ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

50 يۈەننى قىممەت كۆردىڭىزمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1209 40
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-24 12:24  

50 يۈەننى قىممەت كۆردىڭىزمۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى مۆھتەرەم بۈركۈتچاقلار كەمىنە، پېقىر تۇغتېكىن دىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالاملار، ئالىي ئېھتىراملار بولسۇن... بۇ يازمىنى يېزىشىمدىكى مەقسەت ۋە سەۋەب ئاق بۈركۈت قۇرغۇچىسى دىلمۇرات ۋە ئاق بۈركۈتتىكى مېھنەتسىز تەرلىرى ئارقىلىق ماڭا ئوخشاش چاڭقاق دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلاپ كېلىۋاتقان تەرجىمان، تەھرىر، كىرىشتۈرگۈچىلەر ۋە قۇلى گۈل لايىھىلىگۈچىلەر چوڭقۇر رەھمىتىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزۇندىن بۇيانقى ئۇچرىشىشقا نېسىپ بولمىغان بۈركۈتچاقلارغا ۋە باچكىلارغا سالام يوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ سەل سەپرايىمنى ئۆرلىتىپ قويغان بىر ئىشنى تورداشلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇردۇم.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئاق بۈركۈتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە ئازراق ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مەن ئۆزۈمچە ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم. بىرى، مۇقىم بۇلۇت بوشلۇقى بولماسلىق (بار دەيسىلەر لېكىن ھەممىسىنىڭ بېرى بار. شۇڭا جىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق) يەنە بىرى، ئاق بۈركۈتتىكى ئاق ساقال بۈركۈتلەرنىڭ ئاق بۈركۈتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، تەرجىمانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بېكەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش (بېكەت بوشلۇقى، ئايلىق ئىجارە، ئەلەي-بەلەي، مەمەت-سەلەي دېگەندەك...)، تەرجىمانلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باش قاتۇرۇشى ۋە نەچچە قېتىملىق قۇرۇلتايلاردا قاراپ چىقىرىلغان مىزانلارغا ئاساسەن (ئەلۋەتتە، قۇرۇلتايلاردا مەن يوق)، بىر نەچچە تۈزۈملەر يولغا قويۇلدى.
مەن بۇ يەردە بۇ مىزانلار ئارىسىدىكى ماڭا بەكراق ياققان شۇنداقلا، ئاق بۈركۈت تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان << 50 يۈەنگە يېرىم يىللىق 50 ئەزا قوبۇل قىلىش >> تۈزۈمى بولدى. لېكىن، بۇ ئىش مېنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈردى. يەنى، 5 كۈن مابەينىدە ئەزا بولغانلارنىڭ سانى ئاران 35 بولۇپتۇ. بۇ خىل ھالەت مېنى ناھايىتى ئۈمۈدسىز كەيپىيات ئىچىگە باشلاپ ئەكىردى. بۈركۈتچاق ۋە باچكىلاردىكى بۇ خىل ھالەتنى مەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەرگە يېغىنچاقلىماقچىمەن ۋە چاقىرىق قىلماقچىمەن.

1- 50 يۈەن بەك قىممەتمۇ نېمە؟

50 يۈەن بەك قىممەتمۇيا؟ بۇ ئىش ھەممەيلەننىڭ كېچە-كېچىلەپ چوت سوقۇپ، ھېسابلىغۇچنى تاراقلىتىپ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئۇخلاتماسلىققا سەۋەب بولدى. 50 يۈەن ھەرگىزمۇ قىممەت ئەمەس ھېسابلاپ باقسىڭىز ئاق بۈركۈتتىكى ھەربىر چوڭ فىلىم (قىسىملىقتىن باشقا) 30 دوللاردىن بولسا، سىز بۇ پۇلىڭىزغا بۇرۇنقى ھەق بويىچە ھېسابلىغاندا، 20 فىلىم سېتىۋالالايسىز. ھازىرقى قائىدە بويىچە ھېسابلىغاندا 10 فىلىمنىمۇ ئاران كۆرۈسىز ۋە چۈشۈرەلىشىىڭىز مۇمكىن.

2- ئۇنداق بولسا، 50 يۈەنگە نەچچىلىك فىلىم كۆرىمەن؟

بىر يىل 12 ئاي ھەممىمىز بىلىمىز، يېرىم يىل نەچچىلىكتۇ... چوتنى ئوبدان سوقسىڭىز بىلىسىز؟ ئۇنداق بولسا، سىز ئاق بۈركۈتنىڭ تەرجىمە پىلانىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ كۆزنى يوغان ئېچىپ، چاپاقنى ئادالاپ قارايدىغان بولساق، 7 فىلىم تەھرىرلەش باسقۇچىدا ئىكەن. (يەتتىگە 30 كۆپەيتىشنى بىلىسىلەر ھەر قاچان) بۇنىڭدىن سىرت مەخپىي تەرجىمە قىلىنىپ تەھرىرلىنىۋاتقان فىلىملەرمۇ 4.5 گە يېتىدۇ(قىسىملىقتىن باشقا) ئۇنداق بولسا، قاسقانغا سېلىپ بولغان 11 فىلىم نەچچە پۇل بولار؟ بۇنى دەپ يۈرمەي ئۆزىڭىز ھېسابلاڭ.
ئۇنىڭدىن سىرت تەرجىمە قىلىنىۋاتقان، يىپى ئۈزۈلەي دېگەن فىلىملەردىن نەچچىسى باردۇ؟ ئالدىيماي تۇيۇڭ مەن دەپ بىيمەن... يەنى تەرجىمە قىلىنۋاتقان فىلىملەردىن 7 فىلىم بار بۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئالاھەزەل 1.2 ئاي ئەتراپىدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت خۇپىيانە تەرجىمە قىلىنۋاتقان فىلىملەر نەچچىلىكتۇ بەلكىم 4.5 تۇ خوش ئۇنداق بولسا يەنە 11 فىلىم تۇخۇمدىن چىقىدۇ دەيلى... 22 فىلىم دەل سىزنىڭ ئىلگىرى ئاق بۈركۈتتە كۆرىدىغان 50 يۈەن ھېسابىدىكى فىلىملىرىڭىز ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى قائىدىدە 50 يۈەنگە 22 فىلىمنى كۆرەلەيسىز. لېكىن، چۈشۈرەلمەيسىز... چۈشۈرۈش ئۈچۈن يەنە يانچۇق كولايسىز...
خوش ئەمدى كېلەيلۇق يېقىندا قويۇلغان ۋە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە قويۇلىدىغان فىلىملەردىن زاكاسلار نەچچىلىك بولار. بېكەتتىكى نەق ھېسابتا، 4 فىلىم بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت تەرجىمانلار نىيتىدىن بۇزۇپ، بىر-بىرى بىلەن چاچلىشىپ، مۇشتلىشىپ تالىشىپ ئولتۇرغان فىلىملەر نەچچىلىكتۇ... بوپتۇ كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ئۇنىمۇ 4 دەپ تۇرايلى... بۇ نەچچە بولدى؟ ئەلۋەتتە 8 بولىدۇ.
دېمەك، يېرىم يىلدا كەم دېگەندىمۇ 30 فىلىم چىقىدۇ دەيلى (بۇ مېنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھېسابلاش نەتىجەم) قالغىننى تەرجىمانلاردىن بىلدىغانلار دەپ بېرىدۇ. دېمەك، 30 فىلىمنى ئىلگىرى چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن 600 دوللار خەجلەيتىڭىز، يەنى كۆك رەڭلىك ئادەم سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن قەغەزدىن بىرنى، ئالا كۆك رەڭلىك ئادەم سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن قەغەزدىن بىرنى خەجلەيتىڭىز(بەزىلەر 50 يۈەنگە 600 ئالاتتىم دېيىشى مۇمكىن، لېكىن، ماۋۇ يەردىكىسى نەق ھېسابات) ھازىرچۇ 30 فىلىمنى كۆرۈش ئۈچۈن 600 نى خەجلىسىڭىز، چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەم دېگەندە تەرجىمانلارنىڭ ئىنسابى كەلسە 350 نى چاپلايسىز...
ئۇنداق بولسا، ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى تۆۋەندىكى سان-سېفىرلارغا كۆزنىڭ چاپىقىنى ئادالاپ تۇرۇپ قاراپ بېقىڭلار بۈركۈچاقلار ۋە باچكىچاقلار ... زىيان بارمىكەن ياكى پايدىمۇ؟ تۆۋەندىكى نەخ فىلىملەر تۈگسە تەرجىمانلار ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ، ئارقىلىققا چامما ئېتىپ يۈرەرمۇ؟ ياق ئۇنداق بولمايدۇ. يەنە بىزدەك قارا كۆز چوماقچىلار ئۈچۈن فىلىم تەرجىمە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مېنىڭ مۆلچەرىمچە ۋە بىلدىغانلىرىمچە ئالاھەزەل 10 نەچچە فىلىمنىڭ چىقىشىدا گەپ يوق... ئۇنداق بولسا، زادى ئويلاپ بېقىڭە زىيان بارمۇ؟ ياكى پايدىمۇ؟ كۆپۈنچەيلەن زىيان بىلەن پايدىنىلا ئويلايدۇ. لېكىن، بۇ يەردە مەندەك خەتلىك فىلىم خۇمارلارمۇ بار ئەلۋەتتە، بىز بۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش دەپ قارايمىز... ھەمدە بۇلار ئاۋانگارت ئەزالارنىڭ شوئارى

