ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«گىگانتلار زەربىدە» دىن خاتالىق تېپىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:19:22 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 10:37
بوپتۇ.
يەنە شۇ قىسىمدىن، ئۈچۈنچى كەسمە رەسىمدىكى جۈمل ...

ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ، ھازىر  بۇ كارتوندىن بايقالغان كۆپ قىسىم خاتالىقلار ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن خاتالىقلار ئىكەن، دېتالغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن بەزى نۇقتىلارغا سەل قاراپتۇق، جۈملىدىن ھەقىقىي ياكى ھەقىقى دەپ يېزىلسىمۇ ئىملا تەكشۈرگۈچتە ئىككىلىسى توغرا ئىكەن، شۇڭا بەزى جايلاردا ھەقىقى، بەزى جايلاردا ھەقىقىي دەپ ئېلىنىپ قالدى، پەقەت بۇلا ئەمەس، سەبداش، خاراب، دېگەندەك سۆزلەردىمۇ ئىختىلاپ كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىمۇ بىردەك ئەمەس، مەسىلەن 1985- يىلقى ئىملا قائىدىسىدە «كىتاپ»، 1997- يىلدىكى قائىدىدە «كىتاب» دەپ يېزىلىدىكەن، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە نېمە دېيىلىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم، ئىشقىلىپ خاتانى توغرىلاش مەقسىتىدە مۇشۇ تېما يوللاندى، يەنە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.
  ئاق بۈركۈتكە گرامماتىكا مەلۇماتلىرى ھەققىدىكى تېمىلارنى جىقايتايلى دەپسىز،  سۆزلىرىڭىزدىن بۇ ھەقتە خېلى بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىز باشلاپ بىرەرنى يوللىمامسىز.
ھە راست،   ئۈچىنچى دېسەك توغرا بولامدۇ ياكى ئۈچۈنچىمۇ؟
32#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:32:47 | ئايرىم كۆرۈش
تەلقىنى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 11:25
بولسا ياپونىيە كارتون  فىلىمى«ئالۋاستى قۇيرۇقى»(妖精的尾巴 ...

مۇشۇ بىر كارتوننى تەرجىمە قىلىپ بولالماي بېشىمدىن بۇس چىقىپ كېتىۋاتىدۇ،  ماۋۇ تۈگىسە يەنە نەچچىسى ئۆچرەت تۇتۇپ تۇرىدۇ تېخى... مەن بۇ كارتوننى نەچچە يىلغىچە پىلانىمغا كىرگۈزەلمەيمەن، باشقا تەرجىمانلار قانداقكىن...
33#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:33:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلىياس يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 12:56
4 قىسىم 12:14 لۇق يىرىدە  ‹‹سەن كۆڭۈلشىمىگەن قۇرۇق قول ئېل ...

يەرلىك شىۋە  شۇ ئورۇندىكى ئەسلى تېكىستكە ماس كېلىدۇ دەپ شۇنداق تەرجىمە قىلغان، بۇ سۆزدە خاتالىق يوق
34#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:38:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلىياس يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 14:19
7قىسىم 7:57لۇق يىرىدە چىقىۋالغاندەكمۇ ئەمس
تۇغرىسى ئەمە ...

رەھمەت سىزگە،   بۇ خاتالىقنى تۈزىتىپ قوياي،  بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئىملا خاتالىقلىرىغا دىققەت قىلسام بولغىدەك، سىزمۇ ھەم...
مۇكاپاتىڭىزنى ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋەتتىم
35#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:44:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلىياس يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 15:50
دۈشمىنىڭنى ئوۋلا.

ناخشىدىكى ئاھاڭدارلىق ھەم بوغۇم سانى كۆزدە تۇتۇلۇپ مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنغان، بۇ جايدا خاتالىق يوق
36#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 20:49:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 17:01
سىغىمىنى كىچىكراق قىلىپ پىرىسلىسىڭىز....تورغىمۇ ئى ...

راستىنى ئېيتسام فىلىمنىڭ سۈزۈكلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغىنىنى ئويلىسام سىغىمىنى ئازراق بولسىمۇ كىچىكلىتىۋېتىشكە پەقەتلا قولۇم بارمايدۇ...
37#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-26 21:24:17 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 20:19
ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ، ھازىر  بۇ كارتوندىن بايق ...

