بۇ ھەپتىدە تونۇشىدىغان چولپان بولسائەسەبىي مەكسى فىلىمىدىكى چولاق ئايال ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقانئەركەكزەدەك چولپان – چارلىز زېرون ![]()
بۇ ھەپتىدە تونۇشىدىغان چولپان بولسائەسەبىي مەكسى فىلىمىدىكى چولاق ئايال ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقانئەركەكزەدەك چولپان – چارلىز زېرونچارلىز زېرون (CharlizeTheron) 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ گائۇتېڭئۆلكىسى بېنونى شەھرىدە تۇغۇلغان ئۇ ئامېرىكا كىنو - تېلېۋىزىيە ئارتىسى، مودېل1955-يىلى چارلىز زېرون «چىكاگودائالۋاستى يوقىتىش 3» ناملىق فىلىمدا رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنى باشلىغان. 2003-يىلىئۇ «سىرلىق تۇزاق» فىلىمىدە رول ئالغان. 2004-يىلى چارلىز زېرون «ئايال ئالۋاستى»فىلىمىدا ئوينىغان رولى بىلەن 76-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باشرولچى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. 2005-يىلى ئۇنىڭ ئىسمى ھوللىۋود پارلاق يولكوچىسىغا ئويۇپ قويۇلغان. 2008-يىلى ئۇ فانتازىيىلىك ھەرىكەتلىك فىلىم «خاسىيەتلىكئادەم خانكوك» دا رول ئالغان. 2012-يىلى ئۇ رول ئالغان « قار مەلىكە ۋەئوۋچى » « پرومېتىئۇس » قاتارلىق فىلىملەر ئارقا-ئارقىدىن قويۇلغان.2014-يىلى ئۇ «غەربتىكى مىليون خىل ئۆلۈش ئۇسۇلى (جانغا زامىن غەربىي يۇرت)فىلىمىدە باش رول ئالغان.1. ئوغۇل دوستىسىن پېن (Sean Penn)2. كونا سۆيگىنى:ستۇارت (Stuart Townsend)3. سىرداش دوستى:كىنۇ رىۋېس (Keanu Reeves) ![]() ئاساسىي ئۇچۇرلىرى:خەنزۇچە ئىسمى:查理兹·塞隆ئىنگىلىزچە ئسىمى:Charlize Theronئۇيغۇرچە ئىسمى: چارلىز زېرونباشقا ئىسمى: شارلىز زېرونتۇغۇلغان كۈنى:1975.8.7 تۇغۇلغان جايى: جەنۇبىئافرىقا گائۇتېڭ ئۆلكىسى(Gauteng province) بېنونى ((Benoni) شەھرىيۇلتۇز تۈركۈمى: ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىبوي ئېگىزلىكى: 177cmجىنسى:ئايالدۆلەت تەۋەلىكى:ئامېرىكا قان تىپى: A تىپكەسپى:ئارتىس،مودېل، ئۇسسۇلچىۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى: « ئايال ئالۋاستى » «خاسىيەتلىك ئادەمخانكوك» « قار مەلىكە ۋە ئوۋچى » « پرومېتىئۇس »ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيىتى:76-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشىئايال باش رولچى78-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشىئايال باش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن54-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور61- نۆۋەتلىك ئالتۇنشار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى
![]() چارلىز زېرون 69-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا
ياشلىق ھاياتى:چارلىز زېرون 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭگائۇتېڭ ئۆلكىسى بېنونى شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى فرانسىيىلىك، ئانىسىگىرمانىيىلىك بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغاچقا، كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيىگەئىگە بولغان. چارلىز ئالتە يېشىدىن باشلاپ بالىت ئۇسسۇلى مەشىق قىلغان، 14-يېشىداكىيىم-كېچەك مودېلى بولغان. ئۇ بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشتە ئېھتىياتسىزلىقتىنتىزىنى يارىلاندۇرۋالغاچقا ئۇسسۇل ساھەسىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلالمىغان شۇۋەجىدىن ئۇ مودېللىق كەسپىنى تاللىغان.15 ياش ۋاقتىدا، چارلىز زېروننىڭئائىلىسىدە كۈتۈلمەسلىك يۈز بېرىپ، ئانىسى ئۇنى ياۋروپاغا قايتۇرۇپ كەتكەن، ئۇيەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئانىسى چارلىزنى ئامېرىكا لوس ئانژېلېسقائەكەلگەن، دەسلەپتە ئۇلار لوس ئانژېلىستا ئىنتايىن ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن.ئۇ ئادەتتە مودېللىق سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپلا قالماستىن يەنە ئوقۇشىغىمۇتەڭ ئېتىبار بەرگەن. 18 ياشقا كىرگەندە، چارلىز زېرون لوس ئانژېلىستا بىر ئويۇنقويش ۋاستىچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇشۇنداقلا ئۇنىڭ ۋاستىچىلىق شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زېرون سەنئەت(ئېكران) ساھەسىگە قەدەم قويىدۇ. ![]()
ئېكرانھاياتى:1995-يىلى، چارلىز زېرونئۆزىنىڭ تۇنجى فىلىمى « چىكاگودا ئالۋاستى يوقىتىش 3» تە، كىچىك بىر رولنى ئالغان.1996-يىلى چارلىز زېرون قاراكومىدىيىلىك فىلىم « جىلغىدىكى ئىككى كۈن» دە رول ئالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭبىلەن تۈزۈلگەن كىنو ئىشلەش توختاملىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇ « يالقۇنجىغانقۇياش».« باگ ۋېنىس ھەققىدە رىۋايەت»، « غەزەپلەنگەن دېڭىز »، « شېرىننويابىر» قاتارلىق كۆپلىگەن كىنوفىلىملىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان.2003-يىلى، ئۇ سودافىلىمى « سىرلىق تۇزاق» فىلىمىدە رول ئالغان.2004-يىلى، « ئايالئالۋاستى» فىلىمىدە، ئۇ زەنجىرسىمان قاتىللىق قىلىدىغان ئايالنىڭ ئوبرازىنىمۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭياخشى ئايال باش رولچى ۋە 76-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغائېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئافرىقىلىق تۇنجى ئوسكار كىنو خانىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۇمۇكاپاتلانغاندىن كېيىن، جەنۇبى ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇبېكى ئۇنىڭغا چارلىز زېرونخېتى ئويۇلغان كېسەك ئالتۇن ھەدىيە قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى جەنۇبى ئافرىقا خەلقىگەشان-شەرەپ كەلتۈردى دەپ تەقدىرلەيدۇ.2005-يىلى، ئۇنىڭ ئىسمى ھوللىۋود پارلاقيول كوچىسىغا ئويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پارلاق يولغا نامى ئويۇلغان 2291 – چولپانبولىدۇ. شۇ يىلى ئۇ رول ئالغان فىلىم « شىمالدىكى بوران- چاپقۇن » سەۋەبلىك ئۇنىڭنامى يەنە بىر قېتىم ئوسكاردا ئاتىلىدۇ. 2007-يىلى، ئۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېماقىلىنغان فىلىم « جىلغىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ » دا رول ئالىدۇ.2008-يىلى، ئۇ ۋېل شىمىس بىلەن بىرگەفانتازىيىلىك ھەرىكەتلىك فىلىم « خاسىيەتلىك ئادەم خانكوك » دا رول ئالىدۇ.2009-يىلى 3-ئايدا، ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ《GQ》ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.2012-يىلى، « پرومېتىئۇس »فىلىمىدە، ۋېران شىركىتنىڭ ئالى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى مىنودىس ۋېكىسنىڭ رولىنىئالىدۇ. شۇيىلى ئۇ رول ئالغان فىلىم « قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى » قويۇلدى.2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇ سېس،ئاماندا، لىم نېسىن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە رول ئالغان فىلىم « غەربتىكى مىليونخىل ئۆلۈم ئۇسۇلى » ئامېرىكىدا قويۇلدى، ئۇ فىلىمدە ئاننانىڭ رولىنى ئالىدۇ.2015-يىلى، چارلىز زېرون « غەربتىكىمىليون خىل ئۆلۈم ئۇسۇلى » فىلىمى بىلەن 35-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۆلجۈرگەن مۇكاپاتىئەڭ ناچار ئايال باش رولچى ۋە ئەڭ ياخشى ئېكران گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككىمۇكاپات تۈرىدە نامى ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ رول ئالغان فىلىم « شېرىننويابىر » 22-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۆلجۈرگەن مۇكاپاتى ئەڭ ناچار ئايال باش رولچىمۇكاپات تۈرىدە نامى ئاتالغان.
شەخسىي تۇرمۇشى: 2001-يىلى چارلىز زېرون ستۇئارت تاسېندىربىلەن « تۇيۇق يول » فىلىمىدە ئۆز-ئارا تونۇشىدۇ. 2004-يىلى، ئىككەيلەن يەنە بىرقېتىم « ئەنسىز زاماندىكى ئۈچ كىشىلىك سەپەر » فىلىمىدە ھەمكارلىشىپ رول ئالىدۇ.2007-يىلى ستۇئارت زېرونغا توي تەكلىپى قويىدۇ، 2009-يىلى، ستۇئارت چارلى زېروننىئېلىپ مېكسىكىغا بېرىپ، شۇ يەردە روژدېستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلارئايرىلىپ كېتىدۇ. 2012-يىلى، چارلىز زېرون تۆت ئايلىق بولغان بىر ئوغۇل بوۋاقنىبېقىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا جېكسون دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئاساسلىق فىلىملىرى: ★ | قويۇلغان ۋاقتى | ئۇيغۇرچە فىلىم نامى | ئىنگىلىزچە نامى | IMDb نومۇرى | 01 | 2016-يىلى | كۇبو بىلەن دۇتار | Kubo and the Two Strings | file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image001.jpg | 02 | 2016يىلى | قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى 2 | Snow White and the Huntsman 2 | file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image002.jpg | 03 | 2015-يىلى | ئەسەبىي مەكىس ئەشەددى يول | Mad Max: Fury Road | file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image003.jpg 8.4 | 04 | 2015-يىلى | سوغۇق شەھەر | 极寒之城 | | 05 | 2014-يىلى | زۇلمەتلىك جاي | 黑暗之地 | | 06 | 2014-يىلى | غەربتىكى مىليون خىل ئۆلۈم ئۇسۇلى | 西部的一百万种死法 | | 07 | 2012-يىلى | قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى | 白雪公主与猎人 | | 08 | 2012-يىلى | پرومېتىئۇس | Prometheus | 7.1/10 | 09 | 2011-يىلى | ياش-ئۆسمۈر | Teenagers | | 10 | 2009-يىلى | ئاتوم | 阿童木 Atom | | 11 | 2009-يىلى | ھالاكەت يولى | The Road | 7.5/10 | 12 | 2009-يىلى | كۆيگەن تۈزلەڭلىك | The Burning Plain | | 13 | 2008-يىلى | خاسىيەتلىك ئادەم خانكوك | Hancock | | 14 | 2007-يىلى | سېئاتىل جېڭى | BattleinSeattle | | 15 | 2007-يىلى | ئىلا جىلغىسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ | In The Valley of Elah | | 16 | 2005-يىلى | جەلىپكار ئايال جەڭچى | Aeon Flux | | 17 | 2005-يىلى | شىمالدىكى بوران-چاپقۇن | North Country | | 18 | 2004-يىلى | پېتىرسېللېرىسنىڭ ھايات-ماماتى | The Life and Death of Peter Sellers | | 19 | 2004-يىلى | ئەنسىز يىللاردىكى ئۈچ كىشىلىك سەپەر | Head in the Clouds | | 20 | 2003-يىلى | ئايال ئالۋاستى | Monster | | | 2003-يىلى | سىرلىق تۇزاق | The Italian Job | | | 2002-يىلى | ھالاكەتكە پېتىش | Trapped | | | 2002-يىلى | رېنودىكى مۇھەببەت | Waking Up in Reno | | | 2001-يىلى | شېرىن نويابىر | Sweet November | |
قاتناشقان تېلېۋىزىيەتىياتىرى2005-يىلى تەرەققىياتنى توسۇش 发展受阻 ![]() مۇكاپاتلىنىش خاتىرىسى: ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى2006-يىلى 78-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى شىمالدىكى بوران-چاپقۇن (نامىئاتالغان)2004-يىلى 76-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ئايال ئالۋاستى ( مۇكاپاتلانغان) ئالتۇن شار مۇكاپاتى2012-يىلى 69-نۆۋەتلىك مۇزىكا/ كومېدىيە تۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ياش-ۆسمۈر (نامىئاتالغان)2006-يىلى 63-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك فىلىمتۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى شىمالدىكى بوران-چاپقۇن (نامى ئاتالغان)2005-يىلى 62-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئاياليانداش رولچى彼得·塞勒斯的生与死 (نامىئاتالغان)2004-يىلى 61-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك فىلىمتۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ئايال ئالۋاستى (مۇكاپاتلانغان)ئېمېرىيە مۇكاپاتى2005-يىلى 57-نۆۋەتلىك كالتە تىياتىرتۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى 彼得·塞勒斯的生与死 (نامىئاتالغان) ساتۇرىن مۇكاپاتى2013-يىلى 39-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئاياليانداش رولچى قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى (نامى ئاتالغان)2010-يىلى 36-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايالباش رولچى كۆيگەن تۈزلەڭلىك (نامىئاتالغان)2009-يىلى 35-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئاياليانداش رولچى خاسىيەتلىك ئادەم خانكوك (نامى ئاتالغان)1999-يىلى 25-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئاياليانداش رولچى ئورانگۇتاننىڭ باش كۆتۈرۈشى (نامى ئاتالغان) ئالتۇن بۆلجۈرگەنمۇكاپاتى2015-يىلى 35-نۆۋەتلىك ئەڭ ناچار ئېكرانگۇرۇپپىسى غەربتىكى مىليون خىل ئۆلۈمئۇسۇلى (نامى ئاتالغان)2015-يىلى 35-نۆۋەتلىك ئەڭ ناچار ئايال باش رولچى غەربتىكى مىليون خىلئۆلۈم ئۇسۇلى (نامى ئاتالغان)2002-يىلى 22- نۆۋەتلىك ئەڭ ناچار ئايال باش رولچى شېرىننويابىر (نامى ئاتالغان) MTV كىنو مۇكاپاتى2004-يىلى 13-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس ئايال ئالۋاستى (نامى ئاتالغان)2004-يىلى 13-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى لەۋ تاماشاسى ئايالئالۋاستى (نامى ئاتالغان) خەلق سايلىمىمۇكاپاتى2015-يىلى 41-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كومېدىيە ئايالئارتىسى (نامى ئاتالغان)2013-يىلى 39-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋەقەلىك فىىم ئايالئارتىسى پرومېتىئۇس (نامى ئاتالغان)2005-يىلى 31-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال كىنو چولپىنى (نامى ئاتالغان) ياش-ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇكاپاتى2012-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى يازلىق كىنو ئايال چولپىنى قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى (نامى ئاتالغان)2012-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى 最佳电影怒火戏 قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى (مۇكاپاتلانغان)2012-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنوسەلبىي ئوبرازى قار مەلىكە بىلەن ئوۋچى (نامى ئاتالغان)2000-يىلى 2-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنو ئايال ئارتىسى ئالماھاراقخانىسىنىڭ قائىدىسى (نامى ئاتالغان) ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتى2005-يىلى 59-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايالباش رولچى شىمالدىكى بوران-چاپقۇن (نامى ئاتالغان)2004-يىلى 58-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايالباش رولچى ئايال ئالۋاستى (نامى ئاتالغان) بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى2004-يىلى 54-نۆۋەتلىك كۈمۈش ئېيىقمۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس ئايالئالۋاستى (مۇكاپاتلانغان) تاراتقۇلار باھاسىگۈزەل ساھىبجامال چارلىززېروننىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئەمەلىيەتتە خۇشچاقچاق پورئامىسىت يوشۇرۇنغان.2004-يىلىدىن بۇرۇن، جەزبىدارلىق بىلەن گۈزەل رۇخسار ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان، ئۇتاشقى قىياپىتىنىڭ تىياتىرلاردىكى رول چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇكەسىپكە كىرىشكەندىن كېيىنكى تۇنجى ۋاستىچىسىنى كۆزى قىيمىغان ھالدا ئىشتىنبوشىتىۋېتىدۇ. 2004-يىلى ئىشلىگەن «ئايال ئالۋاستى» فىلىمى ئۇنى تەشتەكلىك گۇمانىنەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئۇ پىلان بويىچە ئىش قىلىدىغانئادەملەردىن ئەمەس، ئۇ قانائەتچانلىقنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.(جەنۇبىي ئافرىقا يەكشەنبىلىكگېزىتى، ساھىل رەسىملىك ژۇرنىلى باھاسى) مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن تولۇقتەرجىمە قىلىندى!تەرجىمان: ئەركان
|