- UID
- 260
- تىزىملاتقان
- 2010-12-12
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 70
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yakup1232 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-8 12:19
كۆپلىگەن تور دىسكىلىرى تاقالماقچى، تېزدىن ماتېرىيالىڭىزنى ساقلىۋېلىڭ
سىنا، جىنشەننىڭ تور دىسكا مۇلازىمىتى تاقالغاندىن كېيىن، DBank خۇاۋېي تور دىسكىسى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى، بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ ئىككى ئايدا تور دىسكىلىرىنى تاقاش، تەڭشەش دولقۇنى ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەردى، رەت تەرتىپى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان تور دىسكىلىرى ئىچىدە 6 تور دىسكىسى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمىتىنى توختاتقان ياكى تەڭشىگەن بولۇپ، بۇ خۇاۋېي تور دىسكىسى، تېڭشۈن مىكرو بۇلۇتى، سىنا مىكرو دىسكىسى، 115 تور دىسكىسى، جىنشەن تېز دىسكىسى، تور قاتتىق دىسكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ بولغان بەيدۇ بۇلۇتى يەنىلا نورمال مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.
تور دىسكىلىرىنى تاقاش ئۇقتۇرۇشىدا تاقىلىش سەۋەبىنىڭ كۆپىنچىسى «دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تور دىسكىلىرىدىكى شەﻫۋانىيلىققا، ئوغرى نەشىرگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش» ئۈچۈن ئىكەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|