ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يېڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن بولسىڭىز خاپا بولماي مېنى كۆرۈپ چىقامسىز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
61#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2011-10-6 03:08:57 | ئايرىم كۆرۈش
تۇغرۇل يوللىغان ۋاقتى  2011-10-6 03:04
مەن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىمگە بەك ئامراق . چۈنكى  ...

ئاۋۋال كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك، ئاندىن تىلەكلىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
62#
Аρじα搞错了 ۋاقتى: 2011-10-7 22:27:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم   ھۆرمەتلىك  بېكەت مەسئۇلى  تور بېكىتىڭلار  ھەقىقەتەن  كىنولارنىڭ ياخشىسى يىغىلغان ياخشى بېكەت ئىكەن  ، ئالدى بىلەن  سىلەرنىڭ جاپالىق ھالدا  فىلىم تەرجىمە  قىلىپ ھوزۇرىمىزغا  سۇنغىنىڭلارغا  رەھمەت ئېيتىمەن   .
  ئەمدى  سۇئاللارغا  كەلسەك :
مەن  بۇ تور بېكەتكە  كىرگىنىمنى  سۆزلىسەم  ئازراق  كۈلكىلىك  مەن بۇرۇن بىر توردىكى ماشىنا مۇسابىقە  ئويۇنىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئوينايتىم ، بۇنداق دىسەم  بېكەتكە كىرىشىڭ بىلەن ئويۇنۇڭنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى دەپ ئويلاپ قالماڭلار  شۇ ئويۇندا بىر دوستۇم «ئاق بۈركۈت »دەپ  بىر  ئەتىرەت قۇرغان  مەن  مانا  شۇ نامدا  مۇنداقلا  كىرىپ  باققان  لېكىن  بۇنداق ياخشى كىنولار  توپلاشقان  تور بېكەتكە كىرىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .


بۇ تور بېكەتتىكى  ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان نادىر كىنولارنىڭ  بارلىقى  ماڭا  ھەقىقەتەن  ياقتى .
  ئەمدى  ياقمىغان  تەرىپى بولسا  بېكەت مەسئۇلىنىڭ  بۇ تېمىنى  چوققىلاپ  قويمىغىنى  


ئەمدى بېكەت مەسئۇلىدىن  ياردەم سوراي
  دوللار  تېپىش  ئۈستىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
63#
Аρじα搞错了 ۋاقتى: 2011-10-7 22:28:02 | ئايرىم كۆرۈش

ىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن

تەكرار يوللىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈرۈلدى ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Аρじα搞错了 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-7 22:31  

64#
نۇسرۇت ۋاقتى: 2011-10-12 02:37:27 | ئايرىم كۆرۈش
مەخسۇس تەرجىمە فىلىم بىكەتلىرىنى ئىزدەپ كىردىم   سېپىڭلارغا قوشۇلغۇم بار
  تۇرسۇنجان
65#
qalqan ۋاقتى: 2011-10-12 04:44:50 | ئايرىم كۆرۈش

ئىسمىم:ئابدۇلكەرىم
مۇنبەردىكى ئىسمىم:قالقان
ئۇيغۇرچە خەتلىك پىلىملەرنى ئىزدەۋېتىپ كىرىپ قالغان تور بەت ئىدى بۇ، قارىسام خېلى يامان ئەمەسكەن، شۇڭا ئەزا بولۇپ كىردىم، ماڭا ئەڭ ياققان تەرىپى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملارنى سۈزۈك پېتى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشۈرۈشكە بولىدىكەن،
66#
ATM ۋاقتى: 2011-10-16 10:43:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئسمىم ئەخمەتجان.قۇياش تورىدىن كىرىپ قالدىم.....مەن ئىزچىل ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە قىزىقىپ كەلگەن......ئاق بۇركۇت دەل مەن ئىزدەۋاتقان تور ئىكەن..
67#
udun1 ۋاقتى: 2011-11-8 01:43:49 | ئايرىم كۆرۈش
مەن 2009-يىللىرى بۇ تور بىكىتىڭلارغا كىرگەن . ئۇۋاقىتتا سىلەر تەرجىمە قىلغان ‹‹بۈركۈت كۆزى ›› ‹‹007›› قاتارلىق بىرنەچچە پىلىمىڭلارنى كۆرۈپ ، سىلەرنىڭ كۆرۈش دىتالىڭلارنى شۇنداقلا تەرجىمە قىلغان پىلىملىرىڭلارنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم . ئارلىقتا تۇر تاقىلىپ قالدى . كىيىن سىلەرنىڭ توربىكىتىڭلارنى ئىزدەپ تاپالمىدىم . ئارلىقتا بىرەر يىل تۇرغا چىقالمىدىم . ئىككى ئۈچ كۇن ئىلگىرى ئىنىمدىن سىلەرنىڭ تۇرۇڭلارنىڭ ئېچىقلىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئاڭلاپ كىرىپ بۈگۈن تىزىملاتتىم . بۇلسا تېخىمۇ جىق پىلىملارنى تەرجىمە قىلساڭلا ، تېخىمۇ كۆپ كىنۇنى ئاۋازلىق بولسىمۇ تور بىكىتىڭلارغا يوللىساڭلار . يەنە سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم كىنۇلارنى تەرجىمە قىلىپلا قالماي چەتئەللەرنىڭ مەخسۇس پىلىملىرى ، تارىخى شەخىسلەر تۇنۇشتۇرۇلغان پىلىملەر ، خەلىقئارادىكى چوڭ ئىشلار توغرىستىكى پىلىملەرنىمۇ جىقراق تەرجىمە قىلساڭلار . يەنە خەنزۇچە سەۋىيىمىزنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن خەنزۇچە تىلدىكى پىلىملەرنىمۇ تەرجىمە قىلساڭلار . مەن سىلەرنىڭ بۇ تور بىكىتىڭلارنى بۇرۇنمۇ ياقتۇراتتىم . ھازىرمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم . ھازىر خېلىلا تەرەققى قىلىپ كىتىپتۇ . سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئۇتۇق ، تىنىڭلارغا ساق سالامەتلىك تىلەيمەن .
68#
Seher Qushi ۋاقتى: 2011-11-8 18:09:27 | ئايرىم كۆرۈش
        ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ئاق بۈركۈت تورىنىڭ ئەزىز ئشتىراكچىلىرى،ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
ئىسمىم:ۋارىسجان، توردىكى ئىسمىم:سەھەرقۇشى،كەسپىم :ئاكتىيورلۇق.
بۈگۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇنۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن،ئويلاپ باقسام مەن ئەڭ دەسلەپتە يەنى 2009-يىلى تورخانىدا ئولتۇرۇپ سۈزۈكلىكى ياخشى كىنو كۆرەي دەپ  تور ئارلاۋىتىپ  قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورىنى زىيارەت قىلىشنى باشلىدىم، شۇكۈنى 2تال فلىم كۆرۈپ  ئەتىسى يەنە كىردىم-دە   تەپسىلىي زىيارىتىمنى باشلىدىم ، شۇتەرىقىدە قۇتيار تورىنىڭ ئاستىدىكى دوستانە ئۇلىنىشلار دىگەن يەرگە قارىسام  ئاق بۈركۈت تورى دەپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇقانداق تور بىكەتتۇ؟ دىگەن خىيال بىلەن كىردىم  قارىسام بۇمۇ توربىكەتمۇ خېلى ياراپ  قالدى  شۇنىڭ بىلەن ئاق بۈركۈت توربىېكىتىمۇ مېنىڭ كۈندىلىك پائالىيتىمنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى.شۇئارلىقتا تىزىملاتقان نۇمۇرىم يوقالدى ...........يەنە تىزىملاتتىم........
     بارا-بارا توربىكەت باشقۇرغۇچىلىرى،تەرجىمان،تەھرىر،مۇقاۋالاھىيلىگۈچى قاتارلىق تىرىشچان ،جاپاكەش دوستلىرىمىزنىڭ كىچە-كۈندۈز تىرىشچانلىقى ئاينىشى ئارقىسىدا ۋە كۈندىن-كۈنگە كۆپلەۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن  بۈگۈنگەئۇلىشىپ تەرەققىي قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.
خوش..ئەمدى ‹‹تەسىر›› گىپىگە كەلسەك ئاق بۈركۈت توربىكىتىدىكى كىنولار باشقاتوربىكەتتىكى (قۇتيار،تۇرانىم توربىكەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)كىنولارغا سېلىشتۇرغاندا سۈزۈكلىكى كۆپ ياخشى  يەنە كىلىپ ئۈزىمىزگە يارىغان كىنو-فىلىملەرنى چۈشۈرۋالالايمىز،يەنەبىر تىلغا ئېلشقا ئەرزىگۈدەك ئىش ئىشلىگەنلەرنىڭ چىشلەيدىغىنى- زە بۇئويلاپ باقساق بەك ياخشى ئىش  يەنەبىرسى كىنولارنىڭ تۈرىدىمۇ خىللىق كۆپ، مۇنبەردىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشى تېما ياخشى ئىنكاسلارمۇ كۆپلەۋاتىدۇ،
يامان تەسىرى : سارغىيىپ كىتەي.......دەپ كەتمىگەن كىنولارغۇمۇشۇ كەمگىچىغۇ چىقىپ قالمىدى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چىقىپ قالمىسا  چاقچاق جۇمۇ دوستلار،خاتا ئويلاپ قالماڭلار،
ئاخىرداتوربىكەت باشقۇرغۇچىلىرى،تەرجىمان،تەھرىر،مۇقاۋالاھىيلىگۈچى قاتارلىق جاپاكەش دوستلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىم كىنو-فىلىملەرنى بولسا تېخىمۇ سۈزۈكرەك پىرىسلىساق ،ئىملا ۋە خەتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسەك، بۇقېتىم ھېيىتلىق بەرگەن ‹‹ئۆزگىرىشچان ۋاجرا3›› ماڭا بەك يارىدى ،يەنە بىر رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن ھەرقايسىڭلارغا .
ئاق بۈركۈت توربىكىتىگە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرساھە-ھەركەسىپتىكى چوڭلارمۇ كىچىكلەرمۇ كىرىپ ياكى كىنو كۈرۈپ ۋەياكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كىنولارنى چۈشۈرىدۇ ،شۇ چۈشۈرۈپ كۈرۈپ چۈشەنچە ھاسىل بولغان شۇ كىنو ئۈستىدە  مۇنبەردە ئاز-تولا ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى تۈزەپ ،مۇنازىرە پائالىيتى قىلىپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىنى، پاراڭلاشقاندا چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ،كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، بىرياقتىن قول تۇتۇشۇپ بىر ياقتىن باش چىقىرىپ،ئىناق ئاق بۈركۈت چوڭ ئائىلىسى بۇلۇپ چىقىشىنى،
ھەمدە كىنو تەرجىمەقىلىش، كىرىشتۈرۈش مۇقاۋا لاھىيەلەش دىگەندەك ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ، ئاز-تولا ئىزدىنىپ يېڭى فىلىم ئۇچۇرىى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرجىمان دوستلىرىمىزنى تەمىنلىسەك،خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك كىنو-فىلىملەردىن  ھەقىقىي ھۇزۇر ئالغۇزالايدىغان  تېخىمۇ مۇكەممەل تېخىمۇ ساغلام يول باشچى تور بىكەت قاتارىدىن ئۇرۇن  ئېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن
69#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2011-11-8 20:35:08 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت، ھەر قايسىڭلاردەك ئوت يۈرەك قوللىغۇچىلىرىمىز تۇرغان يەردە بىزنىڭ تىرىشماسلىققا ھېچقانداق باھانىمىز يوق !
70#
tuprak ۋاقتى: 2011-12-17 01:06:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسمىم : ئادىلجان غۇپۇر
ئۆزۈم 2007 - يىللىرىمۇ بىلىك مۇنبىرىدىكى rock ئەپەندى يوللىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى كۆرۈپلا شۇنداق ھاياجانلانغان ۋە قىزىققان . لىكىن تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇ قىزىقىشىممۇ يوقاي دەپ قاپتىكەن . بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەنزۇچە خەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈۋېتىپ يەنە قايتىدىن قىزىقىش ئىلىكىدە بۈگۈن ئىزدە تورىدىن «خەتلىك فىلىم ئىشلەش» دەپ ئىزدىشىمگە ، شاھ ئۇيغۇر بلوگى كۆرۈندى ، 1 سائەتلىك دەرسىگە قانماي يەنە ئىزدىسەم ، دىلمۇرات باشلىقنىڭ پەم ئىسىملىك خادىمى سۆزلىگەن 3 سائەتلىك دەرسى روھلان مۇنبىرىدە كۆرۈلدى ، شۇ يەردىن دەرىسنى تازا ئاڭلاپ ئەڭ ئەقەللىي ئاساسىي قائىدىنى ئىگەللىۋېلىپ خۇشاللىقىمدا رەھمەت ئېيتاي دەپ ئەزا بولدۇم .
  ھازىرچە ماڭا قىلغان تەسىرى : جاپاكەش تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئۈن - تىنسىز تۆھپە قۇشۇشى مىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى .

ئاخىرىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .

  دىلمۇرات ئەپەندى ، تۆۋەندىكىسى مەن پەم مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ قىلىپ باققان ئىشىم ئىدى ، ئەيىپكە بۇيرۇماي قاراپ باققان بولسىڭىز . بۇنى قىلىشتىكى مەقسىتىم دەرىسنى ئۆزەمگە ئۆزلەشتۈرۋېلىشلا بولدى خالاس !   ئاۋۋال ئاۋۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئۇچرىتىپ قالدىم English ئاندىن youku دىن ئىزدىسىم 100% ئوخشاش مۇشۇ فىلىم چىقتى (ۋاقتىنى دىمەكچى). ئاندىن ئارىسىغا بىر نەچچە تال ئۇيغۇرچە خەت قۇشۇپ ساقلاپ vob sub دېگەنلەرنى ئىشلىتىپ نورمال ئۇيغۇرچە قىلىپ پىرىسلاپ باقتىم ..

http://v.youku.com/v_show/id_XMzMzMTg3Njc2.html

تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشكەن ، سىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !!!

باھا سۆز

ئاۋۋال سىزگىمۇ رەھمەت، چۈنكى سىلەردەك قوللىغۇچىلارنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا بىزمۇ توختاپ قالمىدۇق، ئاندىن ئىشلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-12-17 12:24
71#
مۇرات ۋاقتى: 2011-12-17 10:52:15 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرۈشكەقىزىقىمەن،قۇتيارداكۆرۈپ قېلىپ كىرگەن،ھەقىقەتەن ياخشى توربەتكەن،ياقتۇرۇپ قالدىم ، مەنمۇ بىركىشلىك تۆھپە قوشسام ئەجەپ ئەمەس

باھا سۆز

قارشى ئالىمىز، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-12-17 12:27
72#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2011-12-17 12:24:43 | ئايرىم كۆرۈش
tuprak يوللىغان ۋاقتى  2011-12-17 01:06
ئىسمىم : ئادىلجان غۇپۇر
ئۆزۈم 2007 - يىللىرىمۇ بىلىك مۇنب ...

ئاۋۋال سىزگىمۇ رەھمەت، چۈنكى سىلەردەك قوللىغۇچىلارنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا بىزمۇ توختاپ قالمىدۇق، ئاندىن ئىشلىگەن دەرسلىكلىرىمىزنىڭ سىزلەرگە ئاشۇنچىلىك بولسىمۇ مەنپەت ئېلىپ كېلەلىگىندىن سۆيۈندۈم، ھەقىقەت ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسىز، ھارمىغايسىز !
73#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2011-12-17 12:27:38 | ئايرىم كۆرۈش
مۇرات يوللىغان ۋاقتى  2011-12-17 10:52
مەنمۇئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرۈشكەقىزىقىمەن،قۇتيارد ...

قارشى ئالىمىز، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
74#
tuprak ۋاقتى: 2011-12-17 13:35:36 | ئايرىم كۆرۈش
  جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت . داۋاملىق قوللايمەن !!
75#
تۇرغۇن ۋاقتى: 2012-1-20 14:40:02 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۆيدىن كەلگەن، ئىسمىم تۇرغۇن. بۇ تور بىكتىگە بۇرۇنلا تىزىملاتقان(تور قامال قىلىنىشتىن بۇرۇن دىمەكچى).ئەمما لىكىنزە يېقىندا بۇركۇتكامنى  ئەسلەپ قايتىپ كەلسەم بۇرۇنقى مەن يوق چىراي، ئامالقانچە قايتىدىن تىزىملاتتىم شۇ. ئەسلىغۇ يولداشلارنىڭ تەرجىمانلىق خىزمىتىگە ئانچە-مۇنچە ياردەمدە بولغۇم بارئىدى، بۇ دەل مېنىڭ بۇ تورغا تىزىملىتىشىمدىكى بىرىنچى مەقسەت. بىراق ھىچ بىر باشلاپ بۇلالماي قالدىم، كەچۈرسىلە بۇركۈتداشلار. يېقىندىن بىرى ما فىزىكا دىگەننىڭ دەرسلىرى ئاندىن ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. قارىغاندا ماۋۇ يازدا DEنى بېرىپ بولغۇچە يەنە كۆرىدىغان كۈن بار چىراي. پوسكاللىسىنى دىگەندە، ھازىرچە شۇ بەزىدە كېلىپ بېكەت ئارلاپمۇ بۇسا بۇيەرنى قىزىتتقاچ تۇراي دەيتىمەن. كىنو كۆرۇشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەسكەن، دوللار بولمىسا بۇ يەردىمۇ بولكا يوقكەن ئەمەسمۇ!خۇدايىم بۇرىسا، بىر كۈنلەردە ئوبدان ئىشلەپ دوللار تاپقاندا ئاندىن بىرەر كىنونىڭ پىشىدىن تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كۈرىۋاتمىسام،خەپ دوللار!  بولدى قىلاي جۇما، بۇگۇن ئاخشام ئۆزۈمنى سەل بېسۋالاي. ئاخىردا، بۈركۈتداشلارنڭ دىلمۇراتنىڭ يول باشلامچىلىقى ئارقىسىدا يوغان-يوغان چامداپ ئالغا ئىلگىرلىشىنى بەك-بەك ئۈمۈد قىلمەن!!!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1