Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 3088|ئىنكاس: 27
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۆرە جىلغىسى 2

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 19:17  

فىلىم ئىسمى: بۆرە جىلغىسى 2
خەنسۇچە ئىسمى: 狼溪2
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Wolf Creek 2
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2013-يىلى
دۆلىتى: ئاۋىستىرايلىيە
تۈرى: قورقۇنچلۇق
تىلى: ئېنگىلىز تىلى
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلىقى 1 سائەت 38 مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى: 2013-يىلى 8-ئايدا ئىتالىيىدە تۇنجى قويۇلغان.
رېژىسسور : 克瑞格·麦克林恩
ئاساسلىق روللاردا: John Jarratt, Ryan Corr, Shannon Ashlyn
فىلىم ھەققىدە باھا:  رېژىسسور Greg McLean كۆرۈرمەنلەرنىڭ پىسخىكىسىنى چىڭ تۇتۇپ كىنونىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنى ئادەتتىكىچە ۋە ساياھەت كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىغان. بۇ بۆلىكى ئادەمگە ناھايتتى مەززىسىز تۇيىلىدۇ. بىراق مىك پەيدا بولغاندىن كېيىن كىنو جىددىي كەيپىياتقا قاراپ ماڭىدۇ. كىنودىكى خۇددى دوزاخقا ئوخشايدىغان جىلغىدىكى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئىشلار  ئىلگىرى يالغۇز ساياھەتكەن چىقىپ باققان كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچلارنى سالىدۇ.
كىنونىڭ رېژىسسورى مۇنداق دېگەن "مەن مىكنىڭ قاباھەتلىك، غالجىرانە ئىشنى يەنە  قانداق داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققۇم بار، باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قاراشتىمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. چۈنكى كىنونىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە ۋەقەلىك ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ يۇقۇرى پەللە ياراتقان بولسا، كېيىنكى بۆلىكىدىكى قورقۇنچلۇق ئىشلارغا كۆرۈرمەنلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كىنونىڭ يەر شارى بويىچە قويۇش چەكلەنگەنلىكى كىشىنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ"
مېنىڭ ئەسلىدىن كىنونى كۆرمەي تۇرۇپ تەرجىمە قىلىدىغان ئادىتىم بار. كىنونىڭ مەزمۇنىنى سەلپەل كۆرىۋېلىپلا دېتىمغا ياقسا تەرجىمىگە تۇتۇش قىلىمەن. بۇ كىنونىمۇ تەرجىمە قىلىپ، باشتا ئادەتتىكىدەك ساياھەت كىنوسى دەپ بىلدىم. بارا بارا قورقۇنچلۇق ئىشلار پەيدا بولۇشى مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ تەرجىمىنى تۈگەتتىم. كېيىن دېلمۇرات قويمايلى، كىنودا ھېچقانداق مەزمۇن ياكى ئىددىيە يوق ئىكەن دېگەن پىكىرنى بەرگەندىن كېيىن كومپىيۇتېرىمدا تۇرىۋەرگەن ئىدى. قارىسام ھازىر ۋاقتى ئوخشايدۇ . شۇڭا كۆپچىلىككە سۇندۇم. بەلكىم سىزمۇ باشتا قىزىقىپ كۆرۈشىڭىز مۈمكىن، ئەمما كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن پېقىرنى تىللىماي ئىچىڭلەردە بىلىپ شۇ ھامان يۇيىۋەتكەيسىلەر...
كىنونى بالىلار، ئاياللار ۋە كېسىلى بارلار بىلەن بىللە كۆرمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن....

كىنو چاقماققا يوللاندى
چاقماقتىن چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈش بېتىگەكىرىش
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2015-1-4 08:26:05 | ئايرىم كۆرۈش
يارايسىز بۇرادەر .... نادىر فىلىملىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-1-4 08:51:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقىركا سىزتەرجىمە قىلغان كىنوما بۇ  ھەجەپ تۇيۇقسىز غۇ  ئۇنىڭ ئۈستىگە دوللارلىقكەن  ئاۋۇ كىنودىكى ياۋۇز قېرى دەسلەپتە ساقچىلاغا ھىجىيىپ كۈلۈپ قويغىنى بىلەن كىيىن ساقچىلانى ئىشتىنىغا سىيدۈرۋېتىدۇ دېسە   ھەقىقەتەن بەلەن كىنو  ھەراس  ئاققىركا  بۇيىل قايسى كىنولارنى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز
گېلەم
ۋاقتى: 2015-1-4 11:13:51 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز ، لىكىن 5 دوللاردىن ئەرزان ساتقۇچە يىڭى يىللىق سوۋغا قىلغان بولسىڭىز تىخىمۇ خۇشال بۇلار ئىدۇق
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-4 12:50:13 | ئايرىم كۆرۈش
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 11:13
رەھمەت ئۇستاز ، لىكىن 5 دوللاردىن ئەرزان ساتقۇچە يىڭى ي ...

خوپ،  سېتىۋالغان توققۇزەيلەننىڭ پۇلى قايتۇرلىدۇ...
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-1-4 13:47:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 12:50
خوپ،  سېتىۋالغان توققۇزەيلەننىڭ پۇلى قايتۇرلىدۇ...

يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن




مىنىڭ 5 دوللىرىمنى قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
داق يەر
ۋاقتى: 2015-1-4 13:53:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا رەھمەت سىزگە دوللارلىق بوپ قالغان بولسا ئەرزان بوپ كەتسىمۇ مەن كورەممەيدىكەنمەن
مىخ
ۋاقتى: 2015-1-4 16:52:45 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا ل ې ت ۋ غا يوللىغان بوسىڭىز يىڭى فىلىملەنى来自: Android客户端
9#
ۋاقتى: 2015-1-4 20:28:10 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 13:53
ئاققىركا رەھمەت سىزگە دوللارلىق بوپ قالغان بولسا ئەرز ...

19 بېلەتنى 190 دوللارغا تېگىشلىكى بولىدۇ
10#
ۋاقتى: 2015-1-5 00:45:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋستىرالىيە دېگەن دۆلەتكە ئىللا بىللا ساياھەتكە چىقمايمەن........
11#
ۋاقتى: 2015-1-5 00:54:43 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ كىنونىڭ ئاخىرى بارمۇ نىمە؟ رەسمىي نوچى يەرلىرىگە كەلگەندە تۈگىدى دېسە!،ئەمدى بىر قىزىقىپ كۆرۈۋاتقاندا
12#
ۋاقتى: 2015-1-5 11:41:29 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئاقىركا مەنمۇ كۈرەي .،.،،
13#
ۋاقتى: 2015-1-5 14:02:09 | ئايرىم كۆرۈش
1 بۆلىمى يوقما
14#
ۋاقتى: 2015-1-5 15:10:09 | ئايرىم كۆرۈش
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 00:45
ئاۋستىرالىيە دېگەن دۆلەتكە ئىللا بىللا ساياھەتكە چىقم ...

دەھشەت بالىدە سىز
15#
ۋاقتى: 2015-1-5 17:40:07 | ئايرىم كۆرۈش
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 00:45
ئاۋستىرالىيە دېگەن دۆلەتكە ئىللا بىللا ساياھەتكە چىقم ...

ئاۋىستىرالىيەگە بارماسللىققا مەنمۇ قۇشۇلدۇم ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 04:30 , Processed in 1.363130 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش