ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىلەرگە ئىككى كەلىمە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
475 10
delphi ۋاقتى: 2016-1-19 16:25:12 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىلەرگە ئىككى كەلىمە تەكلىپ


ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ئاق بۈركۈت تورىدىكى جاپاكەش تەرجىمانلار ھەم ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇسلەر :
  مەن بىر فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇ تور بىكەتكە ئەزا بولغان ھەم ئەزا بولۇپ مۇنبەردىكى قىزغىنلىقنى كۆرۈپ مەسلىگىم كىلىپ مۇشۇ مۇنبەر ئۈچۈن ئاز تولا ئىش قىلىپ بىرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم ، مەن قاراپ باقسام مۇنبەردە مۇقاۋا لايىھەلەڭلار دىگەن تىمىلار بەكرەك قىززىيدىكەن ھەم ئاكتىپ ئەزالار ئۆزىنىڭ ۋاقتى زېھىنىنى ئاجىرتىپ مۇقاۋىنى لايىھەلەپ چىقىدىكەن ، ئەمدى بۇ يەردىكى ھەممىسى مۇشۇ تەكشىلىك لايىھە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئانچە مۇنچە تەكلىپ پىكىر بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ، مۇشۇ لايىھە ئىشلىرىنى مەيلى يىڭى ئۈگەنچىلەر بولسۇن ياكى كونا ئۇستاملار بولسۇن يىغىپ كەلگەندە سىز مۇشۇ لايىھە خىزمىتىگە قىزىقىسىز ئىشتىياق باغلىدىڭىز توغۇرمۇ ؟ ئۇنداق بولغانكەن ئاز تولا كەسپىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ ئۈگىنىپ تۇرغان ياخشى .

  مەن نەچچە يىل ئىچكىردە مەخسۇس مۇشۇ كەسىپتە بىلىم ئاشۇرۇپ مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ كەلگەن ئىدىم ، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش يىڭى ئۈگەنگۈچى ئادەم بۇ دۇنيادا مەڭگۈ بىر ئۈگەنچۈچى بولۇپ ئۆتىدۇ خالاس ، ئادەمنىڭ بىلىدىغانلىرى قانچە كۆپەيگەنسىرى بىلمەيدىغانلىرى شۇنچە ئازلاپ ماڭغانغا ئوخشاش بۇ يەردىكى پەرىق بەلكىم تەجىربە بولۇشى مۇمكىن . گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك بىز لايىھەلەۋاتقان مۇقاۋىلاردا ئومۇمىيۈزلۈك بىرقانچە خىل كىسەل مەۋجۈتكەن .

1 . رەڭ ئىشلىتىش
     بىر لايىھەنىڭ جېنى دەل رەڭدە ، سىز مۇقاۋىدىكى خەتلەرنى پاكىز ئۆچۈرگەندىن كىيىن ئاۋال ئارقا تەگلىك رەڭگى ۋە ئەسلىدىكى خەتنىڭ رەڭگىنى ياخشى كۈزىتىڭ ، ئەسلى مۇقاۋىدىكى تەگلىك بىلەن خەتنىڭ رەڭگى زادى يەكپايمۇ يە ئۆز ئورنىنى تاپقانمۇ ، بىر فىلىمنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ھەم تاماشىبىنلارنى قىززىقتۇرىغان بىر يېرى دەل مۇشۇ مۇقاۋا ۋە تەشۋىق فىلىمدىن ئىبارەت . فىلىم ئىشلىگەنلەرمۇ تەشۋىقاتقا ئالاھىدە كۈچەيدۇ شۇڭا سىزگە كۆرۈنگەن ئاددىي بىر مۇقاۋا نەچچىلىگەن لايىھەلىگۈچىنىڭ نەچچە مىڭ قېتىم ئۆزگەرتىپ چىققان ھوسۇلىدۇر ، شۇڭا رەڭ ئىشلەتكەندە ئامال بار بىر گەۋدىلىكنى ساقلاڭ .

2 . ماركا
   ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا كۆچۈرمىچىلىك ئەۋىج ئالغان ھەم كۆچۈرگەن بىلەنمۇ مەنبەنى ئەسكەرىتمەي كۆچۈرىدىغان ئىش بەك ئومۇملىشىپ كەتكەشكە ھازىر ھەتتا ئۇيغۇرچە كىنو فىلىم تور بىكەتلىرىدە فىلىم كۆرسە ئاز دىگەندە 3 بىكەتنىڭ تامغىسى بېسىغلىق . ھازىرقى بەزىبىر مۇقاۋىلارنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋاقىتتا ئاقبۈركۈتنىڭ ماركىسىنى زورمۇزور قېتىۋىلىشنى ئورنى بارمۇ ؟ بۇنداق دىسەم بەزىلەر فىلىمنى ئوغۇرلاپ ئەمگەك مېۋىمىزنى ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن . لىكىن سىلەر كىرىشتۈرىۋاتقان فىلىمدە ئاقبۈركۈت تورى تەرجىمە خەتلىك فىلىملىرى دەپ چىقىپ تۇرىدۇ ، شۇڭا مۇقاۋا رەسىمىگە ماركا ماس كەلگىدەك ئورۇن بولسا ئاقبۈركۈتنىڭ ماركىسىنى قويۇپ قويۇڭ بولمىسا زورلاپ قويۇپ مۇقاۋىنىڭ سۈپىتىنى بۇزماڭ ، ئۇيغۇرچە خەت بىلەن ئاقبۈركۈت تەرجىمىلىرى دەپ يىزىپ قويسىڭىزمۇ ئوخشاش ئاقبۈركۈتنىڭ تەرجىمىلىرى ئىكەنلىكىنى باشقىلار بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ .
ئاقبۈركۈتنىڭ ماركىسىنى زورلاپ قىزىل رەڭگە بوياپ چاپلاپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس ، لايىھەنى بەدىيلىكى بۇزۇلۇپ كىتىدۇ . سىلەر قاراپ بىقىڭلار ئەسلى مۇقاۋىدا شۇنداق چوڭ
قىلىپ باشقا رەڭگە بوياپ چىقىرىپ قويغان ماركىلار بارمىكەن ؟ سىلەرچە مۇشۇ فىلىمگە مەبلەغ سالغان شىركەت ئورۇنلارنىڭ ماركىسى يوقمىدۇ ؟ شۇڭا مۇقاۋا ئۆزلەشتۈرگەندە ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىڭ ..

3 . خەت نۇسقىسى
  سىز مۇقاۋىلاردا كۆرۈپ تۇرىسىز ھەرخىل مۇقاۋىلاردا ھەرخىل خارەكتىرىگە ماس كەلگەن خەت نۇسقىلىرىنى كۆرىسىز ، لىكىن ئۇيغۇرچىدا ئۇنچىلىك مول بولغان خەت نۇسقىسى
ئامبىرى يوق لىكىن شۇنداقتىمۇ مىنىڭ بىلىدىغان خەت نۇسقىلىرىم 100 دىن ئاشىدۇ شۇلارنىڭ بىرەرسىنى مۇۋاپىق تەھرىرلەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ لىكىن ئەڭ ئەۋزىلى قولدا ھۆسىن خەت يىزىپ شۇنى تەھرىرلەش ، لىكىن بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا دىگەندەك خەت نۇسقىسىنى چوقۇم ئوبدان تاللاڭ .

بۈگۈنكى يازمام مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ئاخىرىدا ئاقبۈركۈت تورىدىكى ئەزىزلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
تۇغتېكىن + 20 ئىسىل! ئۇسسىغان يەرگە .

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار10

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Nejmi ۋاقتى: 2016-1-20 12:27:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nejmi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 12:29  

بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز مېنىڭ مۇقاۋامغا دىققەت قىلغانلار بېلىدۇ، مەن فىلىمنىڭ ئۆز مۇقاۋىسىنىڭ خەت، رەڭ، ئۈنۈملىرىگە ئوخشاش قىلىمەن دەپ  سەل كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىمەن.. ئەلۋەتتە بۇنى دورامچىلىق دېيىشىڭلار مۇمكىن لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا دوراش ھەممىدىن تەس !!
مەن بىر تەكشىكتە ئېلان لاھىيەلىگۈچى مېنىڭ بەكلا دەرىسلىك قىپ يوللىغۇم بار لېكىن ئۆزۈمنىڭمۇ بىر كىشلىك دۇكىنى بولغاچقا ۋاقىت يېتىشمەيدىكەن.. ۋاقتىم چىقسىلا دەرىسلىك قىپ يوللايمەن فىلىم تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىم خېلى يامان ئەمەس...
دۇكىنىمغا شاگرت قۇبۇل قىلىماقچى ئەمدى، شاگرت كەپلا قالسا قولۇم ئاز تولا بوشىغۇدەك شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا كىرىشىمەن...
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +2 يىغىش سەۋەبى
پولات. + 2 مۇقاۋا ماھىرى

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +2

يىكەنداز
پولات. ۋاقتى: 2016-1-20 13:39:08 | ئايرىم كۆرۈش
Nejmi يوللىغان ۋاقتى  2016-1-20 12:27
بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز مېنىڭ مۇقاۋامغا دىققەت قى ...

