بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياساۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 18:27
m d 5 ئۇچۇرى
بىز ئادەتتە توردىن چوڭ تىپتىكى ئويۇن ۋە ياكى سىغىمى يۇقىرى سىن ۋە باشقا سىستېما دېتاللىرىنى چۈشۈرگەندە
شۇ چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئاستى ياكى ئۈستىگە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار يېزىلغان بولىدۇ
تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش بېتىدىكىدەك
母盘:微软MSDN原版cn_windows_7_ultimate_with_sp1 x86.iso
大小: 3.17 GB (3,412,615,168 字节)
MD5: 1E5F72AF2A9A21153DC051CDF0FFF477
SHA1: 7F20D35EB088D5236F6ABBB514A5E61C6C22A356
CRC32: C86E3A4E
بىز تۆۋەندە ئورتاقلاشماقچى بولغان مەزمۇن دەل قىزىل بەلگە ئىچىدىكى m d 5ئۇچۇرى
md5 بولسا ئىنگلىزچە Message Digest Algorithm MD5 (مۇھىم مەزمۇن ئۇچۇرىنى ھېسابلاش بەشىنچى نەشرى)نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ ،قىسقارتىپ m d 5 يېزىلىدۇ ،
نوۋەتتكى ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئۇچۇر يوللاشتا ھۆججەتنىڭ تۇلۇق يوللىغىنىغا كاپالەتلەك قىلىش ئۈچۈن md5 ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلمەكتە.
بۇ خىل ھېسابلاش قائىدىسىنى دەسلەپكى لايىھەلىگۈچى : Ronald Linn Rivest
ئامېرىكا مەخپىي نومۇر ئىلمى مۇتەخەسسى Linn Rivest ماسساچۇسېتس ئىشتاتى سانائەت پەنلىرى ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ ھېسابلاش ۋە ئېلېكتىر ئىلمى بۆلۈمىنىڭ
باشلىقى، كومپيۇتېر ئىلمى پفىراپىسورى :ت
دەسلەپ تەتقىق قىلغان ئۇرۇن
MIT Computer Science and Artificial Intelligence Laboratoryقىسقارتىلىپ CSAILدەپ يېزىلىدۇ
ماسساچۇسېتس ئىشتاتى سانائەت سانائەت پەنلىرى ئونۋىرسىتى ھېسابلاش ئىلمى ۋە سۈنئىي ئېداك تەجرىبە خانىسى
1990 يىلى CSAIL تەجرىبەخانىس ئىنتېرنېت تورى ۋە تۈر ۋەزىپە گۇرپىسىغا (مەخسۇس ئېنتىرنىت تورىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل گۇرۇپپا : ت )بىر مۇھىم ھۆججەتنى تاپشۇردى ، بۇ ھۆججەتتىكى بولسا بىر خىل ھېسابلاش قائىدىسى بولۇپ بۇ خىل ھېسابلاشنىڭ ئۇچۇق ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى ، 90-يىللاردا كىشىلەر ھەرخىل پىرگىرامما تېللىرنى ئىشلىتىپ بىخەتەر ھۆججەت يوللاش يولىدا ئىزدەندى
دەسلەپ ئېلان قىلىنغان ۋاقىت :1992-يىلى 4-ئاي
ئىلگىرىكى نەشرىلىرى:md1 md2، md3، md4، md5
قوللىنىشچانلىقى : ھۆججەتلەنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى تەكشۈرۈش
تۇرمۇشىمىزغا بولغان تەسىرى:md5 ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ھۆججەت يوللاشتا كەڭ قوللىنىلماقتا
مەسىلەن : بىر ئىشلەتكۈچى بەيدۇ بۇلۇت مۇلازىمىتېرغا ئىككى سائەتلىك بىر سىن يوللىماقچى بولسا، مۇلازىمىتېر قىستۇرما قاچىلانغان ئەھۋال ئاستىدا (ئەگەر قىستۇرما قاچىلاقسىز بولسا بىر گېگابايت ئىچىدىكى ھۆججەتنى يوللاشقا بولىدۇ، قىستۇرما قاچىلاقلىق ھالەتتە چەكلىمىگە ئۇچۇرمايدۇ) ئاۋۋال يوللىماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ md5 ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن ئابۇنىت يوللىماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ md5 ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇلازىمىتېردىكى ھۆججەتلەرنىڭ md5 ئۇچۇرىنى ئىزدەپ سېلىشتۇرىدۇ، ئەگەر md5 ئۇچۇرى ماس كېلىدىغان ھۆججەت چىقسا (( دەقىقىدە چىقىرىش )) دېگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ ،
بۇ ئەمەلىيەتتە باشقا ئۇرۇندىكى يەنە بىر ئابۇنتنىڭ سىزدىن بۇرۇن يوللىغان ھۆججەتنىڭ سىز يوللىغان ھۆججەت بىلەن md5 ئۇچۇرنىڭ سىز يوللىغان ھۆججەت بىلەن ئوخشاش بولغانلىقىدىن بولغان ،پەقەت دىسكىڭىزغا سىز يوللىغان ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى يوللاپ بەرگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ،گەرچە بىز يوللىغان ھۆججەت بىلەن يەنە بىر ئابۇنتنىڭ سىزدىن بۇرۇن يوللىغان ھۆججەتنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولمىغان تەقدىردىمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش سىزگە يەنىلا
(( دەقىقىدە چىقىرىش )) دېگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ
بىز يېقىندىن بۇيان چىقارغان بەيدۇ بۇلۇت دىسكىسىغا ئىشلەيدىغان ب ت ئۇرۇقىمۇ مۇشۇ تېخنىكىدىن پايدىلنىلغان.
بت ئۇرۇقى يوللىغان تېمىدىن ئىلىنغان كەسمە رەسىم
ئۇندىن باشقابەيدۇ بۇلۇت دىسكىسى ۋە لې تى ۋې(乐视网)ۋە باشقابۇلۇت دىسكىللىرغىمۇ تورسىز يۈكلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولغاچقا m d 5 تېخنىكىسى قوللىنىلغان
مانا بۇ md5 نىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىلىپ كەلگەن قۇلايلىقلارنىڭ بىرى خالاس
ئەسكەرتىش : مەن بىر باشلانغۇچ سەۋيىسىدىكى ئىزدەنگۈچى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن قىزقىشقا ئاساسەن ئۆزلەشتۇرمە تەرجىمە قىلدىم ، چۇشەنچىدە خاتالىق بولسا تۇزتىپ قۇيشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
|