Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خۇيۈ (虎鱼) ‏uyntv قاتارلىق بەتلەردىن فىلىم چۈشۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ تېمىنى بۇرۇن يېزىپ بىر قىسىم مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويغان ئىدىم، بۇ مۇنبەردىكىلەرگىمۇ پايدىسى بولار دەپ يۆتكەپ كەلدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، پات-پات ھەر قايسى تور بەتلەردە خۇيۈ (虎鱼) ‏uyntv ۋە cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىملەرنى (‏cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىم ئۇلىنىشىنى چەكسىڭىز uyntv فىلىم بېتىگە ئۇلىنىدۇ) چۈشۈرۈش ياكى تولۇق چۈشۈرۈش (بەزى دېتاللار پارچىلاپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ) ھەققىدە ياردەم تېمىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە بىلگىنىمنى سۆزلەپ باقتىم. بىلىدىغانلار زاڭلىق قىلماڭلار، كەم قالغان جايلىرى بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويارسىلەر.
بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن. بىلمىگەننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن – ئىنتىل سەيناسى شوئارى.
ئاۋۋال خۇيۈ (虎鱼) دىكى فىلىمنى تولۇق چۈشۈرۈشتىن باشلاي.
ئۇيغۇرچە تور  بەت ئادرېسى: http://www.xjtvs.com.cn/uyghurwy/
مۇشۇ بەت شۇ. كۆرۈنۈشى مۇشۇنداق چىقىدۇ.

بۇ بەتكە كىرىپ، ئۇيغۇرچە لازىملىق فىلىم بار ئۇلىنىشقا كىرىمىز.
بۇ تور بەتتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىدىغان دېتالىم بولسا خەلقئارادا يۈز تاپقان چۈشۈرگۈچ Internet Download Manager(IDM)
بۇ دېتال ھەقلىق، قۇربىتى يېتىدىغانلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن شۇ جۇڭگوچىلىقتا ھەقسىزلىرىنى تېپىشنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئىشەنچلىك بىرىنى تەۋسىيە قىلاي.
دېتال نامى: (Internet Download Manager(IDM
ئىقتىدارى: ھەر قايسى تور بەتلەردىن ھەر خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈش
تىلى: كۆپ تىللىق، مەن تەۋسىيە قىلغىنى خەنزۇچە، باشقا تىللارنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
نەشرى: 6.2.2 ھەقسىز نەشرى (بۇ مەن تەۋسىيە قىلغىنى). ئەسلىي ھەقلىق نەشرىنىڭ 6.3 نەشرىمۇ چىقىپ بولدى.
ئىجرا مۇھىتى:  windows) winall نىڭ ھەممە نەشرى.) مەن winxp/7/8 لەردە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت. مەن ھەر ئىككىسىدە سىناپ باققان.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.internetdownloadmanager.com/
خۇيۈ تورىدىن مەزكۇر دېتالدا فىلىم چۈشۈرۈش سۈرەتلىك دەرسى:
مەزكۇر دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز ھەم قوزغىتىسىز. (ئەسكەرتىش: يېڭىلامسىز دەپ چىقسا يېڭىلىماڭ، بولمىسا 30 كۈندىن كېيىن ئىشلىتەلمىسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس)
كومپيۇتېرىڭىزدىكى IE تور كۆرگۈچ (ئېكراندىكى e دەپ سىنبەلگىسى بار شۇ) ياكى گۇگۇل تور كۆرگۈچتە خۇيۈ تورىدىكى فىلىم ئادرېسىنى ئاچىسىز. (باشقا تور كۆرگۈچلەردە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز دېتال تەڭشىكىدىن تاللايسىز، بۇ تېما ئاساسلىقى فىلىم چۈشۈرۈش ھەققىدە بولغانلىقى ئۈچۈن دېتال ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدىم.)
گۇگۇل تور كۆرگۈچتە بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن دېتال قىستۇرمىسىنى ئېچىۋىتىشىڭىز كېرەك. ئۈستىدىكى تىزىملىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ قوراللار (更多工具) تاللاپ، يەنە كېڭەيتىلگەن پىروگرامما (扩展程序) نى تاللىسىڭىز بۇ چۈشۈرگۈچنىڭ قىستۇرمىسىنى كۆرىسىز.

