ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى 32 خانە بىلەن 64 خانىنىڭ پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 00:45  

كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى 32 خانە بىلەن 64 خانىنىڭ پەرقى
كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇملىششىغا ئەگىشىپ، بازارغا سېلىنغان سېستىمىلارنىڭ 32 خانە ياكى 64 خانىلەردىن باشلانغانلىقىنى كۆپۈنچەيلەن بىلدۇق، شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلغۇچتىمۇ 32 خانە بىلەن64 خانىنىڭ پەرقى بار. ئۇنداقتا 32 خانە بىلەن 64 خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار. قايسىسى ياخشى؟
1. 32 خانە بىلەن 64 خانىلىق مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا CPU  بىر قېتىمدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ 32 خانە ياكى 64 خانە (ئادەتتە بايىت يەنى BT مۇ دەپ قويىمىز. مەسىلەن: 32BT,64BT دېگەندەك) بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر بازارغا سېلىنغانلىرى ئاساسەن 64 خانىلىق، ئەمما بۇ CPU لا ھەقىقى مەنىدىكى 64 خانىلىق CPU لار ئەمەس. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا 32 خانىلىق، بۇلارنىڭ پەقەت بىر قىسىملىرى 64 لىققا يېڭىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا 32 خانە بىلەن 64 خانىنىڭ پەرقى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئادىرىس ئىزدەش ساھەسىگىمۇ چېتىلىدۇ. 32 خانىلىق سېستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئادىرىس ئىزدەش بوشلۇقى بولسا تەخمىنەن   ئەتراپىدا بولىدۇ.   64 خانىلىق سېستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىزدەش بوشلۇقى تەخمىنەن
بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا 32 خانىلىق سېستىمىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئەڭ چوڭ بولغاندا 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، 64 خانىلىق سېستىما قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى  ئەڭ چوڭ بولغاندا 100 مىليۇنغا بارىدۇ.

2.  بازارغا سېلىنغان CPU لارنىڭ ھەممىسىنى 64 خانىلىق سۇپا ئاچقان بولسا، ئۇ چاغدا ھازىرقى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتەلمەيمىز، چۈنكى نۆۋەتتىكى يۇمشاق دېتللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 32 خانىلىققا لايىھلەنگەن. نۆۋەتتە بىز دەۋاتقان 64 خانىلىق windows7 سېستىمىسى پەقەت 32 خانىلىق سېستىمىغا بەزى 64 خانىلىق ئادىرىس ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان سېستىمىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 64 خانىلىق CPU  مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا 2G  ئەتراپىدا، ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتللارمۇ ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللار، ھېساپلاش سۈرئىتىگە بولغان تەلەپمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس. ھەقىقى 64 خانىلىقلار ئاساساسەن چوڭ تىپتىكى (ماكرو تىپتىكى) ھېساپلىغۇچ ياكى چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەت بېكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا 32 خانىلىق بىلەن 64 خانىلىقنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا 64 خانىلىقنىڭ سۈرئىتى تېز، ئەمما بىزگە يەنىلا 32 خانىلىقى ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز 64 خانىلىق سېستىمىنى قاچىلغان بولسىڭىز، خېلى كۆپ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشلىمىگەنلىكىنى بايقايسىز.

خۇلاسە كالام، 32 خانىلىق بىلەن 64 خانىلىقنىڭ پەرقى شۇكى ئۇلارنىڭ بىر قېتىمدا ھېساپلىغان مىقدارى تەڭ ئەمەس. نەزىرىيە جەھەتتىن 64 خانىلىقنىڭ ھېساپلاش سۈرئىتى 32 خانىلىقنىڭ بىر ھەسسىسىگە تەڭ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئادىرىس ئىزدەش ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ، بىراق بۇلارنىڭ بىزدەك ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور ئەمەس. ھازىرقى باسقۇچتا بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە يەنىلا  32 خانلىق ماس كېلىدۇ.
كومپىيۇتېرنىڭ 32 خانىلىق ياكى 64 خانىلىق مەشغۇلات سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
چۈشۈرگەن ياكى سېتىۋالغان يۇمشاق دېتللارنىڭ قاچىلاش تەلىپىنىڭ بەزىلىرىنىڭ  64 خانە بەزىلىرىنىڭ 32 خانە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇلارنىڭ مۇۋاپىقلىرىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. مۇۋاپىقىنى تاللىغاندا كومپىيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرجىدە جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە 32 خانىلىق بىلەن 64 خانىلىق سېستىمىدىكى كومپىيۇتېرنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنىڭ باسقۇچلىرىنى دەپ بېرەي.

1.  مائۇسنى كومپىيۇتېر دېگەن سىن بەلگىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭ كونۇپكىنى چېكىمىز، چىققان سىرلىما تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى خاسلىق دېگەن تۈرنى چېكىمىز.


