ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شاننارا رىۋايىتى 1-بۆلۈم 1،2-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئىسمى:        شاننارا رىۋايىتى (يەنە بىر ئىسمى : شاننىرانىڭ خەنجىرى )
خەنزۇچە ئىسمى:        沙娜拉传奇
دۆلىتى:        ئامىرىكا MTV تىلىۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتە سۆرەتكە ئېلىنغان .
تىلى:        ئىنگىلىسچە
تۈرى:        ھەيران قالارلىق ، خەتەرلىك ، فانتازىيە ئارىلاش
فورماتى:        باشقا
ۋاقتى:        2016-01-05
يېزىقى:        ئۇيغۇرچە ، ئىنگىلسچە
رازمېرى:        1280*720
سىغىمى:        بىر قىسىمى 1 گىگا بايىت ئەتراپىدا
ئۇزۇنلىقى:        بىر قىسىمى 42 مىنۇت ئەتراپىدا
رېژىسسور:        Brad Turner,Jonathan Liebesman,James Marshall,Jesse Warn
باش رولچىلار:        ئەمبېرلى رولىدا : Poppy Drayton
ۋېل رولىدا : Austin Butler
ئېرىتىرىيا رولىدا : Ivana Baquero
ئەللانون رولىدا : Manu Bennett (سىپارتاكتىكى ئاساسلىق ئارتىسنىڭ بىرسى )
ئەندىر رولىدا : Aaron Jakubenko
پادىشاھ رولىدا : John Rhys-Davies
بەندىن رولىدا : Marcus Vanco
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:        
                                  ھىكايە ۋەقەلىكى ئىنسانلار مەدىنيىتى بىر قېتىم ۋەيران بولغاندىن كىيىنكى مىڭ يىلدىن كىيىنكى ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ ، زېرەكلەر ( يەنى ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمىدىكى ئېلىۋىسلار ياكى ھۆر زاتلار دەپ ئاتالغان ئۇچلۇق قۇلاقلار) نىڭ بىر قېتىملىق ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، تاللانغان ئىلاھى جەڭچىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئېلكىرىيىس دەرىخىنىڭ ھاياتلىقىنى قوغداش بولۇپ بولۇپ ناۋادا بۇ دەرەخ قۇرۇپ كەتسە زۇلمەتكە پالانغان ئالۋاستىلار قايتىدىن تىرىلىپ زېرەكلەر ، ئىنسانلار ۋە باشقا مەۋجۇداتلارغا زىيان كەلتۈرەتتى ، دەرەخ بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ ھاياتى چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ دەرەخنىڭ بىر يوپۇرمىقىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالۋاستىلارنىڭ تىرىلىپ كۈچىيىشىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى ، ئىلاھى جەڭچى تاللاش مۇسابىقىسىگە پادىشاھنىڭ مەلىكىسىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە تاللىنىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دەل شۇ چاغدا ئېللىكرىيىس دەرىخى مەلىكىگە كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ ، مەلىكە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قاراپ ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىدۇ ، يولدا ۋېل ، ئېرىتىرىيا ۋە ئەللانون قاتارلىق ئادەملەرگە ئۇچىرايدۇ ، ئەللانون ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلات سىھرىگەرى بولۇپ ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشتا ئالۋاستىلارنى يوقاتقان ۋە زۇلمەتكە پالىغانلاردىن ئىدى، ئۇ ۋېل بىلەن سىھرىگەرلەر ماكانىغا بېرىپ بىر قەدىمى كىتاپتىن ئېللىكرىيىس دەرىخى ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىپ كىلىدۇ ، كىتاپتا يىزىلىشىچە ئەسلىدە بارلىق مەۋجۇداتلارنى قۇتقۇزىدىغان بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە مەلىكە ۋە ۋېل قاتارلىقلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى ، ئۇلار بۇ تەقدىردىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايتى ، ۋېل بولسا شاننىرانىڭ ئاخىرقى بىر ۋارىسى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك سىھرى بارلىقىنى بىلمەيتى ، دەل موشۇ پەيىتتە زۇلمەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ شاھىمۇ تىرىلىپ بىر ئۆزگىرىشچان تەنلىك ئايال ئالۋاستىنى زېرەكلەرنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزىدۇ ، ئوردىدىكى ئىلاھى جىڭچىلەر ئۇ ئالۋاستى تەرپىدىن بىر بىرلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ ....









