ئىدى.بالىسىنىڭ ئۆزى ماڭغان يولدا مىڭىپ قېلىشىنى خالىمايتى.ئۇنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىققۇسى بار ئىدى.

مەتىۋ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشى،دادىسىنىڭ ئۆلتۈرىلىشىدەك ئېغىر ئازاپلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزىدە ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغان،ئازاپنى،ۋەھىمىنى قوبۇل قىلالايدىغان قەيسەر ئىرادىنى،زوراۋانلىققا بولغان غەزەپ-نەپرەتنى يىتىلدۈرىدۇ.دادىسىنىڭ قاتتىق مەشىق قىلدۇرىشى،ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ جانبازلىق ماھارىتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىگەللەيدۇ،پۇراش سىزىمى،ئاڭلاش سىزىمىنىڭ يۇقۇرى بولىشى ئۇنىڭ جىسىملارنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئورنىنى، يۆتكىلىش يۆنىلىشىنى ئېنىق بىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.شۇنداق قىلىپ زوراۋانلىققا قارشى،ئادالەت،ئەركىنلىكنىڭ قوغدۇغۇچىسى «تۈن پالۋىنى»مەيدانغا كىلىدۇ.

مەتىۋ نىڭ پوپنى ئىزدەپ بېرىپ سۆزلەشكەن سۆزلىرىدىن بىز ئۇنىڭ ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن يامان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىشىنى جىنايەت ھىساپلىسىمۇ بۇ جىنايىتىگە تۆھۋە قىلمايدىغانلىقنى بىلىمىز بىز بۇنىڭدىن مەتىۋ نىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يىرگەنسىمۇ ھەقىقەتنى قوغداش ئۈچۈن يەنىلا ئادەم ئۆلتۈرۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.ئۇنىڭغا قايىللىقىمىز ئاشىدۇ،چۈنكى مەتىۋنىڭ قىلىۋاتقانلىرى توغرا بولسىمۇ قانۇن نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى يوق،ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشى قانۇنسىزلىق ، جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.بىراق بىزگە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ رەزىل كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئاچچىغىمىز چىققاندەك بولۇپ قالىمىز تېخى.

ئەمدى كىنونىڭ ۋەقەلىكىگە قاراپ باقايلى؛
1-قىسىمدا مەتىۋ بىلەن فۇگىي بىرلىشىپ بىر ئادۇۋكاتلىق ئورنى قۇرىدۇ.فۇگىي تۈز،سەمىمى قانۇن ئېڭى كۈچلۈك ،ھالال ياشاشنى،ئۆزكۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىغان،دوستىغا سادىق ئاددى ئادۇۋكات،ئۇ ساقچى دوستى بىرەتكە دىلو بولسا مەلۇم قىلىپ قويۇشنى تاپىلايدۇ.مەخسىدى ئادۇۋكاتلىك قىلىپ پۇل تېپىش،ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش،كەسپىنى روناق تاپقۇزۇش ئىدى.ئاخىرى دىلو يۈز بىرىدۇ،ئۇلار خەۋەر تېپىپ جىنايەتچىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كىلىدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى دىلوسى ئىدى بىراق جىنايەتچى كەرىن پىج ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ ھەمدە پۇلى يوقلۇقىنى شۇڭا ئۇلارنى ياللىيالمايدىغانلىقىنى دەيدۇ،مەتىۋ پۇل بەرمىسىمۇ ھەقسىز ئادۇۋكاتلىق قىلىدىغانلىقىنى دەپ پىج نى قايىل قىلىدۇ ۋە سۆھبەتلىشىدۇ.

ئەسلىدە پىج بىرلەشمە قۇرلۇش شىركىتىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە كاتىپ بولۇپ ئۆزى مەسئۇل بولغان ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلى ھىساۋىدا شىركەتنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇلنى قانۇنسىز يۆتكەپ ئىشلەتكىنىنى بىلىپ قالىدۇ،ئەھۋالنى باشلىقى مىكلىنتوك ئەپەندىگە دەيدۇ ئۇ بۇنىڭ بىر سىناق مودىلى ئىكەنلىكىنى دەپ گەپنى تۈگىتىدۇ بىراق پىج بۇنىڭغا ئىشەنمەي ئەھۋالنى قانۇن تارمىقىدىكى دەنيىل فىشىرغا دىمەكچى بولۇپ ئۇنى قاۋاق خانىغا تەكلىپ قىلىدۇ.

