ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئوسكار بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
651 5
Alma423 ۋاقتى: 2015-2-27 22:14:25 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوسكار بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟كىنو-تېلېۋىزىيەگە ئانچە-مۇنچە دىققەت قىلىدىغانلار بىلىدۇ، ئوسكار مۇكاپاتى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ كىنو مۇكاپاتى. خۇددىي 2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا رىياسەتچى سېنت مەكفارلىن ئېيتقاندەك، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىر كىشىنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى قىممىتىنىڭ نامايەندىسى ھەمدە ئۆز كەسپىنىڭ داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ كاپالىتى. كىنو فىلىم ئىشلەش سەۋىيەسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال يۇمشاق كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى.2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگەن فىلىملەرنىڭ ئىشلىنىش خىراجىتى يۇقىرىسى 165 مىليون دوللاردىن تۆۋىنى 4 مىليون دوللارغىچە بولدى. ”مەۋجۈداتلار نەزەرىيەسى“ ناملىق فىلىمنى ئىشلەشكە 15 مىليون دوللار كەتكەن بولسىمۇ، بېلەت كىرىمى چىقىمنىڭ %657 گە توغرا كەلدى. ”تەقلىد قىلىش ئويۇنى“ ناملىق فىلىم 14 مىليون خەجلىگەن بولسىمۇ بېلەت كىرىمى %1129 بولۇپ، 158مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ ئالەمشۇمۇل سانلارنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. رول ئالغان ئارتېسلاردىن تارتىپ، رېژىسسور، ئوپېراتور، چىراقچى، گىرىمچىك، كىيىم لايىھەلىگۈچى دېگەندەك بىر تۈركۈم خادىملار، توغرىراقى سەنئەتكارلار قاتنىشىدۇ، كىنو ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تەشۋىقات قىلىش، كىنونى قويۇش،كىنوخانىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. قىسقىسى بىر كىنونىڭ قانچىلىك ئادەمنى باقىدىغانلىقى، دۆلەتكە قانچىلىك باج كىرىمى ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىر ئېنىقلىيالمايمىز.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. داڭلىق رېژىسسورىمىز شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان ”مەمەتنىڭ 2008-يىلى“، ”گۈلبىكە“ ناملىق فىلىملەر دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرنى قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. بىراق بۇ فىلىملەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا، جەمئىيىتىمىزگە قانچىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. كىنوچىلىق ئىشلىرى ئەمدىلەتتىن راۋاجلانماقتا، بىراق كىنوچىلىق ۋە ياكى كىنو-فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن جان باقىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى قانچىلىك؟ بىر كىنو قانچە ئادەمنى باقالايدۇ؟ سىتاتېستىكا قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.”ئامېرىكىلىق مەرگەن“ فىلىمى 395 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق بېلەت كىرىمى ياراتتى. بۇ بېلەت كىرىمى ھەرگىزمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۇللار، ياكى سىنتەخسىلەرگە قاچىلاپ سېتىش ۋە ياكى تېلېۋىزوردا قويۇش ئارقىلىق كەلگەن ئەمەس، بەلكى 3885 كىنوخانىدا قويۇلۇپ، كىنوخانىغا كىرىش بېلىتىدىن يىغىلغان پۇل.ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىدەك نەشىر ھوقۇقى قاتتىق قوغدىلىدىغان دۆلەتتىمۇ كىنولار ئاپتونوم رايونىمىزدىكىدەك سىنتەخسىلەرگە قاچىلىنىپ سېتىلمايدىكەن، تېلېۋىزوردا قويۇلمايدىكەن، بەزىبىر ھەقلىق كۆرۈش تور بېكەتلىرىدىن باشقا تورلارغا چىقىرىلمايدىكەن. ئەمما ئاپتونوم رايونىمىزدا كىنولارنىڭ ئىشلەنگىنىنى ئاڭلايمىز، ئۇزاق ئۆتمەيلا يايمىلاردا 5 يۈەنلىك سىنتەخسىلەردىن كۆرىمىز. مەيلى ناخشىلار بولسۇن، ياكى ئىتوت، تىياتىر، كىنولار بولسۇن، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان تارقىتىش شەكلىدە تارقىتىلسا، كىشىلەرنى ئوغرى نەشىردىكى دىسكىلارنى ئالماسلىققا قانچە دەۋەت قىلساقمۇ، يەنىلا بىكار. چۈنكى كىنو- ناخشىلارنىڭ ئەسلى نەشرى بىلەن ئوغرى نەشىرىدە ھېچقانداق پەرق يوق دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلىرىمىز مەيلى ئاڭ-سەۋىيە جەھەتتىن بۇلسۇن، ۋە ياكى سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتىن بولسۇن، 5 يۈەنلىك ئوغرى نەشرىنى قويۇپ، 30 يۈەنلىك ئەسلى نەشرىنى ئالىدىغان ۋاقىتقا كەلمىدى. تېخىمۇ يامىنى، دۆلىتىمىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن تۈزۈملىرى تېخى مۇكەممەللەشمىدى، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتقان ۋاقىتتا، كىنو-فىلىم، ناخشا-تىياتىرلىرىمىزنىڭ سىنتەخسە قىلىپ تارقىتىلىشى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ.بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاۋات كوچىغا جايلاشقان بىر كىنوخانىنى مىسالغا ئالساق، داڭلىق كىنولارنىڭ تۇنجى قويۇلۇشىدىكى بېلەت باھاسى 35 يۈەندىن 60 يۈەنگىچە، ئۈچ ئۆلچەملىك كىنولارنىڭ 40 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە بولىدۇ. شەھەرنىڭ چەترەك، ئانچە ئاۋات بولمىغان جايلىرىغا جايلاشقان كىنوخانىلاردا يىگىرمە يۈەنگە داڭلىق كىنولارنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەر باھاسى، ئاممىۋىي مۇلازىمەت باھاسى نىسبەتەن تەرەققىي قىلمىغان ئاپتونون رايونىمىزدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭدا كىنونىڭ قويۇلۇش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن. بېلەت باھاسىمۇ ماس ھالدا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بىراق بۇ بازار يەنىلا ناھايىتى كەڭ ھېسابلىنىدۇ.بىراق قارايدىغان بولساق، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانچىلىك كىنوخانا بار؟ بۇنىڭ قانچىلىكىدە ھەپتىدە بىرەر قېتىم شىنجاڭدا ئىشلەنگەن فىلىملەر قويۇلىدۇ؟ قانچىلىك تىياتىر ئوينىلىدۇ؟ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالمىغان ھەر قانداق كەسىپ ئۇزۇققا تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالىغاندا، ئاندىن قوشۇنى داۋاملىق زورىيىپ، تەرەققىي قىلىدۇ، كەسىپنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسى ئاشىدۇ. قارىساق، دۇنيادىكى ھەربىر ئەنئەنىۋىي كىنو شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كىنوخانا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتا نۇرغۇن كىنو شىركەتلىرىنىڭ مۇئەييەن كۆلەمدىكى كىنوخانىسى، كىنو تورلىرى بار.2013-يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى چەتئەل تىلى فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيە فىلىمى ”مۇھەببەت“ كە قارىساق، ئىشلىنىش ئۇسلۇبى ۋە تەسىر كۈچى جەھەتتىن ئەمەلىيەتتە بىزدىن ئۇنچىلىك يىراقتىمۇ ئەمەس، ئوسكار مۇكاپاتىمۇ بىزدىن بەك يىراقتىمۇ ئەمەس. بىراق فىلىملىرىمىز قاچان ئوسكار سەھنىسىگە چىقالايدۇ؟ بۇ بەلكىم ھەربىر شەھىرىمىزدە ئۈچ-تۆت كىنوخانىدا، ھەر بىر ناھىيەلىرىمىزدە بىردىن ئىككى كىنوخانا ئېچىلىپ، ئۇيغۇرچە كىنولار توختىماي قويۇلىدىغان بولغان يېقىن كەلگۈسىدە ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. (ئالىمجان تاتلىق) مەنبە: گۈلجاھان مېدىيەسى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار5

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تىمىكەن بۇ.
دىۋان
tarihim ۋاقتى: 2015-2-28 08:59:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇكىرىم ئابلىز  ئىتۇتىدا  دىگەندەك  ياشلىرىمىز  نەدە  چۇڭلارچۇ ؟ ھەي   بۇ دۇنياغا  بىر  نىمە  دىگىلى    بۇلمىدى،来自: Android客户端
يىكەنداز
يېكەن ۋاقتى: 2015-2-28 11:23:58 | ئايرىم كۆرۈش
BIZ GIMU BADU BIR KUNI
كىگىز
wasdnoasdw ۋاقتى: 2016-1-28 17:14:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلارغا ئوسكار مۇكاپاتى بەكلا يىراقتا مۇكاپاتقا ئېرىشىنى ئەمەس، نامى ئاتالىشىمۇ ئەمەس ، ئوسكارنىڭ بۇسۇغىسىغا بارالىىسا چوڭ گەپ ، ئوسكار ئاكادىمكلىرىنىڭ ھەر بىر شەھەردە كىنوخاننىڭ جىق ئېچىلىشىغا ،ئۇيغۇرچە كىنونىڭ جىق قۇيۇلغىنى بىلەن كارى يوق ، ئۇلارنى  يېڭى ئىدىيە، ئۈزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، يۇقۇرى بەدىئىي سەنئەت، پەۋقۇلاددە رول ئېلىش سەنئىتى بىلەن دىققىتىنى تارتقىلى بۇلۇشى مۇمكىن .  
ئورۇندۇق
wasdnoasdw ۋاقتى: 2016-1-28 17:27:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن فىلىملىرى بولسا "ئەڭ ياخشى چەتئەل تىلى فىلىمى" دىگەن تۈرى بۇيىچىلا نامزاتلىققا تاللىنىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. قالغان تۈرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۈزىدە ئشىلەنگەن فىلملەرگە قارتا  تاللىنىلدىغان تۇرسا !؟  
ئاپتۇرنىڭ ئوسكار ھەققىدە چۈشەنچىسمۇ ئانچەى يۇقۇرى ئەمەس ئوخشايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

6تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1