مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتىلىپ بولدى. پۈتۈن دۇنيادا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى قويۇلىدۇ. «بىئو-خىمىيە كىرزىسى» فىلىمى ئوخشاش نامدىكى داڭلىق ئويۇندىن كەلگەن. كىنو نۇسخىسىدا ئويۇندىكى داڭلىق شەخىسلەر ۋە غەيرىي مەخلۇقلار ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، مىلا يوۋوۋىچ رولىنى ئالغان ئايال باش رول ئەلىس ئىجادىي ئوبراز. ئويۇن نۇسخىسى بىلەن كىنو نۇسخىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئىگەللىنىشىچە، «بىئو-خىمىيەت كىرزىسى6» «بىئو-خىمىيە كىرزىسى 5» تىكى ھېكايىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئەلىس پۈتۈن ئىنسانىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاباھەت باشلانغان جايغا قايتىپ بېرىپ، تىرىك جەسەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرىدىكەن.
|