دۇرۇست. تىلىمىز گاھى تۈزۈلۈپ، گاھى بۇزۇلۇپ تېخىچە پۇختىلىشىپ بولالمىدى. ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىنى شەخسەن ئۆزەم ئىشلىتىپ باقمىدىم. ناۋادا سىز دېگەندەك كەمتۈك بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا كومپىيۇتېر لۇغىتىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئىشلىتىپ باققان لۇغەرلەردىن ئەڭ پۇختىسى‹ئوكيانۇس› ئىكەن. ئۇنىڭدا سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى بىلەن يەشمىسىنى، سۆزنىڭ قايسى تۈركۈمگە تەۋەلىكىنى،  قايسى تىلغا تەۋەلىكىنىمۇ كىرگۈزۈپتۇ. مۇشۇنىڭدىن، مەزكۇر لۇغەتنى ئىشلەشكە كەسپىي تىلچىلار قاتناشقانلىقىنى، ھېچبولمىغاندا كەسپىيلارنىڭ ماتېرىيالىدىن ئەڭ يۇقۇرى چەكتە پايدىلانغانلىقىنى ئۇققىلى بولىدىكەن. تەرجىمە جەريانىدىمۇ سۆز بايلىقىنى روشەن موللاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئىملا دېتالىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ، سىزنىڭ سىنىغىنىڭىزدەك ناچار ئۈنۈمدە بولسا، ئۇنى ئىشلەشتە ئومۇمەن كومپىيۇتېرچىلارلا كۈچىگەنلىكىنى ياكى ماتېرىياللاردىن ئەستايىدىل پايدىلانمىغانلىقىنى ئۇققىلى بولىدۇ. دېتال ئىشلىتىشتە، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، ئىشلىگەن گۇرۇھ بىلەن ئىشلەشكە قاتناشقانلارغا باققىنىمىز ئەۋزەلراق.
ئەمدى سىز مىسال قىلغان، ئىملاسى بىرلىككە كەلمىگەن سۆزلەرگە كەلسەك، ‹كىتاب› دېگەن سۆز پارسچە ئىسىم سۆز. ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن تەلەپپۇزىمۇ ‹كىتاب›. قالغان ئىككى سۆزنىڭ باشقا يېزىلىشلىرىنى مىسال قىلماپسىز. ‹خاراب› دېگەن سۆزنىڭمۇ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلۇشى ئوخشاش ‹خاراب›.
لېكىن بايا سىزگە دېگەن ‹ىي› بىلەن ‹ى› نىڭ ئىملاسى بىرلىككە كېلىپ بولغان ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ شۇنداق يېزىش زۆزۈر،. بىرىنچىدىن ‹ىي› ئۇرغۇلۇق، ئىككىنچىدىن يېزىقتا ‹ى› دىن پەرقلىنىپ، راۋان ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ئېغىز تىلىدا قانداق دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، يېزىقتا ئەسلىي تەلەپپۇزىنى يازمىساق بولماس. ئۇنداق قىلمىساق ئۇيغۇرچىدىكى ئېنگىلىزچە سۆزلەرگە ئوخشاش چۇۋالچاق بولۇپ قېلىشى ئېنىق. بۇرۇن ئېنگىلىزچىنىڭ يازغىنىنى ئوقۇيلى دەپ قائىدە چىقىرىپ ئومۇملاشتۇرۇپتى، ئەمدى بەزىلەر قوپۇپ دېگىنىنى ئوقۇۋېلىپ، قايسى قانداق ئاڭلىۋالسا شۇنداق يېزىۋېلىپ پاراكەندە قىلىۋاتىدۇ. ئۇقمىغان تىلنىڭ گېپىنى ئاز قىلاي. تىلىمىزدىكى پارسچە سۆزلەردە بولسىمۇ بىرلىكنى ساقلىۋېلىپ، ‹ف› ھەرپى ‹پ› ئاجىزلىشىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەردىن باشقا بارلىق سۆزلەرنى ئۆزئەينەن يازايلى.
گىرامماتىكىدا خېلى بىلىمىم بولمىسىمۇ، بىلگىنىمنى يېزىپ تۇرسام بولىدۇ. ‹گىرامماتىكا› مەلۇماتى تېمىسىنى باشلاڭ دەپسىز، ئۆزىڭىز باشلاپ بولدىڭىزغۇ مانا. مۇشۇنىڭ ئۆزى گىرامماتىكىنى پۇختىلاشقا ياردىمى تېگىدىغان تېما. مەن دەل مۇشۇنداق تېمىلارنى جىقايتايلى دېدىم. ئايرىم ماۋزۇ قويۇۋالغاندىن كۆرە، مۇشۇنداق پائالىيەتلىك قىلساق جەلب قىلالايدۇ.
‹ئۈچۈنچى› دېگەننىڭ بىرلىككە كەلگىنى ‹ئۈچىنچى› بولۇشى مۇمكىن. سوزۇق تاۋۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇلۇشىنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى ئىنكاسلاردا قەستەن ئاشۇنداق يېزىۋالىمەن.
38#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-26 21:59:37 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 19:24
دۇرۇست. تىلىمىز گاھى تۈزۈلۈپ، گاھى بۇزۇلۇپ تېخىچە پۇخ ...