3- مۇشۇنداق ئېنىق بولغان سان-سىفىرلار ئارىسىدا يەنە تەمتىرەپ، تىمسىقلاپ يۈرەمسىز؟

بايا دەپ ئۆتكەندەك، چوت سوققانلارمۇ ئاز ئەمەس، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتلارنىڭ قانداق ئۇلغايتىشنى بىلەلمىگەنلەرمۇ ھەم ئاز ئەمەس... شۇنداقلا، ئاق بۈركۈتنى قوللاش نېيتى بار. ئەمما ئىقتىسادىي يار بەرمىگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس... لېكىن، بۇ خىل ئەھۋالنى ( بىر تال يېشىل رەڭلىك ئادەم سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن قەغەزنىڭ پارىڭىنى دېمەكچى) ھەرگىزمۇ بىنۇرماللىق دەپ قارىماڭلار قېرىنداشلىرىم.

4- تەرجىمە بېكەتلەر ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ...

تەرجىمە فىلىم بېكەتلەر ئىلگىرى كۆپ ئىدى. مەسىلەن: سابىق شاھ ئۇيغۇر بىلوگى، 10 كىنوخانىسى، ئوغۇلچاق، بۆرىيار گۇرۇپپا فىلىملىرى، ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى، تۇرانىم، كۆۋرۈك، مەستانە قاتارلىقلار بار ئىدى... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلەم ۋە قايغۇ ئىچىدە تاقالدى. قۇتيار بولسا، يىللىق ئەزالىق ھەققىنى 500 گە چىقىرىپ (يېرىم يىللىقى يوق جۇما يەنە... ئاق بۈركۈتتە بولغان بىلەن) ئىشىكنى مەھكەم تاقىدى. ئەمدىچۇ، بىر قىسىم ئۈمۈدكە تولغان بىكەتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى دولقۇن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە كارتون دۇنياسى ۋە كۆزنەك كارتون گۇرۇپپىسى مەيدانغا كەلدى. ئەلۋەتتە بىز بۇلاردىن زور ئۈمۈدلەرنى كۈتىمىز. قالغان چالا قالغانلارنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئەمدى كىم باش كۆتۈرۈپ، ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلدى؟ يەنىلا ئاق بۈركۈت تورى... بەلكىم ئاق بۈركۈت قۇرۇلغاندا ئارىمىزدىكى نەچچەيلەن ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداق بولسا، مۇشۇنداق ئىزچىللىقنى ۋە تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان تور بەتنىڭ سىزنى 50 يۈەنگە ئوڭدا قويۇشىدىن ئەنسىرەپ يۈردىڭىز؟

5- ئاق بۈركۈتنى قوللاپ قويايلى قېرىنداشلىرىم...

