ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

چەتئەللىك مەشھۇر 100 كىنو چولپىنى ( 6 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 22:38  

چەتئەللىك مەشھۇر 100 كىنو چولپىنى ( 6 )





51. روبېرت دېنىرو           罗伯特•德尼罗        Robert De Niro  
ئەينى دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق كىنو ئاتىسى




روبېرت دې نىرو (1943-8-17 ئامېرىكا ۋە ئىتالىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە) ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا رول ئېلىش بىلەن مەشھۇر. كۆپ قېتىم ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى دەۋر ئامېرىكا كىنو سەھنىسىدە تەسىر كۈچى ئەڭ زور ۋە ئەڭ قارشى ئېلىنغان، ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ بىرى. «كىنو ئارتىسلىرى پادىشاھىنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىلىپ  كەلمەكتە. ئامېرىكا كىنو ئىنستىتۇتى ئارتىسلارنىڭ ئويناش سەنئىتى جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن تاللاپ چىققان 10 چوڭ سەنئەتكار ئىچىدە روبېرت دېنىرو 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.
ۋەكىللىك كىنولىرى: غەزەپلەنگەن بۇقا، ئاتامان2، تاكسى شوپۇرى، ئامېرىكىدىكى ئىشلار
愤怒的公牛,教父2,出租车司机,美国往事

52. مىخائېل دوگىلاس   迈克尔•道格拉斯      Michael Douglas
ھوللېۋود «ھۆكۈمرانى»


ئامېرىكىلىق ئارتىس. 1944-9-25-كۈنى يېڭى جېرسىي شتاتىدا تۇغۇلغان. كونا ئارتىس كىرىك دوگلاس (Kirk Douglas) نىڭ چوڭ ئوغلى. 1976-يىلى «ساراڭلار ساناتورىيىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش  飞越疯人院 » دېگەن كىنونىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ ئوسكار ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى «ۋال سىتېرېت كوچىسى 华尔街 » دېگەن كىنودا رول ئېلىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئاساسلىق رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئۆزىدىن 24 ياش كىچىك ئەنگلىيە ئايال كىنو چولپىنى كاتېرىنا جونېس (Catherine Zeta-Jones)  بىلەن توي قىلغان. كاتېرىنا جونېس «بەختنىڭ ئاخىرقى بېكىتى، زورونىڭ نىقابى، چىكاگو، 12 ئارخات، قىلتاق( 幸福终点站، 佐罗的面具،  芝加哥،  十二罗汉،偷天陷阱 ) » قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مىخائېل دوگىلاس 2004-يىلىدىن باشلاپ، كىنو سەھنىسىدە ناھايىتى ئاز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان. 2010-يىلى 8-ئايدا يۇتقۇنچاق راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.
ئۇنىڭ 2013-يىلى قويۇلغان ياكى قويۇلماقچى بولغان كىنولىرى «لاس ۋىگاس  »، «شامداننىڭ ئارقىسى  »
«ۋال سىتېرىت كوچىسى» ئىككى قېتىم ئىشلەنگەن بولۇپ بىرى 1987-يىلى ئىشلەنگىنى، يەنە بىرى 2010-يىلى ئىشلەنگىنى، ھەر ئىككىسىدە مايكول دوگلاس رول ئالغان.

53. سۇسان سەراندون       苏珊•萨兰登        Susan Sarandon
يۈرىكى سۆيگۈگە تولغان كىنو خانىشى


1946-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. 5 قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سەيلوت قىز  死囚漫步» ناملىق كىنوسى بىلەن 68-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ 8 قېتىم ئالتۇن شار، 5 قېتىم ئېمىلىيە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئالمىغان.
ۋەكىللىك كىنولىرى: «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سەيلوت قىز»، «ھالاكەت يولىغا مېڭىش  末路狂花»
ئۇنىڭ يېقىنقى كىنولىرى: «مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغۇچى2013 告密者 »، «بۇلۇت ئاتلىسى» (4 پېرسوناژنىڭ رولىغا چىققان)
، «ۋال سىتېرىت كوچىسى2010  »، «كاتتا توي مۇراسىمى2010  盛大婚礼 بۇ كىنو ھەققىدە خەنلەر جىق گەپ قىلىشىپ كېتىپتۇ»، «قاراڭغۇ بازار2012  套利交易»

54. ئارنولىد شىۋاشىڭگېر   阿诺德•施瓦辛格 Arnold Schwarzenegger
مۇكەممەل ھەرىكەتكە ئىگە قەھرىمان


ئارنولىد شىۋاسىنگېر
خەنچە نامى: 阿诺德•施瓦辛格
ئىنگلىزچە نامى: Arnold Schwarzenegger
باشقا نامى: گىگانت، ئاخىرلاشتۇرغۇچى
تەۋەلىكى: ئامېرىكا، ئاۋسترىيە
مىللىتى: گېرمان
تۇغۇلغان جايى: ئاۋسترىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1947.7.30
كەسپى: مېھمانساراي خوجايىنى، كالىفورنىيە شتات باشلىقى(2011-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدى)، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى
ئېگىزلىكى: 188cm
باشقا ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن بېسىپ كۆرۈڭلار

55. ساموئېل جاكسون     塞缪尔•杰克逊        Samuel L. Jackson
«كۈچتۈڭگۈر» نېگىر چولپان





ساموئېل جاكسون (1948-12-21) ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئامېرىكىلىق نېگىر ئارتىس ۋە فىلىم نازارەتچىسى. ئۇنىڭ «يورا دەۋرى باغچىسى»، «پەسكەش ھېكايە»، شۇنداقلار «پىلانېتلار ئارا جەڭ» 1-2-3- بۆلۈملىرىنى، يېقىندا ئىشلەنگەن «تۆمۈر پالۋان2» قاتارلىق كىنولىرىنى خېلى كۆپ ئادەم بىلىدۇ.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىلىق كىنو پومىشچىكىلىرىغا خېلى كۆپ بېلەت كىرىمى يارىتىپ بەرگەن كىنولار. يەنە «چاقماق ئىلاھى»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»، «قارا يىلاننىڭ نالىسى» ئىش قىلىپ سىلەر بىلەن مەن ياخشى كۆرىدىغان كىنولارنىڭ ھەممىسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر چىقىدىكەن..
侏罗纪公园،  低俗小说،  星球大战前传 ، 钢铁侠2، 雷神، 复仇者联盟، 黑蛇呻吟

56. گېرارد دېپاردىئو      杰拉尔•德帕迪约       Gerard Depardieu
«ئۇزۇن بۇرۇنلۇق مەخلۇق»




گېرارد دېپاردىئو فرانسىيىنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىسى. ئۇنىڭ كىنولىرى 100 دىن ئاشىدۇ. كۆپ قىسىم كىنولىرىدا كىنو خاقانىلىق نامىغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى ئۇ فرانسىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە ئىگە مۇكاپاتى «چەۋەندازلار ئوردىنى» (骑士勋位勋章) غا ئېرىشكەن. سىرتقى قىياپىتى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ياۋروپا نۇرغۇن كىنولىرىدا رول ئالغان. گېرارد دېپاردىئو ھەرقانداق تۈردىكى كىنودا تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن رول ئالىدۇ شۇنداقلا  چوڭقۇر ئېتىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇ نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ جىنايەتلىك دۇنيا بىلەن خېلى تونۇشلۇق. تاسادىپىي پۇرسەتتە تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى بىر دوستى ئۇنى كىنو ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن.
ئۇ  ئىلگىرى بىر قېتىم ماشىنا ھادىسىسىگە، بىر قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ، يۈرىكى ئوپېراتسىيە قىلىنغان. بىراق ھېلىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى دېگۈدەك نۇرغۇن ئەسەرلىرى مەيدانغا چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېسىل ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «گراف مونتى-كىرىستو»، «ئېغىزىڭنى يۇم»، «پاينىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ناپائىلون»
基督山伯爵،  你丫闭嘴،  少年派的奇幻漂流، 拿破仑战争