بەزى كالامپايلىق قىلىپ خاتا بېسىلىپ قالغان ۋە يەرلىك شىۋە بويىچە يېزىلىپ قالغان خەتلەرنى توغرىلاشتا يەنىلا ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىغا تايانماي بولمايدۇ، بىراق شۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىرىدە مۇشۇنداق كۆپنىڭ ياردىمىگە تايانماي ئامال يوق. مەنمۇ ئۇيغۇرسوفتنىڭ  كونا لۇغىتىدىن پايدىلىنىمەن، قارىغاندا ئۇمۇ ئوكيانۇستەك تولۇق ئەمەس ئوخشايدۇ، مەن بىر ئىشلىتىپ باقاي قېنى...
مەن خەنزۇچە ئوقۇغان، شۇڭا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق، ئاجىزلىشىش كۈچلۈكلىشىش، پېئىلنىڭ بىر نېمە بىلەن تۈرلىنىشى دېگەندەكلەرنى ئاڭلىسام بېشىم قېيىپ كېتىدۇ... ئانچە-مۇنچە ماتىرىيال كۆرىمەن، لېكىن دېگەندەك پايدىسى بولمايۋاتىدۇ، لېكىن باشتا دېگەندەك بىرلىككە كەلگەن ئىملا قائىدىسى بولمىسا بەزى نەرسىلەرنى بىلگەن بىلەن بىلمىگەننىڭ پەرقى قالمايدىكەن... شۇڭا زۆرۈر ئاساسىي بىلىملەردىن بىرەر يازما تەييارلىسىڭىز، تەرجىمىدە پايدىلانساق دېمەكچى ئىدىم.
39#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-27 01:31:57 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 21:59
بەزى كالامپايلىق قىلىپ خاتا بېسىلىپ قالغان ۋە يەرلىك  ...

ئۇيغۇر سوفتمۇ بەلەن. لۇغەتنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق بولمايدۇ. بىرسى تاپالمىغاننى باشقىسى تېپىۋالىدۇ. ئوكيانۇسنىڭ ئەۋزەللىكى سۆزنىڭ مەبەيى بىلەن تۈرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئەۋزەللىكى تۆت خەتلىك خەنسۇچەئىبارىنى جىقراق تەرجىمە ئوكيانۇستىن جىقراق تەرجىمە قىلالايدىكەن. ئىككى لۇغەتنى بەسلەشتۈرگۈنۈم ئەمەس. ئاۋۇ ئىملا تۈزۈتۈش دېتالىدىنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، بىۋاستە لۇغەتتىن ئىشلەتكەن تۈزۈكراقمىكى دېدىم. ناۋادا س ر ت دىكى خەتلەرنى ئاپتوماتىك تەكشۈرەلىسە، بىخەستەلىكتىن سادىر بولغان خاتا سۆزلەرنى توغۇرلاشتا قوللىنىپ قويسىمۇ بولغۇدەك. س ر ت نى بىۋاستە تەكشۈرەلىسە ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەمسىز، ئىشلىتىپ باقاي؟ مەن تېخى بىر جۈملىنى كېسىپ، ئاندىن دېتالغا چاپلاپ تەكشۈرتۈپ؛ كەينىدىنلا يەنە بىر جۈملىنى..... دەپ ئويلاپتىمەن.
40#
بەھرام710 ۋاقتى: 2013-12-27 07:03:09 | ئايرىم كۆرۈش
9-قىسىم 16مىنۇت 32 سىكونت   بىر جۈملە تەرجىمە قىلىنماپتۇ..
41#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-27 22:50:52 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 21:59
بەزى كالامپايلىق قىلىپ خاتا بېسىلىپ قالغان ۋە يەرلىك  ...

كېيىنكى ئىملا خاتالىقىڭىزنىڭ بايقىۋالغانلىقىمغا، بىرىنچى قىسىمنى يوللىۋەتمەمسىز؟
42#
ئىلەڭگۈ ۋاقتى: 2013-12-29 00:10:45 | ئايرىم كۆرۈش
1-قىسىم 4 مىنۇت 59 سىكونتلۇق يېرىدە، خاتاسى :ئۇنى ۋەيران قىلالمايمىز، توغرىسى :ئۇنى ۋەيران قىلالمايدۇ
43#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-29 00:38:37 | ئايرىم كۆرۈش
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 05:03
9-قىسىم 16مىنۇت 32 سىكونت   بىر جۈملە تەرجىمە قىلىنماپتۇ..

بۇ خاتالىقنى ئابلىز بۆرە بايقىغان.
44#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-29 00:39:53 | ئايرىم كۆرۈش
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 20:50
كېيىنكى ئىملا خاتالىقىڭىزنىڭ بايقىۋالغانلىقىمغا، بى ...

سەت بولدى، ئۇنتۇپ قاپتىمەن،  تەلىپىڭىز بويىچە بىرىنچى قىسىمنى يوللىۋەتتىم.
45#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-29 00:42:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلەڭگۈ يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 22:10
1-قىسىم 4 مىنۇت 59 سىكونتلۇق يېرىدە، خاتاسى :ئۇنى ۋەيران  ...

بۇ يەردە خاتالىق باردەك ئەمەسقۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1