ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تۈرمىدىن قېچىش 5 يەنە قوغلاپ يۈرىدىغان بولدۇقتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈرمىدىن قېچىش 1-بۆلۈمى 2005-يىلى قويۇلغان ئىدى، شۇ ۋاقىتلاردا(بىزگە كىرگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ دېمەكچى) بىر تەخسە dvd پىلاستىنكىسىنى ئېلىۋېلىپ بىر بۆلۈمنى ئۇخلىماي كۆرۈپ تۈگەتكەن ئىدۇق



شۇ يىللاردا، تۈرمىدىن قېچىش ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىردى، شۇ ۋاقىتلاردا بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قۇلاقلىرىمىز دىڭ تۇرغان، كۆزلىرىمىز چەكچەيگەن ئىدى

ئۇنىڭدىكى جىددىي شەخسلەر مۇناسىۋىتى ۋە بىر بىرىگە باغلىنىشلىق چىگىش ھېكايىلەر، بىزنىڭ يۈرەكنى چىرمىۋالغان ئىدى




مايكول سىكوفىيلد، بىر باي ئىنژېنېر، شۇنچە ئاماللار بىلەن ئۆزىنى ئاخىرى fox تۈرمىسىگە قامىغان

بۇ تۈرمىدە ئۇنىڭ ئاكىسى لىنكىن ياتقان، ئۇنىڭ جىنايىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ ئىنىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئىدى




مايكول بىر تالانت ئىگىسى، ئۇ ئاكىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا ئىشىنىدۇ، ھەمدە ئۆزىنى بىكاردىن بىكار تۈرمىگە تاشلاپ بەرمەيدۇ

شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈرەكلىك بىلەن تۈرمىدىن قېچىشنى پىلانلايدۇ: تۈرمىنىڭ خەرىتىسىنى بەدىنىگە سىزىپ ئەكىرىپ، ئاكىسى بىلەن تۈرمىدىن قاچىدۇ




مۇشۇنداق قالتىس سېنارىيە شۇ ۋاقتىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان، ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئېسىل تىياتىر كۆرۈپ باقمىغان بىزلەر بۇ تىياتىرغا دۈم چۈشكەن ئىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھېكايە ئىككىنچى بۆلۈمگە راۋاجلاندى- تۈرمىدىن چىقىپ بولۇپ جاننى ئېلىپ قېچىش، گەرچە بىرىنچى قىسمىدەك ئەشەدى بولمىسىمۇ بىز يەنىلا بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى باغلىۋالغان ئىدى

لېكىن ئۈچىنچى تۆتىنچى بۆلۈمىگە كەلگەندە، سېنارىستلار ھېكايىنىڭ راۋاجىنى كونترول قىلالماي، پۈتۈن تىياتىر تىك يارغا كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى ئىشلەشنى توختاتتى، مايكولنى ئۆلنى دەپ يېزىپلا بۇ ھېكايىنى توختىتىپ قويدى، بۇنداق يېشىمغا بىز ئانچە قايىل بولمىدۇق، قوبۇل قىلالمىدۇق




بۇنداق ناچار ئاخىرلىشىشمۇ تىياتىرنى ئىشلەۋەتقان گۇرۇپپىغا ئېغىر كەلگەن، ئاندىن 8 يىلدىن كېيىن، قايتا ئىشلەيمىز دېگەن خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا باشلىدى



بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كونا مەستانىلەر كۆز يېشىمۇ قىلغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەپتىمۇ كەلدى تىياتىر قويۇلدى

لېكىن كۆپچىلىك قايتا قوزغىتىلغان تۈرمىدىن قېچىش بىر ئەنسىرەش ھېسسىياتى بىلەن قاراۋاتىدۇ- مايكول ئۆلگەن ئىدىغۇ، ئەمدى ئۇ جەسەت بولۇپ تۈرمىدىن قاچامدۇ دېگەندەك

ئەمدى قايتا قوزغىتىلغان تۈرمىدىن قېچىشنىڭ سېنارىيەسىدىن ئازراق بىلىۋالايلى: قايتا قوزغىتىلغان تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى مايكول ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ چىقىپ ۋە ئۆزىنى قۇرغان قىلغاندىن 7 يىل كېيىن

چاي خالتىسى تۈرمىدىن چىقىپ، بىر سىرلىق خەتنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، خەتتە مايكولنىڭ بىر پارچە سۈرىتى بېرىلگەن، ھەم مايكولمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانقىلى كۆرۈۋالىغىلى بولىدۇ




شۇنىڭ بىلەن، چاي خالتىسى مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىن نى ئىزدەپ تېپىپ، ئىككىسى بۇ ئىشنى ئېنىقلاشقا ئاتلىنىدۇ، بىر نەچچە مەيدان قانلىق جەڭلەردىن كېيىن لىنكىن ۋە چاي خالتىسى، مايكولنىڭ يەمەندىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىلىق يىپ ئۇچىغا ئېرىشىدۇ، ئاخىرىدا مايكول بىلەن ئۇچرىشىدۇ



چاتاق بولغىنى، بۇ ۋاقىتتا يەمەننى تېررورچىلار بېسىۋالغان، بىر مەيدان جەڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى



بىر ياخشى خەۋەر، تىياتىردىكى بارلىق ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلگەن، بۇنداق تونۇش ئارتىسلار بىلەن كۆرسەك تېخىمۇ تىزلا يېڭى ھېكايىگە چۆكۈپ كېتەلەيمىز



