- UID
- 50
- تىزىملاتقان
- 2010-7-31
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ھالقىش فىلىملىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقمايلىمۇ؟
/forum.php?mod=viewthread&tid=5831
ماۋۇ تېمىنى باشلاپ قويۇپ ئۇ ئىش بۇ ئىش بىلەن ھېچبىر ئايىغىنى يازغۇدەك ئارامچىلىق بولمىدى. ئاز تولا بولسىمۇ بىرنەرسىنى جۆيلۈپ داۋامىنى يېزىپ باقاي قېنى
ھالقىش دېگەن نېمە؟ ئالاھىدە پەيتتە زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈش ئارىسىدا سەپەر قىلىش دەپ چۈشىنىپ تۇرساق بولامدۇ؟
يۈزەكى چۈشەنچەمدە ئۆتمۈشكە قايتىپ ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈشنى قوبۇل قىلالىشىم مۇمكىن. مەسىلەن سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە چۈشۈپ قايتقان نۇر يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەكىسچە سىكۇنتىغا 300مىڭ كېلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئالەمگە تارقاپ كېتىدۇ. مۇبادا مەن سىكۇنتلۇق سۈرئىتى 300مىڭغا يېتىدىغان ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشىدىغان بىر ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ سىزدىن قايتقان نۇرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭسام، بىرقانچە سىكۇنت ھەتتا بىرقانچە يىل ئاۋۋالقى سىزنىڭ سىمايىڭىزنى ۋە ياكى ئىش ھەرىكىتىڭىزنى كۆرەلىشىم مۇمكىن. بىراق كەلگۈسىنى قانداق كۆرۈش مۇمكىن؟
يەنە بىر مىسال ئالايلى. مەن ۋە سىز ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. مەن ئايروپىلانغا ئولتۇردۇم، سىز پويىزغا چىقتىڭىز. ئىككىسىنىڭ تېزلىكى ئوخشىمىغانلىقتىن مەن 2سائەتتە يېتىپ باردىم، سىز بولسىڭىز 18سائەتتە يېتىپ باردىڭىز. بۇنى ھالقىشقا تەققاسلىساق مەن سىكۇنتلۇق سۈرئىتى 400مىڭ كېلومىتىر بولغان ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندىم. سىز بولسىڭىز ئاۋۋالقىدەك تۇرمۇشىڭىزنى كەچۈرىۋەردىڭىز. لېكىن كەلگۈسىگە بارغاندا يەنىلا سىزنى كۆردۈم. بۇ ئادىل بولماي قالدىغۇ؟ ھالقىش ھەققىدە مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقان يېرى دەل مۇشۇ يەردە. بۇ فىزىكا قانۇنىيىتىگە زىت كېلىپ قالغاندەكلا بىلىنىۋاتىدۇ.
ئەمدى ھالقىش فىلىملىرىدىكى ئاساسلىق تېمىلار توغۇرلۇق توختىلايلى
1-ئۆتمۈشكە قايتىپ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش
كەلگۈسىگە قايتىش، كېپىنەك ئېففىكتى، xجەڭچى كەلگۈسىنى بۇرمىلاش قاتارلىق فىلىملەر دەل مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. ئاساسلىق يۆلىنىشى باش پىرسوناژ ئۆتمۈشتىكى مەلۇم ۋاقىت ۋە مەلۇم ئورۇنغا قايتىپ بەزىبىر ئىشلارنى قىلىدۇ، ۋە شۇ ئىشلار كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان مەلۇم ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى باشقا بىر ئىشقا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
2-ئۆتمۈشكە قايتىپ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلمەسلىك.
12مايمۇن، ئەلىسنىڭ ساياھىتى2 قاتارلىق فىلىملەر مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. پىشانىگە پۈتۈلگەن دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ سىز قانچە تىرىشىڭ سىز يەنىلا پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن تەقدىردىن قۇتۇلالمايسىز. سىز قانچىلىك تىرىشىڭ يەنىلا يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى توسىۋالالمايسىز. بۇ تىپتىكى كىنولارنىڭ ئاساسى يۆلىنىشى بويىچە باش پىرسوناژ ئۆتمۈشكە قايتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ پىلتىسىگە ئايلىنىدۇ، مىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ كەلگۈسى ئۆزگەرمەيدۇ.
3-كەلگۈسىگە بېرىپ قېلىپ يەنە ئۆتمۈشكە قايتىپ كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىنىش
كەلگۈسىگە سەپەر فىلىمى دەل مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. بۇ تىپتىكى كىنولاردا باش پىرسوناژ ئۆزى سەۋەبلىك ياكى سىرلىق كۈچ تۈرتكىسىدە كەلگۈسى زامانغا بېرىپ قالىدۇ، ۋە كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ ئەسلىدىكى زامان ۋە ماكانغا قايتىپ شۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئەمدى فىزىكا قانۇنىيىتىنى قويۇپ تۇرايلى. كەلگۈسىگە قانداق بېرىش مۇمكىن؟ يەنە قانداق ئىھتىماللىق بار؟
پەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ھادىسسىلەر بار. مەسىلەن چۈش، روھ، ئەرۋاز، يەنە كونا تېمامدا دەپ ئۆتكەندەك تۇيۇقسىز غايىپ بولۇش دېگەندەك ۋەقەلەر.
بۇ كائىناتنىڭ سىرى چەكسىزدۇر. ھەممىسنى مەلۇم قانۇنىيەتكە سېلىپلا چۈشەندۈرگىلى بولىشى ناتايىن. خېمىيەدە سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانى 4دىن ئاز بولسا بىز ئۇنى مېتال دەيمىز دېگەن بىلەن بۇ قانۇنىيەت ھىدروگىن ئېلىمىنتىغا ماس كەلمىگەندەك ھالقىش ھادىسسىنىمۇ چۈشەندۈرۈش تەسكە توختىشى مۇمكىن.
مۇندا ئويلاپ باقساقچۇ؟ غايەت زور بىر ئارخىپ ئامبىرى بار، ئۇنىڭدا ئۆتمۈشتىن تاكى كەلگۈسىگىچە بارلىق ئىشلار خاتىرلەنگەن، ۋاقىتتىن ھالقىغۇچىلار بولسا تۇيۇقسىز شۇ ئارخىپ ئامبىرىنىڭ بۇ تارتمىسىدىن چىقىپ باشقا بىر تارتمىسىغا كىرىپ كەتكەن بولسىچۇ؟
كۆز ئالدىڭلارغا كەلمىگەن بولسا ئەيلىسنىڭ ساياھىتى2 فىلىمىدىكى ئەيلىسنىڭ ۋاقىت شارچىسىغا ئولتۇرۇپ ھېلىقى دېڭىزغا ئوخشايدىغان ۋاقىت تونىلىدىن ئۆتكەن مەنزىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھازىرقى ئىلىم پەنمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سىرى ئىنسانلارنىڭ ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئەگەر پەننى نۇقتىدىن زاماندىن ھالقىشقا ئېنىقلىما بېرەلمىسەك، ئەلۋەتتە سىرتقى كۆرۈنۈشى غەيرى بولغان ماشىنىدىن بىرنى ئەكىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتىنى 80مېلغا يەتكۈزۈپ كەلگۈسىگە سەپەر قىلىدىغان فىلىمدىن بىرنى ئىشلىسەك باشقىلارنىڭمۇ پىكىرى چىقماس ئەلۋەتتە 
|
|