57.مىرېيىل سىتېرىپ     梅丽尔•斯特里普               Meryl Streep
ئوسكار مۇكاپاتىدا ئىسمى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئارتىس

مىرېيىل سىتېرىپ (1949-6-22-كۈنى تۇغۇلغان)، ھوللېۋودنىڭ  يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ، نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرىنى ئۆزىنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان داڭلىق ئايال چولپىنى. ئۇ يېڭى جېرسىي شتاتىنىڭ سۇمىت دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، « 80-يىللاردىكى ئەڭ قالتىس ئايال ئارتىس» شەرىپىگە ئېرىشكەن.  مەيلى ئۇسۇل سەھنىسى ياكى كىنو ئېكرانىدا بولسۇن ئۇنىڭ كىشىلەردە قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر.
مىرېيىل 12 يېشىدىن باشلاپ ئوپېرا ئۆگەنگەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا تۇنجى قېتىم ئويۇن قويغان، كېيىن يالى ئۇنىۋېرسىتېتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن نىيويوركقا كۆچۈپ بېرىپ، بىرودۋېي سەھنىلىرىدە ئويۇن قويغان. ئۇ 1977-يىلى رول ئالغان كىنودىكى يۈزى ئېچىلمىغان قىز «جۇلىيە 茱莉亚» تېخى ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ تۇرماقتا.  «بۇغا ئوۋلىغۇچى 猎鹿人 » دېگەن كىنوسى ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن باشلاپ، ئۇ بۇنداق مۇكاپاتلار بىلەن ئايرىلماس «دوستلار» دىن بولۇپ قالدى. «كىرامىر ئەر خوتۇن 克莱默夫妇 » دا ئوسكار ئايال قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1983-يىلى يەنە «سۇپىينىڭ تاللىشى苏菲的选择 » دە چېمپىيونلۇقنى تارتىۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمى ئاتالغان مۇكاپاتى سان ساناقسىز. 90-يىللىرى ئىشلەنگەن «لەمپىلىك كۆۋرۈكتە بەربات بولغان چۈش 廊桥遗梦 » دېگەن كىنوسى كىشىلەرگە ئاراملىق بېغىشلاپ، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىنكى كىنوچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى پەيدا قىلدى، 2012-يىلى «تۆمۈر ئايال 铁娘子» كىنوسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھوللېۋوددا 30 يىل دەۋران سۈرگەن ئارتىسلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇ كىنو ئوبزورچىلىرى تەرىپىدىن  «بىر دەۋردە پەقەت بىرىلا پەيدا بولۇپ» كىنو سەھنىسىدە دائىم كۆكلەپ تۇرىدىغان يېشىل دەرەخ دەپ قارالماقتا.
سىتېرىپ 17 قېتىم ئوسكار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا (بۇنىڭ 14ى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى، 3 قېتىملىقى ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى)، ئۈچ قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (51-قېتىملىقتا ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رولچى، 55-84-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى)، ئۇ كىنوچىلىق تارىخىدا مۇشۇخىل مۇكاپاتتا ئىسمى ئەڭ كۆپ ئاتالغان ئارتىسىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىتېرىپ 1998-يىلى «ھوللېۋود پارلاق يول يۇلتۇزى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2003-يىلى فرانسىيە گېسار كىنو شەرەپنامىسىنى قوبۇل قىلغان، 2004-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى شەرىپىنى بەرگەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىتېرىپ ئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئارتىس ھېسابلىنىدۇ، جەمئىي 26 قېتىم ئىسمى ئاتالغان.

