Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ئورتاقلىشىش] سىز كىنونى قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
  قارىسام خېلى تورداشلارنىڭ فىلىم تەرجىمە قىلىشنى ئۆگەنگۈسى بار ئىكەن، بەزىلەرنىڭ شۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆردۈم، بەزى تورداشلار ماڭا خەت يوللاپ ياردەممۇ سورىدى... شۇڭا ئاق بۈركۈتتىكى پېشقەدەم تەرجىمانلار بىلەن يېڭىياچى بولساممۇ كىنو تەرجىمە قىلىشتىكى تەجرىبە ۋە ئادەتلىرىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە تەرجىمە سېپىغا كىرىشكە تەمشىلىۋاتقانلارغا پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولۇپ قالسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
  ئەمىسە مەن باشلاپ ئۆزۈم ئادەتلەنگەن ئۇسۇللارنى سۆزلەپ باقسام... گەپنى نەدىن باشلاپ نېمىلەرنى سۆزلەشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمەن...
  يەنىلا خىزمەت مۇھىتىدىن باشلاي. مەن فىلىم تەرجىمە قىلغاندا aegisub دېتالىنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن (مۇنبەردە دىلمۇراتنىڭ بۇ دېتال توغرىسىدىكى يازمىسى بار) بۇ دېتالنىڭ ماڭا ياقىدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، فىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ، قۇر ئاتلاش، ئۈستىنكى قۇرغا يۆتكەش، فىلىمنى قويۇش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى كۇنۇپكا تاختىسى بىلەنلا ئېلىپ بارىمىز، ئۈنۈم ۋە پارامېتىرلارنى تەڭشەش ئىنتايىن قولايلىق. ئەمما ئۇيغۇرچە خەتتىكى بەزى نازۇك تەرەپلەرنى تەھرىرلەش سەل قىيىن شۇڭا ئۇنىڭغا srtedit ۋە خاتېرە دەپتەرنى يانداشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. ۋاقىت ئوقى ياساش كېرەك بولسا popsub دېتالىنى، پىرىسلاش ئۈچۈن megui دېتالىنى ئىشلىتىمەن.
  تەرجىمە جەريانىدا- مىەلۇم بىر فىلىمنى تەرجىمە قىلىشن بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەت ھۆججىتى ۋە سىن ھۆججىتىنى تەييارلاش كېرەك ئەلۋەتتە، يېڭى تەرجىمانلارغا تەۋسىيەرىم شۇكى خەت ھۆججەتلىرىىنى نوپوزلۇق خەتلىك تەرجىمە تورلىرىدىن چۈشۈرگەيسىلەر، بەزى تاپماق تەس بولغان خەت ھۆججەتلرىنى شۇ تورنىڭ مۇنبىرىدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق تېپىش مۇمكىن. مەن ياپون تىلىدىكى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا kamigami.org ياكى 极影 قاتارلىق ياپون تىلىنى ئاساس قىلغان تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خەت ھۆججەتلرىنى ئىشلىتىمەن.
  خەت ھۆججىتى ۋە سىن ھۆججىتىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ياكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن تەرجىمە قىلىدىغان فىلىمنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئاختۇرۇپ بىر exel ھۆججىتىگە تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى، پېرسوناژلار ئىسىملىرى، خاس ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرچىسى بىلەن تەييارلىۋالىمەن (گىگانتلار زەربىدە تەرجىمە قىلىنماقچى دېگەن يازمىدىكىدەك) تەرجىمە جەريانىدا بەك ئەسقاتىدۇ.
  ئەمدى تەرجىمىگە كەلدۇق- تەرجىمە قىلىشنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمايلى، يېڭى تەرجىمانلارغا تەۋسىيەرىم: لۇغەتتىن ئايرىلماڭلار، بىلمەيدىغان سۆزلەردىلا ئەمەس، گۇمان قىلغان سۆزلەردىمۇ لۇغەت ئاختۇرۇشنى ئۇنتۇماڭلار...  لېكىن بەزى بىر فىلىملار بار، ھۆججەتنى بىر ئاچقان پېتى تەرجىمىسىنى تۈگىتىپ تاقايدىغان، بەزىلىرى بار، تەرجىمە قىلىپ كېلىپ شۇنداق بىر سۆز ياكى جۈملە ئۇچرايدۇكى، مۇنداقلا تەرجىمە قىلىپ قوياي دېسە تېخى كۆڭۈل ئۇنىمايۋاتقان، ئوبدانراق قىلاي دېسە قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان... شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن، ھەپتە ھەتتا ئايلاپ ۋاقىت ئېلىپ كېتىدىغان جايلار بار. بۇنداق يەرلەردىن ئاۋۋال ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەچ تۇرساق، كېيىنكى كۈنلەردە تۇرۇپلا شۇ جايغا ئاجايىپ چۈشىدىغان سۆزدىن بىرسى ئېسىمىزگە كېلىپ قالىدۇ... قىسقىسى تەرجىمىدە ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق كېرەك.  ئۇندىن باشقا يەنە بىر خۇيۇم بار، باشقىلارنىڭ قىزىقارلىق، ياكى ئۆزگىچەرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىسام «كېيىن تەرجىمىدە مۇشۇ گەپنى ئىشلەتسەم بولغۇدەك» دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئەمما بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە چۈشىدىغان جايلارغا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما بەزى سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان جايلار كۆپ ئۇچرىمايدىكەن، بولمىسا تەرجىمىلىرىمدە «شۇنداق قىلىپ ھامبۇققا ئوخشاپ بولدۇق»، «خالىزىم بوپتىمەن»، «جاراستانغا بارغاندا» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتقان بولاتتىڭلار...