ئۇ ھاراق ئىچىش بىلەنلا مەس بولۇپ ھۇشىدىن كىتىدۇ.ئەسلىدە شىركەتتىكى قارا قوللار ئۇنى پايلاپ تۇرغان ھارىقىغا بىھۇش دورىسى سالغان بولۇپ ئۇلارنى پىج نىڭ ياتىقىغا ئېلىپ كىلىپ فىشىرنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن پىچاقنى پىجنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان.مەخسىتى پۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئىدى،پىج نىڭ ئادۇۋكات ياللىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ مەخپىيەتلىكمىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىلا ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ ساقچى فارنام غا تەھدىت سېلىپ ئۇنى سېتىۋالىدۇ فارنام پىجنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ،مەتىۋ پىج نى ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىپ قوغدايدۇ.

پىج ياتىقىغا بېرىپ يوشۇرۇپ قويغان بارماق دىسكىنى ئالماقچى بولغاندا ئالاھىدە خادىم رەنىس(بىلەشمە شىركەت ياللىغان) بارماق دىسكىنى تارتىۋىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ دەل مۇشۇ پەيىتتە تۈن پالۋىنى كىلىپ پىج نى قۇتقۇزىدۇ بارماق دىسكىنى ئېلىپ كىتىدۇ دىسكىدىكى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاخپارات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىۋىتىدۇ.پىج گۇناسىز دىيىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە ئادۇۋكاتلىق ئورنىدا كاتىپ بولىدۇ.بىرلەشمە بىناكارلىق شىركىتى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن فارنام،مىكلىنتۇك،رەنىس قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ دىلوغا چېتىشلىق تارماق شىركەتلەرنى يوق قىلىپ قانۇن تورىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.كىنونىڭ بېشىدا مەتىۋ روسىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قىزلارنى قۇتۇلدۇرىۋالغان ئىدى شۇ سەۋەپلىك روسىيەلىكلەر قارا گورۇھ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ ۋە مەتىۋنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلتاق قۇرىدۇ بۇنىڭدا بىر بالىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇنى يەمچۈك قىلىدۇ.

2- قىسمىدا مەتىۋ بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىپ يارىلىنىدۇ ئۆلگىلى تاس قالىدۇ ئۇنى شەھەرلىك دوختۇرخانىڭ سېستىراسى كېلىر قۇتقۇزىۋالىدۇ  ئۇ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان  بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.

3-قىسمىدا كەسپىي قاتىل جون ھېلىن دوزاخ ئاشخانىسىنىڭ ئەتراپىدا تەسىرى بار خوجايىن پورھەسكانى ئۆلتىرىۋىتىدۇ ۋە قولغا ئېلىنىدۇ بىرلەشمە شىركەتنىڭ ۋەكىلى ۋىسلى فۇگىي بىلەن مەتىۋنى ئىزدەپ كىلىپ ھېلىن ئۈچۈن ئادۇۋكات بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە خېلى كۆپ پۇل بىرىدۇ.مەخسىدى ئۇلارنى سېتىۋىلىپ بەزى ئىشلاردا پايدىلىنىش ئىدى.ئۇلار قوشۇلۇپ جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەيدۇ ھېلىننىڭ كەسپى قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلگەن فۇگىي ئۇنى ئاقلاشتىن باش تارتىدۇ بىراق مەتىۋ بىرلەشمە شىركەتكە چېتىشلىق بۇدىلودىن بىرەر يىپ ئۇچىغا ئىرىشىش مەخسىدىدە بۇ دىلونى داۋاملىق ئىشلىمەكچى بولىدۇ ۋە دوستى فۇگىينى قايىل قىلىدۇ.

ئەسلى بۇ دىلودا ئۆلتۈرۈلگۈچى پورھەسكا نىڭ بايلىقىنى يۇتىۋىلىش ئۈچۈن بىلەشمە شىركەت قاتىل ياللاپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەن زاستاتېل،ئادۇۋكاتلارنى سېتىۋىلىپ قاتىلنى گۇناسىز دەپ قويدۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئىدى.دەرۋەقە قاتىل گۇناسىز دەپ قويۇپ بىرىلىدۇ.كىتەي دەپ تۇرۇشىغا تۈن پالۋىنى كىلىپ قاتىلدىن كىم ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى سورايدۇ ئۇ ئاخىرىدا فىسىك دىگەن  ئىسىمنى ئېغىزىدىن چىقىرىدۇيۇ بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ بېشىنى تۆمۈرگە سانجىپ ئۆلىۋالىدۇ.بىز بۇنىڭدىن فىسىك دىگەن ئادەمنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق شەخس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.

4-قىسىمدا روسىيەلىكلەرنىڭ كاتىۋىشى ۋىلادىمىر بىلەن ئۇكىسى ئاناتولىي نىڭ سىبىرىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ  كەلگەن جىنايەتچىلەر بولۇپ قارا گورۇھ تەشكىللەپ، بىرلەشمە شىركەت گورۇھىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قىزلار ۋە بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ يىتىمىز،پۇرھەسكا ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قولىدىكى دوزاخ تاكسى شىركىتى روسىيەلىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلىدۇ.تاكسى شىركىتىنىڭ نامىنى ۋىلىس تاكسى شىركىتىگە ئۆزگەرتىدۇ.ۋەكىل ۋىلادىمىردىن مەتىۋنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.روسىيەلىكلەر مەتىۋگە ياردەم قىلغان سىستىرا كېلىرنى تۇتۇپ كىتىدۇ.تۈن پالۋىنىنىڭ ئىسمىنى سوراپ ئۇنى قىينايدۇ دەل شۇ پەيىتتە تۈن پالۋىنى كىلىپ كېلىرنى قۇتقۇزىۋالىدۇ.كېلىرگە ھەقىقى ئىسمىنى دەپ بىرىدۇ،يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالىدۇ.كېلىر ئۇنىڭغا ئىلھام بىرىدۇ.

پىج بىرلەشمە شىركەتكە بارىدۇ شىركەتتىكىلەر بۇ شىركەتنىڭ قايتا قۇرۇلغانلىقىنى، بۇرۇنقى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ يېڭى شىركەتكە ئىشقا چۈشسە بولىدىغانلىقىنى تېخى 5-6 ئايلىق مۇئاشىنى بىراقلا بىرىدىغانلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى شىركەتنى ئەيىپلەشتىن ۋازكىچىش توغرىسىدىكى توختامغا قول قويۇش كىرەكلىكىنى دەيدۇ،پىج قوشۇلماي قايتىپ كىلىپ فىلشىرنىڭ ئايالىنى ئىزدەيدۇ ئەھۋالنى دەيدۇ،بىراق فىشىرنىڭ ئايالى باللىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن شىركەتنىڭ توختامىغا قول قويغىنىنى شىركەتنى ئەيىپلەشتىن ۋاز كەچكىنىنى دەيدۇ.

پىج نائىلاج گىزىتخانا مۇخپىرى يورىك ئەپەندىنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى دەيدۇ بىراق يورىك ئۇنى بۇ ئىشتىن ۋازكىچىشكە ئۈندەيدۇ سەۋەبى ئۇ بۇرۇن ھەققانىيەتنى قوغدايمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققۇچىلارنىڭ زىيان تارىتقىنىنى بىلەتتى كىسەل ياتقان ئايالىمۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بىرسى ئىدى.ئۇ پىجنى بۇ ئىشتىن توسقىنى بىلەن ئۆزى مەخپى تەكشۈرۈشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن.چۈنكى بۇ ئىشتا ھىسياتقا تايىنىپ قاراملىق قىلىشقا،ئالدىراڭغۇلۇق قىلشقا بولمايدىغانلىقىنى رەقىبىنىڭ قۇۋ ھەم ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

فىسىك ئەپەندى بىرلەشمە شىركەتتىكى قاراھ گورۇھنى ئاستىرىتتىن كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ كۆپ ئىشلارغا ئۆزى ئارىلاشمايدۇ پەقەت ۋەكىل ۋىسلىلا ھەممە ئىشنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بىجىرىدۇ.فىسىك كونتۇرۇل قىلىۋاتقان قارا گورۇھلار گەرچە ئۇنىڭغا بوي سۇنسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا مەنپەئەت توقۇنىشى بار ئىدى، ئۇمۇ زىدىيەتنى ئامال بار تىنچ يول بىلەن ھەلقىلىشنى خالايتى بىراق ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئايال ۋەنەسا خېنىمنى چايغا تەكلىپ قىلىپ ئەمدى قولغا كەلتۈرەي دەپ قالغاندا ۋىلادىمىرنىڭ ئىنىسى كىلىپ ئۇنىڭ شىرىن خىيالىرىنى يوق قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدىكى مەنپەئەت-زىياننىمۇ ئۇنتۇپ ئۇنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋىتىدۇ.

ئەسلى ۋىلادىمىرنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ زىدىيەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى ئەكسىچە ئەمدى ئۇنىڭ ئۆلىشى قانلىق توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغان بولدى.ھېلىقى ۋەكىلنىڭ بىر ئادەم ئېچىنىشلىق ئۆلىۋاتسىمۇ ھىچنىمىنى كۆرمىگەندەك ھىسياتسىز بىر ھالەتتە ئولتۇرشى ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ،فىيسىكنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەندىكى ھالىتى بولسا سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ چۈنكى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كىيىن خىرويىن خۇمارى تۇتقان بەڭگى خىرويىن چەككەندىن كىيىن ھوزۇرلىنىپ ئەسلى ھالىتىگە قايىتقاندەك ھالەتتە كۆرىنىدۇ.

تۈن پالۋىنى ھازىرچە روسىيەلىكلەر بىلەن ئەلىشىۋاتىدۇ فىيسىك نى ئېنىقلاۋاتىدۇ.كىنودا يەنە زەھەرلىك چىكىملىك،پاھىشە خانا تىجارىتى قىلدىغان جوڭگۇلۇق ئايال،قۇرلۇشقا مەسئۇل ياپۇنىيەلىك ،پورھەسكا نىڭ بايلىقنى بۆلۈشۈشكە قاتناشقان ئامرىكىلىقمۇ بار تۈن پالۋىنى ئۇلار بىلەنمۇ ئېلىشامدۇ؟ھەققانىيەتنىڭ قوللۇغۇچىلىرى غەلىبە قىلالامدۇ؟فىيسىك ئەڭ چوڭ كاتىۋاشمۇ؟فىيسىك ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋەنەسا قانداق ئايال؟دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللار بىزنى ئويلاندۇرىدۇ،بۇلارنىڭ جاۋابىنى بىلگۈڭىز بولسا تۈن پالۋىنىنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىغا داۋاملىق دىققەتتە بولارسىزلەر.گەپ ئۇزىراپ كەتتى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.


باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ئۇزۇن ئىنكاسلارنى ئابزاس- ئابزاسقا بۆلۈپ يازسىڭىز، ھەربىر ئابزاسنىڭ چوڭلۇقى ئامال بار بەش قۇردىن ئېشىپ كەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-26 23:11
ياخشى: 5
ئېسىل تەسىرات بۇلۇپتۇ كۆزىتىش، تەپەككۇرلارغا تولىمۇ باي ئىكەنلا شاكىرئە...  ۋاقتى: 2016-2-26 20:08
قاتناشقانلار سانى 2دوللار +230 يىغىش سەۋەبى
rohqin + 200 يارايسىز
ئۇيغۇر چەۋەنداز + 30 ۋاھ ۋاھ ئېسىل

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +230

18#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-26 23:11:36 | ئايرىم كۆرۈش
شاكىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 17:42
ئۇيغۇر چەۋاندازنىڭ ھىممىتى بىلەن «تۈن پالۋىنى»نىڭ 4-قى ...

ئۇزۇن ئىنكاسلارنى  ئابزاس- ئابزاسقا بۆلۈپ يازسىڭىز، ھەربىر ئابزاسنىڭ چوڭلۇقى ئامال  بار بەش قۇردىن ئېشىپ كەتمىسە.
ئىككى ئابزاسنىڭ ئارلىقىغا بىر قۇر ئاق قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

ھەربىر ئابزاستا چىكىتتىن كىيىن باش قۇردىن باشلايسىز، چىكىت قويلۇپ قالسىلا كەينىگە ئۇلاپ يازسىڭىز بولمايدۇ.
جۈملىدە پەشتىن كىيىن بىر بوشلۇق قالدۇرلۇپ داۋاملاشتۇرسىز.

19#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-26 23:45:22 | ئايرىم كۆرۈش
بىر قىسىم مەسىلىلەر  ئاللا بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تەپەككۇر قېلىپى شەكىللىنىپ بولغان.
كىشىلەر ئۇنداق مەسلىگە يۇلۇقسىلا  قېلىپلىشىپ كەتكەن تەپەككۇرى بويچە ئويلايدۇ ۋە مەسىلىنى شۇ بويچە ھەل قىلىدۇ.
بىرسىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتسە  ھاسا تەياققا تاينىدۇ، مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى، ئالىدۇ جەمىيەتنىڭ  ئورتاق ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ ھەممەيلەننىڭ بىر چىشلەمدىن ھەققىگە تاينىپ جان ساقلايدۇ.
بىزگە نىسبەتەن بۇ نۇرمال ھادىسە  مانا بۇ بىزنىڭ كۆنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز.
مېيىپ كىشىنى كۆرسەك ئويلانمايلا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىمىز.
فىلىمدە بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنىڭ ئەكسىچە بايان قىلىدۇ، يەنى، مېيىپ بولغانلىقى سەۋەپلىق جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەي بەلكى جەمئىيەتكە ھېسداشلىق قىلىدۇ.
مەتنىڭ قەھرىمانلىق رىۋايىتىدە بارلىق قەھرىمانلارغا ئوخشىمايدىغان  بىر تەرپى بار. ئۇ بولسىمۇ،   بارچە قەھرىمانلار ئادەتتىكى ئادەملەردە بولمىغان بىر ئالاھىدىلىكى سەۋەپلىك قەھرىمانلىق قىلسا مەت بارلىق ئادەملەردە بولمىغان بىر ئاجىزلىققا تاينىپ قەھرىمانلىق قىلىدۇ.