58.سىگورنېي ۋېئاۋېر       西格妮•韦弗          Sigourney Weaver
«ئۇزاقتا يېتىلگەن» ساھىبجامال



سىگورنېي ۋېئاۋېر (1949-10-8) ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو، تېلېۋىزىيە ئارتىسى. 1979-يىلى داڭلىق رېژىسسور رىدلېي سىكوت (Ridley Scott) رېژىسسورلۇق قىلغان كلاسسىك فىلىم «غەيرىي شەكىل 异形 » ۋە ئۇنىڭ قالغان قىسىملىرىدا سۇلماس ئايال قەھرىمان ئەيلۇن لىپۇلېينىڭ رولىنى ئالغاندىن كېيىن بىردىنلا تەلىيى كېلىپ، كىنو سەھنىسىدىكى ھامماچىلىق ئورنىنى تىكلىدى. ئۇ ئىككى قېتىم ئوسكار  ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى ئالاھىدە شەرىپىگە ئېرىشكەن.
ۋەكىللىك كىنولىرى: «خەتەرلىك يىللار»، «غەيرىي شەكىل»، «مۇزلۇقتىكى بوران چاپقۇن» قاتارلىقلار بار. يەنە بىز بىلىدىغان «ئاۋاتار»، «قىزىل چىراغ»، «جىن تۇتقۇچىلار3»، «كۈندۈزدىكى سوغۇق نۇر»، «ئورمانلىقتىكى كىچىك كەپە»، «قان شورىغۇچى ئايال»، «ئىستىھكام»، «ماشىنا ئادەم سەپەرۋەرلىكى»، «سالپاڭ قۇلاقنىڭ سەرگۈزەشتى(رومانتىك چاشقان)»، «ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى»، «قار مەلىكە» ئىش قىلىپ جاھاندا بار كىنولارنىڭ ھەممىسىدە رول ئالىدىغان ئوخشايدۇ...
异形系列、危险年代 、冰风暴、
红灯 (2012)
登上美国《TIME时代》
登上美国《TIME时代》
捉鬼敢死队3 (2012)
白昼冷光 (2012)
林中小屋The.Cabin.In.The.Woods ( 2011)
保罗Paul(2011)
绑架Abduction(2011)
大假一场Cedar Rapids (2011)
吸血女郎 (2011)
在劫难逃 (2011)
堡垒 (2011)
怎么又是你You Again (2010)
周六夜现场 (2010)
跳蚤剧场:一个肖像 (2010)
捉鬼队 (2010)
出狱一团糟Crazy on the Outside (2009)
阿凡达Avatar (2009)
天佑鲍比Prayers for Bobby (2009)
机器人总动员WALL•E (2008)
浪漫鼠德佩罗The Tale of Despereaux (2008)
代孕妈妈Baby Mama (2008)
刺杀据点Vantage Point (2008)
王牌制片家 Be Kind Rewind (2008)
公园里的女孩The Girl in the Park (2007)
邪恶新世界 Happily N'Ever After (2006)
全能制作王The TV Set (2006)
声名狼藉Infamous (2006)
雪饼Snowcake (2006)
假想英雄Imaginary Heroes (2004)
阴森林The Village (2004)
别有洞天Holes (2003)
火线消防员Guys,The (2002)
诱惑我小妈Tadpole (2002)
偷心俏佳人Heartbreakers (2001)
反智特务Company Man (2000)
银河访客Galaxy Quest (1999)
世界地图Map of the World,A (1999)
白雪公主Snow White: A Tale of Terror (1997)
冰风暴The Ice Storm (1997)
异形4:复活Alien: Resurrection (1997)
猎影惊魂Copycat (1995)
不道德的审判Death and the Maiden (1994)
冒牌总统Dave (1993)
异形3Alien3 (1992)
哥伦布传 1492: Conquest of Paradise (1992)
捉鬼敢死队ⅡGhost Busters II (1989)
雾锁危情Gorillas in the Mist (1988)
打工女郎Working Girl (1988)
半月街Half Moon Street (1986)
异形2Aliens (1986)
别说你懂得女人Une femme ou deux (1985)
捉鬼敢死队Ghost busters (1984)
军火大贼Deal of the Century (1983)
危险年代The year of living dangerously (1982)
超级特务Eyewitness (1981)
异形Alien (1979)

59. روبېىن ۋىليامىس       罗宾•威廉斯               Robin Williams
«يۇمۇرىستىك» ۋە «كەسكىنلىك» ھەر ئىككىسى بار





