ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«باخۇبالىخان» دىن خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-20 22:39  

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم «باخۇبالىخان-مۇقەددىمە» مۇ ھەر قايسى تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلان قىلىندى!

ئەمدى ئۇ فىلىمنىڭ تەرجىمە ۋە مۇقاۋا ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىلىپ، ھەر قايسى جاپاكەشلەر تارتۇقلىنىدۇ. فىلىم 1230 دوللارغا سېتىلغان ئىدى، ھەر قايسى جاپاكەشلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىنئاملىرى تۆۋەندىكىچە:
فىلىم تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر:

تەرجىمانلار:
ياقۇپ مەنبەر نامى wiiros مۇكاپاتى 300 دوللار
فەخرىي مۇنبەر نامى فەخرىي مۇكاپاتى 200 دوللار
ئابدۇزاھىر مۇنبەر نامى abduzaher مۇكاپاتى 300 دوللار
مۇھەررىر: ئەركان 2010 مۇكاپاتى 130 دوللار
كىرىشتۈرگۈچى: فەرخان مۇكاپاتى 100 دوللار
مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى:
18 بېلەت تاشلىنىپ بىرىنچىلىككە ئىېرىشكەن مۇقاۋا خىلۋەت بۇرادەر لايىھىلىگەن مۇقاۋىكەن. مۇنبەر نامى HilwaT مۇكاپاتى 100 دوللار
ئۇندىن باشقا ئابدۇرازاق بۇرادەرنىڭ مۇقاۋىسى بىخەستەلىكتىن بېلەت تاشلاشقا قاتناشتۇرۇلماي قالغان، ئۆزۈر ھېسابىدا 100 دوللار مۇكاپات

يۇقارقى بۇرادەرلەر مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس يېزىپ مۇكاپاتىڭلارنى نەقلەشتۈرۋالغايسىلەر!


ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
تەرجىمانلاردا كۆرۈلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە ئىملا خاتالىقى بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە، بۇندىن كېيىن ھەممىڭىزلار دىققەت قىلغايسىلەر:

تېلېفون (تىلىفۇن)
بۆلۈمى (بۆلىمى)
مەقئەت (مەققەت)
بولۇر  (بۇلۇر)
بولىدۇ  (بۇلىدۇ)
مېنىڭ (مىنىڭ)
سېنىڭ (سىنىڭ)
يېزىپ (يىزىپ)
سوئال (سۇئال)
جاۋاب (جاۋاپ)
كىتاب (كىتاپ)
كونترول (كونتىرول)
ئۆگىنىش (ئۈگىنىش)
نومۇر (نومۇر)
ماتېماتىكا (ماتىماتىكا)
نېمە(نىمە)
تېما (تىما)
«قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن» («قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن»خاتاسى)
ئامېرىكا(ئامىركا، ئامېركا)
لايىھە (لاھىيە)
تىرناق سىرتىدىكى توغرا يېزىلىشى. ئۇندىن باشقا ھەقسىز ئۇيغۇر سوفىت ئىملا تەكشۈرگۈچنى قالدۇرۇپ قوياي چۈشۈرۈپ پايدىلانغايسىلەر!




ئاق بۈركۈت مالىيە ئىشخانىسى



2015.11.20




قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 100 تاپشۇرۇۋېلىڭ

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +100

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار28

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
dilmurat ۋاقتى: 2015-11-21 13:14:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئوبدان خۇلاسە بوپتۇ، جاپاكەشلەر تېزدىن ئىنكاس ياغدۇرۇڭلار
يىكەنداز
wiiros ۋاقتى: 2015-11-21 14:40:54 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە 300دوللارلىق بولۇپ قالدىم
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +300 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 300

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +300

گېلەم
iYisan ۋاقتى: 2015-11-21 16:50:36 | ئايرىم كۆرۈش
    خۇلاسە ياخشى بوپتۇ .
كىگىز
razzak ۋاقتى: 2015-11-21 17:55:13 | ئايرىم كۆرۈش
خۇلاسە ياخشى بوپتۇ .
مەن تىخى «باخۇبالىخان» دىن ئالغان تەسىرات ئوخشايدۇ دەپ ، تازا چېپىپتىمەن .
چۈنكى بۇ كىنونى كۈرۈپ نۇرغۇن سوئاللار كاللامغا چىرمىۋالدى ، لىكىن مەن كۆرگەن ھىندىستان فىلىملىرىدىن بىر دەرجە يۇقۇرى ئورۇندا تۇرۇپتۇ ما كىنومۇ « بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى بۇلۇشى مۇمكىن » تەرجىمانلارمۇ شۇندا ياخشى تەرجىمە قىلىپتۇ ، شۇندا چۈشۈنۈشلۇك ، مۇشۇنۇڭدەك ئىسىل فىلىملەر كۆپلەپ تەرجىمە قىلىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن ، ھارمىغايسىلەر !
ئورۇندۇق
ruslan0998 ۋاقتى: 2015-11-21 19:11:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruslan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-21 19:23  

بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنى بەلكىم ئول زاماندىكى ھىندىستاننىڭ راسا گۈللەنگەن  دەۋىردىكى بىرەر تارىخى بۇلىشى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنى بىر كۆپتۈرمە تارىختەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. باش قەھرىماننى بەكلا كۈچلۈك چىقىرىۋېتىپتۇ. تۈگمەن تېشىدەك يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ سۇغا سەكىرەۋاتمامدۇ. بېلى چېممۇ بۇلۇپ كەتمىدى.
مەبلەغنى ھەقىقەتەن ئايىماي ساپتۇ. 3 ئۆلچەم تېخنىكىسىنى خىلى ئوبدان ئىشلىتىپتۇ.  بۇ فىلىمنىڭ يەنە داۋامى باردەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمما فىلىمدە ئىشلىتىلگەن مەنزېرلەردە گەپ يوق. ئارتىسلارمۇ خېلى كۈچەپتۇ.
داق يەر
فەخرىي ۋاقتى: 2015-11-22 00:37:48 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ، مەنمۇ 200 دوللارلىق بولۇپ قالدىم  مانا ، شۇ كىنونىڭ ماڭا بۆلۈنگەن قىسمىنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ بىر كىچە ئۇخلىمىغان ئىدىم ، ئەمدى ھاردۇقۇم چىققۇدەكتە  
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +200 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 200

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +200

مىخ
ساددا ۋاقتى: 2015-11-22 11:06:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشلىگەن چىشلەيدۇ دەپتىكەن  
ياخشى خۇلاسە بوپتۇ
9#
MARD ۋاقتى: 2015-11-22 11:48:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنودا مەقەت ، ماتىماتىكا  ....  دىگەندەك گەپلەر چىقامدا ؟ مەن دىققەت قىلمايقالدىممۇ يا
10#
abduzaher ۋاقتى: 2015-11-22 12:21:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركان بۇرادەر ئۆزىڭىزگە بەك ئاز ئېلىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟ھەممەيلەن تەرجىمە قىلغاننى ئەركان بۇرادەر قۇرمۇ-قۇر تۈزىتىپ ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ،بىزدىن بەكرەك ئەركان بۇرادەر جاپا چېكىدۇ دەپ ئويلايمەن،بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئىملايىمدا مەسىلىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم،ئەركان بۇرادەرنىڭ تۈزىتىش بەرگىنىگە رەھمەت.

باھا سۆز

راس دەيسىلە ئەركان بۇرادەر خېلى جاپا تارىتتى ئەسلىدە بۇفىلىمنىڭ تەرجىمە قىلغان خېتى 720p dvdrip ئىكەنتۇق قارس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-11-22 20:06
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +300 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 300

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +300

11#
Nejmi ۋاقتى: 2015-11-22 13:20:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nejmi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 13:22  

رەھمەت داۋاملىق تېرىشىمەن. مەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتكەنتىم...
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +100 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 100

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +100

12#
del ۋاقتى: 2015-11-22 14:21:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئېلگىرى تەشۋىق فىلىمنى كورگەنتىم ، تەشۋىق فىلىمدە چىققان بىر قىسىم كورۇنىشلەر چىقمىدى . شۇنىڭغا قارغاندا داۋامى باركەن ، دەپ ئويلۇدۇم ، ئەمما دۋامىنى تېخى سورەتكە ئالمىدىمۇ ، ياكى تەرجىمە قىلىنمىدىمۇ تېخى مۇشۇ ھەقتە بىر چۇشەنچە بەرسەڭلەچۇ ؟
13#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2015-11-22 14:38:33 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمدىكى باش پىرسوناژ باھۇبالىنى ئىلاھى قەھرىمان سۈپپىتىدە يارتىۋەتكەندەك قىلامدۇ نىمە؟ ھېلىقى يىقىلىپ كېتەي دەپ قالغان 100 گەز ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن ھەيكەلنى تىرەپ تۇرغىنى ئاجايىپ مۇبالىغە قىلىنىۋىتىپتۇ..... شۇنداقلا بەزى يەرلەردە كومپىيوتېر تېخنىكىسى چېنىپمۇ قاپتۇ. تارىخىي ۋەقەلىكنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ فىلىم يەنىلا ‹‹ فەتىھ 1453 ›› كە يەتمەيدىكەن.
ئاندىن يەنە فىلىمدىكى ماۋۇ يەر تازا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قالدىمۇ نىمە؟ باھۇبالىدەك مۇشۇنداق كۈچتۈڭگۈر بىر ئادەم مۇشۇنداق ئارغامچىنى تارتقاندا ئارغامچە بۇنداق ساڭگىلاپ تۇرماس دەپ ئويلاپ قالدىم... بۇ كۆرۈنۈشتىكى ئەھۋال فىلىم رېژىسسورىنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ؟ لېكىن، مېنىڭچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قاپتۇ. بولمىسا، مۇشۇ ئورۇندا باھۇبالى يەھ..... دەپ كۈچىنى خېلىلا چىقىرىپتىكەن.


باھا سۆز

ئەمەتجۇن ئېدېش قايسى بىر كىنو چانمايدۇ كونىلادا ئۈزۈمىنى يە ساپىقىنى سورما دىگەن گەپ بار ئالدىيماي تۇرۇڭل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-11-22 20:03
14#
0007 ۋاقتى: 2015-11-22 15:20:02 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە بۇفىلىم ياخشى ئىشلىنىپتۇ،تەرجىمىسىمۇ چۈشىنىشلىك،ياخشى چىقىپتۇ،فىلىم كەتكەن مەبلەغكە چۇشلۇق خېلى ياخشى ئىشلىنىپتۇ............
15#
yarqinbeg ۋاقتى: 2015-11-22 16:13:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمدە رولنى ئەڭ ياخشى ئالغىنى ھەم ماڭا ئالغان رولى ئەڭ تەسىر قىلغىنى:خانىش ئايال بولدى. ئۇ ئايال مۇشۇ كىنودا رولنى ئەڭ ياخشى ئالغان ئارتىس دەپ يەكۈنلىدىم،مەنچە..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1