ئاجىزلىق ئۇنى قەھرىمان قىلىدۇ.

موردۇك ئائىلىسىنىڭ روھىدىكى ئالۋاستى مەتنىڭ روھىدىمۇ بار.

ئەگەر ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققانىيەتنى ياقىلاشتىن بەكىرەك قەلبىدىكى ئاۋاستىنىڭ غالجىرلىقىنى قاندۇرۇش دىسەم قانچىڭلار قارشى چىقارسىلە ؟

فىلىمنىڭ بېشىدىكى پوپقا قىلغان گەپلىرىنى قايتا كۆرۈپ باقساڭلار ئۇنىڭ دادىسىغا، دادىسىنىڭ قەلبىدىكى ئالۋاستىغا چۇقۇنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ.

تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ كۆرلىقىنىڭ ئۆچىنى جەمىيەتتىن ئلېىۋاتىدۇ، دادىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تارتقان جاپاسىنىڭ ئاچچىقىنى ئېلىۋاتىدۇ.

بىر جەمىيەتتە قەھرىمان يارىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال قەھرىمانغا ئىش تېپىپ بىرىش كىرەك.  

بولمىسا چاقماق پالىۋاننىڭ بولقىسى بىلەن كۆمۈر چاقسا،  ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ قالقىنىنى كۈنلۈك قىلىپ يامغۇردىن دالدىلانسا، ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ كىيمى بىلەن توك سىمى ئوڭشىسا، يېشىل ئادەم بىلەن قۇرلۇش چاقسا، تۈمۈر پەلۋان بىلەن قۇشقاچ تۇتسا بۇلار ھەرگىزمۇ قەھرىمان بولالمايدۇ. شۇنداقلا مارۋىل بۇ ئوبرازلارنى باقالمايدۇ.

مەتنىڭ  كۆزنى خىجىل قىلىۋىتىدىغان قۇلىقى،  82 خىل مۇزىكا ئاۋازىدىن سىرت ھەرقانداق شاۋقۇن ئاۋازنى ئايرىيدىغان سەزگۈسى،  پاركورلاردىن ئېشىپ كېتىدىغان ھەركىتىگە لايىق دۈشمەن بولىشى كىرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنى، بالىلارنى ساتىدىغان قارا گوروھلارنى يارىتىپ بىزنىڭ تۇيغۇللىرىمىزنى مەتكە مەھكەم باغلىۋېتىپ، بۇ جەمىيەتتە مەت بولمىسا بولمايدىغاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قۇيۇپ ئاندىن ناھايتى ئاددىي، بىمەنە  ئىشلار بىلەنمۇ كىنونى داۋاملاشتۇرىدۇ.
بىزنىڭ ئىدىيەرىمىز يۇيلۇپ بولغاندىن كىيىن نىمىلا قىلسۇن بىز ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆرىمىز.

كىنوچىلارنىڭ ھەممىسىدىكى ئورتاق ھۆنەر، قەھرىماننى يارىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئەتىراپتىكى كىشىلەرنى ئەڭ كالۋا، ئەخمەق، ھاڭۋاقتى قىلىۋېتىدۇ. نۇرمال ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە كالۋا تەسۋىرلىۋىتىدۇ.
فىلىمدىمۇ كۈزى ئۇچۇق نوچىلار قورال بىلەن ئوقنى نەق ئاتالمايدۇيۇ، قەھرىمانىمىز كۆرمەس تۇرۇپ كالتەك، تۆمۈرلەرنى نەق تەككۈزىدۇ.



rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 23:45
بىر قىسىم مەسىلىلەر  ئاللا بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تەپ ...

ھى ھى ھى روھچىن ئەپەندى ئەمما سىلىگە قاتتىق، ئېغىر قول قويدۇم فىلىمدە ئۆزۈممۇ ھېس قىلمىغان تۇيغۇلارنى فىلىم ئارقا كۆرىنىشىنىڭ ماھىيتىنى تېپىۋاپتىلا، تەپەككۇرلىرى ھەقىقەتەن بەك مول ئىكەن
فىلىمنى سىلىدەك مول تەپەككۇر بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆرسە نىمە دىگەن ھۇزۇر ھە، كىنونى سىلە كۆرسىلە بولىدىكەن ئەسلى
راس گەپنى قىلسام بۇ تەسىرات تېمىسى يىزىلغىنىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم
21#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-27 16:36:55 | ئايرىم كۆرۈش
فلىمدە ئەڭ قىيىن مەسىلە خاراكتىر يارىتىش، ئاۋۋال سىنارست ھەرخىل مىجەزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر خاراكتىر يارتىدۇ. ياراتقان خاراكتىر رىژىسسورنىڭ قۇلىدا ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ،  ئاكتىيورنىڭ قۇلىدا ۋايىغا يىتىدۇ.
خاراكتىردىكى مىجەزلەرنىڭ  بارلىققا كىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئارقا كۆرنۈشلەرنى قىستۇرما شەكىلدە بايان قىلىپ مەتنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.