روبېىن ۋىليامىس (1951-7-21-) ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كومېدىيىلىك كىنو ئارتىسى. ئۇ ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى، ئالتۇن شار مۇكاپاتى، ئامېرىكا ئارتىسلىرى ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتى، گىراممىي مۇكاپاتى (Grammy Awards) قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك كىنولىرى: «تەۋەككۈلچىلەر ئويۇنى»  «كۆڭلى ساپ ئوۋچى»،
勇敢者游戏  心灵捕手
يېقىنقى كىنولىرى: ساراڭ ساراڭدەك گەپ قىلىدۇ، كاتتا توي مۇراسىمى، شاد-خۇرام يوغان پۇت،مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە2،
مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە1 قاتارلىقلار بار.
疯人疯语The Crazy Ones(2013)
盛大婚礼The Big Wedding(2012)
快乐的大脚2/快乐脚2(台)/踢跶小企鹅2(港) Happy Feet Two (2011(
博物馆奇妙夜2Night At The Museum 2(2009)
博物馆惊魂夜Night At The Museum (2006)

60.جون مالكوۋىچ     约翰•马尔科维奇               John Malkovich
«بەدىئىي فىلىم» لەردىكى يورۇق يۇلتۇز


جون مالكوۋىچ (1852-12-9-) ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ مۇھىم كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ دېلفىن ۋولپ دېگەن تارىخى خاراكتېرلىك تىياتىر ئۆمىكىنى قۇرغان، 7 يىلدىن كېيىن، 《True West》دېگەن ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئەسىرى 1984-يىلى نىيويوركتا ئالتۇن مۇكاپات خاقانى دۇستىن خوفمان  بىلەن بىرلىشىپ ئوينىغان «مال ساتقۇچىنىڭ ئۆلۈمى  推销员之死» ناملىق كلاسسىك تىياتىرىدۇر. بۇ تىياتىر بىر يىلدىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىنغان. مالكوۋىچمۇ مۇشۇ كىنوسى ئارقىلىق ئىمىلىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ ئالتۇن مۇكاپات خانىشى ساللىي فىيېلىد بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالغان «يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتى  心田深处 » دا  ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يەنە شۇ يىلى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «ھالاكەتلىك جەڭ مەيدان杀戮战场»  » دېگەن كىنودىمۇ رول ئالغان. ئۇنىڭ كىشىلەر بىلىدىغان ئەڭ مۇھىم كىنوسى «خەتەرلىك مۇناسىۋەت 危险关系 » تۇر.
باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار4

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
زۇليار330 ۋاقتى: 2013-12-6 12:32:42 | ئايرىم كۆرۈش
تۇنۇش ئەل ئاغىينە چولپانلار خېلى كۆپكەن بۇ سان پىرۇگراممىدا.
يىكەنداز
sardari ۋاقتى: 2013-12-6 17:29:43 | ئايرىم كۆرۈش
تەڭدىن تولىسى ئامرىكىنىڭ ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرىكەن جۇڭگونىڭ چولپانلىرىدىن بىرەرسىمۇ يوقكەنغۇ. لىشاۋلۇڭمۇ يوقكەن تىخى
گېلەم
atilla ۋاقتى: 2013-12-8 22:14:42 | ئايرىم كۆرۈش
سامۇئېل جېكسون   سۆھبەتلەشكەچى  谈判者 دىمۇ ياخشى رول ئالغان.  
گېرارد دېپاردىئو نىڭ يەنە بىر يۇمۇرسىتىك كىنوسى بولىدىغان... ئېسىمدە يوق ئىسمى...
پاينىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى دە   پاراخوت ئاشپەزى نىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىدۇ.  \
سىگورنېي ۋېئاۋېر  بولسا  سوغۇق بىر كۈن  فىلىمىدە سەلبى باش پىرسۇناژ ئايال نىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىدۇ.  
جون مالكوۋىچ   RED 1    RED 2    فىلىملىرىدە رول ئالغان ئاداش شۇ..............
كىگىز
شۆ ۋاقتى: 2013-12-15 11:21:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھوللىۋوتنىڭ داڭلىق چولپانلىرىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1