شۇ يەردىن تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

IE تور كۆرگۈچتە ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ، چۈشۈرمەكچى بولغان فىلىم ئۇلىنىش بېتىنى چۈشۈرۈش دېتالى ئوچۇق ھالەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى تور كۆرگۈچتە ئاچىمىز. (دېتال قوزغىتىلمىغان بولسا ئۆزى سەكرەپ قوزغىلىدۇ فىلىم بېتىنى ئاچسىڭىز)
مەسىلەن: بۇ شېرىن شېرىن چۈش پىروگراممىسىنىڭ يېڭى سانىنى ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش

قارىسىڭىز بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا مەزكۇر دېتال بۇ فىلىمنى چۈشۈرۈش (下载该视频)، دېتال تىلى ئىنگلىزچە بولسا Download this vedio دەپ چىقىدۇ. مائۇس ئستېرىلكىسىنى شۇ يەرگە ئاپارسىڭىز فىلىم چوڭلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ خەتنى چېكىپ، ساقلاش ئورنىنى بەلگىلەپ بەرسەك تولۇق چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
ساقلاش ئورنىنى بەلگىلەپ بولۇپ، چۈشۈرۈشنى باشلاش (开始下载) (start download) نى باسسىڭىزلا بولىدۇ. چۈشۈپ بولغاندا ئەسكەرتىش چىقىدۇ.



(Internet Download Manager(IDM سىغىمى: 4.40 مېگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
سومكامدىن: http://www.somkam.com/3d5
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZS2rsn
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ دېتالنى يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقسا يېڭىلىماڭ. بولمىسا 30 كۈندىن ئىشلىتەلمەيسىز.

ئەمدى uyntv ۋە cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىملەرنى (‏cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىم ئۇلىنىشىنى چەكسىڭىز uyntv فىلىم بېتىگە ئۇلىنىدۇ) تولۇق چۈشۈرۈش ھەققىدە توختىلاي.
بۇ تور بەتلەرنىڭ ئادرېسى:
Uyntv: http://uyntv.cntv.cn/
cctv ئۇيغۇرچە بېتى: http://uyghur.cntv.cn/
بۇ بەتلەردىكى فىلىملەرنى يۇقىرىدا دېگەن دېتالدا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ دېتال پارچىلاپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىز بىرىكتۈرۈش خوش ياقمايدۇ ھە قاچان. شۇڭا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» رېتسېپى بويىچە تور بەتكە قاراپ باشقا دېتال تەۋسىيە قىلدىم.
دېتال نامى: vidown 维棠视频下载器  فىلىم چۈشۈرگۈچ
چۈشەندۈرۈش: ئاساسلىقى تور بەتلەردىن فىلىم چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق، كۆپرەكىمىز بىلىدىغان تىلدىن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە بار.
نەشرى: 1.3.2
ئىجرا مۇھىتى: winxp/7/8، مەن بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىدە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت. مەن ئىككىلىسىدە سىناپ باققان.
ئىقتىدارى: فىلىم بەتلىرىدىكى قويۇلۇۋاتقان فىلىملەرنى چۈشۈرۈش.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.vidown.cn/
دېتالنى قاچىلاش ۋە يۇقىرىقى ئىككى بەتتىن فىلىم چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
قاچىلىغاندا دىققەت قىلىڭ، بۇ دېتالغا بىر قانچە دېتالنىڭ ئېلانى قىستۇرۇلغان بولۇپ قاچىلاش جەريانىدا شۇلارنى توسۇپ قويمىسىڭىز كېيىن ئېلان قىستۇرۇلغان دېتالنى يوللاپتۇ دەپ مەندىن رەنجىمەڭ. بولۇپمۇ كۆزىنى يۇمۇپلا كېيىنكى قەدەمنى بېسىۋىرىدىغانلار دىققەت قىلىڭ.
بۇ ئاۋۇ بەتنى باش بەت قىلىش ئېلانى

بۇ بەيدۇ ۋىروسخۇرى بىلەن UC تور كۆرگۈچنىڭ ئېلانى

مۇشۇ ئىككىسىنىڭ توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ قاچىلاڭ.
ئەمدى ئاۋۇ ئىككى تور بەتتىن ئۆزىمىزگە لازىملىق فىلىم بار ئۇلىنىشقا كىرىمىز.
مەسىلەن: بۇ uyntv تورىدىكى «كۆۋرۈك» دېگەن فىلىمنى ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش.

بۇ فىلىمنىڭ ئۈستىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۋالىمىز. ئاندىن بۇ ئادرېسنى vidown دېتالىدا چۈشۈرىمىز.
ئادرېسنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دېتالنى ئېچىپ، يېڭىدىن قۇرۇش (新建) دېگەننى باسىمىز. ئادەتتە دېتال كۆچۈرۈلگەن ئادرېسنى ئۆزى چاپلاپ بولىدۇ. بولمىسا سىز چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.


چاپلاپ بولۇپ، ھېچقانداق تەڭشەككە چېقىلماي ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئاندىن نورمال چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.

چۈشۈرۈپ بولۇپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ، چۈشۈرگەندە ئاۋۋال پارچىلاپ چۈشۈرۈپ كېيىن ئاپتوماتىك بىرىكتۈرۈپ بېرىدۇ.
سىغىمى: 5.30 مېگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈش: http://www.vidown.cn/download.php
سومكامدىن: http://www.somkam.com/3d6
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZS2rfo
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
قوشۇمچە: يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى چۈشۈرۈش دېتالىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. قىزىقسىڭىز ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
مەزكۇر تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3دوللار +9 يىغىش سەۋەبى
ayishe + 1 ئوغۇل بالا !
kokqin + 5 دەششەت !
پولات. + 3 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش4 ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-3-8 18:25:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 18:28  

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي ...... بىز بۇرادەرلەر بىلەن ئالما تىلفۇندا ئازراق مىكرو فىلىم   سىنغا ئىلىپ باققان  ، رەڭ ئۈنىمى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ، قايسى دىتالدىن رەڭ ئۈنىمىنى ياخشى بەرگىلى بولىدۇ
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 18:42:58 | ئايرىم كۆرۈش
پولات. يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 18:25
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي ...... ب ...

كومپيۇتېر دېتالى دېمەكچىما؟
گېلەم
ۋاقتى: 2016-3-8 20:49:03 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ،ياشاڭ يىگىت.
كىگىز
ۋاقتى: 2016-3-8 20:54:08 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۇستىدىكى دىتالنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ھەم شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 21:24:34 | ئايرىم كۆرۈش
پولات. يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 18:25
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي ...... ب ...


Adobe Premiere
EDIUS
Adobe After Effects
قاتارلىقلار
会声会影 بۇنى بىلىسىزغۇ دەيمەن.
داق يەر
ۋاقتى: 2016-3-8 21:45:57 | ئايرىم كۆرۈش
چوڭ رەخمەت.
مىخ
ۋاقتى: 2016-3-8 21:51:01 | ئايرىم كۆرۈش
http://uyntv.cntv.cn/filim/    ما  تۇربەتنى  تاپالماي  يۈرگەن  رەھمەت .
9#
ۋاقتى: 2016-3-9 00:22:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۆرەخان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 21:51
http://uyntv.cntv.cn/filim/    ما  تۇربەتنى  تاپالماي  يۈرگەن  رەھمەت  ...

بۇرادەر كوت كوت نۇمۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بولاتتى؟سىلەرنى ئىزدەيدىغان ئىش بار ئىدى.
10#
ۋاقتى: 2016-3-9 01:25:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KaRa_iZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 23:28  

رەھمەت ،ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ قوياي ، راس ئاۋۇ چۈشۈرگۈچنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ھەقسىز نۇسخىسى بولسا مۇقىم بوشلۇققا چىقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، مەن نۇرغۇننى چۈشۈرۈپ كەتتىم 30 كۈن توشاۋاتىدۇ دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋېلىپ زېرىكتۈرىۋەتتى ............. سېتىۋالىلى دېسەك يىللىقى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 400 سوم ئەتىراپىدا توختايدىكەن .........
11#
ۋاقتى: 2016-3-9 02:09:02 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ياخشى دىتال ئىكەن.
12#
ۋاقتى: 2016-3-9 10:01:34 | ئايرىم كۆرۈش
KaRa_iZ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 01:25
رەھمەت ،ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ قوياي ، راس ئاۋۇ چۈشۈرگۈ ...

360 تور كۆرگۈچنىڭ كىڭەيتىلگەن قوراللار رايونىدا FVD Downloader دەيدىغان بىر قورال بار، مۇشۇنى سىناپ بىقىڭ، ۋاقتىمۇ توشمايدۇ، فىلىم چۈشۈرۈشمۇ بەك قولاي.

13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 10:08:55 | ئايرىم كۆرۈش
KaRa_iZ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 01:25
رەھمەت ،ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ قوياي ، راس ئاۋۇ چۈشۈرگۈ ...

http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZvOuaq
ماۋۇ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى. ئاۋۋال قاچىلايسىز. ئاندىن ئاچماي تۇرۇپ (ئېچىلغان بولسا چېكىنىپ تۇرۇپ) يەنە مۇشۇ بولاق ئىچىدىكى ئاكتىپلاش قورالىدا ئاكتىپلايسىز. سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى سورايدۇ. خالىغانچە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاكتىپلاپ بولۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن يېڭىلاپ سالسىڭىز يەنە ئاۋارە قىلىدۇ. شۇڭا يەنە شۇ ھەقسىز نەشرىنى تاپالمىسىڭىز يېڭىلىماڭ.
14#
ۋاقتى: 2016-3-9 15:03:42 | ئايرىم كۆرۈش
پولات. يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 18:25
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي ...... ب ...

بىلسىڭىز فوسىيوندا يالى داۋىنچىدا تەڭشەڭ، بىلمىسىڭز موجو لوكىس تاڭشىسىڭىز بولىدۇ، رەڭ تەڭشەش ئىقتىدارى كۈچلۈك دىتاللار
15#
ۋاقتى: 2016-3-9 19:14:12 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 00:22
بۇرادەر كوت كوت نۇمۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بولا ...

1723993774  ئۈندىدار  ھەم  كۇت كۇت ئىككىلىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:00 , Processed in 1.356621 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش