- UID
- 28944
- تىزىملاتقان
- 2015-12-26
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 50
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
بۇ كىنونى ئەمدى كۆرۈپ بولدۇم،ئىسىل كىنوكەن،ۋەقەلىكنىڭ دائىرىسى كەڭ،ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن،بۇ كىنودىن ھىس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە؛ نېمو نوبۇدىي كىم؟ئۇ تۇغۇلغام ئادەممۇ ياكى تۇغۇلمىغان ئادەممۇ؟مىنىڭچە نېمۇ تېخى تۇغۇلمىغان ئادەم.ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ھاياتلىق كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ؟مىنىڭچە نىمۇ ئادەمنىڭ روھى،رىياللىقتا بولسا ئۇ مەن،سىز ۋە باشقىلار.شۇنداق بىز نىمىلا قىلمايلى،نىمنى تاللىمايلى ئىرىشكىنىمىز ھامان چەكلىك،خوشاللىق،ئازاپ،مەمنۇنلۇق،پۇشايمان تۇيغۇلىرىدىن خالى بولالمايمىز،تاللاشقا دۇچ كەلگەندە گاڭگىرايمىز،باشقىلارنى بىز تاللايمىز ياكى باشقىلار بىزنى تاللايدۇ.تاللاش ئوخشىمىسا جەريان ئوخشىمايدۇ.بىراق نەتىجىدە چوڭ پەرىق يوق.بەرىبىر سىز تولۇق رازى بولمايسىز.سىز قانچىلىك ياشىماڭ شائىرلار دىگەندەك ھاياتلىق سەپىرىڭىز ئۆلۈم چېكىدىن ھالقىيالمايدۇ.شۇڭا سىز ھاياتىڭىزدا مەنىلىك ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىڭ.كىنودا يەنە چوڭ پارىتلاشتىن كىيىن ئالەمنىڭ كېڭىيىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگىنى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى.2092-يىلىغا بارغاندا كېڭىيىش توختاپ ئالەم تارىيىشقا باشلايدىغانلىقى،شۇچاغدا ۋاقىتنىڭمۇ ئارقىغا يانىدىغانلىقى ئالەم تارىيىپ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپتۇ.يەنە ئىنساننىڭ ھاياتلىق پالىيەتلىرى قىزىقارلىق تىياتىر غىمۇ(ئارتىس بار،تاماشىبىن يوق)ئوخشىتىلىپتۇ.خۇلاسە شۇكى تۇغۇلدۇڭ ئۆلىسەن،نىمىشلارنى قىل بەرىبىر، دۇنياغا كەلگەنسەنكەن،چوقۇم مەنىلىك ئىشلارنى قىل.
|
|