ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

بېكىتىمىزدە يەنە تەھرىرلەر بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1470 37
dilmurat ۋاقتى: 2013-11-11 14:02:58 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  ھازىر فىلىم تەھرىرلەپ كىرىشتۈرىدىغانلاردىن ئاققىركام بىلەن Ablazewolf باركەن، يەنە مۇشۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىن چىقىپ باقاي دېگۈچىلەر بولسا ئۆزۈڭلارنى بىر مەلۇم قىلىۋاتساڭلار ساۋاقداشلىرىم...

  مەن ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي، يۇقارقى ئىككەيلەنگە يەنە arkan2010 بىلەن شەمسى قوشۇلسا بۇ تۆتەيلەن تەرجىمانلارنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىپ، تۆت گۇرۇپپا رىقابەت ئاساسىدا تەرجىمە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارسا، ھەر يېرىم يىلدا گۇرۇپپىلارنىڭ ئەمگەك خۇلاسىسىگە قاراپ، بىرىنچى بولغان گۇرۇپپىغا ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن باشقا بېكىتىمىز يەنە مۇكاپات تەسىس قىلسا... ئەلۋەتتە بۇ يەردە باش بولۇپ ئېلىپ ماڭىدىغانلار قانچە جىق بولسا گۇرۇپپا سانىمۇ شۇنىڭغا ماس كۆپىيىپ ماڭىدۇ، چوقۇم مانچە گۇرۇپپا بولسۇن دەيدىغان ئىش يوق، يەنە ناۋادا ئادەم چىقماي، ئاققىركام بىلەن Ablazewolf لا قالىدىغان ئىش بولسا، بۇلارغا پېقىرمۇ قوشۇلۇپ جەمئىي ئۈچ گۇرۇپپا بولىمىز، ئاندىن بېكىتىمىزدىكى تەرجىمانلار ئۆزلىرى خالاپ ياكى ئۆزىمىز تاللاپ توختاملىشىپ تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى گۇرۇپپا بىرلىكىدە ئېلىپ بارىمىز، گۇرۇپپىلارنىڭ ۋە تەرجىمانلارنىڭ نەتىجىسى ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ مېڭىپ، يېرىل يىل بولغاندا چىمپيون بېكىتلىپ مۇۋاپىق ھالدا بېكىتىمىزنىڭ تەمىناتىغا ئىگەن بولىدۇ.

  
  كونكېرت قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
  (ھازىرچە باش بولۇپ گۇرۇپپا قۇرىدىغانلار ئېنىق بولمىغاچقا تۆۋەندىكى مىسالدا ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە ئېلىنپ تەرجىمانلار خالىغانچە چېچىلدى، ئەلۋەتتە تەرجىمانلارنىڭ گۇرۇپپىلارنى تاللاش ھوقۇقى ۋە گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ تەرجىمانلار تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ.)
  1. ئاققىر گۇرۇپپىسى:
                                 ahsaxum، zulphar

  2.  Ablazewolf گۇرۇپپىسى:
                                 شۇڭقار، ياساۋۇل

  3. dilmurat گۇرۇپپىسى:
                                  svpvrga، باپكار

  گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان فىلىمنى گۇرۇپپا باشلىقىغا تەھرىرلەشكە، كىرىشتۈرۈشكە بېرىدۇ، فىلىم تەييار بولغاندا گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئۆز نامىدا ئېلان قىلىپ بېلەت كىرىمىنى ھېساباتىغا ساقلاپ قويىدۇ. تەرجىماننى قوبۇل قىلغاندا تەرجىماننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن توختام بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلەن مەن گۇرۇپپامدىكى svpvrga نى %50 مائاش تەمىنات بىلەن 6 ئايلىق توختام تۈزدۈم، باپكارنى %60 مائاش بىلەن 1 يىللىق توختام تۈزدۈم. شۇڭا svpvrga تەرجىمە قىلغان فىلىم 100 سوم بېلەت كىرىمى ياراتقان بولسا ئۇنىڭ قولىغا 50 سومىنى تۇتقۇزىمەن، باپكار تەرجىمە قىلغان فىلىم 100 سوم بېلەت كىرىمى ياراتقان بولسا ئۇنىڭ قولىغا 60 سومىنى تۇتقۇزىمەن دېگەن گەپ. بۇ ئىككەيلەن توختام مەزگىلى توشقۇچە مېنىڭ نامىمدىكى گۇرۇپپا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، توختام ۋاقتى توشقاندا مەن بىلەن داۋاملىق توختام تۈزسە ياكى ئۆزلىرى خالىغان گۇرۇپپىغا قوشۇلسا بولىدۇ. ئەگەر توختام مەزگىلى ئىچىدە ئاققىركامنىڭ بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ تەرجىمانلىرىغا كۆزى چۈشۈپ باپكارنى تالاشماقچى بولسا، «يۆتكىلىش بازىرى(قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولىدۇ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولىدۇ)» ئېچىلغاندا باھا قويسا بولىدۇ، تەرجىمانلارنىڭ يۆتكىلىش باھاسى دوللارنى بىرلىك قىلغان بولىدۇ. مەن باھانى مۇۋاپىق كۆرسەم باپكارنى ئاققىركامنىڭ گۇرۇپپىسىغا بېرىۋېتىمەن ياكى ۋاقىتلىق بېرىمەن.
  ئىشلار مۇشۇ تەرىقىدە گۇرۇپپىلار ئارىسىدا رىقابەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاخىرىدا چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا بىلەن مۇنەۋۋەر تەرجىماننى بېكىتىمىز مۇكاپاتلايدۇ.

  يېڭى يىل كىرگۈچە گۇرۇپپىلار ئايرىلىپ تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلايمىز، شۇڭا بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بېكىتىمىز پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى سورايمىز. پائالىيتىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنگەن ھەرقانداق ئادەم قاتناشسا بولىۋېرىدۇ. گۇرۇپپا باشلىقلىرى تەرجىمانلارنى نەدىن تاپسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، بۇ ئۆزىنىڭ تالانتلىقلارنى توپلاش قابىلىيتىگە باغلىق...

  ئىزاھات: تەرجىمانلارنىڭ يۆتكلىش ۋە ۋاقىتلىق يۆتكىلىشنى باھا بويىچە ھېسابلايمىز دېگەننى ئاڭلاپ بەزىلەر بىز قۇل بولمىساق ئۇياق بۇياققا ساتىدىغانغا دەپ قالمىغايسىزلەر، بۇ يەردە قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسەت يوق، بەك كاللاڭلاردىن ئۆتكۈزەلمىسەڭلار، پۇتبولچىلارنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار، شۇلارنىڭمۇ بىر كوماندىدىن يەنە بىر كوماندىغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن ئاشۇ پۇتبولچىغا باھا بېكىتىلگەن بولىدۇ.

  چۈشەنمىگەن جايلار ۋە پائالىيەت قائىدىسىگە قوشۇشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا ئىنكاستا دېيىشەرمىز.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار37

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2013-11-11 14:26:09 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ ئىملايىم تازا ياخشى ئەمەس، بولمىسا مىنىڭ بىكار ۋاختىم كۆپتى....
يىكەنداز
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-11-11 14:34:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ياردەملىشەي
گېلەم
ئاۋغۇست ۋاقتى: 2013-11-11 17:50:40 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كۆكبۆرە بۇرادەرنىڭ گۇرۇپپىسى بىلەن توختاملىشاي! :lol
كىگىز
sahraogli1107 ۋاقتى: 2013-11-11 17:51:52 | ئايرىم كۆرۈش
بولىدىغان قائىدىكەن ،بىر خىلى قىززىقارلىق ئۆزگىچە . كىيىنچە يۆتكىلىش بازىرىدا بەزى دوسلىرىمىزنىڭ يوتكىلىش ھەققى كۆتىرلىپ بەزى دوسلىرىمىزنى چۈشكىدەك (ئەلۋەتتە تەرجىمە ئىشلىرىدىكى تۆھپىسىگە قاراپ );P

مىنىڭمۇ شۇنداق قاتناشقىم بارتى بولمىسا ،مۇشۇ خەنزۇچىغا كەلگەندىزە .................
ئورۇندۇق
تەلقىنى ۋاقتى: 2013-11-11 18:02:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەلقىنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-11 18:03  

مەنمۇ ياردەم بىرىشنى خالايمەن،خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى،تەرجىمانلىققا يارايمەن،ئەمما ۋاقتىم بەك جىق ئەمەس،چۈنكى ھازىر ئالىي مەكتەپتە ھەم دىننى ھەم پەننى ئۆگىنىۋاتىمەن،شۇڭا ۋاقتىم بولسىلا ياردەم قىلىمەن....
داق يەر
BlacK ۋاقتى: 2013-11-11 18:31:27 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاپاسىز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 14:26
مىنىڭ ئىملايىم تازا ياخشى ئەمەس، بولمىسا مىنىڭ بىكار ۋ ...

شۇنداق مىنىڭ ئىملايىممۇ تازا ياخشى ئەمەس، بولمىسا مىنىڭ بىكار ۋاختىم ناھايتى كۆپتى ...
مىخ
BlacK ۋاقتى: 2013-11-11 18:33:42 | ئايرىم كۆرۈش
لىكىن خەنچە بىلمەيمەن جۇمۇ!!!!!!!!!
9#
hawaskar ۋاقتى: 2013-11-11 18:59:28 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ! بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. قوللايمەن! بىكىتىمىز تېخىمۇ ئىلگىرلەشكە، سېستىمىلىق بۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم! ھارمىغايسىلەر تۇلپارلار!......
ئەپسۇسكى، پېقىر مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن مەھرۇم قالىدىغان بولدۇم. چۈنكى قاچاندىن بېرى مۇشۇ پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا كىردىم، شۇ كۈندىن باشلاپ ئارقا ئارقىدىن كىلىپ تۈگىمەيدىغان ئىشلارغا، باشقىلار كۈندە 8 سائەت ئىشلىسە پېقىر16 سائەت ئىشلەيدىغان چىقالماس ھاڭغا، ئىشى تۈگىمەس ئىشخانىغا كىرىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كىنو تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئەمەس بەلكى قېرىنداشلار تەرجىمە قىلغان كىنونى كۆرۈشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم. شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىغان ئوخشايمەن!  بولسا مىنىڭ شۇ نەس باسقۇ خىزمەتنى تاشلىۋىتىپ، بىكەتنى ياخشى تەرەققىي قىلغۇزۇپ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تىرىشپ شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىققۇم بار ئىدى. بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق. چوڭ بۇلۇپ قالغاندا خىزمەتنى قىلمايمەن دەپلا قىلمىغىلى بولمايدىكەن.
  شۇڭا دىلمۇرات ۋە باشقا بۇرادەرلەر پېقىرنى كەچۈرگەيسىلەر. سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن!:$
مەن گەرچە گۇرۇپپىغا قاتنىشالمىساممۇ، باشقا جەھەتلەردە چوقۇم ئۈزلۈكسىز قوللاپ تۇرىمەن. قانداق قىيىنچىلىقلار بولسا قۇلۇم كۆكسۈمدە.( مەندە پەقەت ۋاقىت قېيىنچىلىق بار).
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇرادەرلەر، غەيرەت قىلىڭلار! پېقىر ھەۋەسكار سىلەر بىلەن بىللە.
10#
باپكار ۋاقتى: 2013-11-11 19:24:45 | ئايرىم كۆرۈش
مەن يېڭى ئۆيۈمگە چىقىپ بولالماي تەرجىمە ئىشلىرىغا پەقەتلا كىرىشەلمەيۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا يەنە 15 كۈندە يېڭى ئۆيۈمگە چىقالىسام يېڭى ئۆيۈمدە كىچىك كۈتۈپخانا تەسسىس قىلىنغان، ئۇ ۋاقىتتا خىزمەت شارائىتىم يار بېرىدۇ
11#
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-11-11 20:13:29 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس!
ئەگەر بۇ پىلان، چارىلەر ئاق بۈركۈتتىكى ئەزالارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ياخشى يولغا قويۇلۇپ قالسا، تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ يېڭى گۈللىنىشى بارلىققا كەلگۈدەك.
رىقابەت بولغىنى ئىلگىرلەشتىن، تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدۇ. تەرجىمان دوستلارنىڭ يار-يۆلەك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېخىمۇ ئېسىل، تەربىيۋى ئەھمىيەتلىك فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىپ مۇنبەرداشلار ھوزۇرىدا بولغۇسى!
12#
بەھرام710 ۋاقتى: 2013-11-11 21:42:27 | ئايرىم كۆرۈش
بىلەتكە فىلىم كۈرۈش تۈزۈمى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
13#
154262602 ۋاقتى: 2013-11-11 21:56:36 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 20:13
قالتىس!
ئەگەر بۇ پىلان، چارىلەر ئاق بۈركۈتتىكى ئەزالار ...

بولسا مەنمۇ مۇشۇ ئابلىز كۆك بۆرىنىڭ گۇرۇپىسىغا قۇشۇلاي. خەنچە تەرجىمىگە خىلى ئىپىم بار. لىكىن باشقا ئىش پەقەت قۇلۇمدىن كەلمەيدىكەن. لىكىن قالغان تىخنىكىلارنىمۇ سىلەردەك ئۇستىلار بار يەردە چوقۇم ئوگىنىپ كىتەلەيمەن دەپ قارايمەن.
14#
Udun ۋاقتى: 2013-11-11 22:35:13 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قاتنىشاي ، مەن بۇچاققىدىن قىلىپ كەلگەن خىزمەت بۇ،مەن چ چ توپىدا بار
15#
svpvrga ۋاقتى: 2013-11-11 23:37:42 | ئايرىم كۆرۈش
       بۇ چارە خېلە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىغاندەك تورىدۇ. خېلە ئۇزۇن بولغان ئاق بۈركۈتتە يېڭىلىقلار بولمىغىلى. مۇشۇنىڭ بىلەن مۇنبەردىكى چېچىلاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئاق بۈركۈت بۇرۇنقىدەك يەنە بىر شانلىق تارىخنى ياراتقۇسى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1