فىلىم خېتىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئالىم بىلەن باقى تالىشىپ قالدى.
ئالىم دەيدۇ: فىلىم خېتى ئېكران ئاستىدا بولۇشى كېرەك..
چۈنكى بۇنداق بولغاندا كىرىشتۈرۈلگەن فىلىم كۆركەم، سۈپەتلىك چىقىدۇ. فىلىم خېتى ئوتتۇرىدا بولسا بەزىدە سۈرەتلەرنى توسىۋالسا، بەزىدە موللام قەپ بېلىدىن دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا فىلىم خېتى ئېكران ئاستىدا بولۇش كېرەك دەيدۇ.
باقى دەيدۇ: بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلالمايمەن. فىلىم خېتى سۈرەت ئۈستىدە بولۇشى كېرەك.
دېگىنىڭىزدەك فىلىم خېتى ئېكران ئاستىدا بولسا فىلىم كۆركەم چىقىدۇ. ئەمما ئاۋازلىق كىنولارنى كۆز كۆرىدۇ، قۇلاق ئاڭلايدۇ. خەتلىك كىنولاردا بولسا قۇلاق ئەسلى تىلنى ئاڭلايدۇ، ئەمما كۆز ھەم سۈرەتنى كۆرىدۇ ھەم خەتنى ئوقۇيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا كۆز ئىككى ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ. خەت ئېكران ئاستىدا بولسا كۆزنى بىردەم ئاستىغا، بىردەم ئۈستىگە يۆتكەش ياكى ئىككى خىل ھەركەتنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم كۆزى تالىدۇ. ھەم سۈرەتلەرنى ئاجىرتىپ كۆرەلمەي قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىتتىك چاچايدۇ. (كۆنۈپ كەتكەن بولسا تاڭ، شۇنداقتىمۇ سالامەتلىك ئەڭ مۇھىم) خەت سۈرەت ئۈستىدە بولسا (ياكى قانچىكى ئوتتۇرىغا يېقىنلاشسا) ھەم خەت ئوقۇش بىلەن بىللە بىرئاز بولسىمۇ سۈرەتنىمۇ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ-دە كۆز ئانچە بەك تېلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا خەت سۈرەت ئۈستىدە بولغىنى تۈزۈك.
مېنىڭچە ھەر ئىككەيلەننىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئاساسى بار. سىزنىڭچىچۇ....سىز قايسى پىكىرنى قوللايسىز..
|