مەتنىڭ ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن توختىماي ئادەم ئۆلتۈرىشى ئۇنىڭغا ياخشى ئادەم دەپ باھا بىرىشكە يول قويمايدۇ.
  جاھاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. مەت بىر ئادەمنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن 10 ئادەمنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى قۇتقۇزغان ئادىمىدىن نەچچە ھەسسە جېق. ئەمما، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىنى مەتكە ئوخشاشلا قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش بومبىسىغا  ھەقىقەتنى قوغداش، بۇ شەھەرنى گۈزەل قىلىشتىن ئىبارەت ھاققانىيەت ھەسەلى سۈرۈتۈپ بىزگە يىگۈزىۋەتكەن.

ئادەم ئۆلتۈرۈشكە پەرۋا قىلماسلىق، ئۆلتۈرۈرپ بۇلۇپ تۆۋە قىلماسلىق  بۇ ھەرگىزمۇ  ياخشى ئادەمنىڭ پەزىلىتى ئەمەس.  تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى مايكولنى ئەسلەپ باقساق   مەت بىلەن مايكولنىڭ ئوتتۇردىكى پەرىقنى رۇشەن كۆرۋالالايمىز.

مەتتىكى بۇ خاراكتىر نەدىن كەلگەن ؟
مەتنىڭ ئارقا كۆرنىشىدىن بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرى  ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتتا باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆزىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەممىسى دادىسىنىڭ تەياق يىيىشى، جاراھەت تېڭىشى، ئۇرۇش، قان، ئۆلۈم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچىرىشىپ كەلگەن، بۇ تارىخ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئالۋاستىنى يىتىلدۈرگەن.

ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ھەقىقەتنى قوغدىغۇچى سالاھىيتى بىلەن بولغان  چۈنكى ئۇ كىچىكىدە ھەقىقەتەن ئاق كۈڭۈل بالا ئىدى. كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشمۇ ئاق كۈڭۈللىكىدىن، ئەتىراپىدىكىلەرنى قوغداش ئۈچۈن بولغان ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن مەتتە ھەقىقەتنى قوغدايدىغان ئاق كۈڭۈللۈك، ئالۋاستىنى ئىشقا سالىدىغان رەزىللىك شەكىللىنىپ قالغان.

بۇ ۋەقەدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بۇلىدۇكى ئائىلىدە باللىرىڭىزنى ياخشى ئادەم بولسۇن دىسىڭىز بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا ئلاۋاستىنى تىكىپ قويماڭ.  بالىڭىزنى قانداق ئادەم بۇلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز بالىنى شۇ نەرسە، ئىش بىلەن كۆپ ئۇچىراشتۇرۇڭ، بالىڭىزنى قانداق ئادەم بولىشىنى خالىمىسىڭىز شۇ نەرسىنى ئائىلىدىن، بالىنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراق قىلىڭ.

مەتنىڭ دادىسىدەك كۈندە ئۇرۇشۇپ قاش-قاپاقنى يېرىپ كىرىۋەرسىڭىز  بالىڭىز كەلگۈسىدە قورساقنى يارىدىغان ئادەم بولىدۇ.
ئائىلىدە بالىغا نەسىھەت قىلىش ھاجەتسىز، ئائىلىڭىزدە نىمە بولسا بالىڭىز شۇ بولىدۇ. سىز بالىغا نىمە قىلىپ كۆرسەتسىزڭىز بالىڭىز شۇنى قىلىپ چوڭ بۇلىدۇ.



rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 16:36
فلىمدە ئەڭ قىيىن مەسىلە خاراكتىر يارىتىش، ئاۋۋال سىنا ...

ئۇنىڭ پەقەت ئون ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك ئىشىلا تىلغا ئېلىنىدۇ، يەنە كىلىپ فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغىچە بىرە ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئەمەس، بارغانسىرى بۇ قەھىرماننى قاتىلدەك تەسۋىرلىگىلى تۇرلىغۇ

باھا سۆز

ئەندىشە قىلماڭ مەن سىزنىڭ كاللىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىمەن. گەرچە پاك-پاكىزە يۇيۋەتكەن بولسىمۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-27 21:24
23#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-27 20:54:30 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىرات دېگەن يېغىپ كېتىپتىغۇ يارايسىلەر يىگىتلەر!!!