2.  رەسىمدىن سېستىما تىپىنىڭ 64 خانىلىق مەشغۇلات سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.


3.  كومپىيۇتېر خاسلىقىدىن يەنە مەزكۇر كومپىيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مىقدارلار يەنە بەزى ماس ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز.



مەنبە: توردىن لازىم بولۇپ توپلىغانلىرىم


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار12

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2015-3-1 01:17:29 | ئايرىم كۆرۈش

مىنىڭ مۇنداقكەن

ھازىرمۇ مۇنبەرنى تەشۋىق قىلسا 2-دوللا بىلەن تارتۇقلايدىغان ئىش بامۇ نىمە ؟ dilmuratسىز قاراپ باقامسىز
گېلەم
tarihim ۋاقتى: 2015-3-1 09:45:11 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
دېل  كۇمپىيۇتىردىن بىرنى ئالغان يىقىندا  内存4  .  显卡2      win8      64BT      لىكن  سۇرئەت  بەك  ئاستا来自: Android客户端
كىگىز
نامسىز01 ۋاقتى: 2015-3-1 10:16:16 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقى 64 بىتلىق سىستىما ئاساسەن ھەربى ساھە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردا ئىشلىتىلدۇ، بىز ئىشلىتۋاتقان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار 64 بىتلىق دىيىلسىمۇ ئەمما 32 بىتنى ئەلالاشتۇرغانلىرى، سىستىمىمۇ ھەم شۇ....
ئەگەر ھەقىقى 64 بىتلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بولغان بولسا......
tarihim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 09:45
دېل  كۇمپىيۇتىردىن بىرنى ئالغان يىقىندا  内存4  .  显卡2      win8 ...

مەنمۇ يېقىندا بىرنى قۇراشتۇرغان بوپ قۇيىدۇ سۈرئىتى...

电脑基本信息

我的电脑    华硕 All Series 台式电脑

操作系统    Windows 8 专业版 64位

主显卡    独立显卡(对游戏和电影支持较好)

IE浏览器    版本号  10.0



基本硬件展示

处理器    英特尔 Core i5-4590 @ 3.30GHz 四核

主板    华硕 B85-PRO GAMER

内存    8 GB ( 金士顿 DDR3 1600MHz )

主硬盘    希捷 ST3500413AS ( 500 GB / 7200 转/分 )

主显卡    Nvidia GeForce GTX 750 Ti ( 2 GB / 华硕 )

显示器    三星 SAM07DC SMS22A330BW ( 22 英寸 )

网卡    英特尔 Ethernet Connection I217-V / 华硕

声卡    Nvidia nForce2 ISA Bridge @

داق يەر
جەسۇر16 ۋاقتى: 2015-3-1 13:29:30 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەر  بىتى نىمىشقا ئىچىلمايدۇ ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ تور بىكەت    پەقەت ئىچىلمايۋاتقان  تىز يول بىلوگىدا يوللىغان كىنو ئارقىلىق كىردىم .
مىخ
جەسۇر16 ۋاقتى: 2015-3-1 13:32:07 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ توربىكەتنىڭ ئىچىكغىننى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام كۈندە يوقلىمىدىن ئۆتمەي قالمايتتىم .  ‹‹ ئەزەلدىن يوقلىمىدىن ئۆتمەيدىغان قاقۋاش ››  ئەمەستىم
9#
قۇشقاچ ۋاقتى: 2015-3-6 20:09:34 | ئايرىم كۆرۈش
بىلۋالدىم  رەخمەت
10#
فارۇخ ۋاقتى: 2015-3-7 00:02:19 | ئايرىم كۆرۈش
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 10:44
مەنمۇ يېقىندا بىرنى قۇراشتۇرغان بوپ قۇيىدۇ سۈرئىتى...
...

ۋىن 8 گە كۆنەلمەي چۈشىۋالدىم
11#
فارۇخ ۋاقتى: 2015-3-7 00:03:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىپسىزدە مىنى ياردەمچى قىلىۋىلىڭ بولمىسا

باھا سۆز

ھە ئەمدى تەرەققى قىلايلى...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-7 20:36
12#
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2015-3-7 20:36:20 | ئايرىم كۆرۈش
فارۇخ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 00:03
ئاققىركا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىپسىزدە :lo ...

ھە  ئەمدى تەرەققى قىلايلى...
13#
فارۇخ ۋاقتى: 2015-3-7 22:38:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 18:36
ھە  ئەمدى تەرەققى قىلايلى...

تەرەقىيات سىزدىن ئايلانسۇن ئاكا، باش رەسىمىڭىزدىن چىقىپ تۇرۇپتىكىن سىز ئابدۇقادىر داموللىدەك تەرەقى پەرۋەر ئادەمسىز. ھېچ بولمىغاندا قەلبىڭىزدە شۇ خىل ئارمان باردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1