سىز قانداق مۇقاۋا لاھىلىسىڭىز ..... بىلەت بەك يۇقىرى بولدىكەن ...... سىزگە قول قويدۇم .........
ئالامەت ئىسىل تېما بوپتۇ
مەن قارىسام نۇرغۇن مۇقاۋىچى تورداشلار بەلكىم يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسا كېرەك ، كۆپۈنچە مۇقاۋىلار رەسىم ئۈستىگە خەت يىزىپ رەڭ بىرىپلا قويغان ،،، بولسا تېخىمۇ ئىجادىي قىلىپ ئۈنۈم قۇشۇپ چىقارسىكەن دەيمەن.
كىگىز
saarhil ۋاقتى: 2016-1-20 15:09:18 | ئايرىم كۆرۈش
نوچى تېما بۇپتۇ  جىڭ

شۇ مۇقاۋىدا ئەسلى يېزىق قانداق بولسا شۇ ھالەتتە لايىھەلەش كىرەك
ئورۇندۇق
minitriangle ۋاقتى: 2016-1-20 19:45:57 | ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسى بۇرادەر ياخشى گەپ قىپتۇ، لايىھەلەشكە قىزىقىدىغانلار توردىكى نادىر لايىھەلەرنى كۆپرەك كۆرۈپ بەسە مۇشۇ جەھەتتە ئىلگىرلەشكە پايدىسى بولىدۇ. مۇقاۋىلارنى ئامال بار يۇقىرى سۈپەتلىك لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بىرەيلى
داق يەر
abid ۋاقتى: 2016-1-21 10:49:50 | ئايرىم كۆرۈش
مۇقاۋا تاللاشنى بىلدىغان باللار يوق دىيەرلىك رەڭ ئۇنۇم خەت شەكلى ئورونلاشتۇرۇش دىگەنلەرگە قاراپ بىلەت تاشلايمىز،شۇڭا مۇقاۋا ئىشلىگۇم كەلمەيدۇ.
مىخ
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-1-21 12:50:22 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئىسىل تېما بولۇپتۇ. مۇشۇنداق تېمىدىن بىرنى ئوتتۇرغا تاشلاش ئۇزۇندىن بويان خىيالىمدا بار ئىدى. لېكىن، ئوقۇشنىڭ ئىشلىرى بىلەن تېما يېزىشقا زېھنىمنى بىرەلمىگەن ئىدىم. بۇ ئارزۇيۇمنى سىلەر ئىشقا ئاشۇرۇپسىلەر.....
9#
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-1-21 14:04:47 | ئايرىم كۆرۈش
مەن غۇ ps ئىشلىتىپ باقمىغان مۇشۇكەمغىچە  
mtxx     دىلا رەسىم ياسايمەن
كىم ماڭا رەسىم ياسايدىغان  ps   يوللاپ بىرىدۇ
چ چ 2774330041   
مۇشۇ نىڭغا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.
10#
 ئىگىسى| delphi ۋاقتى: 2016-1-21 15:40:37 | ئايرىم كۆرۈش
زەفەر01 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-21 14:04
مەن غۇ ps ئىشلىتىپ باقمىغان مۇشۇكەمغىچە  
mtxx     دىلا رەسى ...

سىز ئالدى بىلەن ئازىراق ئۈگىنىڭ ، ps بىلەن mtxx ئىككىسى ئىككى دىتال ئوخشىمايدۇ ، سىز بەيدۇغا phosotop دەپ باسسىڭىز نۇرغۇن دەرىسلىكلەر ھەم چۈشۈرۈش ئادىرسى چىقىدۇ .
11#
گىلتاغ ۋاقتى: 2016-1-21 22:31:14 | ئايرىم كۆرۈش
abid يوللىغان ۋاقتى  2016-1-21 10:49
مۇقاۋا تاللاشنى بىلدىغان باللار يوق دىيەرلىك رەڭ ئۇنۇ ...

ئەگەشتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

1پىنتوزىلىرى

4تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1