بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاراخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-26 23:27
BT دىگەن نىمە؟ قانداق ياسىلدۇ؟
BT نىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى ‹‹BitTorrent›› بۇلۇپ، P2P پىرىنسىپى ئاساسىدا ياسالغان چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى.
BT نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا: تۇنجى مەنبە ھۆججەت يوللىغۇچى مەلۇم ھۆججەتنى Z بۆلەككە بۈلۈپ مۇلازىمىتىرغا يوللايدۇ. A تەرەپ مۇلازىمىتىردىن خالىغان N بۆلەك ھۆججەتنى چۈشۈردۇ، B تەرەپمۇ مۇلازىمىتىردىن ئوخشاشلا خالىغان M بۆلەك ھۆججەتنى چۈشۈردۇ. بۇ ۋاقىتتا A تەرەپنىڭ BT سى ئەھۋالغا قاراپ B تەرەپنىڭ ئاللاقاچان چۈشۈپ بولغان M بۆلىكىنى چۈشۈردۇ. يەنە ئوخشاشلا B تەرەپنىڭ BT سىمۇ ئەھۋالغا قاراپ A تەرەپنىڭ ئاللاقاچان چۈشۈپ بولغان N بۆلىكىنى چۈشۈردۇ. شۇنداق قىلىپ مۇلازىمىتىرغا چۈشۈدىغان بېسىم يىنىكلەيدۇ.ھەم تىخى ئىككىلا تەرەپنىڭ (Aتەرەپ، B تەرەپ) نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزلىشىدۇ.ئۈنىمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئوخشاش رايوندىكىلەرنىڭ چەكلىمىسى تىخىمۇ ئاز بۇلىدۇ. مەسىلەن مۇلازىمىتىردىن چۈشۈرسىڭىز تاق مەنبەلىك ھۆججەتنى ئاستا چۈشۈرىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن BT دا A تەرەپ ۋە B تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ھۆججەتنى ناھايتى تىزلا چۈشۈرۋالالايسىز.شۇڭا ئېشلىتىدىغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا، چۈشۈرىدىغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا چۈشۈرۈش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىزلىشىدۇ. BT نىڭ ئەۋزەللىكى مانا مۇشۇ. سىز ھۆججەت چۈشۈرۋاتقان ۋاقىت دەل سىزنىڭ ھۆججەت چىقىرۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدۇ. (سىز چىقىرۋاتقان X بۆلەك ھۆججەتنى باشقىلار چۈشۈرۋاتقان بۇلىدۇ.) شۇڭا سىز بىر ھۆججەتنى چۈشۈرۋاتقان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭمۇ شۇ ھۆججەتنى نورمال چۈشۈرشىگە تۆكپە قوشقان بۇلىسىز.
BT نىڭ ئارتۇقچىلىقى:
قانچە كۆپ ئادەم چۈشۈرسە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى شۇنچە تىز بۇلىدۇ. ‹‹مەن ھەممە ئۈچۈن، ھەممە مەن ئۈچۈن›› دەيدىغان روھ بىلەن تۆكپە قۇشۇسىز.BT ئۇرۇقىنى ئېشلىتىپ چۈشۈرگەندە كىچىك جەھەتتىن ئىجتىمائىي ئەخلاققا پايدىلىق، چوڭ جەھەتتىن ئىيتقاندا ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق.
BT نىڭ كەمچىللىكى:
BT نىڭ مۇقۇم مەنبە تەمىنلىگۈچىسى يوق. ئەگەر ھىچكىم ‹‹ئۇرۇق›› تەمنىلەشنى خالىمىسا بەلكىم ھۆججەتنى تۇلۇق چۈشۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بۇ كەمچىللىكنى تۈگۈتۈش پۈتۈنلەي كىشىنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا باغلىق بىر ئىش. ئەگەر ھەربىر چۈشۈرۈپ بولغۇچى ئاڭلىق ھالدا بىر بۆلەك ۋاقىتلىق ئۇرۇق تەمىنلىيەلىسە، ئۇنداقتا BT نىڭ كەمچىللىكى بولمايدۇ.
لىكىن ئىچى تار ئادەملەر ھامان بۇلىدىكەن. ئەلۋەتتە BT نىڭ كەمچىللىكىمۇ مەۋجۇت بۇلىدۇ.
BT ئۇرۇقىنى ياساش مەشخۇلاتى:
لازىملىق يۇمشاق دېتال Bitcomet سىغىمى:9.4M ئۇيغۇرچە تىل قۇشۇلغان
Bitcomet نى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، قوزغۇتۇپ پىروگىراممىنىڭ ئۈستىدىكى قورالبالداقتىن ھۆججەت (文件) دىن Torrent ياساش (制作Torrent文件) نى تاللايمىز.
چىققان كۆزنەكتىن ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاق ھۆججەت (单个文件) ياكى كۆپ ھۆججەت (整个目录,多文件) نى تاللاپ BT ئۇرۇقى ياسىماقچى بولغان ھۆججەتنى ياكى كىنونى تاللاپ بەرسەك بۇلىدۇ. ئاستىدىكى تۈرلەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەك ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.
ئۇرۇقنى ياساپ بولدىڭىز. بىراق تىخى بۇ ئۇرۇق ئۈنۈمىسىزئۇرۇقتۇر. كۆزنەكتىكى ھاسسىللانغان ئۇرۇقنى ئوڭنى چىكىپ باشلاش (开始) نى بېسىپ مۇلازىمىتىرگە يوللايسىز. ئاندىن ئۇرۇق كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
ئادەتتە ئۇرۇقنىڭ نورمال يوللىنىشى ئۈچۈن سىستېمىدىن بىر قانچە مۇلازىمەتلەرنى تەلەپ قىلدۇ. كۆزنەكنىڭ سىستاتىسكا (统计) كۆزنىكىنى ئاچسىڭىز قايسى مۇلازىمەتنىڭ نورمال ئېشلىمىگەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسلەن ھەرخىل ئىغىز(端口)، ئوتتام (防火墙) قاتارلىقلارنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بۇلىدۇ. بۇنىڭىدا ئاساسلىق تولا خاتالىق چىقىدىغان مۇلازىمەتتىن UPnP NAT ئىغىزى نورمال ئىشلىمەسلىكىتىن ئۇرۇقتىن مەسلە چىقدۇ.
ئادەتتە BT ئۇرۇقىنى مۇستەققىل نۇركابىللىق توردا ھاسىىلىغاندا ئۈنىمى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى بۇلىدۇ. بىراق ئائىلىدە بۇ شارائىت تازا تۇلۇق ئەمەس. بۇ ئىغىز ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان مودىم (路由器) نىڭ تەكشىكىدە بۇلۇپ شۇ يەردىن قوزغىتىشقا بۇلىدۇ.
بۇنى ئېچىش ئۇسۇلى تور كۆرگۈگە 192.168.1.1 ياكى 192.168.0.1 ئادىرسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مودىم باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ رەسىمدىكىدەك تەڭشىسىڭىز بۇلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ھەقىقىي ئۈنىمى بولغان BT ئۇرۇقىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىقتىڭىز. چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئوخشاشلا Bitcomet يۇمشاق دېتالىنى ياكى چاقماق(迅雷) قاتارلىق چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە ئېشلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىز چەكلىگەن ھەرخىل قانۇنىسز سىن، تەشۋىقات ھۆججەتلەرنى تورغا چىقىرىشقا ياكى باشقىلارغا تەمىلەشكە بولمايدۇ. كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە BT ئۇرۇقىنى تەمىنلىگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېشىل ساغلام بولغان تور مۇھىتى يارىتايلى.
ئۇزلۇق - چىرايلىقلىق، گۈزەللىك، ئەپلىكلىك دېگەن مەنىدە بولۇپ، سالونىمىزمۇ ھەرخىل ئەپلىك چارىلەر بىلەن تورداشلارنىڭ كومپيۇتېر، تور ۋە يانفون ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
سالونىمىزدا يانفون، كومپيۇتېر ۋە تور بىخەتەرلىكىدە ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ھەممىمىز قىزىقىدىغان خاككىرلىق بىلىملىرى،
ھەرخىل بېلىق تۇتۇش يوللىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ۋە مۇشۇنداق قىلتاقلاردىن ساقلىنىش، يانفون ئەپلىرىنى يېشىش، ئۆزگەرتىپ ياساش، تەرجىمە قىلىشقا ئائىت مەزمۇنلار، ئۈندىدار، چ چ، ۋە باشقا ئەپلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ئەپلەر (ئاپتوماتىك ئادەم قوشۇش، سىن ھەمبەھرىلەش، توپ ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق) سىناقتىن ئۆتۈپ ھەقلىق ۋە ھەقسىز يوللىنىدۇ.
ھەقلىق يوللانغان ئەپلەرنى پائالىيەت قىلغاندا ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. يەنە كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتاللىرىغا ئائىت بىلىملەر، باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنى يىراقتىن تىزگىنلەش، بۆسۈپ كىرىش ۋە بۇلاردىن ساقلىنىش، باشقىلارنىڭ تورلاردىكى ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ۋە بۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ئائىت ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار يوللىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، ھەرخىل يانفونلارنىڭ recoveryسىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ بىرىش، ئەپ تەرجىمە قىلىش، ئەپ ئۆزگەرتىپ ياساش، يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.
|