بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polatkalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-19 13:21
بۈگۈن كەيپىم تازا چاغ بولمىسىمۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن مۇنبەرنى ئاچتىم ،جاپاكەش تەرجىمان ۋە كىرۈشتۈرگۈچىلەر نىڭ يىڭى يوللىغان فىلىملىرىنى كۈرۈپ جىددى تىتىكلەشتىم ، ئاچكۆزلۈك بىلەن بىرمۇبىر قىسقىچە مەزمۇننى ئۇقۇپ ئۈلگۈرمەيلا چۈشۈرۈشكە نىيەت قىلىپ سىتىۋىلىشنى باستىم ئەپسۇس يۈز ئەپسۇس (بەزى يازمىلاردا مىڭ ئەپسۇس دەيدىكەن) فىلىم باھاسىغا چىقىشقۇدەك پۇل يۇق - پۇل يۇق ،مۇنبەرنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى كۈرەۋىتىپ تۇ ساتتىن بۇ سەھىپىگە كۈزۈم چۈشتى جىددى كىردىم، ،مەن ياقتۇردىغان چۇلپانلار ۋاھ... ھەي نىمىشكە ئۇيغۇر چو لپا نلار يۇق ..؟ئۇيغۇرلاردا چولپان بۇلمسا كىرەك ..؟ ياق بارئىدىغۇ نىمىشكە بۇ سەھىپىدىن ئۇرۇن ئالمىغاندۇ...؟ توختا <<باشقۇرغۇچىلار ئالدىراش شۇڭا يوللا نماي قالغان بۇلىشى مۇمكىن ، مەن ئالدىنقى كۈنى نۇر تۇرىدا كۆر گەن «ئېكراندىكى مىھرىبان ئانا» مەرھۇم ئۇستاز زۇنۇنقىز ئېلاخۇن دىگەن مەزمۇننى (ئوغۇرلاپ ئەمەس)يۆتكەپ ئەكىر سەم (ئەلبەتتە مەنبەنى ئەسكەرتىمەن) قانداق بۇلار..؟ بۇ سە ھىپىد ىكى كىچىككىنە بوشلۇقنى ئاز بولسىمۇ تۇشقۇزا لىسام ئۈزەمنى تۇلىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلغان بۇلاتتىم، دە پ ئۆز-ئۈزەمگە سۇئال -جاۋاپ بىرىپ (ساراڭدەك) بۇ مەز مۇ ننى يۆتكەپ ئەكەلدىم، بۇ چۇلپان يالغۇز نۇر تۇرىنىڭ چولپىنى بۇلمىغاندىكىن بىزنىڭمۇ چولپىنىمىز غۇ نۇر تورىدا تۇرىۋەرمىسۇن بىزنىڭ بۇ سەھىپىلەردىنمۇ ئۇرۇن ئالسۇن دىگەن مەخسەتتە ،
«ئېكراندىكى مىھرىبان ئانا» مەرھۇم ئۇستاز زۇنۇنقىز ئېلاخۇن
ئىسىم-فامىلىسى: زۇنۇنقىز ئېلاخۇن تۇغۇلغان يۇرتى: غۇلجا تۇغۇلغان كۈن: 1936-يىلى 6-ئاي بوي ئېگىزلىگى: 1.59 مېتىر ئېغىرلىقى: 65 كىلوگرام مۆچىلى: توشقان ئائىلە كىلىپ چىقىشى: قول-ھۈنەرۋەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى: ئاتا-ئانىسى مىجەزى: مۇلايىم، ئوچۇق-يورۇق ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ: ھاۋا رەڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تامىقى : پولو ئەڭ ياقتۇرىدىغان پەسىل: ياز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئارتىس: شېرلىي تېمپىل ۋە بەيياڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناخشا چولپىنى: رىسالەت ھاپىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇسۇل چولپىنى: دىلنار ئابدۇللا ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاب: ئانا يۇرت ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچى: غەيرەت ئۆمەر قىزىقىشى: دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىش تۇنجى ئېكران ئوبرازى: ‹بوستانلىققا تەنتەنە› فىلىمىدىكى نىساخان مۇدىر
ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار مەرھۇم زۇنۇنقىز ئېلاخۇن غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1951-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندىلا ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇنىڭ مول-ھۇسۇللۇق ۋە ئەگرى توقاي سەنئەت ھاياتى باشلانغان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ‹غېرىب-سەنەم›، ‹گۈلنىسا›، ‹توي›، ‹يېتىملار يېشى›، ‹غۇنچەم› قاتارلىق ئوپېرا-دراممىلاردا باش رول ئېلىپ كەسپتە ناھايىتى تېز ئىلگىرلىگەن. ئەپسۇس، زۇنۇنقىز ئاپپاي 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان ‹سول›چىللىق شامىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ 10 يىلدىن ئارتۇق كەسىپتىن ئايرىلىپ قالغان. 1979-يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىدە ئىشلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ زۇنۇنقىز ئاپپاي سەنئەت ساھەسىگە قايتىدىن قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ رول ئالغان كىنو-فىلىملىرىدىن ‹مەلىكە ئاماننىساخان›،‹تىمتاس گۇگۇم›، ‹كەچۈر ئانا›، ‹يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى›، ‹يىراق يېزىغا مۇھەببەت›، ‹سەرسان روھ›، ‹چىن سۆيگۈ›، ‹ئۆچكەن يۇلتۇز›، ‹كۆزۈمدە لىق ياش›، ‹ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟›، ‹تەڭرى گۇۋاھ› قاتارلىقلار بار؛ زۇنۇنقىز ئاپپاي مىھرىبان، كۆيۈمچان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئوبرازى بىزنىڭ پەخرىمىز، ئەپسۇس بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز 2010-يىلى بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، ئەمما ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىگەن سىماسى مەڭگۈ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ساقلىنىدۇ.
مەنبە: نۇر تورى<< تاماششا خە ۋىرى>>
|