باھا سۆز

سىلىمۇ يازسىلا سىلىنىڭ تەسىراتلرىنىمۇ نۇپۇسقا ئالىمىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-27 21:25
24#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-27 21:24:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 18:12
ئۇنىڭ پەقەت ئون ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك ئىشىلا تىلغا ئېلى ...

ئەندىشە قىلماڭ  مەن سىزنىڭ كاللىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىمەن. گەرچە پاك-پاكىزە يۇيۋەتكەن بولسىمۇ
25#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-27 21:25:01 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 20:54
تەسىرات دېگەن يېغىپ كېتىپتىغۇ يارايسىلەر يىگىتلەر!!!

سىلىمۇ يازسىلا سىلىنىڭ تەسىراتلرىنىمۇ نۇپۇسقا ئالىمىز
26#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-27 21:28:23 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 21:25
سىلىمۇ يازسىلا سىلىنىڭ تەسىراتلرىنىمۇ نۇپۇسقا ئالىم ...

مەنمۇ ئالدىرماي كېلىمەن.
27#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-28 19:05:32 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىراتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ...

ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ يېنىغا بىر كىشى كىلىپ داي ئېتىپتۇ:
ئوغلۇم قۇلىقىمدىن تۇتۇپ بېشىمغا كالتەك بىلەن ئۇردى
ئوغلۇڭ نىمە ئىش قىلاتتى؟
ئوغلۇم بىدىك ئىدى ئېشەك سودىسى قىلاتتى،
بەلەن بولاپتۇ، ئىشەكنىڭ بېشىنى تۇتۇشنى ئۈگۈتۈپتىكەنسەن سىنىڭ بېشىڭنى تۇتۇپتۇ، ئىشەكنى كالتەكلەشنى ئۈگۈتۈپتىكەنسەن سىنى كالتەكلەپتۇ،  ناۋادا ئېلەم-ھىكمەت ئۈگەتكەن بولساڭ كىتاپ ئۇقۇپ بىرەتتى.


مەت ئاق تەنلىك،  ھازىر ھالىدىن خەۋەر ئلېۋاتقان كېللىر ئارغۇن( يا ئاق تەنلىك ئەمەس ياكى قارا تەنلىك ئەمەسلەرنى ئارغۇن دەمدۇق؟)  ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىش نىشانى بىلەن ئكىكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېسيات پەيدا بولدى، گەرچە دەرھال ئىككىسى ئىتىراپ قىلمىسىمۇ  ئۇلارنىڭ تىنىقلىرى، ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت تۇيغۇسىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.  بىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىدىغىنىمىز بۇ مەسىلە ئەمەس.
ئېرقى پەرىق يۇقىتىلىپ ئاق تەنلكىك قارا تەنلىك باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشكىلى 100 يىل بولاي دىدى. لېكىن، پۈتۈن دۇنيادا تېخى ئېرقى پەرىقى تۇلۇق يۇقىغىنى يوق. كىنولا بولسا بىر قەھرىماننىڭ يېنىدا بىر خانقىز بولىدۇ. ئەمما،  ھېچقانداق فىلىمدە بۇنداق بىر جۈپلەرگە ئاق تەنلىك بىلەن قارا تەنلىكنى بىر جۇپ قىلىپ ئىشلەتمىدى( ئىشلەتكەن يەرمۇ بار بەك ئاز، ئاز نەرسە يوقنىڭ ھۆكۈمىدە دەپ يوقلا دەۋەتتىم) بۇنداق ئائىلە، مۇھەببەت جەھەتلەردىن ئاق-قارا باراۋەر  ھالىتىگە ئۆتەلمىدى.  بۇ نۇقۇل توي مەسىلىسىلا بولماستىن تۇغۇلغان بالا ئاق تۇغۇلسىمۇ، قارا تۇغۇلسىمۇ مەسىلە چىقىدۇ. چۈنكى، ئككىلا تەرەپ ئۆز ئېرىقىنى قوغدايدۇ.

مەت ئاق تەنلىك، كېللىر ئارغۇن( خاتا ئاتاپ قويغان بولسام ئەسكەرتىپ قويساڭلار ئۆزگەرتىپ قويىمەن) مەتكە ئېرقى ئوخشاش بولمىغان بىر ئايالنى تاللاشتا مەتنىڭ قارغۇلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟  
يېشىل ئوقيا فىلىمىدىكى باش قەھرىمانىمىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆگەي ئاتىسىنىڭ ئېرىقىمۇ پەرىق قىلىدۇ.
ھۇللىيۋودنىڭ ھەربىر فىلىمىدە بىر ئىدىيەنى يۇغۇرماي قالمايدۇ، نىكاھ قورغانىغا كىرگۈزۈپ قويماي ياشاشتىن ئىبارەت جىنسەت ئەركىنلىك ئىدىيەسىنى بارلىق كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئاساسەن مەقسىدىكە يىتىپ بولدى.
كىيىنكى نىشانى ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ھەمجىنىسلىقنى ئوخشاشلا پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ،  بۇخىل ئىدىيە تەشۋىقاتى  بۇلۇت ئاتلىسى فىلىمى بىلەن سىپارتاك قان ۋە قۇم تىياتىرىدا ناھايتى كۆرىنەرلىك بولدى، بۇلۇپمۇ سىپارتاكنىڭ ئۈچۈنچى بۈلۈمىدە ھەمجىنىسلىقنىڭ ئالدىدا  ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى يوقلا قىلىۋەتتى.

