ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«دانگال»نىڭ ئەسلى ۋەقەلىكى ۋە قامچىلانغان رېئاللىق (ھۆججەتلىك فىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alpbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-5 23:16  

دانگالنى كۆرمىگەن ئاق بۈركۈتداشلار بولمىسا كېرەك. كىنونى كۆرگەنلىكى ھەممە ئادەم ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى ۋە بېرىۋاتىدۇ. جۈملىدىن  يولداش شى جىن پىڭ رەئىسمۇ ئالدىنقى ئايدىكى قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى بىلەن كۆرۈشكەندە «دانگال»غا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە «دانگال»دەك مۇنەۋۋەر فىلىملەرنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆپلەپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. مۇشۇنىڭدىنلا «دانگال» نىڭ قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. چۈنكى بىر چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى مۇئەييەنلەشتۈرگەن كىنونى قايتا قايتا بولسىمۇ تېگىگە يېتىپ كۆرۈپ چىقىش كىنوخۇمارلارلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە مۇنبەردە باشقا كىنوخۇمارلارمۇ مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتتى.   بۈگۈن سىلەرگە [ «دانگال»نىڭ ئەسلى ۋەقەلىكى ۋە قامچىلانغان رېئاللىق (ھۆججەتلىك فىلىم) ] نى ئېلىپ كەلدىم. ھىندىستان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆزگىچە تۈس قوشۇپ كەلدى. دەرھەقىقەت، فىئوداللىق، تەبىقىچىلىق قاتارلىق كونا زاماننىڭ چېركىن ئىدىيەلىرى ھىندىستاندا ھېلىھەممۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە ھىندىستاندىكى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ، جاھان ئەھلىگە ھازىرمۇ مۇشۇنداق چېركىنلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكنى مەقسەت قىلىپتۇ. قىسقىچە قىلغاندا بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ، قىز-ئوغۇللىقى بىلىنگەندىن تارتىپ، تۆۋىنى 10 ئايلىق بولغاندىلا قىز بوۋاقنى ياتلىق قىلىۋېتىش، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىدىن تەبىئىي تۇغدۇرۇشقا ئامال بولماي، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىدا تۇغدۇرۇشتەك ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان چېركىنلىك پاش قىلىنغان. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى فىئودال چېركىن ئىدىيەلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن يىراقتا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. فىلىمدە زىيارەتچىلەر دانگالدىكى ھەقىقىي چېلىشچى دادا ۋە ئۇنىڭ مەشق بازىسىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، چېلىشچى بوۋاي دانگال فىلىمىدىكى ۋايىقەلىكلەرنىڭ %99.5 ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپتۇ، قالغىنىنى فىلىمدىن كۆرۈۋالغايسىلەر:
كۆرۈنمىسە تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:
https://v.qq.com/x/cover/86dp1b1 ... 50p0.html?start=246




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار3

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تەۋسىيىلەش
Neo ۋاقتى: 2017-7-6 17:29:56 | ئايرىم كۆرۈش
ھىقىقەتەن ياخشى فىلىم بۇ دانگال، ۋەقەلىكىمۇ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەنىكەن،ھەم ھىندىلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ ،كەلگەن قالاق ئەنئەنىلىرى قامچىلانغان.  مېنىڭچە بۇ فىلىم ھىندىستاندىكى ئەرلەر ئەزىز ، ئاياللار خار بولىدىغان، لېكىن ئەركەك يوق بىر مىللەت كىشلىرگە نىسبەتەن ،بىر ئۈلگە دەپ قارايمەن.
يىكەنداز
جانىم ۋاقتى: 2017-7-7 00:30:53 | ئايرىم كۆرۈش
Neo يوللىغان ۋاقتى  2017-7-6 17:29
ھىقىقەتەن ياخشى فىلىم بۇ دانگال، ۋەقەلىكىمۇ ئەمەلىيەت ...

قالتىس
گېلەم
xan ۋاقتى: 2017-7-8 19:42:10 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-8 19:45  

India New Filim Dangal        http://mp.weixin.qq.com/s/WL8GXtcqBfaUn-KojfvXZA




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

1پىنتوزىلىرى

0تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1