ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

مۇقاۋىچىلارغا كونا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
818 20
dilmurat ۋاقتى: 2015-12-15 19:01:20 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

   بۇ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى گەپ ئىدى، ئەمما ئىزچىل ئەمەلىلەشمەي كەلدى، سەۋەبىنى بىلمىدىم، ئۆتكەنگە سالاۋات، ھازىر مۇنبەرلەردە يەنە كۆزنى چاقناتقۇدەك مۇقاۋىلار تۆكۈلگىلى تۇردى، شۇڭا بۇرۇنقىنى تەكىتلەپ قويۇشنى پېقىر لايىق تاپتى.

  گەپ مۇنداق، مۇقاۋىنى ئىشلەشتىن ئاۋۋال كومپىيۇتېرىڭلاردىكى سىنغا ئېلىش دېتالىنى قوزغاتساڭلار، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن توختىتىپ قويساڭلار، جەريانىنى باشقىلا كۆرسە بىر دەرسلىك بولۇپ قالاتتى، چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمدى تاينىڭلار تۇتۇپ قېلىپ رەسمى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ كەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى، ئەمما ئىلھام كەلگەندە گەپ ئىلھامنى تەپمىسۇن دەيدىغانلار گاچا تىياتىر قىلىپ يوللاپ مۇنبەردە ساتساڭلا ئېلىۋېرىمىز قانچە دوللار بولسا...

  يۇقارقى ئاكتىپ ھالەتتىكى بىر خىل ئۇسۇل ئەمدى تۆۋەندە تەلەپ تەقدىم بويىچە بىر خىل ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈپ باقاي...

  مەسىلەن مۇنبەردە بىرەرسىمىزگە ۋە ياكى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئالدىنقى بىر ياكى ئۈچكە كىرگەن مۇقاۋىلارنىڭ دەرسلىكىنى دوللار چىقىرىپ تەلەپ قىلساق بولىدۇ، يەنى پېقىر بىر ئايرىم تېما يوللاش ئارقىلىق، دوستىمىز ئەمەتجاننىڭ «ماكان» فىلىمىغا ئىشلىگەن مۇقاۋىسىنىڭ دەرسلىكىنى 150 دوللار چىقىرىپ تەلەپ قىلىمەن، دېگەندەك...

  ئەمدى رىۋايەتنىڭ ئالدىغا قايتاي، ئەل قىسسە، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى مۇقاۋىچىلار دەرسلىك يوللاشنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەن سەۋەبىگە ئۇزۇن يىل تۇمۇر تۇتۇپ دىئاگىنوز قويۇش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقىرىلدى، بۇلار دەرسلىك قىلىپ يوللاپ ئاشكارىلىۋەتسە پاتنىت ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىپ، يەۋاتقان نېنىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى خالىمىغان. كېسەلنى تاپقانكەنمىز دورىسىنى يازىمىز، بۇنىڭغا مۇنداق ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلاپ تاتپتىم ئۆزەمچە(بۇ گەپ مودىدىن قالدى)، پىر ئۇستاز شاگىرت تۇتۇپ ئادەم تەربىيلىسە بولىدۇ، مەسىلەن، مۇقاۋىسىنى كىم ئارتۇققا قاتناشتۇرۇپ ئاخىرىدا يۇقىرى باھا چىقارغان بىرلا ئادەمگە بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ياخشى بىر لاھىيەنى پۈتتۈرۈش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، كىم ئارتۇقتا يۇقىرى باھا چىقىرىپ سېتىۋالغان ئادەمگە چوقۇم تەپسىلىي دەرسلىكىنىمۇ بىللە قوشۇپ بېرىشى كېرەك.

  ئۇف... دەيدىغان كونا گەپنىمۇ دەپ بولدۇم، يۇقىرىدا چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ ئۈچ تۈرلۈك قىلىپ مەزمۇن يوللاندى، مۇقاۋىچىلار قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆرسە، شۇ ئۇسۇلدا بىر پاقىمىزنى قاندۇرسا دەيدىغان ئۈمىدىم بار(ئابلەت مۇئەللىمدەك چاچ ئاتقان چىراي ئىپائىسى...).
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار20

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالامەت تېما بوپتۇ لىكىن دىلمۇرات ئەپەندىم ،،، مەن يۈز پىرسەن قوللىۋتىمەن ما پىكىرنى ، كۆڭلىمدىكىنى تېپىۋاپلا لىكىن ، مەنمۇ ps قا قىزىقاتتىم لىكىن ئۇقمايمەن ئەمما ئىجادىيلىق تەپەككۇرلار مول، چۈنكى رەسىم سىزىش ھۆسنىخەتلەردە تالانتىم بار ، ئۆگۈنۈشكە پۇرسەت يوق كۈنلەر قىزىقىش ئىچىدە ئۆتەپ كىتىپ بارىتى
ئۇيغۇر چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2015-12-15 19:37
ئالامەت تېما بوپتۇ لىكىن دىلمۇرات ئەپەندىم ،،، مەن يۈز ...

مۇقاۋا ياخشى ئىشلەنگەن دەرىسلىك بولسا مەن رەسمى سېتىۋالىمەن
گېلەم
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2015-12-15 20:54:55 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ بولىدىغان گەپ ئىكەن.... مەنمۇ قوللايمەن..... مەنمۇ ھۈنەرلىرىمنى ئايىمايمەن. ئەگەر خەت نۇسخىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ps دەرىسلىك بولسا بولاتتى. دېگۈچىلەر بولسا، مەن دەرىسلىك بىلەن تەمىنلەپ بەرسەم بولىدۇ. مۇقاۋا لاھىيەلەشتە خەت نۇسخىسى لاھىيسى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى... شۇڭا خەت نۇسخا لاھىيلەشكە نىسبەتەن قىزىققۇچىلار بولسا، مەن دەرىسلىك بىلەن تەمىنلەيمەن. بىلمىگەننى تەڭ ئۆگىنىمىز ھەل بولمىغان مەسلىلەرنى تەڭ ھەل قىلىمىز. ئۇ جەھەتتىن مەندە چاتاق يوق. ئەمدى ئىككىنچى مەسلە بولسا، مۇقاۋا ئىشلەش يەنە مول تەسەۋۋۇر تەلەپ قىلىدۇ.... بۇ يەردىكى تەسەۋۋۇر بولسا، خەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، كۆركەم ۋە ئىسىل چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار..... ئەگەر بۇ جەھەتتىنمۇ ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمەن. ئاندىن كەڭ مۇقاۋا ئىشلىگۈچىلەرگە بىرىدىغان بىر تەكلىپىم. مۇقاۋا ئىشلىگەندە ئامال بار چەتئەلنىڭ مۇقاۋىللىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىنى ( خەت شەكلى، ئورۇنلاشتۇرۇلشى، رەڭ قاتارلىقلار ) ئاساس قىلىپ ئىشلىسەك دېگەن ئۈمۈدتىمەن. ئەگەر يېزىق جەھەتتىن ماس كەلمەسلىكلەر كۆرۈلۈپ قالسا، يەنە ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىسەكمۇ بولىدۇ بۇ مېنىڭ مۇقاۋا ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم ۋە شەخسىي قارىشىم.....
كىگىز
سەردار. ۋاقتى: 2015-12-15 20:55:07 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ ئەمما قانداق ئىپادىلەشنى ئويلاۋاتقان گەپلەر... مەنمۇ قوللايمەن.
ئورۇندۇق
Nejmi ۋاقتى: 2015-12-15 22:03:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇمۇ بولىدىكەن.. ئەمىسە مەن كىلەركى نوۋەت شۇنداق قىلاي...
داق يەر
Nejmi ۋاقتى: 2015-12-15 22:09:12 | ئايرىم كۆرۈش
يارىغان مۇقاۋا بولسا دەڭلا مەن ئىشلەپ يوللاپ قوياي... ئاز تۇلا قوشۇمچە دېتاللىرىمۇ بار.. قوشۇپ يوللايمەن... 1 دەرىسلىك  150 دوللاردىن بولسا بولامدۇ يا...
مىخ
بۈركۈتچاق ۋاقتى: 2015-12-15 22:40:17 | ئايرىم كۆرۈش
ما    گەپ   قاملىشىپتۇ  جۇما          چۆچەكسىمان      ھېكايە   بىلەن    بايان  قىلىپ    گەپنى     ئۆھھۆ  ئۆھۆ
مەن   قوللايمەن   بۇ  ئىشنى       ،  بۇ  بوشلۇق  تولدۇرۇلسا   ياخشى  بولاتتى  مانا  
9#
barchuq ۋاقتى: 2015-12-15 22:56:31 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ
10#
ArmanimI ۋاقتى: 2015-12-16 03:32:05 | ئايرىم كۆرۈش


ماۋۇ رەسىمدىكى ئاقبۇركۈت تورى دىگەن خەتكە ئىشلەتكىنى قايسى خەت نۇسخىسىكىن، بولسا يوللىۋەتسەڭلار ئېرىنمەي.
ماۋۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي،
دون 1
دون 2
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 1
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 2
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 3
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 4
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 5
ھېسسياتقا تولغان تېزىلىك 6

ماۋۇ فىلىمنى چۈشۈرۋالغانلار خاپا بولماي، /eza/forum.ph ... 5997&extra=&page=15
ماۋۇ ئادرىسقا بىر تۇلۇقلاپ قويساڭلار. شۇنچە ئىنكاس يازسام ھىچكىم يوق. ئامالسىز ماۋۇ يەرگە يوللاۋاتىمەن. دوللار دىسەڭلار ئۆزەمدە بارى 18 دوللارنى بىرەي.
11#
arkan2010 ۋاقتى: 2015-12-16 11:22:47 | ئايرىم كۆرۈش
sehrayim يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 03:32
ماۋۇ رەسىمدىكى ئاقبۇركۈت تورى دىگەن خەتكە ئىشلەتكىنى ...

مۇشۇ تېمىڭىزنى ياردەم تېمىسى قىلىپ ئايرىم بىر يوللىڭە، شۇ باھانىدا مەنبەسى يوقاپ كەتكەن فىلىملەر بىر تولۇقلانغاي!
12#
yarqinbeg ۋاقتى: 2015-12-16 16:00:52 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2015-12-15 20:54
ماۋۇ بولىدىغان گەپ ئىكەن.... مەنمۇ قوللايمەن..... مەنمۇ ھۈ ...

مەن شۇنداق قىزىققۇچىلارنىڭ بىرسى ...دەرسلىكنى ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز بولاتتى بۇرادەر
13#
yarqinbeg ۋاقتى: 2015-12-16 16:05:31 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 11:22
مۇشۇ تېمىڭىزنى ياردەم تېمىسى قىلىپ ئايرىم بىر يوللىڭ ...

مەنبەسى يوقاپ كەتكەن فىلىم دەپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر فىلىم ئىسىمگە كېلىپ قالدى ئەركان بۇرادەر،ھېلىقى سۆزلە دېگەن فىلىم تېمىسىغا ھەرقېتىم قارايمەن ھېچ تولۇقلىنىپ بولۇنمايۋاتىدۇ يە سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىمۇ ئوڭشاۋاتقانلار...يەنە بىرسى يالغان سۆزلىمەڭ دېگەن فىلىمنىڭ ئاخرى يەنە تەرجىمە قىلىنامدۇ ياكى تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلارنىڭ ۋاقتى چىقمايۋاتامدۇ...خېلە بولىدىغان فىلىمكەنتۇق.
14#
rewayat ۋاقتى: 2015-12-16 18:55:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداق يوللىماسلىقتىكى سەۋەپ بەزىدە بىر مۇقاۋىنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرخىل ئۆزگەرتىشلەرنى ئىلىپ بارىمىز جەريان ئۇزۇن بولۇپ كىتىدۇ .
15#
Nejmi ۋاقتى: 2015-12-16 19:56:23 | ئايرىم كۆرۈش
sehrayim يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 03:32
ماۋۇ رەسىمدىكى ئاقبۇركۈت تورى دىگەن خەتكە ئىشلەتكىنى ...

ئەلكاتىپنىڭ ukij kesme
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1