تېما سېتىۋېلىش ھازىرغىچە 54 ئادەم سېتىۋالدى  بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 40 دوللار تۆلىشىڭىز كېرەك
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار45

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-8 18:02  

خەتتاتلىرىمىزنىڭ قولىدا پۈتۈلگەن نەپىس ھۆسىنخەت بىلەن لايىھەلەنگەن مۇقاۋا ھۇزۇرۇڭلارغا كەتتى.... ھۆسىنخەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتاتىمىز مۇھەممەد ئېلى سىدىق ( خەتخۇمار ) يازغان. مۇھەممەت ئېلى سىدىق ( خەتخۇمار ) نىڭ خەتلىرى پۈتۈلگەن مۇقاۋىلار بۇنىڭدىن كېيىن، ئاز-تولىدىن ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.  مۇقاۋا خېتى تەئىلق خەت نۇسخىسىدا  يېزىلدى.  ئاز-تولا دېيشىمدە، كارتون فىلىم ۋە بىر قىسىم كومپىيوتېر خېتى ماس كېلىدىغان فىلىملەرنىڭ خەتلىرى شارائىتقا ئاساسەن كومپىيوتېر خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ.  مەزكۇر خەتنىڭ ئىشلتىلىش ھوقۇقى مۇھەممەت ئېلى سىدىق ( خەتخۇمار )  غا تەۋە. شۇڭا مەزكۇر ھۆسىنخەتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خەتتاتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئىشلتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئەگەر ھۆسىنخەتنى  ئاق بۈركۈت نامىدىكى مۇشۇ فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىدا ئىشلەتسەڭلەر مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.... خەتنىڭ png  نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرىمەن.  كوت كوت: 805754693  مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئىزدىگۈچىلەر ئاۋارە قىلماڭلار...




ئۇنداق بولسا، مەن ئىش بېشى بولۇپ بېرەي ھە....
گېلەم
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-4-4 13:46:17 | ئايرىم كۆرۈش
بولسا ئاۋۇ ئىنگىلىسچە خىتىنى كىچىكرەك قىلىپ سىرىق ياكى باشقا رەڭدە قىلىپ پىرىسلىساڭلا...
كىگىز
del ۋاقتى: 2016-4-4 13:46:46 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق فىلىملەرگە بەك ئامراقتىم ، قانچە قىسىملىق كىنو بۇ قانچا قىسىم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى ؟
ئورۇندۇق
del ۋاقتى: 2016-4-4 13:47:55 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 12:49
ئۇنداق بولسا، مەن ئىش بېشى بولۇپ بېرەي ھە....

بولاڭلا  بۇرادەر چاققان سىلە ئالدىرماي كىنونى ۋاختىدا كورەممىسەم ئەرىز قىلمەن جۇما
del يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 13:47
بولاڭلا  بۇرادەر چاققان سىلە ئالدىرماي كىنونى ۋاختىد ...

بۇ قېتىم مۇقاۋا باشقىچە بولىدۇ. شۇڭا بۈگۈن - ئەتە ئىچىدە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
مىخ
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-4 13:52:22 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 13:46
بولسا ئاۋۇ ئىنگىلىسچە خىتىنى كىچىكرەك قىلىپ سىرىق ياك ...

ماۋۇ پىكىرگە مەنمۇ ئاۋاز قوشىمەن...
9#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-4 13:59:04 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-4 14:01  

ئاندىن ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار:
كىيىن                 كېيىن
ئېيىتقان               ئېيتقان
سىھىرى               سېھرى (سېھرىي)

يۇقارقىلار سىلەرنى ئەيىبلەش ئەمەس بەلكى، سىلەرگە بەرگەن تەكلىپىم ۋە ياخشى كۆڭلۈم بۇرادەر...ئاندىن پەش، چېكىت قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.



10#
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-4 15:58:26 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 13:46
بولسا ئاۋۇ ئىنگىلىسچە خىتىنى كىچىكرەك قىلىپ سىرىق ياك ...

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئاۋۇسى تەرجىمە باسقۇچىدىكى تۇتقان سۆرەتلەر .
11#
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-4 15:59:00 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 13:59
ئاندىن ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار:
كىيىن                 كېيىن
ئ ...

بولىدۇ ، دىققەت قىلىمەن .
12#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2016-4-4 16:12:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستىمۇ قانداق؟
13#
jhangir008 ۋاقتى: 2016-4-4 20:05:54 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قىزىدىمغۇ بۇ كىنوغا تەرجىمىسى تولۇق چىققاندا سىتۋالاي .بولمىسا ئاخىرىنى كۆرەلمەي تىت تىت بوپ كىتىدىكەن ئادەم
14#
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-4 22:44:20 | ئايرىم كۆرۈش
jhangir008 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 20:05
مەنمۇ قىزىدىمغۇ بۇ كىنوغا تەرجىمىسى تولۇق چىققاندا سى ...

خاتىرجەم بولۇڭ، يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ .
15#
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-4 23:30:07 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي شۇنى دەڭە - ئادەمنى تىت تىت قىلماي تىزراق بولسىڭىز بولاتتى بۇرادەر !  مەن مۇشۇنداق فىلىملەرگە بەك ئامراق -- سىپارتاك قا ئوخشاش -- سىپارتاكنىڭمۇ ئاخىرىنى ئىشلىمىدى بۇ خەق -- بۇ كىنو تولۇق تۈگەپ بولغان كىنودۇ ھە !!
16#
 ئىگىسى| نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-5 01:39:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش1 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 23:30
ۋاي شۇنى دەڭە - ئادەمنى تىت تىت قىلماي تىزراق بولسىڭىز  ...

بىرىنچى بۆلۈمىدە بىر ۋەقەلىك تولۇق ئاياقلىشىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

3پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1