ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 11-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2007 29
شەمسى ۋاقتى: 2012-10-22 15:46:05 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
720×396
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار29

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئالىپ0998 ۋاقتى: 2012-10-22 17:22:18 | ئايرىم كۆرۈش
خا خا خا دېۋان مېنىڭ بولدى
يىكەنداز
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-22 17:22:48 | ئايرىم كۆرۈش
تۇزۇت قىلمىدىم  ئەمىسە
گېلەم
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-10-22 17:47:20 | ئايرىم كۆرۈش
ھەجەپ ئۇزۇن ساقلاتتى بۇ قىسمى ، ئەمسە مەنمۇ كۆرۈشنى باشلىۋەتتىم .
كىگىز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-22 17:51:17 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 15:47
ھەجەپ ئۇزۇن ساقلاتتى بۇ قىسمى ، ئەمسە مەنمۇ كۆرۈشنى با ...

شۇ تاپتا مەن 16- قىسىمنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن...
ئورۇندۇق
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-10-22 17:57:54 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 17:51
شۇ تاپتا مەن 16- قىسىمنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن...

سىز چاققان چىقمىسىڭىز بولمايدۇ دە ئەلۋەتتە ، كىتابىنى ئوقۇۋاتىمەن دەۋاتىتىڭىز تۈگىدىمۇ يا ؟ خاتالاشمىسام 26 قىسىم بىلەن ئاخىرلىشىدىغۇ دەيمەن ؟
داق يەر
匿名  ۋاقتى: 2012-10-22 18:15:13
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 17:51
شۇ تاپتا مەن 16- قىسىمنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن...

ھەي ...... ما كارتون يامان تەستە چىقۋاتىدۇ ....بىكا خەنچىسىنى كۆرەپ تۈگىتىۋىتىمەن...
مىخ
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-22 18:33:48 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 15:57
سىز چاققان چىقمىسىڭىز بولمايدۇ دە ئەلۋەتتە ، كىتابىن ...

ھازىر 7- كىتابنى كۆرىۋاتىمەن، غەزەپ يەرلىرىگە كېلىپ قالدى ئەمما... كارتون فىلىم 25 قىسىمدا تۈگەيدىكەن ئەمما پەرىزىمچە كارتوندا ئالدىنقى تۆت كىتابنىڭ ۋەقەلىكلىرىلا چىققۇدەك. شۇنىڭغا قارىغاندا كېلەر يىللىرى 2- بۆلۈمى ئىشلىنىدىغان ئوخشايدۇ...
9#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-22 18:54:30 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 16:15
ھەي ...... ما كارتون يامان تەستە چىقۋاتىدۇ ....بىكا خەنچىس ...

تەرجىمىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېز ئىشلەۋاتىمىز...
10#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-22 19:04:10 | ئايرىم كۆرۈش
كىرىتو بىلەن ئاسۇنا ئاجايىپ رومانتىك بولۇپ كەتتىغۇ لېكىن
قارىغاندا 20قىسىمغا بارماي تۇرۇپ ئويۇننى ئازاد قىلىدىغان ئوخشايدۇ بۇلار،،،،،،،
11#
مۇز ۋاقتى: 2012-10-22 19:59:41 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 19:04
كىرىتو بىلەن ئاسۇنا ئاجايىپ رومانتىك بولۇپ كەتتىغۇ لې ...

نەدە ئازاد قىلىدۇ كىتوكۇن 14 قىسمىدا ئۆلەپ ئويۇن ئاخىرلاشتى

باھا سۆز

پارتىيە مەركىزى كومېتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيلى، ئايرىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-22 21:03
12#
مۇز ۋاقتى: 2012-10-22 20:26:26 | ئايرىم كۆرۈش
ما كىروتو دىگەن گۇي ھايات قالغانكىن قوڭىنى غىت قىسماي 16-قىسمىدا يەنە ئويۇنغا قايتىدىن كىردىغۇ؟
13#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-22 21:03:10 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 19:59
نەدە ئازاد قىلىدۇ كىتوكۇن 14 قىسمىدا ئۆلەپ ئويۇن ئاخىر ...

پارتىيە مەركىزى كومېتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيلى، ئايرىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ   لول لول لول
14#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-23 10:05:43 | ئايرىم كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 18:26
ما كىروتو دىگەن گۇي ھايات قالغانكىن قوڭىنى غىت قىسماي 1 ...

ھاي ھاي، بۇ كارتوننى ئەمدى نېمە بولاركىن دەپ ئولتۇرۇپ كۆرسە ئاندىن قىزىق بولىدۇ...
15#
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-10-23 12:32:35 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 18:33
ھازىر 7- كىتابنى كۆرىۋاتىمەن، غەزەپ يەرلىرىگە كېلىپ ق ...

مىنىڭچىمۇ بۇ كارتوننىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇزارتىمەن دىسە تامامەن ئۇزارتىپ نارۇتوغا ئوخشاش قىلىۋەتكىلى بولىدىكەن ، ئەمما بۇنداق قىلىشنى خالىمىغان چىغى ، كارتون فىلىمنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى كۆرگەن كىشىگە قىسقارتىپ ئىشلىگەندەك تەسىر بىرىپ قويىدىكەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1