يۇقىرىدا مەن بىر مۇنچە كاسىلداپ چىقتىم. ئەمدى 50 يۈەنگە نىسبەتەن يەنە بانايىڭلار بارمۇ؟ بار بولسا، مۇشۇ يەردە ھەل قىلىمىز...
خوش شۇنداق قىلىپ، 50 يۈەننىڭ پارىڭىنى مۇشۇ يەردە تۈگىتەي... يەنە دېسەم، يەنە شۇ بىر-بىرىمىزنى قوللاپ قۇيايلى قېرىنداشلىرىم... بىزنىڭمۇ تەرەققىي قىلغان بېكەتلىرىمىز بولسۇن، ئېسىل خەتلىك فىلىملىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...
ئۇنداق بولسا، چوتنى مەن بىلەن تەڭ سوقۇپ بولغان بولساڭلار نىيەتنى چىڭ باغلاپ، ئاق بۈركۈتنى قوللاش نىيتىنى كۆڭۈلگە مەھكەم باغلاپ، 50 يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ ئاق بۈركۈتكە ئالاھىدە يېرىم يىللىق ئەزا بولۇپ قويۇڭلار... بۇ ھەم بېكەت باشلىقى دىلمۇراتنىڭ، تەرجىمانلارنىڭ، تەھرىرلەرنىڭ، كىرىشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاش پىداكار خەتلىك فىلىم خۇمارلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئاۋازى... بۇ يەردە سىلەرنى زورلىغىنىم يوق. پەقەت شۇ ئازراق ئويلىنىپ باقسىكەن دەيمەن. خوش گەپنى مۇشۇ يەردە توختىتاي...
ھازىر ئالاھەزەل 15 كىشىلىك ئورۇن قالدى. شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار. 50 سان توشسا دىلمۇراتمۇ ئەزا قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، پۇرسەت غەنىيمەت!

50 يۈەنگە يېرىم يىللىق 50 ئەزا قوبۇل قىلىش ئورنى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يېرىم يىللىق ئەزا بولغانلارغا ھېكايە فىلىملەر، يەنى چوڭ فىلىملەرنىڭلا ئادرېسى تەمىنلىنىدۇ. كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى بېكەتتىن دوللارغا سېتىۋىلىپ كۆرىسىلەر ۋە سېتىۋىلىپ چۈشۈرۈپ كۆرىسىلەر... ئۈستىدىكى چوتلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ قىسىملىق فىلىملەر يوق... شۇڭا، چوتنى خاتا سوقۇپ قالماڭلار... سۆز تامام يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ پىكىرىم باشقا خايىش يوق


ئاق بۈركۈت ئاۋانگارت پۇقرا بۈركۈتلەر ئەترىتىدىن تۇغتېكىن




مىلادىيە 2016- يىل 23- مارت


قاتناشقانلار سانى 3دوللار +130 يىغىش سەۋەبى
يۇرتۇم + 50 ئوغۇل بالا !
نۇر0997 + 50 دەششەت !
مەردان428 + 30 ھەقىقەتەن ياخشى

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +130

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار40

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تەۋسىيىلەش
rohqin ۋاقتى: 2016-5-24 11:56:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا بىگىز

كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغاندا ھەممەيلەن بەھىرلىنەلەيدۇ، شەخسى مەنپەئەتنى ئويلىغاندا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ.

بۇ ئىشلار خۇددى ۋېلىسپىتنىڭ چىشلىق چاقىنىڭ زەنجىرىگە ئوخشايدۇ پەقەت زەنجىرلەر تۇلۇق مەھكەم بىرىككەندىلا ۋېلىسپىتنى ماڭدۇرغىلى بۇلىدۇ. شەخسى قاراشتا ئىشقىلسا ھەممىسى توختايدۇ.

ئىشقىلىپ كۆپچىلىك بىر مەسىلىنى ئىنىق چۈشىنىۋالغاي
بىكەتتىكى ھەرقانداق سىياسەت بىراۋلارنىڭ مەنپەت ئېلىۋېلىشى، پايدا يەپ كىتىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىكەتنى ئامال بار ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىپ بىرقىسىم مەسئۇللارغا يۈك، بېسىم بۇلۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولمىسا بېسىم كىچىك  بولسىمۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتسە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ.

كۆپچىلىكتىن چۈشۈنۈشنى، قوللاشنى، خەيرى-خاھلىق قىلىشنى تىلىمەيمىز. پەقەت ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چىقىرىلغان سىياسەتلەرنى چۈشەنمەي، تەتۇر تەرجىمە قىلىۋېلىپ ئۇششاق گەپ قىلىپ، جاپاكەشلەرنىڭ ئەجىر-مىھنىتىگە قارا يۈزلۈك قىلىپ، پىتنە-ئىشۋا تېرىپ پىتلاشتۇرمىسىڭىزلا شۇ يىتەرلىك.
كاللىڭىزدىن ئۆتسە قۇشۇلۇڭ بولمىسا ئۆز ئىىشڭىز بىلەن بۇلۇڭ  ھېچكىم ھېچكىمنى مەجبۇرلىمىدى
تەۋسىيىلەش
razzak ۋاقتى: 2016-5-24 01:20:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنتايىن يائىشى يزىلىپتۇ .
گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلسام ، 50 سوم شاپاق نەرقى ھازىرقى تور بوشلۇقلىرىنىڭ
بىزلەرگە ئېلىپ كىلىۋاتقان چاتاقلىرىنىڭ ئالدىدا بۇنچىلىك قىلماق ئاسان ئەمەس .
يەنە كىلىپ ئىغىزىمىزدا ماختىغاندىن ، ئەمىلىتىمىزدە بۈركۈتنى قوللىغىنىمىز ئەۋزەل .
دىلمۇراد قاتارلىق بۇ ئۇستازلارنىڭ بۇنچىلىك پۇلغا ئىھتىياجى يوق دەپ قارايمەن ، ھەممىسىنىڭ
ئۆزىگە يارىشا ئىقدىسادى كىرىم مەنبەسى بار بولىشى ئىنىق ، يىغىنچاقلىغاندا ھەممىسى ،
بىز فىلىمخۇمارلارئۇچۇن بولىۋاتقىنى ئىنىق ، 50 ئەزانى قۇبۇل قىلدىمۇ دەيلى بۇ يىرىم يىل ئۇچۇن
ھىچقانچىلىك پۇل ئەمەس ، يۇقۇردا تۇغتىكىن دەپ ئۆتكەندەك ، بىز ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللىمىساق
باشقىلار قوللىشى ناتايىن ، مۇمكىن بولسا ئاق بۈركۈت پەسكە قاراپ ئۇچۇپ قالمىسۇن ، تىخىمۇ يۇقۇر ئۆرلىسۇن ، بۇ ھەربىر خەتخۇمارلارنىڭ ۋە فىلىمخۇمارلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارايمەن .
گېلەم
مەردان428 ۋاقتى: 2016-5-24 00:30:18 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر كىرمەي قويۇپ، كىيىن كىرەتتىم دەپ پۇشايمان قىلىپ قالماڭلار! تېز بولۇڭلار
كىگىز
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-5-24 00:31:14 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇلارمۇ باركەن تېخى
تەرجىمىگە تەييارلانغان فىلىملەر:
1.What Is Light -- نۇر دىگەن نىمە؟
2.What is something-- جىسىم دىگەن نىمە؟
3.What is Dark Matter and Dark Energy—قاراڭغۇ ماددا ۋە قاراڭغۇ ئېنىرگىيە دىگەن نىمە؟
4.Atoms As Big As Mountains — Neutron Stars Explained—تاغدەك ئاتوم- نىيترون يۇلتۇزنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى
5.The Beginning of Everything -- The Big Bang--مەۋجۇتلۇقنىڭ باشلىنىشى-چوڭ پارتىلاش
6.Black Holes Explained – From Birth to Death — قارا ئۆڭكۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى- تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈشكىچە
7.Three Ways to Destroy the Universe--كائىناتنى ۋەيران قىلغۇچى ئۈچ ئامىل
8.The Solar System -- our home in space--قۇياش سېستىمىسى-كائىناتتىكى ئۆيىمىز
9.The Last Star in the Universe – Red Dwarfs Explained--كائىناتتىكى ئاخىرقى يۇلتۇز-قىزىل پەتەك يۇلتۇزنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى
10.Space Elevator – Science Fiction or the Future of Mankind-- بوشلۇق لېفىتى-ئىلمىي فانتازىيە ياكى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى
11.Everything You Need to Know About Planet Earth—يەر شارى توغرۇلۇق سىز بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر
ئورۇندۇق
نۇر0997 ۋاقتى: 2016-5-24 00:32:44 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز بۇرادەر، قايسى كۈنى توپتا مەجنۇن توغرىسىدىمۇ ئازىراق ئىختىلاپلار بولغاندەك، قارىسام ئاقبۈركۈتنىڭ قانداق تور بەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئۇقۇشماستىن كىرىپ قاپتىكەن ، مۇمكىن بولسا بارلىق تورداشلار، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغاندا چوقۇم كىنو كۆرۈشنى بىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان ، خەجلىگەن بىر نەچچە كوي پۇلغا مىننەت قىلمايدىغان ئادەملەرنى تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .
داق يەر
ruslan0998 ۋاقتى: 2016-5-24 00:34:51 | ئايرىم كۆرۈش
تېما ياخشى يېزىلىپتۇ. خىلى ئەجەم تارتىپسىز. مەن پىكرىڭىزنى قوللايمەن.  ئالاھىدە ئەزا بولمىغانلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۈتۈپ ئەزا بۇلىۋىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. گۆھەر ياتىدۇ سايدا دەرھال ئەزا بۇلۇڭ بولىدۇ سىزگە پايدا.
مىخ
نۇر0997 ۋاقتى: 2016-5-24 00:38:12 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر گەپ ، توردا كۆرىدىغانلار بىلەن چۈشۈرۈپ كۆرىدىغانلار ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرىۋالماڭلار ، ئىككىسى ئىككى گەپ ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نۇرغۇن تورداشلار بېكەتنىڭ ئۆزىدە كۆرسەك دېيىشتى ، ئەمدىلىكتە بۇنى تەستە روياپقا چىقارغاندا بېكەتتە كۆرۈشكە پۇل تۆلەپ سېتىۋالغانلار كەينىدىنلا چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ ، چۈشۈردىغانلار بەك ئالدىراپ كەتمەي چۈشۈرسەڭلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر .
9#
نۇر0997 ۋاقتى: 2016-5-24 00:39:18 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-5-24 00:31
ماۋۇلارمۇ باركەن تېخى
تەرجىمىگە تەييارلانغان فىلىملە ...

مەن چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەندە ھەممىسىنى تولۇق سېتىۋالىمەن .
10#
adil0995 ۋاقتى: 2016-5-24 00:55:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل تېما!     مىنىڭمۇ ئىچىمدە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بارىدى، ئاساسلىق مەزمۇنلا يۇقاردا دىيىلىپ بوپتۇ،   ئىشقىلىپ ھەر نىمە بولسا مەن يىللىق ئەزا بولىۋالدىم،  ئەگر كىلەر يىلىمۇ داۋاملىق مۇشۇ تۈزۈمنى يۈرگۈزدىغان ئىش بولسا مەن يەنە قاتنىشىشقا تەييار...
11#
zaparistan ۋاقتى: 2016-5-24 01:39:55 | ئايرىم كۆرۈش
يىلتىزىم تاقالغىنى يوق.
يىلتىزىم شىركىتى تەخمىنەن 2009-يىللىرى بەزى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تاشلاپ قويغاندىن كېيىن ئارىلىقتىن بەش ئالتە يىل ئۆتۈپ قايتىدىن شۇ خەت ھۆججەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ قايتىدىن پرىسلاپ مەشىق ئورنىغا تارقىتىپ قويغان. مەخسۇس خەتلىك فىلىم مۇنبىرى قۇرغان ئەمەس.
كەمىنە يىلتىزىمنىڭ مەسئۇلى. يىلتىزىم تورى ئاساسلىقى شىركەت ئېلان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەتلىك فىلىملەر پەقەتلا قوشۇمچە ھەۋەس ئورنىدا.
شۇڭا بۇ يەردىكى "ئەلەم ۋە قايغۇ ئىچىدە تاقالغان"لار قاتارىغا كىرىپ كېتىپ قالمىغاي، ئەسلەپ ئۆتكىنىڭىزگە رەھمەت!
12#
abid ۋاقتى: 2016-5-24 09:54:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۇركۇت تورنى قوللايمەن.
13#
alpbeg ۋاقتى: 2016-5-24 11:14:06 | ئايرىم كۆرۈش
50 سومغا ئىچى ئاغرىغان بولسا باشقا گەپ دېگەننىڭ پايدىسى يوق. بىر كىنونى تەرجىمە قىلغان ئادەمنىڭ ئىشىغىمۇ يەتمەيدۇ 50 سوم دېگەن. بىر كىنوغا نەچچە كۈن قوپماي ئولتۇرۇپ ئەجىر سىڭدۈرىدىغان ئىش تۇرسا بۇ.
14#
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-5-24 11:52:19 | ئايرىم كۆرۈش
باللا يىڭى فىلىم چىقماسمىكىن دەپ ئەندىشە قىلماڭلار ----- يىڭى فىلىملەر تىخى توختىماي چىقىدۇ جۇمۇ --- ئەمدى فىلىمنى تەرجىمە قىلىپلا يوللايلى دىسەك -- ئاۋۇ ئىملا تەكشۈرۈش ، تەھرىرلەش دىگەندەك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق سەل سەت تۇرىدىكەن شۇڭا فىلىمنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن بەكراق كۈچەپ شۇڭا سەل كىيىن قالغان بولۇشى مۇمكىن ،، لىكىن يىڭى فىلىملەر ئۈزۈلمەيدۇ
15#
 ئىگىسى| تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-5-24 12:13:10 | ئايرىم كۆرۈش
zaparistan يوللىغان ۋاقتى  2016-5-24 01:39
يىلتىزىم تاقالغىنى يوق.
يىلتىزىم شىركىتى تەخمىنەن 2009- ...

كەچۈرۈڭ سۆز خاتالىقى بولۇپ قاپتۇ، مەن يىلتىزىمغا دائىم كىرىپ تۇرىمەن ھەم شۇنداقلا شىركەت خاراكتېرىمۇ ماڭا بەش قولدەك ئايان، مەن پەقەت خەتلىك فىلىم تەرجىمە ئىشلىرى تەرەپتىنلا چىقىپ تۇرۇپ سۆزلىگەچكە ئىسمىنى ئاتاپ قويغان ئىدىم. شۇڭا تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. شۇنداقلا، مەن مەزكۇر يازمىدىكى ‹‹ يىلتىزىم ›› ئاتالغۇسىنى ئۆچۈرۋېتەي... ئەگەر ۋاقتىڭلار يار بەرسە خەتلىك فىلىملەرنىمۇ ئېلان قىلىپ تۇرساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمەن...
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +40 يىغىش سەۋەبى
بۈركۈتچاق + 40 مۇكاپات

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +40

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

6پىنتوزىلىرى

3تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1