بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانتاجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-31 03:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاققىردىن 60 كىنو (ھەيران قالماڭلار مەن ئاققىر ئەمەس) 
دېتال ياساشنى تىخى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۈگىنىۋاتقانتىم، بۈگۈن تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە ئەڭ نادىر ئەپلەردىن 50 تال ئەپنى توپلاپ بىر نادىر ئەپلەر توپلىمى دېتالى ياساپ چىقىش خىيالى بولۇپ قالدى كاللامدا، شۇ ۋاقىتتىكى قىزغىنلىق مىنى دەرھال تۇتۇش قىلىشقا ئۈندىدى، شۇنداق قىلىپ دەرھال تۇتۇش قىلدىم، دېتال بەت يۈزىنى ۋە ئەپ ئىسمى رامكىسىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندا كۆرۈپ بىقىڭلار مۇنداقراق دېتال ياسىماقچى ئىدىم دەپ كەسمە رەسىمىنى دوسلارغا يوللاپ بەرسەم ئۇلار : مىنىڭچە ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار، ھازىر ئەپ بازىرى دىگەن كۆپ، بالىلار ئۇنداق ئەپلەرنى تاپالايدۇ دەپ قىزغىنلىقىمغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ سەپتى، بىراق ئويلاپ باقسام ئۇلارنىڭ دىگىنىمۇ توغرىدەك... ------------- ئەمدى دېتالنى تەڭشەپ قۇراشتۇرۇپ بىرنەچچە سائەت ۋاختىم كەتكەن، بولدى ياسىمايلا قوياي دىيىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مەزكۇر ئاق بۈركۈت تورىدىن ئاققىر ئەپەندىنىڭ تېمىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى ۋە يوللىغان فىلىملىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ھەقسىز فىلىملەر ئىكەنلىكى كۆڭلۈمدىن كەچتى ۋە مىنىڭدە بۇ ئاققىر ئەپەندىنىڭ يوللىغان فىلىملىرىدىن ياخشىلىرىنى تاللاپ شۇ فىلىملەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى توپلاپ بىر دېتال تۈزۈش ئويى پەيدا بولدى ۋە دەرھاللا ئىشنى باشلىۋەتتىم. دېتالنى باشتىلا قۇراشتۇرغاندا ئۆز ئۇسلۇبىمىزدا بىزەپ چىقىرىشنى ئويلاشقان ۋە بىزىگەن، دىگەندەك قاملاشتۇرالمىغان بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك قىلالىغىنىمدىن مەمنۇن بولدۇم، ئەمدى دېتالنى ئاققىر ئەپەندىنىڭ فىلىملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئەسلى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىشنى لايىق تاپتىم... شۇنداق قىلىپ ئىشنى باشلىدىم، 60 فىلىم ئۈچۈن 60 تال رامكا تاللىدىم ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ قۇراشتۇردۇم. ھەر بىر تال رامكىغا تاللانغان بىر فىلىمنىڭ ئىسمىنى يىزىپ چىقتىم، جەمئىي 60 تال رامكىغا 60 تال فىلىمنىڭ ئىسمى يىزىلدى. ئەسلى فىلىملەرنىڭ سانىنى 100 دىن ئارتۇقراق قىلماقچى ئىدىم، بىراق بەت يۈزى رازمىرى بەلگىلىنىپ بولغاچقا ئامال بولمىدى. ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاققىر ئەپەندىنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىشقا مۇمكىن بولمىدى، چۈنكى ۋاقىت بەك قىس ئىدى، ئاققىر ئەپەندىدىن كەچۈرۈم سورايمەن. -------------- دېتالنىڭ جامالى مۇنداق
تورداشلار مەزكۇر دېتالنى كومپىيۇتىرىغا قاچىلىۋالغاندىن كىيىن كومپىيۇتىرىدا تورلا بولسا ھەر قانداق ئورۇندا ۋە ھەر قانداق شارائىتتا دېتالدىكى 60 تال فىلىمدىن ئۆزلىرى خالىغاننى بىر چەكسىلا دېتال دەرھال تورغا ئۇلىنىپ مەزكۇر فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ئىچىپ بىرىدۇ. مەزكۇر فىلىملەر يوللانغان دېسكىدىن فىلىم چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاققىر ئەپەندى ماۋۇ تېمىسىدا چۈشۈنىشلىك سۆزلەپتۇ،
ھەر راس، مەن دېتالغا مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرنى قاچىلاپ قويغان، دېتال قوزغىلىشى ھامان سايرايدۇ  ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئاق بۈركۈت تورىنىڭ تۇغ رەسىمىنى باسساڭلار سىلەرنى ئۇددۇل ئاق بۈركۈتنىڭ باشبىتىگە ئەكىرىپ تاشلايدۇ، سول تەرەپ ئۈستىدىكى فىلىم ئامبىرى دىگەن رەسىمنى باسساڭلار ئۇددۇل ئاپىرىپ فىلىملەر ئامبىرى بىتىگە ئەكىرىپ قويىدۇ  ئۆزۈم فوتوشۇپقا ئانچە ماھىر ئەمەس، شۇنداقتىمۇ رەسىملەرنى لاھىيلەپ باقتىم، دېتال ياساشنى ئۆگۈنىۋاتقىلىمۇ ئەمدى ئىككى كۈن بولدى، بەلكىم دېتال ياكى دېتال كۆرۈنمە يۈزى تازا جايىدا چىقمىغان بولىشى مۇمكىن توغرا چۈشەنگەيسىلەر...  مەزكۇر دېتال ئاق بۈركۈت تورىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ياخشى قورال بولالايدۇ (ئۆزەمچە) تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى قارشى ئالىمەن.
مەزكۇر دېتالدىن ھەمبەھىرلەنگەن فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئاققىر ئەپەندى ھەقسىز تارقاتقان فىلىملەردۇر
دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى
|