رەھمەتلىك <ئوق ئۇچىۋالسۇن>دېگەن تېمامدا جاڭۋىننىڭ بىر قەدەم يېراقلىق دېگەن كىنوسىدىن چۈشەنگەنلىرىمنى يوللاپ قويىمەن دېگەن ئىدىم، بايقىغان ئاز تولا نەرسىلەرنى ئورتاقلاشقاچ تۇراي. يەنە ھېلىقى ئوق ئۇچىۋالسۇن فىلىمىدىن يەنە بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كولاپ چىقاردىم. ئەسلى تېمامنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ يەنە بىر يوللاپ قوياي.
بۇ فىلىمدىكى ئاساسى ۋەقەلىك ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئاساسىدا كېڭەيتىلگەن، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈل دۆلىتى زۇڭتۇڭىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئېرىشكەن ۋاڭ لىيەنيىڭنىڭ جەسىتى ئەتىسى بىر دالىدىن تېپىلىدۇ. يەن رۈيشىڭ بۇ دېلودا جاۋابكار دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ ۋە شۇنداقلا شاڭخەي ساھىلىدىكى چوڭ كىچىك تىياتىرخانىلاردا <يەن رۈيشىڭنى ئۆلتۈرۈش>دېگەن دىرامما قايناپ كېتىدۇ. جاڭۋىن بۇ تارىخى ۋەقەلىكنى كومىدىيەلەشتۈرۈپ ئېكران يۈزىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئېكرانغا ئېلىپ چىققىنى يالغۇز بۇ ۋەقەلا بولماستىن كىلاسسىك كىنولاردىكى بىرقىسىم كىلاسسىك كۆرۈنۈشلەر ئىدى.
1-تونۇش پۇراق كېلىۋاتقاندۇ (ۋاي نەدىكىنى، تەر پۇراپ كېتىپسىزغۇ؟ ) ئاتامان فىلىمى 2-مەشۇق فىلىمى
3-ئايغا سەپەر ۋە ET پىلانىت ئادىمى 4-پەسكەش ھېكايە ] ![]() 5-ھىڭ ھىڭ ھىڭ ، 6-ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ فىلىمنى تۇنجى كۆرۈپ ئەخلەت فىلىمكەن دەيسىز، قايتا كۆرۈپ ئاز تولا مەنا باردەك ھېس قىلىسىز، يەنە كۆرىۋەرسىڭىز نۇرغۇن نەرسىلەر چۇۋۇلۇپ چىقىدىكەن.
|