  يەنە سۆزلەي دېسەم قورساقتا ئۇماچ شۇنچىلىكلا ئىكەن... قالغان گەپلەرنى ئۇسازلاردىن ئاڭلىساق.
  
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش1 ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-16 23:40:05 | ئايرىم كۆرۈش
مۆرىتى كەلگەندە ماۋۇ ھە دېسىلا يېڭى كىنو يوق دەپ ئۇچۇر يوللاپ داتلايدىغانلارغا دەپ قويسام، تەرجىمە دېگەن ئۇنداق ئاسان ئەمەس، تۇخۇم تۇغقاندەك بىرنى ئىنجىقلاپلا بىر كىنونىڭ تەرجىمىسىنى پۈتكۈزگىلى بولمايدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1نومۇر +30 دوللار +1 يىغىش سەۋەبى
dilmurat + 30 + 1 ئوغۇل !

باھا خاتىرىسى

يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-7-17 01:13:36 | ئايرىم كۆرۈش
باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمەن شۇ .......
گېلەم
ۋاقتى: 2013-7-17 11:44:40 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بىرقىتىم تەرجىمىگە قاتنىشىپ باقتىم ھەقىقەتەن سەۋىرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەن
شۇنىڭدىن كىيىن بىرتەرجىمە فىلىمنىڭ ئۇنداق ئاسان پۇتۇپ چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم

تەرجىمانلار تەھرىرلەر راسلا چاپا تارتىدىكەن
كىگىز
ۋاقتى: 2013-7-17 18:16:34 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ تىمىنى يوللىغان ئەركەككە كۆپ رەھمەت
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-7-17 18:31:50 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى بۇرادەر، ئاۋۇ قىمارۋاز كايجىنى قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈپ تۈگەتتىم. بىر قانچە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ياپونچە جۈملىلەرنى قايتا ئۆگىنىۋالدىم. كۆرۈش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، تەرجىمىگە ماھىر ئىكەنسىز، ياپونچىغا سۇدەكمىكىن دېدىم، ھەم بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز، ئىككى بۆلۈمدە پەقەت ئىككى ئۈچ يەردە ئىملا خاتالىقى بايقىدىم، بىر ھەرىپ ئارتۇق يېزىلىپ كەتكەن ياكى ئىككى سۆز تەكرارلىنىپ قالغانغۇ دەيمەن... ئەلۋەتتە بۇنچىلىك كىچىك نۇقسانلاردىن ساقلانماق بەكلا تەس... سۆز ئىشلىتىشكە ماھىر ئىكەنسىز. تەرجىمىنىڭ بەزى جايلىرىدا مۇنداق دىسىمۇ بەك پەيزى چىقىدىكەنغۇ دېگەن تۇيغۇغا كىلىدىكەن كىشى.
يەنە مۇشۇنداق كىشىگە جاسارەت، قەيسەرلىك بېغىشلايدىغان، كاللا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىدىغان نادىر فىلىملەرنى داۋاملىق ئايىمىغايسىز. جاپا چەكتىڭىز، رەھمەت. ھارماڭ قېرىندىشىم.
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-17 20:23:41 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-7-17 16:31
شەمسى بۇرادەر، ئاۋۇ قىمارۋاز كايجىنى قىزىقىش ئىچىدە ك ...

رەھمەت سىزگە، مۇشۇنداق بىرسى بىرسىمىزدىن ئۆگىنىپ، يېتەرسىزلىكىمىزنى تولۇقلاپ ماڭساق، تېخىمۇ ئىلگىرىلەيمىز دەپ قارايمەن، باشقا يېتەرسىز دەپ قارىغان جايلىرىم بولسا كۆرسىتىپ قويارسىز...
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-17 20:27:19 | ئايرىم كۆرۈش
باشقا تەرجىمان دوستلارمۇ تەجرىبىلىرىڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار بولاتتى...
9#
ۋاقتى: 2013-7-18 12:51:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسۇلدا فىلىم خېتىنى ۋوردقا چاپلايمەن، فىلىمنى بىر باشتىن قويۇپ بىر باشتىن تەرجىمە قىلىمەن.
10#
ۋاقتى: 2013-7-18 21:17:45 | ئايرىم كۆرۈش
مەن خاتىرە دەپتەردىلا تەرجىمە قلىدىغان، لېكىن مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەن مەن كىنۇ تەرجىمە قىلىشنىڭ خېلى ئەمەسكەن ھەر قېتىم تەرجىمە قىلغان كىىۇنىڭ بۇ مۇنچە يېرى خاتا  دىلمۇرات بىلەن ئاققىرغا يامان جاپا سېلىپ قۇيدىكەنمەن ھەي شۇڭا تۇختاپ قالدىم ھازىر
11#
ۋاقتى: 2013-7-20 19:23:50 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى ئەپەندى يوللىغان 2 تىمىنى ھەجەپ كۆرمەي قاپتىمەن دىسە ، كىيىن قالغان بولساممۇ ئازراق پىكىر قاتناشتۇرۇپ چىقىپ كىتەي .
مەنمۇ تەرجىمە قىلىشتا بەك كۆپ دىتاللانى ئىشلىتىپ كەتمەيمەن،ئادەتتە مەنمۇ شۇ گىتلىر ئەپەندىگە ئوخشاش خاتىرە دەپتەردىلا تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ئىملا تۈزەش دىتالىغا سىلىپ ئىملاسىنى بىر تۈزىتىۋىتىپ ئاققىر ئاكامغا ياكى دىلمۇراتقا يوللاپ بىرىمەن .
بۇرۇنلاردا بىر ئىشنى پەقەت ھىس قىلماپتىكەنمەن،مۇشۇ كىنو تەرجىمە قىلىغاندىن كىيىن ئاندىن بىلىندى،ئويلاپ باقسام مەن مۇشۇ«ې»ھەرىپىنى پەقەتلا ئىشلەتمەي ئورنىغا«ى»ھەرىپىنى ئىشلىتىپ كىتىۋىرىدىكەنمەن،ھىلىھەم شۇنداق .... تۈزىتىمەن دەپ خىلى تىرىشىپ باقتىم بولمىسا يەنىلا كۆنگەن يامان دەپ مېنىڭ ،سېنىڭ دىگەندەكلەرگە دىققەت قىلغان بىلەن يەنە باشقا خەتلەرگە كەلگەندە قولۇپ ئاپتۇماتىك ئىشلەپ كىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ ، شۇڭا مەنمۇ ھازىر ئىملانى ئىملا تۈزەش دىتالىدا تۈزىتىشكە كۆنىۋالدىم. ھەراسىت ماۋۇ ئىنكاسنىڭ ئىملاسى تۈزەتمىگەن جۇما ، يانا بومبا ئاتىدىغانلا چىقمىسۇن .  

ئەمدى شەمسى ئەپەندىگە كەلسەك شەمسى ئەپەندىنىڭ فىلىم تەرجىمە قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقىغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمەن،سۆز جۈملىلەرنى فىلىمدىكى شەخىسلەرگە شۇنداق ماسلاشتۇرۇپ قىلىدۇ ،شۇڭلاشقىمىكىن كىنونى كۆرگەن كىشى خۇددى كىنودىكى شەخىسلەر ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرىت شەمسى ئەپەندى فىلىمدىكى ئۈنۈملەرنى بەك ياخشى كىرىشتۈرىدۇ ، بولۇپمۇ شەمشەر تورىنى كۆرگەن دوسلار بىلىدۇ جابدۇقلارنىڭ چۈشەندۈرلىشنى شۇنداق ماسلاشتۇرۋىتىپتىكەن .......

ئەمدى دىتال ئىشلىتىشكە كەلسەك مۇشۇ خەت كىرىشتۈرىدىغان دىتاللارنى تازا ئىشلىتەلمەيمەن، بولۇپمۇ ئاۋۇ megui دىگەن دىتالنى،تۇنجى قىتىم مۇشۇ خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالغاندا بىر ناخشا تەرجىمە قىلغان ئىدىم ، كىيىن مۇشۇ پىرىسلاش ئىشىغا كەلگەن پەم مۇئەللىمنىڭ دەرىسلىكىدە دىيىلگەن دىتال بىلەن پەقەتلا پىرىسلىيالمىدىم ئاخىرى بولماي 魔影广场 دىگەن دىتال ئارقىلىق پىرىسلىسام خەتلىرىنى فىلىمگە نورمال كىرىپتۇ ، ئەمما فىلىم كۆزۈمگە قىتىۋالغاندەكلا كۆرىنىپ پەقەتلا رازى بولمىدىم شۇنىڭ بىلەن شۇ ناخشىنى شۇ تاشلاپ قويغانچە تۇرغان،ئەمدى يىقىندا مۇشۇ ئاۋازلىق فىلىم كىرىشتۈرىدىغان ئىشلار چىققاندىن كىيىن megui دىتالىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىمۇ سىناپ كۆردۈم ، يەنىلا ئىشلىتەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا شەمسى ئەپەندى مۇشۇ megui دىتالى ھەم aegisub دىتالى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز ؟
12#
ۋاقتى: 2014-11-5 22:04:41 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياساۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-5 22:12  

مەنمۇ بىر ئىككى كەلىمە سۆزقىلاي
مەن ئاۋال تەرجىمە ئوبىكتىنى بىكىتكەندىن كىيىن فىلىم ۋە يىزىقنى تەييارلايمەن ، ئاندىن يېزىق ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر دىتالى بىلەن ئاچقاندىن كىيىن ئۆزى ئاددى ئالدى كەينىدىكى جۇملە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق سۆزلۈك ۋە كىشى ئىسىملىرنى بىر قۇر تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن شەمسى تىلغا ئالغان دىتال بىلەن بىر باشتىن كۆرۈپ تەرجىمە قىلىمەن ، تەرجىمە پۇتكەندىن كىيىن ئىملاخور بىلەن ئىملانى تۈزتىۋەتكەندىن كىيىن چ چ قويغۇچىدا كۆرۇپ مىڭىپ ئىملانى يەنە بىر تەكشۈرمەن ئاندىن تەھرىرلەپ كىرىشتۇرىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 06:06 , Processed in 1.341821 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش