بۈگۈن بەيدۇ تور دىسكامنى بىر قۇر تازلاۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ناھايتى مۇھىم بىر ماتىريالىمنى يۇيۋىتىپ قاپتىمەن ، ئىسىمگە كەلگەندە جىددىيچىلىكتە قالدىم ، ئۇ يەر بۇ يەرنى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ 回收站 دىگەن جاينى چىكىپ قاپتىمەن ، بۇ يەر مەزكۇر تور دىسكىسىنىڭ ئەخلەت مەيدانى بولۇپ بىز يۇيۋەتكەن ماتىرىياللار مۇشۇ
جايدا مەلۇم ۋاقىت ساقلىنىپ تۇردىكەن يەنى : دېسكىغا ئادەتتىكى ئەزا بولسىڭىز ئەخلەتلىرىڭىزنى 10 كۈن ساقلاپ بىردىكەن ،
ئالى ئەزا بولسىڭىز 15 كۈن ، ئالاھىدە ئەزا بولسىڭىز 30 كۈن ساقلاپ بەرگەندىن كىيىن ئاپتوماتىك يىلتىزىدىن يۇيلۇپ كىتىدىكەن .
شۇنداق قىلىپ يۇيۇلغان نەرسىلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ماتىريالىمنى ئەسلىگە قايتۇرۋالدىم، ھەم بۇ ئۇسۇلنى
تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆرۈپ مۇنبەرگە يوللاش قارارىغا كەلدىم ............
قىنى خوش ! تەپسىلاتى مۇنداق
1 باسقۇچ
2- باسقۇچ
3- باسقۇچ ناۋادا بىرنەچچە ياكى نەچچە ئون تال ھۆججىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك
مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدىكەن
يەنى ئەڭ ئۈستىدىكى 文件名 دىگەن خەتنىڭ يىنىدىكى كاتەككە بەلگە قويغاندىن كىيىن 还原 دىگەن خەتنى بىسىپ جەزىملىۋەتسىڭىزلا نەچچە ھۆججەتنى تاللىغان بولسىڭىز ھەممىسىلا ئەسلىگە قايتىدىكەن. يۇيۇلغان نەرسىلەر بۇرۇن قەيەردە بولغان بولسا ئۆز جايىغا قايتىدىكەن......
ئەسلىگە قايتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا بۇ خەت كۆرنىدىكەن
THE END
|