Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 11411|ئىنكاس: 58
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تەۋەككۈلچى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئىسمى:
L'as des as
خەنزۇچە ئىسمى:
王中王
دۆلىتى:
فرانسىيە
تىلى:
فرانسۇس، نىمىس تىلى
تۈرى:
ئۇرۇش، كومىدىيە
فورماتى:
MKV
ۋاقتى:
1982年10月27日
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
720P
سىغىمى:
1.59GB
ئۇزۇنلىقى:
103 مىنۇت
رېژىسسور:
Gérard Oury
باش رولچىلار:
让-保罗·贝尔蒙多 玛丽-弗朗丝·皮西尔 Rachid Ferrache
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
ھېكايە 1936-يىلى گىتلېر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. شۇ يىلى فاشىست كاتىباشلىرى ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا گىرمانىيە بىرلىن شەھىرى دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. فرانسىيە بوكس كوماندىسىنىڭ تېرنېرى جورجېس.كاۋارى گەرچە گىرمانىيە فاشىسىتلىرىغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ، گىتلېرنىڭ تەلۋىلەرچە ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ خەلىقئارادىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، فاشىسىت ھاكميىتىنى تەشۋىق قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كوماندىسىنى باشلاپ، بېرلىنغا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا ئاپىرىدۇ.
    فرانسىيە تەنھەركەتچىلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ، بېرلىنغا بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇلار تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە تولىدۇ. كاۋارى ئۆز ۋاقتىدا قالتىس بىر بوكسچى بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، فرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولغان ۋاقىتتا گىرمانىيە ئايرۇپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، فىرانسىيەدە زور نام-ئاتاققا ئېرىشكەن. دەل شۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۇنىڭ گىرمانىيە ھاۋا ئارمىيە ئوفىتىسىرى بېكمان بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا تۇتۇشىپ قالدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس دېگەندەك ئۇلار ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگىچە ئېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرۇسىدا دوستلۇق ھېسسياتى شەكىللىنىپ، ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇلار 25 ياشلاردا ئىدى. دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگەرسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى بۇرۇنقىدەكلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
    ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قالىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا بېكمان، كاۋارىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بىرىپ، فرانسىيە بوكس كوماندىسىنىڭ جەمىئيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.ئويلىمىغان ۋاقىتتا سىموڭ ئىسىملىك بىر يەھۇدى بالا تاسادىپىي پۇرسەتتە پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسى گىرمانىيە فاشسىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكگە ئۇچراپ، دادىسىنىڭ كىتابخانىسى پېچەتلىنىپ، چېقۋىتىلگەنلىكتىن بىر ئائىلىك كىشلىرى نەگە بېرىشنى بىلمەي قالىدۇ. كاۋارى بېكماننى ئۇچرىتىپ قالغاندا بەخىتسىزلىكىگە ئۇچرىغان ئۇ بالىغا ئىنتايىن بەك ھېسداشلىق قىلىدۇ. سىموڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كاۋارى بېكماننىڭ ياردىمىدە ھەم ناتسىسىت ئۇنسىۇرلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن يېىش-يېنىشلاپ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا باتۇر، قورقماس كاۋارى ئاخىرى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سىموڭ بىر ئائىلە كىشلىرىنى ئاۋىسترىيە چېگرىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
    بۇ فىلىمدا چەتكە قىچىش ۋەقەلىگى ئاساسى تېما قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر-مۇھاببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا شاد خوراملىققا تولغان، ھەققانىيەتچى ‹‹تەۋەككۈلچى›› كىشلەرگە خۇشالىق ھەم ئۈمىد ئېلىپ كىلىدۇ. ھەمىشە چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان Jean-Paul Belmondo رول ئالغان ‹‹تەۋەككۈلچى›› دېگەن بۇ فىلىمدا بىر بوكس تەنھەركەتچىسىنىڭ ئاقكۆڭۈل، باتۇر روھى خاراكتېرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ بىرىدۇ.













يانفون، پەد قاتارلىقلاردا كۆرۈش كودى:

360.txt

30 Bytes, كۆرۈش چەكلىمىسى: 100, چۈشۈرۈش سانى: 0

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +1 يىغىش سەۋەبى
بابۇر222 + 1 دەششەت !

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر2 ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى5 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2013-2-28 11:33:12 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋاننى يەنىلا ئۆزۈم قارا باستۇراي
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-2-28 11:33:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فارۇخ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 09:37  

دېۋان ئىشخال قىلىندى
گېلەم
ۋاقتى: 2013-2-28 11:38:06 | ئايرىم كۆرۈش
بوپتۇ دېۋان بولمىسا يىكانداز بولسىمۇ ئولتۇراي
كىگىز
ۋاقتى: 2013-2-28 15:43:21 | ئايرىم كۆرۈش
كېگىز بولسىمۇ ئولتۇرۇپ قويغۇلۇق
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-2-28 15:48:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئورۇندۇقمۇ شۇ ھى ھى
داق يەر
ۋاقتى: 2013-2-28 17:19:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toghraq731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 17:23  

ئەمدى ئىنكاس يازسىڭىز مىختا ئولتۇرسىز.
مىخ
ۋاقتى: 2013-2-28 18:10:56 | ئايرىم كۆرۈش
نىمىشقا كىنونى ئۆز ئىسمى بىلەن نام قۇيۇپ  تەرجىمە قىلمايسىلەر!~~؟
يا توردىن كىنونى ئىزدەپ تاپقىلى بولمىغان قەيەرگىلا قارىسا ‹‹غەزەپلەنگەن ئەخمەقلەر››‹‹كومىدىيىلىك قىزىقچى ››دىگەندەك كىنولار....بىرەر كىنونى ئۆز ئىسمى بىلەن ئىزدەپ تاپقىلى بولمىغان~~~بۇ كىنونىڭ ئىسمى ‹‹ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانى ›› كىنوغا ئۆز ئىسىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويايلى باللا ~~
بۇرۇن 复仇者联盟دىگەن كىنونى قىساسكارلار ئىتتىپاقى دەپ تەرجىمە قىلىپتىكەن ھەيران قالغانتىم ئۇ كىنونى ئېنگىلىزچە ئىسمى The Avengers يەنى ‹‹ئاۋانگارىتلار ›› مىنىڭچە كىنونىڭ ئەسلى تىلدىكى ئىسمىنى ئەسلى تىلدىكى مەنىسىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ قويايلى گەرچە ئالاھىدە ئادەمنى قىزىقتۇرالمىسىمۇ~كىيىن توردىن ئىزدەشكە ئوڭاي بولىدۇ ئەمەسمۇ!~~
9#
ۋاقتى: 2013-2-28 19:31:16 | ئايرىم كۆرۈش
دېۋان ئىشخال قىلىندى
بوپتۇ دېۋان بولمىسا يىكانداز بولسىمۇ ئولتۇراي


مۇشۇنداق گەپكە نىمانداق ئامراق سىلەردۇ ،،زولاپ ئىنكاس يېزىپ
10#
ۋاقتى: 2013-2-28 23:09:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرسە ياخشى ئەمەسمۇ كىنوخانىدىمۇ  ئالدى تەرەپنى ھەممە ئادەم تالشىدۇ باھاسى قىممەت بولسىمۇ
11#
ۋاقتى: 2013-3-1 08:55:56 | ئايرىم كۆرۈش
tugluk يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 18:10
نىمىشقا كىنونى ئۆز ئىسمى بىلەن نام قۇيۇپ  تەرجىمە قىلم ...

توغرا بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقنىمۇ شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئىستانسى ھوكۇمرانىڭ ھوكۇمىرانى دەپ ئالغان
12#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-1 11:21:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنونى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تەڭرى تاغ كىنو ئىستودىيىسى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان،كىنوخاندا ھەم تىلىۋىزوردىمۇ قويغان كىيىن تىلىۋىزوردا پەقەتلا بەرمىدى،  بۇ كىنونىڭ ئەسلى ئىسىمى كۆمراننىڭ ھۆكۈمرانى، كىنودىكى باش قەھرىمان تەۋەككۈلچى كىشى بولغاچقا فىلىم ئىسىمىنى شۇنداق دەپ قويغان.
13#
ۋاقتى: 2013-3-1 13:18:04 | ئايرىم كۆرۈش
سوم يوق ،چۇشۇرەلمىدىم
14#
ۋاقتى: 2013-3-1 15:31:11 | ئايرىم كۆرۈش
zulphar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 11:21
بۇ كىنونى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تەڭرى تاغ كىنو ئىستودىي ...

يا سىز كىنونى ئىشلگەن رېجىسسور بولمىسىڭىز! نىمىگە ئاساسەن باش رولچى تەۋەككۈلچىكەن دەپلا تەۋەككۈلچى دەپ ئۆزگەرتىسىز!
مىنىڭ ئىسمىم خان دىگەن كىنودىكى باش رولچى رىزۋان خان نىڭ سەل كېسىلى بار دەلتۈش،بۇنىڭغا قاراپلا ئىسمىسى دەلتۈش ھېندىستانلىق،ئامىركىدىكى دەلتۈش شاھرۇلخان دەپ قويساق بولامدۇ!بۇ پەقەت مىسال،مەن سىزنى جازالاۋاتمايمەن ،بولمىغان يېرىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىمەن، مىنىڭچە خاتالىقنى تۈزەتكەن ياخشى،گەپنى پەردازلاپ ئۆزنى ئېلىپ قېچىش ياخشى ئەمەس،ئۆزەڭلار ئويلىشىپ باقاسىلەر
15#
ۋاقتى: 2013-3-1 16:29:12 | ئايرىم كۆرۈش
tugluk يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 15:31
يا سىز كىنونى ئىشلگەن رېجىسسور بولمىسىڭىز! نىمىگە ئاس ...


«ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانى» توغرىلىق مۇنازىرە بولغاندا سىز نەدە ئىدىڭىز، بىز رېژىسسور ئەمەس، پەقەت شۇ تەرجىمان، رېژىسسور بولغان بولساق، رولغا ئۇ چەتئەللىكنى تاللىماي سىزنى تاللىغان بولاتتۇق، بىر تەرجىمان بولۇش سۈپىتىمىز تەرجىمىنى ئۆزلەشتۈرۈش ھوقۇقىمىز بار،  ھېچكىم بۇ يەردە سىز دېگەندەك، «قىزىقچى بوكسچى» دەپ ئالمىدى، قارىغاندا «قىمارۋاز چېڭلوڭ»، «بودەك خوڭجىنباۋ» دېگەندەك دەيلەرنى جىق كۆرۈپ كېتىپ ئىچىڭىزگە گەپ لىق توشۇپ قالغان ئوخشايدۇ، بىزمۇ سىزدەك گەپچىلەر، تەنقىتچى-پىكىرچىلەرنى قارشى ئالىمىز ئەلۋەتتە، بولسا باشتىن كېلىڭ، ئاياغتىنلا بىر يەردىن سەكرەپ چۈشىۋالسىڭىز، مۇشۇنداق چالۋاقايدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىسمىمۇ تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسى بىلەن ئۆزگەرتىلگەن، بىز بىر كىنوغا ھەممىڭلار ئۈچۈن ئايرىم ئىسىم قويۇپ بولالمايمىز، بولسا بۇنداق گەپلەرنى ھەرقايسى مۆھتىرەملەردىن پالانى كىنو تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، ئىسىمىنى قانداقراق ئالساق بولار، ھازىرچە مۇنداق ئېلىپ تۇردۇم، بوپتىمۇ دېگەندەك سوئاللار سورالغاندا قىلىلى ئېغىزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئەمىسە ما كىنونىڭ ئىسىمى ئەخمەت بولدى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بىلەن، دەپ كىنونى پرېسلاپ يوللاپ بولغاندا، ئاللا، ئەسلى مەمەت قويساق بوپتىكەن دېسىڭىز، بىز كەينىمىزگە يېنىپ قايتا پرېسلاپ يوللاپ بەرگىلى ۋاقىت چىقارساقمۇ ھەرقايسى قارا كۆزلەرنىڭ قايتا چۈشۈرگىلى ۋاقتى چىقماي قالىدۇ.
    ئەلۋەتتە كىنونىڭ ئىسىمى دېگەن بىر بولىدۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ كىنوسىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ تىلىغا ئۆرىگەندە كىنوغا ئاتىسى قويغان ئىسىم بويىچە ئېلىۋەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى تىل دېگەننى تۈپتۈزلا تەرجىمە قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭكىگە تازا چۈشمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئانچە-مۇنچە ئۆزلەشتۈرۈش بوپ تۇرىدۇ، «复仇者联盟»نى «ئاۋانگارتلار» دەپ ئالسىڭىز بولىدۇ، «飞屋环游记»نى «ئۆرلە» دەپ ئالسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ئىنگلىزچە بىلىسىز،  ياكى لۇغىتىڭىز تەييار، ئىنگلىزچىدىن بىۋاستىلا ئۆرۈپ قويۇۋېرىسىز، «英雄本色» نى كىنو ئىشلىگەنلەر چەتكە ئۆرىگەندە  «A Better Tomorrow» دەپ ئالغان،  «洗黑钱» نى «Tiger Cage» دەپ ئالغان...
    دېمەك تەرجىمانلىرىمىزنى سەن رېژىسسور ئەمەس ئۇ، بۇ دەپ چۈشمەي، ھەقىقىي پىكىر بەرگىڭىز بولسا ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق بولىدۇ، چۈنكى ھېچقايسى تەرجىمانلىرىمىز سىز ئۈندەش بەلگىسى قويۇۋالغۇدەك ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس. «叶问» نى «يۇپۇرماقنىڭ سورىقى»، «画皮»نى «تېرە سىزىش» دەپ ئېلىۋالسا ئۇ باشقا گەپ، شۇڭا ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا يەتسەك، لۇغەت كۆرۈپ يۈرۈپ بىر كىنونى مانچە ھەپتىدە پۈتتۈرۈپ ھەرقايسىمىزغا سۇنۇۋاتسا، كىنونىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىغا قاراپلا ئىسىم چۈشمەپتۇ دەپ قوڭىمىزدا كۈلمەي، تەرجىمىنى بىر كۆرۈپ چىقىلى، ئىملا خاتالىقى بولسا دەيلى، خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان بولسا دەيلى، ئەمما خەقنىڭ تىلىنى بىرگە-بىر تەرجىمە قىلىپ ئىنگىلىزچىدىن ئۇدۇللا ئۆرۈپ يازساق ئېكرانغا پاتمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك تەرجىمانلىرىمىزمۇ ئۆزلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ  مېڭىۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىقلار football دەپ قالسا پۇتبۇل دەپ ئالغىلى بولمايدىكەن، بىۋاستىلا ئالىمىز دېسەك، ئامېرىكىلىقلار يۈز-كۆزۈم كۆكىرىپ كەتتى تاياق يەپ دېمەي، يۈز-كۆزۈم ياشىرىپ كەتتى دەيدىكەن...
     شۇڭا ۋاقتىمىز بولسا ئىنگلىزچە سەۋيىمىز بولغاندىكىن، بىرەر فىلىمنى فەچەت تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىپ قويايلى، ئىسىم دېگەننى مانداق قويىمىز دەپ، ياق زادى مەن مۇشۇ ئىسىم بىلەنلا قالىتىم دەيدىغان گەپ بولسا، بۇ تېمىدا يۈرمەي، تېزدىن «قىساسكاردىكى ق» غا كىرىپ گەپ بولسا دەۋالىلى، بۇندىن كېيىمۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىم ئۇچۇرلىرىغا كۆز يۈگىرىتىپ، تەرجىمانلىرىمىز چىرايلىق مەسلىھەت سورىغان يېرىگە مەسلىھەتىمىزنى بېرىۋالىلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 12:43 , Processed in 1.378893 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش