ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

‹‹تۈن پالۋىنى›› تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1397 48
热帖 rohqin ۋاقتى: 2016-2-25 15:19:14 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق بۈركۈتلەر ...

ئۇيغۇر چەۋەنداز بۇرادىرىمىزنىڭ تۈجۈپىلەپ ھارماي ئىشلىشى بىلەن مەزكۇر فىلىمنىڭ 4- قىسمىنى كۆرۈپ بولدۇق.

كۆرۋاتقانلارغا ئايانكى فىلىم تېخى رەسمى باشلىنىپ بولالمىدى، باشلىنىش قىسمىدىكى ۋەقەلىكلەرمۇ  ھەممىسى ئاشكارلىنىپ بولالمىدى. فىلىم ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلەرنىڭ موللىقى، كەڭ دائىرلىك، خىلمۇ خىللىقى  كۆرەرمەنلەرنى بارغانچە جەلپ قىلىۋاتىدۇ.

فىلىمنىڭ داۋامىغا ئەگىشىپ كۆرەرمەنلەرنىڭ تەسىراتلىرى كۈچىيىپ بېرۋاتىدۇ شۇنداقلا تەسىراتلار ھەرياقلاردا چېچىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر تىمىنى باشلىدىم.  فىلىمدىن تەسىرات سۆزلىگۈسى، فىلىم ھەققىدە چۈشۈنۈكسىز يەرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى، مۇنازىرە قىلغۇچىلار مەزكۇر تىمىغا يىغىلىپ گازىر چېقىشقاچ فىلىمىنى ھەزىم قىلساق.

فىلىمىنڭ تەسىراتىنى ئىنكاس شەكىلدە بىرىنچى قىسىمدىن باشلاپ يازىمەن.

باشقىلارنىمۇ ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلىمەن.


ئەسكەرتىش:

1- ئىملا خاتالىقى ئېغىر، جۈملە باغلاشمىغان، مەقسەتنى ئىنىق ئىپادىلىيەلمىگەن تەسىراتلار ئۆچۈرلىدۇ.

2- ئەستايىدىل  يېزىلغان تەسىراتلارنى ئۆزۈمنىڭ ھىساۋاتىدىن دوللار چىقىرىپ موكاپاتلايمەن.

3- مۇشۇنداق بىكارلىق دوللار يىغىدىغان تىمىلارغا كىرىپ دوللار تاپماي، فىلىمغا دوللار يوقتى سەدىقە قىلساڭلار، ئۆتنە يېرىم قىلساڭلار نامراتچىلىق، يوقسازچىلىق دەپ قاقشايدىغانلارنىڭ ئېغىزىغا بۇلتۇر كىيىپ تاشلىۋەتكەن چۇخېيىمىنى تىقىۋىتىمەن.



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار48

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 17:43
مۇشۇ كۆپ قىسىملىق فىلىمغا بەكرەك ئىرادە كېتىدۇ، مەنلا  ...

خاتىرجەم بولسىلا ئاتامان چۇقۇم ئايىقىغا ئېلىپ چىقىشقا ئىشەنچىم بار ئاق بۈركۈت ئەھلىگە قىلغان ۋەدەم بار توختۇتۇپ قۇيۇشنى ئويلىشىپمۇ باقمىدىم ھەم شۇنداقلا كۆڭلۈممۇ ئۇنىمايدۇ
دىۋان
del ۋاقتى: 2016-2-25 15:28:18 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋاندا ئولتۇرۇش بىر قېتىم نىسىپ بوپتىكەن ، ئەمما مەن بۇ فىلىمنى تېخى كورمىگەن .  بىراقلا چىققاندا كورەي دەپ بولمىسا ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ كىتىدىكەن . فىلىمدىكى يىشىلمىگەن  ، سىرلار ياكى ئىش ھەركەتلەرنى ئويلاپ ئەمما ئاتايەن تەسىرات يازغىنىڭلارغا قارىغاندا چوقۇم ئېسىل فىلىم بىر كورمەي بولمىدى ، ئەمدى  ..

باھا سۆز

ئاخىرى چىققاندا كۆرىمەن دىسىڭىز ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كىرسىڭىز بولغۇدەك بۇ تىمىغا بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-25 15:30
يىكەنداز
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-25 15:30:06 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 15:28
دىۋاندا ئولتۇرۇش بىر قېتىم نىسىپ بوپتىكەن ، ئەمما مەن  ...

ئاخىرى چىققاندا كۆرىمەن دىسىڭىز ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كىرسىڭىز بولغۇدەك بۇ تىمىغا  بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىمۇ تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ.  قانچە قىسىم، قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ بۇنى خۇدادىن ئۆزگە بىلىدىغان ئادەم يوق
گېلەم
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-25 15:59:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ فىلىمنى سېتىۋالغان بىلەن چۈشۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولماي كۆرەلمەيۋاتىمەن. ئەگەر توغرا كۆرسەڭلار مۇشۇ تېمىنى مۇنبەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىدەك يېرىگە مۇقىم تېما سۈپپىتىدە (تەرجىمە كۆزنىكىگە ئوخشاش دېمەكچى) ۋاقىتىلىق يەنى، تاكى مۇشۇ فىلىم ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتا قىستۇرۇپ قويساڭلار. تەسىراتچىلار بارا-بارا فىلىمگە چۆكۈپ كىرىش جەريانىدا مۇشۇ تېمىغا كىرىپ ئويلىغانلىرىنى، چۈشىنەلمىگەن ياكى كاللىسىدا ئايدىڭ بولمىغان نوقتىلارنى ئوتتۇرغا قويسا، ئۆزئارا بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇندىن بىرنى ھاسىل قىلغىلى بولاتتى.
بۇنداق دېيىشىمدە، بۇ فىلىم ئۇيغۇر چەۋەندازنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئاخىرىغىچە ئۆزۈلمەي چىقىپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، تەرجىماننىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ۋە كەيپىياتنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى بىرىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر توغرا كۆرسەڭلار مۇشۇ پىكىرىمنى ئويلىشىپ بېقىڭلار...... ئاندىن مۇكاپاتلاش مەسلىسىدە ھەممە يۈكنىڭ سىلەرگە جۇغلىنىپ قالماسلىقىنى پومشېچىكلارنىڭمۇ سىلەرگە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇنداق دېيىشىمدە باشقا مەقسەت يوق. پەقەت كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە دېمەكچىمەن.........
كىگىز
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 16:15:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ακβαя تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 21:17  

مەن بۇ فىلىمنى باشلىنىشىدىنلا تۇلۇق كۆرۈپ مېڭىۋاتىمەن، فىلىمدىكى باش قەھرىمان مەتنىڭ، فىلىمنىڭ بېشىدىكى ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، باشقىلارنى قۇتقۇزىمەن، دەپ ئەما بوپقالغان يىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئۇ تېخى كىچىك بالا تۇرسا نەدىن كەلگەن غەيرەت، ئەلۋەتتە بۇ دېگەن كىنو، لېكىن ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا قانچىلىك ئاشۇنداق تاللاشلارغا دۇچ كېلىدۇ دەيسىلەر، ئۇندىن كىيىن دادىسى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن بوكسيور مەيدانىدا مۇشتلىشىپ كۆپ قېتىم يارىلىنىدۇ ،ھەمدە ئوغلىغا يەنى، مەتكە ئۆزىنىڭ كارغا كىلىدىغان قالتىس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قۇيۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ رەقىبىنى يېڭىپ، ئەسكى ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ،بۇ يەرلىرى ئادەمنى شۇنداق تەسىرلەندۈرگەن،ئادەمگە تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سۇغاقلىرىنى ھاياتنىڭ ئەگىر توقايلىقلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ، رېئال تۇرمۇشنىمۇ بەزى شەرەپسىز كىشىلەر پۇل ئۈچۈن قانچىلىك ئادەملەرگە ئاجىز كىشلەرگە، زەھەرلىك قوللىرىنى ئۇزىتىۋاتىدۇ........ مانا بۇ بىرىنچى قىسمىدىن ئالغان تەسىراتلىرىم.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
rohqin + 20 ئىملادا مەسىلە بولمىغ.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق لەرزىگە تولدى ، فىلىم ئۈچۈن مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت روھچىن ئەپەندىم
فىلىمنى تېخىمۇ تېز پۈتتۈرۈپ چىقىرىشقا تىرىشىمەن ………
داق يەر
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 16:31:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرادەر ھېلىقى فىلىمنىڭ مۇققەددىمىسىدە چىقىدىغان مۈڭگۈزلۈك قىپ-قىزىل بىر ئاداش باكەنغۇ ھەيۋاتلىك چىقىدىغان شۇمۇ مۇشۇ فىلىمدە چىقامدۇ ياكى فىلىم ئىشلىگەن شىركەتنىڭ ماركىسىمۇ ئۇ
مىخ
dilmurat ۋاقتى: 2016-2-25 17:43:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ كۆپ قىسىملىق فىلىمغا بەكرەك ئىرادە كېتىدۇ، مەنلا ئەمەس مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسى توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا چەۋەندزىمىزنىڭ ھېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق «ئېلىپبە» تېمىلىرى يوللىنىپ تۇرسا دەيدىغان ئۈمىدىم بار.

باھا سۆز

تىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتسەم نىمىشقا ئۆزگەرمەيدۇ يا ھۇقۇقۇم يەتمەمدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-25 19:10
9#
ئۇيغۇر چەۋەنداز ۋاقتى: 2016-2-25 17:59:42 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ακβαя يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 16:31
بۇرادەر ھېلىقى فىلىمنىڭ مۇققەددىمىسىدە چىقىدىغان مۈڭ ...

ئۇ دەل مۇشۇ فىلىمدىكى باش قەھىرمان شۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا كىيىدىغان كىيمى تاياق - توقماق، كالتەك - پىچاق دىگەندەكلەر ئۆتمەيدىغان كىيم، بېشىدىكى مۆڭگۈزگە كەلسەك ، فىلىم ئىسمى daredevil بۇ سۆزنىڭ پۈتۈن مەنىسى تەۋەككۈلچى، قورىقماس، قاپ يۈرەك دىگەندەك مەنىسى بار ، پارچىلاپ تەرجىمە قىلىنسا devil دىگەن جىن ، ئالۋاستى ، ئىبلىس ، دىگەندەك مەنىلىرى بار ، بېشىدىكى سۆزنىڭ قاراڭغۇلۇق ، كېچە ، يەنە باتۇرلۇق دىگەندەكمۇ مەنىسى چىقىدىكەن ، شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى ئىككى خىل بۇلۇپ قالدى ، 超胆侠/夜魔侠 ، قاپ يۈرەك پالۋان ، كېچە ئالۋاستىسى دىگەندەك ئىككى ئىسمى بار، قايسى ئىسىم بىلەن ئىزدىسە مۇشۇ فىلىم چىقىدۇ ، مەنچە بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى توغرا ئىسمى كېچە ئالۋاستىسى ، ئەسكىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئالۋاستى ، ئىبلىسقا سىموۋۇل قىلىنغان بېشىدىكى مۈڭگۈز شۇ سەۋەبلىك بۇلىشى مۇمكىن ، قارىغاندا بۇ قەھىرماننىڭ 2003-يىلى ئىشلىگەن بىر قىسىملىق فىلىمىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز ھە ،،،، شۇنىڭدا بۇ قەھىرماننىڭ دادىسى بوكىسى سەھنىسىگە مۆڭگۈزلۈك تون كىيىپ چىقىدۇ. مۇشۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بۆلىمىنىڭ بىرىنجى قىسىمىنىڭ بېشىدا بىر جۈملە بار كۆرگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن « مومام دائىم باشقىلارغا ، موردوك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىدە ئالۋاستى بار ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار دەيتى ، بەزىدە بۇ ئالۋاستىنى دادامنىڭ قەلبىدىن كۆرەلەيتىم دەل بوكىس مەيدانىدا » مۇشۇلاردىن قارىغاندا دادىسىنىڭ بوكىس مەيدانىدىكى كۆزىگە قان تولغان ھالەتتە رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئالۋاستىغا ئوخشاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، شۇڭا قايسىلا تەرەپتىن چۈشەنسەك بۇ مۈڭگۈزنىڭ بىر سىموۋۇل ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالساقلا بۇلىدۇ .
10#
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 18:06:07 | ئايرىم كۆرۈش
ھە ئەمدى بىلۋالدىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز 2003 چىققان نۇسخىسىنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بەك ياختۇرۇپ كۆرگەن ئەينى ئۇزۇن بولغاچقا ئىسىمدە بەك تەپسىلى قالماپتۇ قايتا بىر كۈرۈپ چىقسام بولغۇدەك ...........
12#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-25 19:10:53 | ئايرىم كۆرۈش
dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 17:43
مۇشۇ كۆپ قىسىملىق فىلىمغا بەكرەك ئىرادە كېتىدۇ، مەنلا  ...

تىمىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتسەم نىمىشقا ئۆزگەرمەيدۇ يا ھۇقۇقۇم يەتمەمدۇ

باھا سۆز

سىستېما مەسىلىسى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-26 10:52
13#
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 19:19:48 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت روھچىن قېرىندىشىم ئىملايىمنى تۈزتىشكە قاتتىق دىققەت قىلىمەن

باھا سۆز

شۇ ئىملايىڭىز ياخشى بولغان بولسا تەسىراتىڭىز 50 دوللارغا يارايتتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-25 20:14
14#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-25 20:14:02 | ئايرىم كۆرۈش
ακβαя يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 19:19
رەھمەت روھچىن قېرىندىشىم ئىملايىمنى تۈزتىشكە قاتتىق د ...

شۇ ئىملايىڭىز ياخشى بولغان بولسا تەسىراتىڭىز 50 دوللارغا يارايتتى
15#
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 20:32:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ακβαя تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 21:18  
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 20:14
شۇ ئىملايىڭىز ياخشى بولغان بولسا تەسىراتىڭىز 50 دوللا ...


ھازىر ئىملا تۈزىتىدىغان دېتال تېپىپ كۆرۈپ باقتىم مەسىلە بەكلا ئېغىردەك شۇڭا بۇندىن كىيىن بەك دىققەت قىلىمەن
بايىقى يازمىنى كۈچىمنىڭ يېتىشىچە قايتا تەھرىرلەپ چىقتىم ، بىراق پەش چېكىتلەرنى ئورنىغا قۇيالمىدىم،يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆلچەملىك خەت يېزىشقا تىرىشىمەن.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
تۇغتېكىن + 10 ئىرادىڭىزگە ئاپىرىن!

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


3ئەگەشكىنى

2پىنتوزىلىرى

21تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1