مەزكۇر فىلىمدىكى مەتنىڭ يېنىدىكى ئايالنىڭ ئېرىقىنى تاللىشىغا قارىغاندا پۇرسەت بولسىلا ئېرىق پەرقىنى ئۈزۈل كىسىل يۇقىتىپ ئ‍وخشىمىغان ئېرىقتىكىلەرنى مۇھەببەت، تۇرمۇش، نىكاھقىچە باشلاپ كىرىش ئ‍ۈچۈن يۇمشاق ئشپىىرىس بىلەن ئۇكۇل ئۇرىۋاتىدۇ.

مەتنىڭ ھەمراھىنىڭ ئاغۇن بولىشى بەرىبىر مەتنىڭ كۆزى كۆرمىگەندىكىن تىرىسى بىلەن نىمە كارى دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك.





باھا سۆز

قەتئىي قوللايمەن...شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى دېگەن شۇ...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-28 23:51
28#
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-28 23:25:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئارغۇن دەپ ئالغىنىڭىزمۇ توغرا،ئىككى ئىرىقنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەنلەرنى ئارىيان،ئارغۇن دەپ ئاتايدىكەن.
مەتنىڭ كېللرنى ياقتۇرۇپ قېلىشى(داۋاملىق ياخشى كۆرسە)ئۇنىڭ ئىرقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ،بۇ بىر تىلدا سۆزلىگەنلەر ئەمەس،بىردىلدا سۆزلىگەنلەر دوس بولالايدۇ،دىگەن ھىكمەتلىك سۆزنىڭ ئەملىيىتى.
ئەمدى ئامرىكىلىقلارغا كەلسەك ئوخشاش جىنىسلىقلار توي قىلىۋاتقان يەردە،ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ رەڭگىنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇش بىھاجەتمىكىن دەيمە.

باھا سۆز

مەسىلە سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-29 00:07
29#
ئاققىر ۋاقتى: 2016-2-28 23:51:05 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 19:05
تەسىراتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ...

ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ يې ...

قەتئىي قوللايمەن...شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى دېگەن شۇ...
30#
شاكىر ۋاقتى: 2016-2-28 23:57:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئامرىكا كىنولىرىغا سىڭدۈرۈلگەن جىنسى ئەركىنلىك ئىددىيىسى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئەخلاق قارىشى بىلەن دىنى ئىتىقات قارىشىنىڭ سۇسلىشىپ راھەت پەرەسلىك ئىددىيىسىگە قۇل بولۇپ قېلىشنىڭ نەتىجىسى بولسا كىرەك،ئامرىكىدىكى ھەممە ئادەمنى جىنسى ئەركىنلىكنى قوللايدۇ دىسەكمۇ توغرا بولمايدۇ،
بىز بۇنداق ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن كىنولارغا قارىتا ئىبرەت ئېلىش پوزتسىيەدىسە كۆرسەك بولىدۇ.ئۇنداق بولماي بىزدىمۇ ئۇخىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا يىرگىنىش ئەمەس ھەۋەس قىلىش ھىسياتى پەيدا بولىدىكەن بۇ كىنودىكى ئەمەس بەلكى قەلبىمىزدىكى ئىتىقادىمىزدىكى مەسىلە بولىدۇ.كۆرمىگەن،ئاڭلىمىغان يامان ئىشلاردىن ھەممە ئادەم ساقلىنالايدۇ،كۆرگەن،ئاڭلىغان،كۆزئالدىمىزدا يۈزبىرىش ئىھتىمالى مەۋجۇت بولغان يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش  ئىتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كىلدۇ ئەلۋەتتە،

باھا سۆز

ھۇللىيۋودنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يىرى ئاڭغا ھۇجۇم قىلىش، سىزدەدەل ئاشۇ كۆرنۈشلەردىن يىرگىنىچ پۇزۇتسىيەسى پەيدا قى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-29 00:24
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


3ئەگەشكىنى

2پىنتوزىلىرى

21تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1