ياخشى خەۋەرنى دەپ بولدۇق، ئەمدى يامانراق خەۋەرنى دەيمىز، بۇ يېڭى بۆلۈم ئاران 9 قىسىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ بىر بۆلۈم بىلەنلا قايتا ئىشلەش ئىشلىمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس



ئەمدى تېمىنىڭ يامان يېرىگە كەلدۇق، تۈرمىدىن قېچىش يېڭى بۆلۈمى بىرىنچى  قىسمى چۈشۈرۈش ئادرېسى

https://pan.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=22640837&album_id=8236329821967785346




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار13

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
abid ۋاقتى: 2017-4-5 16:01:53 | ئايرىم كۆرۈش
ھەپتىدە بىر قىسىم چىقامدىكەن ؟
بۇگەپچە چاي خالتىسى مايكولغا ياردەم قىلدىكەندە؟
ئالىكىس نەلەردە يۈرگەندۇ ! ساقچىنىڭ رولىغا ئۇنىڭدىن بەك چۈشىدىغانلار يوق !
يىڭى بۆلۈم 1- قىسىم

باھا سۆز

راسلا ئالىكىس بولمىسا قىززىمايدۇ ئەڭ تەبى رول ئالىدىغىنى دەل ئالىكىس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-4-6 16:13
گېلەم
خانتاجى ۋاقتى: 2017-4-5 16:22:47 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانتاجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-5 16:31  

فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ، بەزى ئارتىسلارغا قىرىلىق يىتىپتۇ ! چاي خالتىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ھىيلىگەرلىكى ، چىراي ئىپادىلىرى خىلىلا بىسىقىپ قالغاندەك بىلىندى ماڭا !


ئۇيغۇرچە ئاۋازنى كىملەر بىرە ئەمدى ، بۇرۇنقى بۆلۈملىرىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىمىغىلى خىلى بولدى،
ئويلاپ باقسام شۇلار ياخشى بىرىپتىكەن  ئادەم سانى ئاز بولسىمۇ ئەمدى
كىگىز
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2017-4-5 16:35:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-5 16:37  

تۈرمىدىن قېچىش 5- بۆلۈم ئورگان تەرەپ چىقارغان مۇقاۋىلارمۇ ناھايىتى ئاز ئىكەن... بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئېسىل مۇقاۋىنى دوستلارغا ئالغاچ كەلدىم. بەلكىم مۇقاۋىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بۈگۈن ئاخشام ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن... ۋاقىپ بولغايسىلەر... ئەسلى نۇسخىسى 3 مېگابايىتقا يېقىن بولغاچقا چىقىرىشقا ئىمكانىيەت بولماي 1 مېگابايت ئەتراپىدا تەڭشەلدى... تۈرمىدىن قېچىش يۈرۈشلۈك مۇقاۋىلىرى ھەر 3 قىسىمدا بىردىن ئالمىشىدۇ.







ئورۇندۇق
braveman ۋاقتى: 2017-4-5 17:11:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تەرجىمىسىمۇ ياكى ئۆزتىل مۇ
داق يەر
 ئىگىسى| wiiros ۋاقتى: 2017-4-5 18:16:21 | ئايرىم كۆرۈش
braveman يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 17:11
بۇ تەرجىمىسىمۇ ياكى ئۆزتىل مۇ

خەنزۇچە خەت ئۆزتىل
مىخ
ساددا ۋاقتى: 2017-4-5 19:59:13 | ئايرىم كۆرۈش
خەنزۇچە بىلەن ئىنگىلىسچىنى بىلمىسەممۇ بىر كۈرۋىتەي بۇنى
9#
Alpbilge ۋاقتى: 2017-4-5 20:34:33 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 16:35
تۈرمىدىن قېچىش 5- بۆلۈم ئورگان تەرەپ چىقارغان مۇقاۋىلا ...

   ماۋۇ سۆزلىرڭىز  ئەجەپ  ياقتى جىمۇ   .......  ساقلايمىز  
10#
ئەزىز101 ۋاقتى: 2017-4-5 21:47:42 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قۇتىياردىكىلەر تەرجىمىسىنى باشلاپتۇ پات ئاردا  بىرىنجى قىسىمنى ئىلان قىلىدىكەن
11#
yarqinbeg ۋاقتى: 2017-4-5 22:47:15 | ئايرىم كۆرۈش
خانتاجى يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 16:22
فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ، بەزى ئارتىسلارغا قىرىلىق يىتىپ ...

پەقەت ئۈچ ئادەملام ئاۋاز بېرىپ تاماملىۋېتىپىكەن بۇ فىلىمگە ....ئالىپ سىتۇدىيىسى...
12#
free ۋاقتى: 2017-4-6 16:13:11 | ئايرىم كۆرۈش
خانتاجى يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 16:11
ئالىكىس نەلەردە يۈرگەندۇ ! ساقچىنىڭ رولىغا ئۇنىڭدىن بە ...

راسلا   ئالىكىس بولمىسا قىززىمايدۇ  ئەڭ تەبى رول ئالىدىغىنى دەل ئالىكىس  
13#
abdukerim99 ۋاقتى: 2017-4-7 11:50:55 | ئايرىم كۆرۈش
4 بۆلۈم ساقلىۋالغانلار بولسا بىر ھەمبەھىرلىۋەتسەڭلار ، دوللار ياكى پۇلغا ساتساڭلىمۇ مەيلى . باشتىن بىر كۆرسەك ....
14#
ئابدۇل59 ۋاقتى: 2017-4-9 18:39:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى قاچان چىقار بۇنىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

16پىنتوزىلىرى

74تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1